You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىدۇ؟

مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىدۇ؟

بەگۈم دۆنمەز ئەرسۆز

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: نىجات مەمەت

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىردىن بىرسىدە يېتىپ چىققان بىر ئۇيغۇر ئايال بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ: خەلقئارا جەمئىيەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشغا يول قويماسلىق» قا چاقىرىق قىلدى. يىغىندا، تۈركىيە ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان باستۇرۇشقا قارىتا مەيدانى مۇزاكىرە قىلىندى.

تور يىغىندا ئۇيغۇر جازا لاگىرى شاھىدى تۇرسۇنئاي زىياۋىدۇن خانىم، ۋاشىنگىتۇندا تورۇشلۇق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى نۇرى تۈركەل  ئەپەندى ۋە جورجېتوۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جېيمىس مىلۋارد قاتارلىقلار ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

2016-يىلى 11-ئايدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوخشىمىغان جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇلۇپ تۇرغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش» ناملىق يىغىندا تەرجىمان ياردىمى بىلەن ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ سۇرىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم: «جازا لاگېرىدىن ھايات قۇرتۇلۇپ چىققان بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تېخىغىچە جازا لاگېرىدا قامىلىپ تۇرۋاتقانلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىم كىرەك دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارادىكىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۆزىنى ئىېچىشىنى ۋە 21 – ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قۇيماسلىقىنى كىرەك» دىگەن سۆزلىرى بىلەن باشلىدى.

شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ بولغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم، 2010- يىلى يولدىشى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى، قازاقىستان ھۈكۈمىتىنىڭ يولدىشىغا قازاقىستاندا تۇرۇش رۇخسىتى بەرگەنلىكىنى، ئەمما تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىمنىڭ خىتاي پاسىپۇرتىنىڭ ۋاقتى توشقانلىقى ئۈچۈن تۇرۇش رۇخسىتى ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ۋە 2016- يىلى 11- ئايدا يۇرتىغا قاتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

يورتىغا قايتىش سەپىرىدە خىتاي چىگرا ساقچىلىرى تەرىپىدىن سۇراق قىلىنغانلىقىنى، سۇراقتا ئامېرىىكدا بىرسى بىلەن ئالاقىسى بار-يۇقلىقىنى؛ بىر ئايدىن كىيىن پاسىپۇرتىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ۋە بىر قانچە ئايدىن كىيىنلا جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

«بىزگە نامەلۇم دۇرا – ئوكۇل بېرىلەتتى»

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم، خەلقئارا جەمىيئەتنىڭ كۆز قاراشلىرىنى رەت قىلغان خىتاينىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا تىلغا ئالغان ئاتالمىش «تەربىيلەش مەركىزى» دىكى شەرت-شارائىتنىڭ قورقۇنچلىق دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئېتتى ۋە مۇنداق دىدى: «بىزگە ئىدىئولوگىيىمىزدە مەسىلە بولغانلىقىنى ئۈچۈن تەربىيلەشكە قاتنىشىشىمىز كىرەكلىكىنى دىدى. سۇئال سۇرىساق تاياق يەيتتۇق، بۇ سەۋەپتىن مەن بىر ئايدىن كىيىن قۇيۇپ بېرىلدىم. ئىككىنجى قېتىم لاگېرغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋاقتىمدا ئەھۋال تېخىمۇ ناچار ئىدى. 2018- يىلى 3- ئاينىڭ 8-كۈنى لاگېرغا ئېلىپ كېلىنىپ 10 ئايدىن كۆپرەك تۇتۇپ تۇرۇلدۇم، ھەر كۈنى 10 ئاپتۇبۇس بىلەن ئادەم ئېلىپ كېلەتتى.»

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم، تۇتۇپ تورۇلغان يەردىكى ھوجرىلاردا  كىچە – كۈندۈز كۈزۈتۈپ تۇرىدىغان كامېرالارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە يەنە مۇنداق دىدى: «ھوجرىنىڭ بولۇڭىدا ھاجىتىمىزنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز ئۈچۈن بىر داس بار ئىدى، بەرگەن تاماقلىرى بولسا سويۇقئاش ۋە ھورنان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى بىز بىلمەيدىغان نامەلۇم دورۇلار ۋە ئوكۇللار بار ئىدى. خىتاي ھۈكۈمىتىگە سادىق بولۇش قەسىمى قىلىش بىلەن بىرگە داۋاملىق شى جىنپىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ۋىدىئۇلىرىنى كۈرۈشكە مەجبۇر ئىدۇق.» دىدى.

«جىنسى ئەزايىمغا توك ئەسۋابى بىلەن ئېلىكتىر بىرىپ قىينىدى»

شەرقىي تۈركستاندىكى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىن ھايات قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلاردىن بەزىلىرى جازا لاگېرىدا ئاياللارنىڭ مەجبۇرى توغماسلىق ئوپراتسىيەسى قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يىغىنىدا بەرگەن گۇۋاھلىقىدا بۇ مەجبۇرلاشنىڭ تۇغرا ئىكەنلىكى بايان قىلدى.

«قىزلار لاگېردىن ئېلىپ كېتىلەتتى ۋە قايتا ئېلىپ كېلىنەتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە  نېرۋىسى ئادىشىپ قالغانلار بولدى. مەنمۇ بىر باشقا بىر ئايال بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىنگەن يەردە قىيىن – قىستاق قىلىنىشقا ئۇچرىدىم. جىنسى ئەزايىمغا توك كالتىكى بىلەن تول بەردى، يان تەرەپتىنمۇ باشقا ئاياللارنىڭ قىيىن – قىستاقتىن ۋاقىرىغان ئاۋازلىرى ئ‍اڭلىنىپ توراتتى. نۆۋەتچى ساقچىلارنىڭ (قاراۋۇل) باشقا ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلەتتىم. بىر قېتىم لاگېردىكى پۈتۈن ئاياللارنىڭ قىسىر قىلىنىشى ياكى تۇغۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوپراتسىيەسى قىلىنىشى تۇغرىسىدا بۇيرۇق كەلگەنلىكىنى ھەققىدە پاراڭلاشقانلىقىنى ئاڭلدىم.» دىدى.

«خىتاي ھۈكۈمىتى مېنى يالغانچى دىدى»

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم 2018 -يىلى 12-ئايدا جازا لاگېرىدىن قۇيۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن، خىتاي ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن جازا لاگېرىدا بېشىتىن ئۆتكەنلەرنى ھېچكىمگە، ھەرقانداق يەردە تىلغا ئالماسلىقىنى، بولمىسا ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى دەپ تەھدىت قىلغان.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم، 2019 – يىلى 9 – ئايدا قازاقىستانغا قايتىشقا رۇخسەت بېرىلگەندىن كىيىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇخبىرلارغا، ئۆتكەن يىل ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ب ب س غا بېشىتىن ئۆتكەنلەرنى پاش قىلغان.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم زىيارەت قىلىنغاندىن كىينكى كۈنلەرنى ئەسلەپ «خەۋەر 2-ئايدا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى، مەن ۋە ماڭا ئ‍وخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار خىتاي ھۈكۈمىتىنى پاش قىلغاندىن كىيىن خىتاي ھۈكۈمىتى بىزنى قارىلاشنى باشلىدى، ھەتتا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىدا مېنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ تورۇپ مېنى يالغانچى دىدى» دەپ بايان قىلدى.

«خىتاي تېمىنى بۇرمىلاش ۋە كۆز بۇياش ئىستىراتېگىيەسى قىلىۋاتىدۇ»

يىغىندا سۆز قىلغان ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ دىموكىرات پارتىيەدىن بولغان باشلىقى گرىگورى مېكىس (Gregory Meeks)، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتۇنى بىلىنكىننىڭ (Antony Blinken) خىتاينىڭ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئ‍ۆتتى.

قارا تەنلىك ئاۋام پالاتاسى رەئ‍سى، خەلققە ئوچۇق ماتىرىياللاردىن، سۈنئىي ھەمرا كۈرۈنۈشلىرىدىن ۋە ئىجتىمائىي ئوچۇر مەنبەلىرىدە يەر ئالغان خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلۋاتقان سىياسەتنىڭ دەھشەت بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە يەنە مۇنداق دىدى: «خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بۇ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ جاۋابكارلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە بۇ باستۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جەمىئ‍يەت بىلەن بىرگە كۈچ چىقىرىش ئورنىغا تېمىنى بۇرمىلاپ، كۆز بۇياش ئىستىراتىگىيەسى ئېلىپ بىرېۋاتىدۇ» دىدى.

ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مېكىس: «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلىشنى داۋام قىلىمىز»

دىمۇكرات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى مېكىس ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاندا، خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى ھەققىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مايكول ماكول (Michael McCaul) بىلەن بىرگە  14-ئاپرېل كۈنى ئاۋام پالاتاسىغا سونغان قانۇن تەكلىپنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن ئىشلىتىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپۇرت قىلىشنى چەكلەش قانۇن تەكلىپىنى ئەسلەتتى.

ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومېتىتى رەئىسى مېكىس، «مەجلىستە تاشلانغان بۇ قەدەملەر بىلەن، كىشىلىك ھۇقۇقنى قۇغداشتا ئ‍امېرىكىدا پارتىيە ئايرىمى بولمايدىغانلىقىنى ۋە دىكتاتۇر دۆلەتلەرنىڭ مەيلى دوست مەيلى دۈشمەن بولسۇن، مەجلىسنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلىشنى ۋە توسۇشنى دەۋام قىلىدۇ» دىدى.

بايدىن ھۈكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىدىكىلەرنى ئاساس قىلغان ئېمبارگۇنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى نايىك (Nike) ۋە دېسنىي (Disney) شىركەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومېتىتى ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىسى سابىق ئەزاسى مايكىل ماكول (Michael McCaul) بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمكەككە سېلىنۋاتقانلار بىلەن  ھەمكارلىشۋاتقان ئامېرىكىدىكى شركەتلەر ھەققىدە تۇختالدى.

خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەرقىي تۈركىستان دۇنيادىكى پاختا ئ‍شىلەپچىقىرىشىنىڭ بەشتىن بىرىنى تەمىنلەيدۇ. ئۆتكەن 1-ئايدا ئامېرىكا، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ئەندىشىسى بىلەن خىتاينىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقارغان پاختىلىرىنى ئىمپۇرت قىلىشنى تۇختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەردىن مايكىل ئەپەندى، يىغىنغا نايىك شىركىتىنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئەمما شىركەتنىڭ تەكلىپنى رەت قىلغانلىقىنى دىدى.

دېسنى (Disney) شىركىتىنى  مولەن فىلىمىنى تارتىش جەريانىدا بەزى كۈرنۈشلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا تارتقانلىقى ۋە فىلىم ئاخرىدا خىتاي ھۈكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتقانلىقى ئ‍ۈچۈن  تەنقىد قىلدى.

يىغىندا ماكول يەنە، «مەنپەئەت ئېلىشتا ھەق – ھوقۇق چىگراسىنى بۇزماسلىقى كىرەك. ئامېرىكا خەلقى خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان شىركەتلەرنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئۇتتۇرىغا چىقىرىشى شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەجلىگەن پۇللىرىنىڭ قەيەرگە كېتىپ بارغانلىقىنى بېلىشى كىرەك» دىدى.

«خىتاي ئېلىپ بارشان باستۇرۇش سىياسىتىنى نۇرمال قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشۋاتىدۇ»

1995 – يىلى  ئامېرىكىغا ئوقۇش ئۈچۈن كېلىپ، كىيىن پاناھللىق ئىلتىماسى بىلەن ئامېرىكدا قالغان، ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەل يىغىندا پالاتا ئەزالىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە پارلامىېنتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە تۆت قېتىم دۇكلات بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە مۇنداق دىدى: «خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇر بولۇشنى بىر جىنايەت قاتارىدا كۆردى، خىتاي ھۈكۈمىتى يېقىنقى تۆت يىل ئىچىدە كۈلتۈر، تىل، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئىلاھىيەت، بىناكارىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى يۇق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. دىنى ئالىملار، پىرۇفېسسۇرلار، ئۇقۇتقۇچىلار ۋە غەلبە قازانغان كارخانىچىلار نىشانلىق تۇتۇلدى. خىتاي ھۈكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ باستۇرۇش سىياسىتىنى خەلقئارادا نۇرمال قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشۋاتىدۇ» دىدى.

