You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى تەسىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى تەسىرى

شەۋۋال بەستە گۆكچەلىك

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەنۋەر ئەھمەد

ئۇيغۇرلار تارىختا خىتايلار بىلەن بىللە ياشىغان ۋە ئىككى قېتىم مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تارىخىنىڭ بىرىنچى مىسالى 1933-1934-يىللىرى مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، يەنە بىرى 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى. ھەر ئىككى دۆلەت خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغال قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. شەرقىي تۈركىستان تەبىئىي بايلىق بىلەن مۇھىم ئېنېرگىيە لىنىيىسى ۋە سودا يولى (يىپەك يولى) جەھەتتە مەركىزىي ئورنى سەۋەبىدىن خىتاي ئۈچۈن ئىزچىل مۇھىم بولۇپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، خىتايدا نىسبەتەن ئاز سانلىق مىللەت توپى سۈپىتىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىچكى سىياسىتى، كىملىك ​​سىياسىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك تونۇشىدىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچ كىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەت ئىچكى مەسىلىسى دەپ قاراۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى سەۋەبىدىن خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى رەت قىلىشى، تېرورلۇقنى تىلغا ئېلىپ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى ۋە مەسىلىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىپەرۋالىقى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئېرىشىشىگە سەۋەب بولدى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، دۇنيا تەمىناتىنىڭ بەشتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتاينىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پاختا ئېكىسپورتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلەرنى كۈچەيتىۋەتتى.

داڭلىق ماركىلارنىڭ پاختا سودىسىدا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندا، بۇ ئەھۋال خەلقئارا ماركىلارنىڭ سىياسىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. نامايىشقا ئۇچرىغان دۇنياغا داڭلىق ماركىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر قالغان. مەسىلەن، H&M ھازىر ئۇ رايوندىن ماتېرىيال ئالمايۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سابىق ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان XPCC دىن پاختا ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. Ikea ئۇيغۇر رايونىدىن پاختا ئېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئادىداس شىركىتى  The Guardianda گېزىتىدىكى باياناتىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىدىن مال ئالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە باشقا شىركەتلەرنىمۇ بۇنداق قىلماسلىققا چاقىردى. چوڭ ماركىلارنىڭ بۇنداق ئۇسۇلى ۋە ئىنكاسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قاراتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە ۋە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئەيىبلەش پوزىتسىيىسى تۇتماسلىقنى تاللىدى. شۈبھىسىزكى ، بۇ پوزىتسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ياۋرو-ئاسىيا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، تۈركىيە شەرقتە خىتاي بىلەن ياخشى سودا مۇناسىۋىتى ۋە ئىقتىسادىي ئىتتىپاق ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيىسى غەربنىڭ مەبلىغى يېتەرلىك بولمىغان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىتاي تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمراھىغا ئايلانماقتا.

بۇ خىل ئەھۋالدا، تۈركىيە 1960-يىللاردىن باشلاپ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ كەلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھگاھى بولۇپ كەلگەن. تۈركىيە خىتاينىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيە ، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان مۇئامىلىگە قارىتا ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ياخشى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرگەن سەزگۈر ۋە قوش بىسلىق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ سىياسەت تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر ئاز سانلىق خەلقىنى قوللىشى يېتەرلىك ئەمەس دەپ تەنقىدلەندى. بۈگۈنكى كۈندە ، خىتاي تۈركىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە تەرەققىيات تۈرلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالدى. ياۋروپانى ئاسىيا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان دۆلەتتە ، بۇ خىل مەبلەغ سېلىش خىتاي بىلەن غەربنىڭ سودا يولى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يۆنىلىشتە، خىتاينىڭ يۈك پويىزلىرى مارماراي تۆمۈر يولى بىلەن ياۋروپاغا قاراپ قاتناشقا باشلىدى.

گەرچە بارلىق ئىقتىسادىي سەزگۈرلۈكلەرگە قارىماي ، تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك دۇنياسى بىلەن تېخىمۇ كەڭ ئىتتىپاقلىق نۇقتىسى بىلەن كۈن تەرتىپىدە ساقلايدۇ. تۈركىيە بۇ ئىشنى قىلىش جەريانىدا جۇڭگوغا قارىتا ئىجابىي ئۇسۇلنى قوللىنىشقا تىرىشىدۇ. تۈركىيە ئۇيغۇرلارىنىڭ خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بۇ كۆۋرۈكنى بۇزماسلىقى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىندا ، تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە بۇ مەسىلىنى ب د ت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق سەھنىلەردە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي بىلەن ئىجابىي ۋە بىۋاسىتە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تېمىدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشكە قارىغاندا، 2017-يىلى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى خىتاي تەرىپىدىن تەستىقلانغان. بۇ خەۋەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا ئەندىشە قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىم ئارقىلىق تېرورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغان ۋە تۈركىيەدە پاناھلىق تىلىگەنلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش جەريانىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەگەر تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق تەنقىد قىلسا ، بۇ تۈركىيەنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ماقالىمىزدە بايان قىلىنغاندەك ، يەر شارىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكياندىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئۆزگىرىپ ، خىتاي كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەنقىدى كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ سەۋەبتىن، خەلقئارانىڭ خىتايغا قارشى بىر قىسىم قاتتىق تەنقىدلىرى كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دۇنياۋى كۈچ سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ بىر باھانىسى دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا ، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تۈركىيە ۋە خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خىتاينىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش قارارى تۈركىيەنىڭ قىتئەلەر ئارا ئېنېرگىيە ۋە سودا لىنىيىسىنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر مەسىلىدە ئوخشىمىغان مەيدانى بار. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئېشىشىغا ۋە تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Uygur Türklerinin Türkiye Çin İlişkilerine Etkisi

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top