You Are Here: Home » ئومۇمى » خاتا يەكۈن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بالايى – ئاپەتلەر

خاتا يەكۈن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بالايى – ئاپەتلەر


ئاپتورى: ئەنۋەر ئەخمەد (گېرمانىيە)

كىشىلىك جەمئىيەتتە بىر شەخ، تەشكىلات ھەتتا دۆلەتكىچە، توغرا بىر نىشان ئۈچۈن يەكۈن چىقىرىش، قارار بېرىش ياكى ھۆكۈم قىلىش ئىنتايىن نازۇك، مۈشكۈل شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم بىر جەريان. يەكۈن توغرا چىقىرىلسا، شۇ شەخسنىڭ ھاياتى بەختلىك، تەشكىلاتنىڭ ئىشى راۋان، دۆلەت ئامان، پۇخرالار ئەمىنلىكتە ياشايدۇ. ئەكسىنچە بولغاندا ئۇنىڭ ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگۈسىز پاجى´ئەلەر بىلەن ئاخىرلاشقان بولىدۇ. تۆۋەندە تارىختىكى ۋەقەلەرنى ئەسلەش ئارقىلىق، ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىق نۇقتىلارنى مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىمىز، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا تەدبىقلىساق زىيىنى بولماس دىگەن مەقسەتتە بۇ ماقالىنى يازدىم، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىجابى نۇقتىدىن چۈشۈنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

خەلقئارا سىياسى، دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدە توغرا يەكۈن، قارار چىقىرىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر توغرا پەرەز قىلىپ يەكۈن چىقارمىغاندا يېنىك بولغاندا تەختتىن چۈشىدىغان، ئۇرۇش پارتلاشقا سەۋەپ بولىدىغان، ئەغىر بولغاندا دۆلەت مۇنقەرز بولىدىغان ھەتتا دۆلەت قولدىن كېتىدىغان پاجىئەگە سەۋەپ بولىدۇ.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزىرىيىسىدە، كۆپ ھاللاردا توغرا يەكۈن چىقىرىشقا ئىنتايىن بەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. «مىسپەركەپتىئون» يەنى ۋەزىيەتنى ئەتراپلىق، توغرا ئانالىز قىلىپ يەكۈن چىقىرىش لازىم. ۋەزىيەتنى توغرا تونۇمىغاندا چىقارغان يەكۈن ئەلبەتتە خاتا چىقىدۇ. خاتا يەكۈن چىقىرىپ، ئېغىر زىيان، ئۇرۇشقا سەۋەپ بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

خاتا يەكۈن چىقىرىپ، چىقارغان يەكۈن´گە قارىتا تەييارلىق قىلماسلىق. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېتلەر بىلەن ستالىن ئۆز- ئارا ئۇرۇش قىلماسلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ستالىن، گېتلەر بىز بىلەن ئۇرۇش قىلمايدۇ، ھىچ بولمىسا ھازىرچە بىز بىلەن ئۇرۇش قىلمايدۇ دەپ قاراپ ھىچقانداق تەييارلىق قىلمىغان. ئويلىمىغان يەردىن گېتلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغاندا، ستالىن تەييارلىقسىز ھالەتتە تۇرغان.

1991- يىلى، كۇۋەيت دۆلىتى ئەتىگەندىلا ئىراق ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالغان. ئىراقنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىتا كۇۋەيتنىڭ ھىچقانداق تەييارلىقى بولمىغاچقا، كەچكىچە كۇۋەيت قولدىن كەتكەن. بۇنىڭدا بىرىنچىسى ھىچقانداق تەييارلىق يوق. ئىككىنچىسى تەييارلىقى بولسىمۇ ئەمما يەكۈنى توغرا چىقىرىلمىغان.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، گېتلەر ئىتتىپاقداش قوشۇننىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى ئالدىن پەرەز قىلغان ئەمما ئۇلارنىڭ نەردىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ھۇجۇم قىلىشىشىنى بىلمىگەن. ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار نورماندىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ھۇجۇم باشلىغان. بۇنىڭدا گېتلەر ئارمىيەسى ھۇجۇمغا قارشى تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ ئەمما قاچان؟ نەدىن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توغرا يەكۈن چىقىرالمىغان.

