مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ھەققىدىكى مۇزاكىرە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مائارىپ كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئانا تىل كومىتېتىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 2022-يىلى 8- يانۋار شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ئىشخانىسىدا ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە دەرسلىك كىتاب ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوتسېنت دىلنۇر قاسىموۋا، دوتسېنت راھىلە قەشقىرى ۋە دوكتور مەغپىرەت كامال قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ياش زىيالىيلار بولۇپ 15 كىشى قاتناشتى.
ئىككى كۈنلۈك مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ 1-كۈنىدە ئاساسلىقى مۇھاجىرەتتە ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە دەرسلىك كىتابلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يىتەرسىزلىكى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرلىكى، يۈز تۇرانە مائارىپ ۋە تور ئوقۇتۇشىنى تەڭشەش ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئۆلچەملىك دەرسلىك كىتاب تۈزۈش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولدى.
يىغىنىنىڭ 2-كۈنىدە ئاساسلىقى كۈن بويى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۆلچەملىك ئانا تىل دەرس كىتابلىرىنى قايسى ئۆلچەمگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تۈزۈش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولدى. يىغىندا ۋەتەندە يالقۇن رۇزى قاتارلىق ئۇيغۇر مائارىپچى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تۈزگەن دەرس كىتابلىرىنى چەتئەل مائارىپىغا ماسلاشتۇرۇش، خىتاينىڭ كوممۇنىست ئىدىيەلىرىنى كىتابلاردىن چىقىرىپ تاشلاش، ئۇيغۇر مىللىي روھى ۋە دىنىي ئىتىقادىنى دەرس كىتابلىرىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە تەكلىپ – پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندا يەنە دەرس كىتابى تۈزۈش پىروجېكىت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، بۇ گۇرۇپپىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن بەلگىلىك مالىيە ئاجرىتىلىشى كېرەكلىكى، بۇنى ئۇيغۇر ۋە چەتئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش قارارى ئېلىندى. مۇھاجىرەتتە ئانا ئانا تىل مائارىپىنى كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە خىزمەت لاھىيەسى تۈزۈلدى، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ياش زىيالىيلار ئارىسىدا دەرس كىتابى تۈزۈش پىروجېكىت گۇرۇپپىسى ئۈچۈن خىزمەت تەقسىماتى بەلگىلەندى.

