You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » «ئۇيغۇر كىرىزىسى ھەققىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» ناملىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

«ئۇيغۇر كىرىزىسى ھەققىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» ناملىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

«ئۇيغۇر كىرىزىسى ھەققىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» ناملىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىنغا تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەدىن ئىجتىمائىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ۋە مۇخبىرلار بولۇپ 70 ئەتراپىدا كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، مالايشىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىقلار دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر، تۈركىيەنىڭ ئىيى ۋە كېلەچەك پارتىيەلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ھەرۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ يىغىندا، ئىسلام دۇنياسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوزغاش، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئورتاق مۇنبەر قۇرۇش قارار قىلىندى.

يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە، تۈركىيە سىرتىدىن كەلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان ئىش – پائالىيەتلىرىنى ئاڭلاتتى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، ھازىردىن باشلاپ كېلەر يىلى رامىزان ئېيىغىچە ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ ۋە پىلانلار مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك لوندوندا ئېچىلغان ئۇيغۇر مەھكىمىسىنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» قارارىغا قەتئى قوشۇلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى, شۇنداقلا كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكالىدى. ئاخىرىدا ئىنگىلىزچە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا تۈركىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، مالايسىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 17 مۇسۇلمان تەشكىلاتى بىرلىكتە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنياۋى مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى» قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ماقۇللىدى.

يىغىندا ئېلىنغان قارارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:

«بىز تۆۋەندە تىلغا ئېلىنغان تەشكىلاتلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن، ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ۋەدە بېرىمىز. ئالدى بىلەن خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى مۇستەقىل ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› دە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى قارارىنى ئەسكەرتپ ئۆتىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، تىنچلىق ۋە ئادالەتنى ئاساس قىلغان ئىسلام قىممەت قارىشىنى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلىپ ھەمكارلىشىشنى خالايمىز. بىز ھەمكارلىشىشقا ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بېرىمىز ھەمدە ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز. بىز ھاياتى خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ھىمايە قىلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك چارە – تەدبىر ئېلىشقا تىرىشىمىز. بىز ئۇيغۇر ۋە بارلىق تۈرك مۇسۇلمانلارغا، شۇنداقلا ئىسلامغا قارىتىلغان دۈشمەنلىككە جىددىي ۋە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىمىز. بىز دىنىي ساھەدىكى زاتلارنى، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ۋە سىياسىي رەھبەرلەرنى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، كۈچلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز. بىز باشقا دۆلەتلەرنىمۇ شۇنداق قارار ئېلىشقا ۋە تەدبىر قوللىنىپ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. بىز يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۈچۈن مەخسۇس دوكلات تاييارلايدىغان خادىم ئاجرىتىپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىز ھەرقايسىي دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋە خەلقئارا سوت مەھكىمىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ۋە جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىمىز!»

بۇ قارارنامىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، «21-ئەسىرىدىكى ئىسلام»، «ھىندونېزىيە ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى»، «ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى كېڭىشى»، «مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى»، «مالايسىيا يەر شارى تىنچلىق ئەلچىسى تەشكىلاتى»، «ھىندونېزىيە —PRIMA»، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى قاتارلىق خەلقئارادىكى 17 تەشكىلات بىرلىكتە ئىمزالىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «دۇنياۋىي مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى» بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى.

يىغىندىن خاتىرە سۈرەتلەر:


Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top