قارشى تەرەپنىڭ نىشانى، مەقسىدىگە قارىتا توغرا ھۆكۈم قىلالماي خاتا ھەركەت قوللۇنىش. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋسترىيە- ۋىنگېرىيە ئىمپەرىيەسى سېربلارغا تەھدىت سالغاندا، رۇسلار سېربلارغا ياردەم قىلغان. گېرمانلار ئاۋسترىيە-ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيىسىگە ياردەم قىلغان. گېرمانلار بىلەن رۇسلارلارنىڭ ئەينى چاغدا بىۋاستە ئالاقىسى بولمىغاچقا، ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ ھەركىتىنى كۈزىتىش ئارقىلىق شۇنىڭغا قارشى قىسمەن ھەركەت قوللانغان. بۇ رەسمى ئۇرۇش بولمىسىمۇ ئەمما ئۇرۇش ئالدىدىكى تەييارلىق بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ قىسمەن قوشۇن يۆتكەپ، زور چىقىم بولغان.

تەۋەككۈلچىلىك، ياكى قاراملىق. بۇ خىل ئەھۋالمۇ خەلقئارا سىياسى، دېپلوماتىيەسىدە كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش قوشۇن، مەقسەتلىك ھالدا ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ، گېتلەر ئارمىيىسىنى قايمۇقتۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللانغان. چۈنكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە، گېتلەر ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمغا قارشى تەييارلىقى بارلىغىنى، گېتلەر ئارمىيىسىمۇ ئىتتىپاقداش قوشۇننىڭ ھۇجۇم قىلىدىغىنىنى بىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ھەر ئىككى تەرەپ ئۇستۇلۇق بىلەن ھەر خىل تاكتىكىلارنى قوللۇنىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنى قايمۇقتۇرۇشقا تىرىشقان. ھەر ئىككى تەرەپ، قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ساختا ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئەسلى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلىماسلىققا تىرىشقان.

1991- يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشىدا، ئامېرىكا ئىراققا خاتا ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپتىن 6 ئادەمنى ئىشقا سالغان. خاتا ئاخبارات. 1991- يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى غۇلىغان كۈنى، چوڭ بوش ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالماي ۋەسۋەسىگە چۈشكەن. 4 سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر ئالغان ۋە كېيىنكى پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىققان.

بۇ نۆۋەت ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈرىشىمۇ شۇنداق بولغان. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىن´گەندىن كېيىن تالىبان ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيەسى 6 ئايغىچە ئافغانىستاندا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ دەپ خاتا ئاخباراتقا ئىگە بولغان. ئاقىۋەتتە ئۇلار بىر كۈڭىمۇ پايلىمىدى. دىمەك بۇ، ئېرىشكەن ئاخباراتتىكى خاتالىقنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ، مۇشۇ سەۋەپلىك ئامېرىكا پرەزىدەنتى دۆلەت ئىچى، ئىتتىپاقداشلىرى ئالدىدا ئوسال ئەھۋالدا قالدى.

بۇ خىل ئەھۋال دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئاز ئۇچرايدۇ ئەمما كوممۇنىست، دېكتاتۇر دۆلەتلەردە بىرقەدەر كۆپ سادىر بولىدۇ. ئاڭ، ئىدولوگىيە جەھەتتىن خاتا يەكۈن چىقىرىش. يەنى ئەھۋالنىڭ شۇنداق بولۇشىغا ئىشىنىش. شەخسنىڭ ئاڭ، ئىدىيىسى شۇنداق بولغاچقا، شۇ بويىچە چۈشىنىش، چۈشەندۈرۈش ياكى شۇنداق چۈشىنىسكە، چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولۇشتىن ئىبارەت.
كوممۇنىستلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇكەممەل دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى ئىنتايىن قاتمال، مۇتەسسىپ. دۇنيا تەرەققىياتىدا ئۆزلىرىنىڭلا ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىدۇ. دۇنيا ئۇنداق تەرەققىي قىلمىسىمۇ، بۇنداق تەرەقىي قىلسىمۇ ئۇلار پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ مېتودى بويىچە «شۇنداق بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزگەرمەس لوگىكىسى. بۇنى خىتاي دۆلىتىنىڭ يېقىنقى 40 يىللىق سىياسى، ئىجتىما´ئىي، ئېقتىسادى تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۈمكىن.

ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن، دېكتاتور ھاكىمىيەتلەردە ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەشتە خاتالىق كېلىپلا چىقماستىن بەلكى دېموكراتىك دۆلەتلەردىمۇ بۇ خىل ئەھۋالدىن خالى بولغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ خەلقارالىق چوڭ داۋالغۇش، چوڭ ئۆزگۈرۈش بولغان ئەھۋال ئاستىدا. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلگەندە، سىياسەت بەلگۈلىگۈچىلەردە ئۆز- ئارا ئىتتىپاقلىش ياكى ئۆز- ئارا بۆلۈنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋالدىكىگە قارىغاندا ئىنتايىن كۈچلۈك، كەسكىن بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسىلا توغرا يەكۈن، ئاقىلانە قارار چىقىرىش ئۈچۈن پايدىسىز. بۇ خىل ئەھۋالدا ئوخشىمىغان، توغرا يەكۈن چىقىرىشقا پايدىلىق بولغان كۆز- قاراشتىكىلەر چەتكە قېقىلىدۇ. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئەھۋالنى مىسال قىلىپ كۆرسۈتىش مۈمكىن.
ئامېرىكا- كۇبا كىرىزىسىدە، ئامېرىكا بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر گۇرۇپپا تەسىس قىلىدۇ.

گۇرۇپپا ئەزالىرى ھەر خىل پىلان، ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاخىرى ئورتاق پىكىر بىرلىكىگە كەلگەندە، ئارىدىن بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندېرى كۆپچىلىكنىڭ قارارىغا قارشى چىقىپ، بۇ خىل تاكتىكىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەينى چاغدىكى دۆلەت مۇداپى´ئە مىنىستىرى ئۇ كوماندېر بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلسا كوماندېرلىق ھەربىي ئۇنۋانىنىڭ ئۆستۈرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. كېيىنكى مۇزاكىرىلەردە ئۇ كوماندېر باشقىلار ياقتۇرىدىغان نۇقتىلاردا پىكىر بايان قىلىپ، «ئىتتىپاقلىق» نى ساقلايدۇ، ئەمما ئامېرىكا كۇبا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا تاكتىكىسى چولتا بولغاچقا نۇرغۇن ئاۋاگەرچىلىككە دۇچار بولىدۇ.

تەۋەككۈلچىلىك، قاراملىق. بۇ خىل ئەھۋالنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە سادىر قىلغان. ياپونىيە ئارمىيەسى پىئرول ھاربور ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئاخباراتقا ئاساسەن، بۇ ئارالغا ھۇجۇم قىلسىمۇ، ھۇجۇم قىلمىسىمۇ ياپونىيە ئارمىيەسى ئۈچۈن بەرىبىر پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇلار ئاخىرى تەۋەككۈل قىلىشنى تاللاپ، ئامېرىكىنىڭ پەئارل ھاربور ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغان. ئامېرىكا بىلەن خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقىدەك قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى، ئىككى تەرەپ چىقارغان خاتا يەكۈننىڭ نەتىجىسى.
ئامېرىكىنىڭ خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىگە بولغان قارىشى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان قارىشىدا يۈز بېرىۋاتقان خاتا يەكۈنلەر.

بىز ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىگە بولغان يەكۈنلىرىگە قاراپ چىقايلى.
دونالد ترۇمپ ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، ئالدىنقى سابىق ھۆكۈمەتلەر خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈشتە ئەجەللىك بىر نۇقتىدا خاتاشلاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆپچىلىك بىردەك: خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى بىلەن سودا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، «خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى سودا جەريانىدا ئېقتىسادى ئەھۋالى ياخشىلانغاندا، تەدرىجى ھالدا سوتسىيالىستىك دۆلەت تۈزۈمىدىن دېموكراتىك دۆلەت تۈزۈمىگە قاراپ ماڭىدۇ» دەپ قارىغان. بۇ بىر ئەنئەنىۋى دېموكراتىيەلىشىش نەزەرىيىسى بولۇپ، بۇ نەزىرىيە بويىچە «جەمىئىيەت تەرەققى قىلىپ، زامانىۋىلاشۋان تەقدىردە ئوتتۇرا قاتلام بۇرژۇئازىيە قاتلىمىدىكىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ، ئۇلار ئاستا- ئاستا ھاكىمىيەتتىن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەق- ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھاكىمىيەت ياكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەمۇ تەدرىجى ھالدا ئۇلارغا يول قويۇشقا، تېگىشلىك ھەق- ھوقۇقلىرىنى بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
نەتىجىدە بۇ ئەنئەنىۋى دېموكراتىيەلىشىش نەزىرىيەسى بويىچە، خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى 40 يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمىدى. بەلكى سودا مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئۆز ئېقتىسادى ياخشىلان´غان، زورايغان خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى ئامېرىكىغا، غەرپ دېموكراتىيەسىگە تەھدىت سالىدىغان دەرىجىگە يەتتى. مانا بۇ „ئېقتىسادىي تەرەققى قىلسا، تەبى´ئىي ھالدا دېموكراتىيەلىشىدۇ“ دىگەن تۇنجى خاتا يەكۈن.

خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى بىلەن تەنچلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش. يەنى ئامېرىكا تېنچلىق ئاساسىدىكى ئورتاق مەۋجۇتلۇق، تېنچلىق ئاساسىدىكى ئەركىن رىقابەت، تېنچلىق ئاساسىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، غەرپ دېموكراتىيىسى بىلەن خىتاي كوممۇنىست سوتسىيالىزىمى ئوتتۇرىسىدىكى ئەۋزەل پەرقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان. ئامېرىكا يىتەكچىلىكدىكى غەرپلىكلەر خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنى نورمال بىر دۆلەت دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۈر مېتودى بويىچە بۇ خىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ «سۇيقەست نەزەرىيەسى» نى نەزەردىن ساقىت قىلغان. مانا بۇ ئىككىنچى خاتا يەكۈن.

ئامېرىكا خېلى بۇرۇندىن تارتىپلا، خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ شۇم نىيىتى، يامان غەرىزى يوق دەپ قارىغان. ئامېرىكا دۆلىتى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنى «دۇنيا ئۈچۈن ئاۋاگەرچىلىك تۇغدۇرمايدۇ، ئېقتىسادىي ياخشىلانسا دۇنيا جامائىتى بىلەن ئىناق ياشايدۇ» دەپ بىلىپ، كوممۇنىستلار مىڭە يۇيۇش ھەركىتىنىڭ نەقەدەر ۋەھشى ئىكەنلىگىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىدە، بىر ئادەمنىڭ كوممۇنىست بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن قانچىلىغان توساقلار، تاسقاشلاردىن ئۆتۈدىغىنىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن. بۇنداق بىر رەھىمسىز سېستىما ئىچىدە، كوممۇنىستلار ھەر ۋاقىت كوممۇنىست پارتىيە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايدۇ، ئەگەر ئازراقلا سەۋەنلىك كۆرۈلسە كوممۇنىست پارتىيە ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە تازىلايدۇ. غەرپ دۇنياسى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ خىل مىڭە يۇيۇش سېستىمىسىنى ئۇقمايدۇ ياكى چۈشەنمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتتە، بىر خىل سەبىلەرچە ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلگەن. مانا بۇ ئۈچۈنچى خاتا يەكۈن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا، خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ ماھىيىتىنى تەدرىجى چۈشۈنىشكە باشلىدى. تارىخقا قارايدىغان بولساق، ئامەرىكا خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىگە قارىتا كۆپ قېتىم خاتا يەكۈن چىقارغان. ئەڭ دەسلەپكىسى بولسا بەلكىم 1945- يىلىدىن 1949- يىللىرى بولسا كەرەك. ئەينى چاغدا ئامېرىكا خىتاي كوممۇنىستلىرىنى يەر ئىسلاھاتچىلىرى، گومىنداڭچىلاردەك پارىخور ئەمەس دەپ قارىغان.

خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا «خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ھەقىقىي كوممۇنىست ئەمەس، ئۇلار سوۋېت كوممۇنىستلىرىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، شۇڭا خىتاي دۆلىتى ئارقىلىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنى قورشاۋغا ئالىمەن» دەپ پىلان قىلغان. شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنى ھەر تەرەپتىن كۈچلەندۈرگەن. ئاقىۋەتتە كورىيە ئۇرۇشىدا، خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى ئامېرىكىغا مۇشت ئاتتى.

رىچارد نىخون ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى بىلەن نورمال دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتىشى. 1979- يىلى، جىممي كارتەر ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، خىتاي كوممىنىستلىرىنى ئەقتىسادى، ھەربىي، پەن- تېخنىكا، خەلقارا پۇل- مۇئامىلە قاتارلىق تەرەپلەردە كۈچلەندۈردى. مانا بۈگۈنكى كۈندە، نىمىلەر بولىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز.

رونالد رېئاگان ھۆكۈمىتى، سوۋېت كوممۇنىستلىرىغا قارشى بولسىمۇ ئەمما خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي ئۇلارنى يۆلىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن چوڭ بوش ھۆكۈمىتى يۆلەشنى داۋاملاشتۇردى. بوش ھۆكۈمىتى 1989- يىلىدىكى تىئەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستلىرىنى پۇشايمان قىلىدۇ، دېموكراتىيەلىشىدۇ دەپ قاراپ، خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىگە قارىتا يولغا قويۇلغان ئىمبارگونى بىر يىلدىن كېيىن يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ئەمەلدىن قالدۇردى. ئىمبارگونى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ئوڭشىۋېلىشىغا تازا ياخشى پۇرسەت بولدى.

بىلل كلىنتون ھاكىمىيىتىمۇ كوممۇنىستلارغا قارشى مەيداندا تونۇلغانلاردىن بىرى بولسىمۇ ئەكسىنچە، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى، 10 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 9 ھەسسىدىن كۆپ ئېشىپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى ئەقتىسادىي كۈچكە ئايلاندى.

يۇقارقى ئەھۋالدا خىتاي كوممۇنىستلىرى ئامېرىكا ۋە غەرپنى ئالدىدى، ياكى ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرى خىتاي دۆلىتىگە قارىتا يەكۈن چىقىرىشتا خاتالاشتى.
سەگەك ئادەملەر دۇنيادا يەنىلا مەۋجۇت. بىر تۈركۈم سىياسىيون، خىتايشۇناسلار كېيىنكى ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شۇم نىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا تىرىشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەشھۇرلىرىدىن پىللسبۇري ئەپەندى مەخسۇس كىتاپ يېزىپ، ئامېرىكا سىياسى سەھنىسىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇردى. ئارقىدىن خىتاي مىللىتىدىن بولغان يۇ مائۇچۇن ئارقىلىق، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى تېخىمۇ چوڭقۇر ئاشكارىلاندى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى بۇزۇپ، دۇنياغا خوجا بۇلۇشتىكى شۇم نىيىتىنى ئەڭ بۇرۇن چۈشەن´گەن دونالد تۇرامپ ھۆكۈمىتى بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئەمېرىكىنىڭ خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىگە قاراتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرى توغرا يۆلۈنۈشكە قاراپ يۈزلۈنىشكە باشلىدى.

تۆۋەندە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا، غەرپ ئەللىرىگە قارىتا چىقارغان يەكۈنى توغرىسىدا قىسقىچە توختۇلايلى.
خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى، ئەڭ دەسلەپتە ماركسىزىم نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلدى. ماركسىزىم نەزەرىيىسى بويىچە  «كاپىتالىزىم ئەڭ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ، سوتسىيالىزىم ياكى كوممۇنىزىم ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىدۇ» دىگەندىن ئىبارەت نەزىرىيەگە تاياندى. مانا بۇ قاراش، ئىدولوگىيە كېيىنكى يەكۈننىڭ خاتا چىقىرىلىشىغا سەۋەپ بولدى. لېنىن بۇ خىل قاراشنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەپ“ كاپىتالىزىم تەرەققىي قىلىپ جاھان´گىرلىككە يۈزلىنىدۇ، جاھان´گىرلار ئۆز- ئارا ئۇرۇشۇپ ئاخىرى بىر- بىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ئاخىرىدا بىز ئۇلارنى تازىلاپ، يۈكسەك كوممۇنىزىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز“ دىگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. نەتىجىدە خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ نەزەرىيەگە خېلى ۋاقىتقىچە چوقۇنۇپ كەلگەن ۋە ئاز دىگەندىمۇ 30 يىل ئەتراپىدا بۇ نەزەرىيەنى ئاساس قىلغان.

1980 – يىللارغا كەلگەندە، خىتاي كوممۇنىستلىرى كاپىتالىزىمنىڭ ھاياتى كۈچىنى تونۇشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىدە، ھەر ساھەدىكى تەرەققىيات بىخ ئۇرۇشقا باشلىدى. ئەقتىسادىي كۈچەيگەن خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى، «كاپىتالىستلار ئېقتىسات ئالدىدا بىزگە باش ئېگىدۇ، بىز ئۇلارغا پايدا بېرىپ ئۆزىمىزگە بويسۇندۇرىمىز» دىگەن قاراش بىلەن بارلىق ۋاستىلەرنى قوللۇنىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگىچە سېڭىپ كىرىشكە باشلىدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ خىل ۋاستىلەر بىلەن بەلگۈلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەندىن كېيىن «غەرپ زوۋاللىققا يۈزلەندى، شەرق باش كۆتەردى» دىگەننى دۇنياغا جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا چىقىش پەيتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىشتەك خاتا يەكۈننى چىقاردى.
2008 – يىلىدىكى ئامەرىكا ئەقتىسادىي كىرىزىسىنى، خىتاي كوممۇنىستلىرى «كاپىتالىزىم ئاخىرى ۋەيران بولۇشىنىڭ ئىسپاتى» دەپ قارىدى.

2019 – يىلىنىڭ ئاخىرى پەيدا بولغان كورونا ۋىروسى سەۋەپلىك، ئامېرىكىدا ئېقتىساد ئەغىر دەرىجىدە چېكىنىش ۋە تۇرلۇك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققاندا، خىتاي كوممۇنىستلىرى «ئامېرىكا ئەمدى تۈگەشتى» دىگەن خاتا يەكۈننى چىقاردى.
ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندە خىتاي كوممۇنىستلىرى، «ئامېرىكا ئافغانىستا ھالىدىن كەتتى، شۇڭا ئالدى- كەينىگە قارىماي قۇيرۇقىنى تىكىۋەتتى، جو بايدەن ئېقتىدارسىز، كاپىزالىزىم ئاخىرقى ھىساپتا ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولىدۇ» دىگەن خاتا يەكۈننى چىقاردى.

