ئانا تىل گۈلزارى سۆھبەت پروگراممىسى-1
ئانا تىل گۈلزارى سەھىپىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مۇناسىۋېتى بىلەن تۇنجى قېتىملىق پروگراممىغا «گېرمانىيە ئۇيغۇرىيە مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىندى. تەجرىبىلىك ۋە ئۈلگىلىك ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن پەرىدە نىياز مۇئەللىم، سالامەت ھاشىم مۇئەللىم ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن زۇننۇرەي تۇرسۇن قىزىمىز بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان سۆھبەت ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە تىل ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەردىن ئېرىشكەن ھاسىلات ۋە قىممەتلىك تەۋسىيەلەرگە قۇلاق سالغايسىلەر.
مەسئۇل ئورگان: ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى