كاشغارىيەدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 26: كالىفورنىيەدىكى كاشغارىيە پاراڭلارى
كاشغارىيەدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
يىگىرمە ئالتىنجى باب: كالىفورنىيەدىكى كاشغارىيە پاراڭلارى
دوستلۇقتۇر ئىنسانلىق مىھر مەيدانى،
سىنالار ئۇنىڭدا مەردنىڭ مەردانى؛
گەر يۈرەك ئۆلچەملىك گىر تاشى بولسا،
ئاقكۆڭۈل شەكسىزكى ئۇنىڭ مىزانى.
(«كاشغارىيە سەلكىنلەرى» 73-بەت. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل، ئىستانبۇل)
كىرىش
تەقدىر شامىلىدا ئۇچۇپ، 2018-يىل 20-سىنتەبىر پەنجشەنبە كۈنى، كالىفورنىيە شىتاتى سان ديەگو شەھەرىدىكى مىسا ئىنستىتۇتى (Mesa College) دا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇمنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، ئامەرىكاغا كەلىپ قالدىم. بۇ يەردىكى ياشامىم جەريانىدا، ماڭا ئوخشاش مۇشۇ يەردە ئوقۇۋاتقان بالا-پەرزەنتلەرىگە ھەمراھ بولۇش (accompany a person studying at school) ۋەزىپەسى ياكى باھانەسى بىلەن ئولتۇراقلاشىپ ياشاۋاتقانلاردىن باشقا، تۈرلۈك قانۇنىي يوللار بىلەن كەلىپ، كۆچمەن گراژدان (immigrant) بولغان ۋە بولىۋاتقان ئۇيغۇر قارىنداشلار بىلەن تونۇشۇپ، سىرداشىپ قالدىم. بۇ يازمامدا، شۇ جەرياندىكى تەئسىراتلارىمدىن بىر باب ئۆرنەك بەرىلدى.
سان ديەگودىكى كروران رەستورانى
2018-يىل، سىنتەبىرنىڭ ئاخىرقى يەكشەنبەسى، ئوغلۇم قەيسەر باشلىق بىر نەچچەمىز سان ديەگودىكى مەشھۇر زىيارەت نۇقتالارىدىن بىرى بولغان لاخويا دەڭىز ساھىلىغا بەرىپ ئىستىراھەت قىلدۇق. ھاۋا ئوچۇق، مەيىن شامال ئۇرغۇپ تۇرغان دەڭىز ساھلىدا، قۇياش نۇرى ئاستىدا جىمىرلاپ تۇرغان دەڭىزنى تاماشا قىلدۇق. چۈش مەزگىلى بولغاندا ئىستىراھەتنى ئاخىرلاشتۇردۇق ۋە قايتىش يولىمىزدا، «كروران رەستۇرانى» ناملىق ئۇيغۇر تاماقخاناسىغا چۈشلۈك تاماققا كىردۇق.
چوڭ يول ياقاسىغا جايلاشقان بۇ رەستۇرانغا كىرىپلا، خۇددى ئانا يۇرتىمىزدىكى تاماقخانالارىمىزدىن بىرىگە كىرگەندەك خۇش ھاۋا ۋە راھەتلىك ھىس قىلدىم. تەخمىنەن توقسان كۋادىرات مەتىر كەلەر بۇ رەستۇراننىڭ كىرىشكە ئىشىكنىڭ سول تەرەپىگە بىر پىيانانو قويۇلغان. شەرق، شىمال ۋە غەربى تاملارىغا ئۇيغۇر يۇرتىنى ئەسلەتىدىغان سۈرەتلەر، سىزما رەسىملەر ئاسىلغان. رەستۇراننىڭ شەرقىي جەنۇب بۇلۇڭىغا بولسا، چوڭ بىر كارۋات قويۇلۇپ، ئۈستىدە بەدەشقاننى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ تاماقلانغالى بولىدىغان سورۇن ھاسىل قىلىنغان. ئۇ سورۇننىڭ جەنۇب ۋە شەرق تاملارىغا دۇتار، تەمبۇر قاتارلىق ئۇيغۇر چالغۇلارى ئاسىپ قويۇلغان ئىدى. ئۈنالغۇدىن ياقىملىق ئۇيغۇر مۇزىكالارى لەرزان ياڭراپ تۇراتتى.
چىڭقى چۈش مەزگىلى بولغاچقىمىكىن رەستۇران خەرىدارلار بىلەن ئاساسەن تولغان ئىدى. بىز كىرىشتە ئشىكنىڭ ئوڭ تەرەپىدىكى ياڭىدىن بىكار بولغان بىر شىرەگە چۆرەدەپ ئولتۇرۇپ، تاماق يازدۇردۇق. مەززەلىك تاماقلارىمىز بىلەن سۆيۈنۈپ تاماقلاندۇق ۋە دۇئا قىلىپ، «ئەمدى، قايتايلى» دەپ قوپۇشىمىزغا، رەستۇراننىڭ خەرىدارلارغا تاماق راستلايدىغان خاس خاناسى ئىچىدىن گوروي، ئەگىز بوي، چىكەلەرىگە ياڭى ئاق سانجىلغان، قويۇق چاچلىق، ساغلام ۋۇجۇد، تىپىك ئارتۇشلۇق نۇرانە چىراي بىر كىشى چىقىپ، بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلدى ۋە ئوغلۇم قەيسەرگە قاراپ:
-قەيسەر ئىنىم، سەنىڭ مىھمانلار بىلەن كىرگەنىڭنى دەرىزەدىن كۆرۈپ تۇردۇم. بىراق، چۈشلۈك ئالدىراشچىلىقتا، ئالدىڭلارغا چىقالماي قالدىم، ئۆزۈرلەر ۋە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!،- دەگەنىچە ھەممەمىز بىلەن قىزغىن قول ئالىشىپ، كۆرۈشۈپ چىقتى.
-بۇ ئادەم مەنىڭ دادام بولىدۇ،-دەپ مەنى تونۇشتۇردى ئوغلۇم دەسلەپ. ئاندىن، ئۇ كىشىنى ماڭا كۆرسەتىپ تۇرۇپ دەدى: بۇ كىشى مۇشۇ رەستۇراننىڭ خوجايىنى پارىس ئاكا.
-سەنىڭ داداڭ بولسا، مەنىڭ ئاكام ئىكەن بۇ مىھمان،- دەدى پارس خوجايىن مەن بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ تۇرۇپ ۋە ئارقادىنلا دەدى:
– چۈشلۇك ئالدىراشچىلىقمۇ سەل پەسكويغا چۈشتى مانا، قاراڭلار ئاۋۇ كارۋاتلىق ئورۇنمۇ بىكار بولدى ئەنە! مۇنداق قىلايلى، ئاشۇ كارۋاتقا چىقىپ ئولتۇرۇپ ماۋۇ ئاكام بىردەم ئارام ئالسۇن. مەن ئۆز قولۇم بىلەن بىر چەينەك چاي دەملەپ چىقاي، بىردەم مۇڭداشىپ ئولتۇرۇپ، ئاندىن قايتىڭلار-ھە، بۈگۈن يەكشەنبە بولغاندىكىن.
ئۇ شۇنداق دەگەنىچە مەنىڭ قولۇمنى قويىۋەتمەي، ئۇدۇل ھەلىقى ياڭىلا بوشاغان كارىۋاتلىق ئورۇنغا باشلاپ ماڭدى. بىز شۇنداق قىلىپ، قايتا سورۇن تۈزەپ ئولتۇرۇپ، مۇڭداشىپ قالدۇق.
– مەنمۇ ئوقۇتقۇچى ئىدىم بىر چاغلاردا،- دەدى پارىس كەرەم خوجايىن مەنىڭ ئارامغا چىققان ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كەيىن، قەشقەر دارۇلمۇئەللىمىن مەكتەپىدە ئوقۇغان؛ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كەيىن، قەشقەر شەھەرلىك بەشىنجى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يەتتە يىل ئىشلەگەن؛ 1991-يىلى، خىزمەتتىن ئىستيپا بەرىپ، سودا دەڭىزىغا چۈشۈپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانىشقا باشلاغان،…
– قەشقەر دارۇلمۇئەللىمىن مەكتەپىنىڭ شىمال تەرەپ ئارقا دەرۋازاسى شامالباغ كەنتى بىلەن تام خوشنا، شۇنداق-غۇ؟،- پارىس خوجايىننىڭ تونۇشتۇرۇشى ئاياغلاشمايلا، مەن ئالدىراپ قوشۇق سالدىم،- مەن شۇ شامالباغ كەنتىلىك.
– ئوھوي، يەنە چوڭقۇرلاپ سۈرۈشتۈرۈشسەك، تۇغقانلاردىن چىقىپ قالساقمۇ ئەجەب ئەرمەس!،- دەدى پارس خوجايىن چاقچاق تەلەپپۇزىدا.
ھەممەمىز «پاراققىدە» كۈلۈشتۇق. سورۇن ياقىشلىق ۋە راھەت كەيپىياتقا چۈمۈلدى. مەن ئانا يۇرتىمىزدىكى مەزكۇر ئاز كەم يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە كونا مەدەنىيەت ئوچاقلارىدىن بولغان قەشقەر دارۇلمۇئەللىمىن مەكتەپىدە ئىشلەگەن ۋە ياقىنقى ئون يىل ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ماتىماتىك سەيدۇللاھ يۈسۈپ، «قەشقەرنىڭ ياقىنقى زامان مائارىپ تارىخى»نى يازغان ئابدۇرەھىم توختى ۋە شائىر ھوشۇر ئىبراھىم قاتارلىق مەشھۇر زىيالىيلارنى تىلغا ئالغانىمدا، پارىس خوجايىن ئۆز ۋاقتىدا، ئۇلاردىن دەرس ئالغان ۋە ئىلمىي سورۇنلاردا ھەمسۆھبەت بولغان ئەمەلىيەتلىك ھىكايەلەرى بىلەن ماڭا جۆرە بولدى.
پارىس كەرەم ساغلام جۈملەلەر بىلەن ئەستايىدىل پاراڭ قىلاتتى. ئۇنىڭ تۇنجى ئۇچراشىشتالا، مەندەك بىر ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات كەسپى پروفەسسورى ئالدىدا، ھىچبىر تەنىمەي-تەمتىرەمەي كەسكىن ھۆكۈملۈك پىكىر قىلىشى ئۇنىڭ تۈز كۆڭۈللۈكىدىن باشقا، قەشقەر-ئارتۇش ئادەملەرىگە خاس كۆرەڭ ۋە چوڭ يۈرەكلىكىنى دەلىللەپ تۇرسا، ئۇنىڭ پىكىرلەرنى پاكىت بىلەن تويۇندۇرۇپ، مەنتىقەلىق ۋە قايىل قىلارلىق قىلىپ بايان قىلىشى ئۇنىڭ تىل-ئەدەبىيات، تارىخ ھەتتا قانۇن بىلىملەرى بويىچەمۇ خەلىلا مۇكەممەل بىلىك ئىگەسى بولغان بىر زىيالىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.
دۇنيادا ئوخشاش ئەقىدەلىك، ئوخشاش كەچۈرمىشلىك ۋە ئوخشاش غايەلىك ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ئىچەكەشىپ تونۇشۇپ قالىشى ئەمەلىيەتتە، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن بىر تەلەي، بىر ئامەت ۋە بىر بەختىيارلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا ئۇنتۇلماس بىر شانلىق بەت بولۇپ قالىدۇ.
مەنىڭ بۇ مىلادىيە 1963-يىلى بىرىنجى دىكابىر كۈنى قەشقەر شەھەرىدە بىر زىيالىي ئائىلەسىدە دۇنياغا كەلگەن پارىس كەرەم بىلەن تونۇشۇپ، سەمىمىي قايىللىق تۇيغۇم بىلەن «پارىس ئىنىم» دەيدىغان بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۇنداق جىق كۈنلەر كەتمەدى.
بىۋاسىتە تۇيغۇمچە، پارىس ئىنىم گەرچە يىگىرمە يىلدىن بۇيان تىجارەتچىلىك قىلىۋاتقان بولسامۇ، ئادەمىيلىك ئاساسىي ۋە مەدەنىيلىك سەۋىيەسى جەھەتتىن، ئۇ بۈگۈنكى مەدەنىيەت دۇنياسىغا تالىق زامانىۋى ئاڭغا ئىگە بولغان بىر زىيالىي ئىدى. بايانلارىدىن مەئلۇم بولدىكى، ئۇ توقسانلىق يىللاردا، مىللىي مۇستەقىللىق شاراپەتى بىلەن ئەۋج ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا تىجارەتىغا ئىشتىراك قىلىپ پۇل تاپقان، ئوبدانلا بايىغان. تىجارەتتە بايىپ تاپقان پۇلىنى ۋەتەندە خەمىيەلىك ئوغۇت زاۋۇتى قۇرۇش قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك تىجارەت يولىغا سەرپ قىلىش بىلەن بىرچاغدا، خاس مەبلەغ ئاجراتىپ، ئاكا-سىڭىل ئىككى پەرزەنتىنى زامانىۋى يۈكسەك بىلىم بىلەن مەئرىپەتلەندۈرۈش مۇددىئاسىدا، ئامەرىكادا ئوقۇتقان، ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۈگۈنكى زامان ئويغاق ئۇيغۇر زىيالىيلارىغا خاس بولغان بۇ پائالىيەتى تولامۇ بىباھادۇر، دەپ ئوبزۇر قىلىمەن ئۆزەمچە.
«پارىس كەرەم بىزنىڭ ئۆز ئاكامىز»
«كروران رەستۇرانى» سان ديەگو شەھەرىدە ھازىرچە بىردىنبىر ئۇيغۇر تاماقخاناسى بولغاچ، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھىچ بولماسا، شەنبە-يەكشەنبەلەردە، تاماق يەگەچ ھال-مۇڭلاشىدىغان بىر جەمگاھى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پارىس كەرەم ئۆزى جاھان كۆرگەن، مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى، ھەسرەتىنى ۋە قىممەتىنى بەش قولدەك ئوبدان چۈشەنگەن ۋە بىلىدىغان جاھانكەشتى بولغاچ، ھەممە ياڭىكەلداخۇنلارغا خۇددى ئاشۇ تۇنجى كۈنى ماڭا قىلغاندەك قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىكەن. بىرەر ئۇيغۇرنى ۋەتەندىن ياڭى كەپتۇ، دەپ ئاڭلاسا، ياكى ئامەرىكا ئىچىدىكى باشقا شىتاتلاردىن تىجارەت ياكى زىيارەت ئۈچۈن كەلگەنلەر ھەققىدە خەۋەرلا تاپىپ قالسا، ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلىفون قىلىپ ئىزدەيدىكەن. چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر مۇساپىر ئۈچۈن ئەڭ ھاجەتلىك ۋە باھاسىز قىممەتلىك بولغان يۇرتداشلىق مۇھەببەتىنى ئۆز ئىمكانىچە ئاياماي كۆرسەتىدىكەن. بۇ ھال ئۇنىڭ تىجارەتىنى قازانچلىق قىلغاندىن باشقا، ئۇنىڭ ئادەمىي ئىناۋەتىنى يۈكسەلتكەنلىكى ئورتادا ئىدى.
2018-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، پارس كەرەم سان ديەگو ۋە ئۇنىڭ ياقىن ئەتراپلارىدا ياشاۋاتقان قارىنداشلارغا، كەڭ داستىخان سالىپ، 2019-يىللىق ياڭى يىل قۇتلاماسى ئولتۇرۇشى قىلىپ بەردى. يىگىرمە نەچچە ئائىلەلىك چوڭ-كىچىك قارىنداشلار ۋە ئوتتۇز نەچچە نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارى جەم بولغان ياڭى يىل ئاقشامى ۋەتەندىن ئايرىلغانىمغا ئەمدىلا ئۈچ ئاي بولغان مەن قەرى مۇساپىردا، ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگەچە تەئسىر ۋە ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرە قالدۇردى.
بۇ ياڭى يىل قۇتلاماسى يىغىلىشى كەچ سائەت ئالتە يارىم – يەتتەلەردە رەسمىي باشلاندى. ئۆزى خاھلاغانى بويىچە ئۆزى تاماق راستلاپ يەيدىغان تەرزدە ھازىرلانغان يەمەكلەر بىر-بىرىدىن مەززەلىك ۋە لەززەتلىك ئىدى. يەمەك شىرەلەرىگە ئۆزلەرى خاھلاغانچە سورۇن ئۇيۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇشقان قارىنداشلار خوشچىراي، قىزغىن كەيپىياتلىق ئىدى. ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە نەق مەيدان ۋە ھازىر جاۋاب ئويۇنلارى شادلانارلىق ئىدى. ياڭى تونۇشقان چىرايلار گۈزەل-سۇباتلىق، بىر-بىرلەرىنى ياڭى يىل مۇناسىبەتى بىلەن قۇتلاشىپ-مۇبارەكلەشىپ قىلىشقان دىلكەشلىك پاراڭلار ھوزۇرلۇق ئىدى.
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئادەتىم ھەيدەكچىلىك قىلدى بولغاي، مەن مەزكۇر سورۇندا، مۇشۇ يەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بالىلار بىلەن بەكرەك ئىچەكىشىپ پاراڭلاشىپ قالدىم.
-بىز پارس خوجايىننى ئۆز ئاكامىزدىن چارە ياخشى كۆرىمىز،- دەپ گەپ قىلىپ بەردى ماڭا، كومپيوتەر كەسپى بويىچە دوكتۇر ئاشتى بولۇپ ئوقۇۋاتقان ئىرپان ئىسىملىك بىر ئوغلان،- ھەيت-بايراملاردا پارىس ئاكام ئۆزى بىر-بىرلەپ تەلىفون قىلىپ ئەكىلىدۇ بىزنى. بۇ رەستۇران بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدەك بولۇپ قالدى. ئايال خوجايىن رائىلە ھەدەمىز بەكمۇ مىھربان. پارس ئاكا ئايالى رائىلە خانىم بىلەن كەلىپ، بۇ رەستۇراننى ئاچقالى ئەمدىلا ئىككى يىل بولدى تەخى. پارىس ئاكالار بۇ يەرگە كەلمەستىن بۇرۇنلا، بىز ئۇلارنىڭ ئوغلى ياشار ۋە قىزى تۇمارىسلار بىلەن تونۇشقان ئىدۇق. ئۇلار بىزنىڭ ھەم ساۋاقداشىمىز ھەم دوستلارىمىز.
-پارىس كەرەمنى بۇ قەدەر ياخشى كۆرۈشۈڭلەرگە سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم تەرەپتىن بىر-ئىككىنى دەپ باقىڭلار، قەنى؟- مەن قىزىقىپ سورادىم.
-پارس ئاكا بىزنىڭ ئوقۇشىمىزغا، بىزنىڭ ئۆگرەنىش ئەھۋالىمىز ۋە نەتىجەمىزگە خۇددى بىزنىڭ ئاتا-ئانالارىمىزغا ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلىدۇ،- ئاراپات ئىسىملىك كۆزەينەك تاقىۋالغان ئوغلان تالاشىپ جاۋاب بەردى،- بىز پارىس ئاكانىڭ مۇشۇ تەرەپىگە بەكرەك ئامراقبىز. ئۇ ئۆزى قايسىبىر مەشھۇر ئالىي مەكتەبنى پۈتتۈرگەن زىيالىي بولماسىمۇ، ئوقۇغان كىتابلارى جىق، ئەمەلىي كەچۈرمىشلەرى مول، دۇنيا قاراشى، قىممەت قاراشى دورۇس ئىنسان. بىز ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشىشنى، ئىچ-قارنىمىزنى تۆكۈپ دەرتلەشىشنى ياخشى كۆرۈمىز. ئۇ ھەلىقىدەك ھەممە نەرسەگە سىياسىينى ئارالاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان، سىياسىي مەسلەكنى زورلاپ تاڭىدىغان زىيالىي ئەرمەس. ئۇنىڭ «ھاجىم بولۇشمۇ ئۆزىنىڭ يولى بىلەن، ئالىم بولۇشمۇ ئۆزىنىڭ يولى بىلەن بولسا بولىدۇ» دەگەن ئىلىم كۆز قاراشىغا بىز بەك قول قويۇمىز.
-بۇ نەمە دەگەنىڭىز، بۇنى بەكرەك ئوچۇقلاپ چۈشەنچە بەرسەڭىز قانداق؟،- مەن ئالدىراپ سورادىم.
-بۇ مۇنداق گەپ، ئابدۇرەئوپ ئاكا،- يەنە ئىرپان سۆز ئالىپ، چۈشەنچە بەرىشكە باشلادى،- بىز بۇ توپلۇمدىكى بالىلارنىڭ ھەممەمىز دەگۈدەك «ئالىم بولىمىز ئەمما ئانا يۇرتتىن ئايرىلمايمىز» دەيدىغان ئەۋلادلارمىز. مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز ئوتتۇرا مەكتەپنى، ھەتتا ئالىي مەكتەپلەنى ئاشۇ ۋەتەندە پۈتتۈرۈپ بولۇپ، يەنە داۋاملىق ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرۇش مەقسەتىدە ئامەرىكاغا كەلگەنلەر بولغاچ، ھەر قانداق ئەھۋالدا، ۋەتەننى تاشلاۋەتمەسلىك، ۋەتەندىكى چوڭ جامائەتتىن پىكىر بىرلىكى، قىممەت قاراشى جەھەتتە ئادا-جۇدا بولۇپ كەتمەسلىك، ئاتا-ئانالارىمىزغا پاسسىپ يۈك بولۇپ قالماسلىق، ئانا يۇرتقا قايتا بارالمايدىغان بولۇپ قالماسلىقنى ئوقۇش، ئۆگرەنىش ۋە كۈندەلىك تۇرمۇشىمىزغا ئاساسى مىزان قىلىمىز. كوچا پائالىيەتلەرىگە قاتناشماسلىق، سىياسىي شوئارۋازلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزمەسلىك، پۈتۈن زەھنىمىز ۋە بارلىق ئىدراك كۈچىمىز بىلەن ئىلىم-پەن ئۆگرەنىش بىزنىڭ تۇتقان يولىمىز. پارىس كەرەم ئاكامىز بۇ جەھەتتە، بىزنى سەمىمىي يۈرەكى بىلەن قوللايدۇ. ئۇنىڭ «ھاجىم بولۇشمۇ ئۆزىنىڭ يولى بىلەن، ئالىم بولۇشمۇ ئۆزىنىڭ يولى بىلەن بولسا بولۇۋەرىدۇ» دەگەنى مانا مۇشۇ!
بىز مۇشۇنداق تەرزدە، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا مۇڭداشتۇق.
ئارالىقتا، لەرزان، ياقىملىق ئانا يۇرت مۇزىكالارىغا بىر-بىرىمىزنى تارتىشىپ ئۇسسۇل ئوينادۇق. بىلگەنلەرىمىزچە بىر-بىرىمىزگە جۆرە بولۇشۇپ ناخشالار ئوقۇدۇق. ئىشقىلىپ، بۇ ياڭى يىل قۇتلاماسى ئولتۇرۇشى ھەممەمىز رازىي بولغۇدەك راھەت مۇھىت ئىچىدە، خوشھال-خۇراملىق بىلەن ئۆتتى.
ماسكالىق دۇنيا
2019-يىل ئون بىرىنجى ئايلاردا، چىن دۆلەتى ۋۇخەن شەھەرىدىن تارقالغان دەپ رىۋايەت قىلىنىۋاتقان كارونا ۋىرۇسى (Covid-19) ئالەمنى مالەم قىلدى. بىر نەچچە ئاي ئىچىدەلا پۈتۈن دۇنيانىڭ تۇرمۇش-ھاياتلىق رەتىمىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى: ئىنسانلار ماسكاسىز تالا-تۈزگە چىقالماس بولدى؛ ئەڭ مۇقەددەس ئىلاھىي پائالىيەتلەردىن تارتىپ ئەڭ ئەدنا ھەرىكەتلەرگەچە بولغان ھەر قانداق توپلۇم-جامائەتلىك پائالىيەت ئەمەلدىن قالدى. ئۇ شۇم ۋىروسنىڭ دەھشەتىدىن ئادەملەر ئۆز ئۆيلەرىگە مەھكەم مۆكۈندى؛ پەرى-پەرىشتەلەر ئىبادەتگاھلارنى تاشلاپ، ئەرشكە قاچتى. مۇقەددەس جامىي ئىستىقامەتگاھلاردا، ئەزان-تەكبىر ئۆچتى. ئاتالمىش تەرەققىي قىلىپ، ھىچنەمەدىن يەڭىلمەيدىغان بولۇپ كەتكەن زامانىۋى يۇقىرى پەن-تەخنىكا ۋە ئۇنىڭ ساھىبلارىنىڭمۇ دەھشەت-قورقۇنچتىن رەڭگى سارغايدى، ئەرۋاھى ئۇچتى.
بىراق، ھايات-ياشام ياڭىچە مۇھىت، ئۆزگەچە تەرز شەكىللەندۈرۈپ يەنەلا داۋاملاشىپ تۇردى. مەكتەپلەر تاقالسا، تور سىنىپى (zoom class) دەيدىغان ياڭى شەكىل بىلەن ئەۋلادلار ئۆگرەنىشنى، ئىلگەرىلەشنى توختاتمادى؛ كىشىلەر بىر-بىرىنى ئۆيلەرىدە زىيارەت قىلىشالماسا، قوللارىدىكى شەيتانفونلارى ۋاسىتەسى بىلەن ئىدىتلىق ئۈن دىدارلاشىپ، ئەھۋاللاشىپ تۇردى.
بۇ دۇنياۋى ئاغىر كۈنلەردە، پارىس كەرەم يەنەلا ھىچ بوش كەلمەدى: رەستۇرانى ئادەمىزاتسىزلىقتىن تاقالىپ قالسا، توردا مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، تىجارەتىنى داۋاملاشتۇردى. دوست-يارەنلەرنى يانفوندا يوقلاپ، ئۇلارنى ئىھتىياتچانلىق ۋە بەرداشلىق بىلەن ياشاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇردى.
ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن: ئۇ شۇم ۋىروس تالاپەتى ئامەرىكادا تازا ئەۋجىگە چىققان ئاشۇ 2019-يىلنىڭ ماي ئايى ئىدى. بىر چۈشتىن كەيىن، پارىس كەرەم ئەپەندى ئايالى رائىلە خەلىل خانىم بىلەن بىللە، مەن ئوغلۇم بىلەن ياشاپ تۇرىۋاتقان ھىلارى كوچاسى (Hillery Drive 9344) غا كەلىپ مەنى دوستانەلىك قوشۇلغان قارىنداش-تۇغقانلارچە يوقلادى. قول بالاسى قىلىپ ئەتىپ-ھازىرلاپ كەلگەن ئۇيغۇرچە ئىسسىق شىرمان نان، گۆش نان ۋە سامسالار دەرىجەدىن تاشقارى لەززەتلىك ئىدى.
بىز سان ديەگو شەھەرى ھىلارى كوچاسى بىلەن مىرامار ئىنستىتۇتى (Miramar College) نى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان زور سىترولۇق كۆۋرۈك ئاستىدىكى مەيداندا، راۋرۇس ماسكا تاقاغان ۋە ئوتتۇرادا ئۆلچەملىك مۇڭداشما ئارالىقى قويغان ھالدا تۇرۇپ، سائەتلەرچە مۇڭداشتۇق:
ئۆزلەرىمىزنىڭ شۇ تۇرۇقتىكى رىئال ئەھۋالىمىزدىن باشلانغان پاراڭ، تارىختىكى ئارتۇش ئادەمى، ئارتۇشلۇقلارنىڭ ئەجدادى بولمىش ئاغۇ، تۇرۇمتاي قەبىلەلەرىدىن تاكى ياقىنقى زامان تارىخىدىكى قەشقەر تۇرۇمتاي كۆلباشى مەھەللەسى ۋە كۈنۈمىزدىكى يۇمۇلاقشەھەر كۆلباشى مەھەللەسىغىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مول سەرگۈزەشتەلىك كەچۈرمىشلەرى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ ۋە رىئاللىق بايان قىلىنغان ئۇزۇندىن ئۇزۇن زامان ۋە بىپايان ماكاننى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بىز مۇڭداشتۇقا مۇڭداشتۇق تاكى راۋرۇس بىر خۇماردىن چىققۇچە!
لاخويا دەڭىز ساھىلىدىكى دالا يەمەكى ئولتۇرۇشى
«پارىس كەرەم سان ديەگودىن كۆچۈپ كەتىدىغان بولۇپتۇ» دەگەن گەپ چىققاندا، مەن ھىچبىر ھەيران قالمادىم. چۈنكى، مەن ئاز كەم ئۈچ يىل ئەستايىدىل ئارالاشىپ، چۈشەنگەن پارىس كەرەم شۇبۇ ئامەرىكا-مىكسىكا چەگراسىغا ياقىن كىچىك شەھەر سان ديەگودا، ئۆزىنىڭ ئەڭ كىچىك پەرزەنتى ۋە ئامراق قىزى تۇمارىس پارىسنىڭ مۇشۇ سان ديەگو تولۇق ئوتتۇراسىدىكى ئوقۇشىنى قوللاش ئۈچۈنلا، «بىكار تۇرغۇچە بىكار ئىشلە» دەگەن ئۇيغۇر ئاتا سۆزى بويىچە، رەستۇران ئاچىپ، تىجارەت قىلغاچ، ۋاقىتلىق تۇرىۋاتقان ئادەم ئىكەنلىكى ئەنىق ئىدى.
ئالدىنقى يىلى ئوغلان ياشار پارىس ئامەرىكادىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، كانادانىڭ ئامەرىكا-كانادا چەگراسىغا ياقىن ۋانكوۋەر (Vancouver) شەھەرىگە خىزمەتكە چىققاندىن كەيىن، بۇ يىل تۇمارىس پارىس شىمالى ئامەرىكا سىياتىل شەھەرىدىكى ۋاشىڭتون ئۇنىۋەرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيەتىنى قازانغاچ، پارىس كەرەم ئائىلەسى مەزكۇر سىياتىل شەھەرىگە كۆچۈپ كەتىدىغان بولغان. خەيرلىك بولغاي!
2021-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەنبە. سان ديەگو لاخويا دەڭىز ساھىلى (Shores Beach, San Diego, CA 92037 La Jolla) دا، پارس كەرەم ۋە ئائىلەسىنى سىياتىل شەھەرىگە ئۇزاتىش دالا يەمەك ئولتۇرۇشى بولدى.
چۈشتىن كەيىن سائەت تۆرتكە ئۇيۇشتۇرۇلغان چاي سورۇنىمىز دەڭىز بىلەن يۈز-يۈز ئەللىك مەتىرچە ئارالىق بار بىر چىملىق مەيداننىڭ شەرقىي شىمال بۇرجەكىگە ئورۇنلاشقان ئىدى. تۆرت-بەش تۈپ قەرى پالما دەرەخى سايە تاشلاپ تۇرغان سورۇندا، سورۇننى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغۇچى ئابدۇلغەنىي ئابدۇلھەمىت ئەپەندى توختاماي، كاۋاپ پىشۇراتتى. ئايالى زەينۇرە خانىم ۋە باشقا سورۇن ئەھلى خانىملار ئۆزلەرى ئۆيدە ھازىرلاپ ئالىپ كەلگەن پولو، سامسا، ئۇيۇتماش ۋە مىۋە-چىۋەلەر بىلەن سورۇن داستىخانىنى لىق تولدۇرىۋەتكەن ئىدى. تائاملار لەززەتلىك، ھاۋا گۈزەل، قۇياش ئولتۇرۇش بۇرجەكىگە ساڭگالاغان، دەڭىز دولقۇنىدا ئۇنىڭ كەچلىك شەپەق نۇرى كۆز قاماشتۇرۇپ جىلۋەلەنىپ تۇرغان؛ چايكالار خوشھال سايراشىپ تۇرغان. بەزەندە، داستىخانلارغا شۇڭغۇپ چۈشۈپ، كاۋاب، نان قاتارلىقلارنى ئوۋلاپ، ئۇلارمۇ چايىمىزغا داخىل بولۇپ تۇرغان؛ ئۈنئالغۇدىن گۈزەل ئۇيغۇر ناخشالارى توختاماي ياڭراپ تۇرغان؛ ئىشتىراكچىلار ئۆز-ئارا ۋە پارس قاتارلىق كۆچۈش سەپەرىگە ئاتلانىش ئالدىدا تۇرغانلار بىلەن مۇڭلاشىش قىلىپ تۇرغان؛ سورۇندىن پات-پات كۆتۈرۈلگەن كۈلكە سادالارى كەڭ چىملىقتا قول توپ ئويناش، سۇنايلانىپ ياتىپ مۇڭداشىش قىلۋاتقان باشقا توپتاكىلەرنىڭ كۈلكە سادالارىغا جۆرە بولۇپ ساھىل ئاسمانىدا جەۋلان قىلىۋاتقان…
كەچ سائەت سەككىزلەر بىلەن، ساھىلغا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلادى. بىزمۇ سورۇننى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇراسىمى قىلدۇق. دەسلەپ، ساھىبخان ئابدۇلغەنىي ئابدۇلھەمىت پارس كەرەم ئائىلەسىنى ئۇزاتىش نۇتقى سۆزلەدى. ئۇنىڭ نۇتۇقى قىسقا، ئەمما گۈزەل بايانلىق ئىدى:
«پارس كەرەم سان ديەگوغا 2017-يىل كەلگەن. مەزكۇر ساھىلغا ياقىن بولغان، «كروران ئۇيغۇر تائاملارى رەستورانى»نى باش بولۇپ ئاچقان. بۇ يىل قىزى تۇمارس پارس سىياتىلدىكى ۋاشىڭتون ئۇنىۋەرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ شەھەرگە كۆچۈپ بارش زۆرۈر بولۇپ قالغان؛
قارىنداشىمىز پارس كەرەم كاشغەردە تۇغۇلغان، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ، 5-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ياشلىقىدا، شىئىرلەر يازغان. گەپ-سۆزدە كاشغەرچە راۋان، پىكىردە زىيالىيلارچە يەتىك تولغان؛ كەيىن تىجارەت دەڭىزىغا شۇڭغۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇۋەپپەقىيەتلىك تىجارەتچى بولغان. مەملىكەتتە خىمىيەلىك ئوغۇت زاۋۇتى قۇرۇپ، مۇزەپپەر كارخاناچى بولغان؛ ئۆزى سەمىمىي كۆڭۈللۈك، مول سەرگۈزەشتەلىك دۇرۇس ئىنسان. ئۇ بىزلەرنىڭ ئوبدان ئۈچ يىللىق مۇڭداشىمىز، پىكىرداشىمىز ۋە غەمگۇزار بۇرادەر ئاكامىز بولغانى شاراپەتى بىلەن، كۆڭلۈمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغان. شۇڭا، بىز ئۇنىڭ مۇندىن كەيىنكى ھاياتىنىڭ ئاسايىشلىق، خاتىرجەملىك ۋە ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى سەمىمىي تىلەپ دۇئا قىلىمىز، ئامىين!»
ئارقادىن، پارس كەرەم تەشەككۇر نۇتۇقى سۆزلەدى.
نۇتۇقلار قارىنداشلىق تۇيغۇسىغا تويۇنغان تەئسىرلىك ئىدى. ئانا يۇرتتىن ئۇزاقتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇھەببەتلىك چاي پائالىيەتى ھەممەمىزنىڭ كۆڭلىدە ئۆچمەس خاتىرە يازىپ قالدۇردى گويا.
2021-يىل 19-ئىيۇن، سان ديەگو.