يىغىندا نۇرى تۈركەل ئەپەندىدىن، خىتاي ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن تەھدىت قىلىنىپ قىلىنمىغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۇئاللار سۇرالغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ 26 يىل بۇرۇن ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى، بۇ 26 يىلى ئىچىدە ئائىلىسى بىلەن 11 ئاي بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزگەنلكىنى، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ، ئاتا- ئانىسىغا، ئامېرىكا پۇقراسى بالىسى ۋە نەۋرىلىىرىنى بىلەن كۆرۈشىشىنى تۇسقانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مۇزاكىرىسى

خىتاي 2022-يىلى قىشلىق ئولمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىسىگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن ئەندىشىلەنگەنلەر بۇ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى ئاپرېلدا قىلغان باياناتىدا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرگە بايقۇت قىلىشنى ئ‍ويلىشۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىپلەشلەرنى رەت قىلىدى.

جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ئەزاسى ماكول ئەپەندى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئەمما شىركەتلەرنىڭمۇ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇسۇلمان دۆلەتلەر نېمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ؟

يىغىندا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىگە قارىتا تۇتقان مۇئامىلىسىدە كونكرېت قەدەم تاشلىمىغانلىقى ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچ چىقارمىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

كالىفۇرنىيەگە ۋەكىللك قىلىدىغان دىمۇكىرات پارتىيسى پارلامىېت ئەزاسى براد شېرمان (Bred Sherman) تۈركىيە ھۈكۈمىتىنىڭ، تۈركىيەدىكى مىللىيەتچىلەردىن كەلگەن بېسىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەمما مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسەن دېگىدەك سۈكۈت قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نىمە قىلالايدىغانلىقىنى سۇرىدى.

سۇئالغا جاۋاب بەرگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، «نوپۇسىنىڭ كۆپى مۇسۇلمان سەئۇدىي ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئ‍وخشاش دۆلەتلەر، ئىسلام دىنىنى رۇھى كېسەل قارتارىدا كۆرگەن خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئ‍ىقتىسادىي مەنپەئەت بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ دۆلەتلەر بىر – بىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر شېرىك تاپقاندەك قىلىدۇ.» دىدى.

«تۈركىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىيە پايدىلىق»

خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك شەرقىي تۈركىستان تېمىسىنى بۇرمىلاش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان نۇرى تۈركەل ئەپەندى، بېيجىڭنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى خىتاينىڭ تەرققىياتىنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ پەيدا قىلغان بىر مەسىلسىى ئىكەنلىكىنى، ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلماقتا دىدى.

مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۆز قىلمايدىغانلىقنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھۈكۈمەتلىرىنى تەنقىد قىلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە، بۇ دۆلەتلەردە دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيدى. ئۇ يەنە بۇ دائىرىدە ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ياخشى بىر ھەمكارلاشقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھىندىنۇزىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىيەلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىشى كىرەكلىكىنى بىلدۈردى.

«خىتاي پۇلى ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشىنى سېتىۋىلىشتىن يانمايدۇ»

خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۇغرىسىدىكى ئەيىپلەشلەرنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يوقسۇللۇقنى تۈگەتكەنلىكىنى ۋە بەزى سىياسەتلەرنىڭ تېرورىزىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قۇيۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيماقتا.

يىغىندا، ئامېرىكىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە قاتتىق قوللىقىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېمبارگۇسىنىڭ ئەكس تەسىر بېرىپ – بەرمىگەنلىكى ۋە بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ چۇڭقۇر ئوچۇرلارغا كۆپلەپ ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ قىيىنلىشىپ – قىيىنلاشمىغانلىقى تۇغرىسىدا سۇئاللار سورالدى.

يېقىنقى 20 يىلدا تۇنجى قېتىم «ۋاشىڭگىتون پوچتا» تاراتقۇسىنىڭ خىتايدا تورۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ خىتايدىن ئايرىلغانلىقىنى بايان قىلغان نۇرى تۈركەل ئەپەندى: «مېنىڭچە بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ يومشاق ياكى قاتتىق بولۇشىدىن كېلىپ چىققان. خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان بۇ ھاكىمىيەت بىلەن سۆھبەت قىلىشقا قىستىغانلىقىنىمۇ قۇبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ. پۇلى ۋە ئىقتىسادىي تەسىر كۈچى بىلەن دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشىنى، ھەتتا بەزى تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان قىلىشتىن قول تارتمايدۇ.» دىدى.

يازمىنىڭ تۈركچە ئەسلى مەنبەسى: ?Uygur Politikalarına Müslüman Ülkeler Niye Sessiz

https://www.amerikaninsesi.com/a/uygur-politikalarina-musluman-ulkeler-niye-sessiz/5893990.html

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top