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى، ئامېرىكىنى يوقۇتۇپ ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىش. ھەرگىزمۇ دۇنيانىڭ ئورتاق تېنچلىقى، ئورتاق تەرەقىيات تەرتىپى بويىچە، بىرگە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئەمەس. ئەكسىنچە ئامېرىكا، خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنى يوقۇتۇشنى ئويلۇغىنى يوق پەقەت دۇنيانىڭ دېموكراتىك تەرتىپىگە رىئايە قىلىشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خاتا يەكۈن چىقىرىپ، بىھۇدە تالاپەت ئۈچۈن سەۋەپ بولۇپ قاماسلىقى توغرىسىدا خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنى ئىزچىل تۈردە ئاغاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

خەلقئارا سىياسەت، دېپلوماتىيەدە خاتا يەكۈن چىقىرىشتىن ساقلىنىش ئاسان ئەمەس. شۇڭا ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرىشىمىز كېرەك. قارار چىقىرىش، سىياسەت بەلگۈلەشتە ئوخشاش بولمىغان پىكىر – تەكلىپلەرگە سەل قارىماسلىق، ئۇنىڭ ماھىيىتىگە چوڭقۇر يېتىش كەرەك. ئوخشىمىغان تەكلىپ – پىكىرلەردە، بەزىدە بىز سەل قارىغان، دىققەت قىلمىغان نۇقتىلار گەۋدىلەن´گەن بولىدۇ.
ئامېرىكا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئامېرىكىنى يوقۇتۇش، مەۋجۇت دېموكراتىك تەرتىپنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ دىكتاتور تۈزۈمىنى دەسسىتىشتىن ئىبەرەت شۇم نىيىتىگە قارىتا، ھەقىقى تۈردە توغرا يەكۈن چىقارمىغان ئەھۋالدا، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئامېرىكا ئۈچۈن، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ مۆلچەرلىگۈسىز بالايى- ئاپەت بولىدۇ.

خاتا يەكۈننىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئاساسەن تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن ئىبارەت:
1. قارشى تەرەپنىڭ مەقسىدىنى ماھىيەت جەھەتتىن چۈشەنمەسلىك
2. ئاخباراتنىڭ توغرا بولماسلىقى
3. ئىدولوگىيە ۋە ناتوغرا پىكىرنىڭ يىتەكچىلىكى
4. بىر سەپتىكىلەرنىڭ ئۆز- ئارا سەمىمىيەتلىزلىكى
5. مەن (بىز) مەركەز تەپەككۈرى
6. تەۋەككۈلچىلىك، قاراملىق

ئامېرىكا ۋە غەرپ ئەللىرى «ئاسىيادىكى كېسەل كۆرپىسى» نى ئەن´ئەنىۋى دېموكراتىيەلىشىش نەزىرىيەسىگە تايىنىپ خاتا يەكۈن چىقىرىپ، ئاسىيادىكى «كېسەل كۆرپىسى» نى ئۆزلىرىگە خىرىس، دۇنيا تەرتىپىنى بۇزىدىغان بۇزغۇنچى، دۇنياغا بالايى – ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان، زور كۈچ قىلىپ يېتىشتۈردى. ئامېرىكا يىتەكچىلىكىدىكى غەرپ ئەللىرى، ئاسىيادىكى «كېسەل كۆرپىسى» پەيدا قىلىۋاتقان خىرىس ۋە ئاپەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە.

نۆۋەتتە بىز ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئۆزگۈرۈشچان دۇنيا ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىمىز. قىلىدىغان ھەر- بىر ئىشىمىزدا، چىقىرىدىغان يەكۈنىمىز توغرا بولۇشى كەرەك. ھىسسىياتقا بېرىلمەسلىكىمىز، تارىختا ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلەرنىڭ ئەمدى تەكرارلىنىشىغا يول قويماسلىقىمىز، بىزگە پايدىلىق بولغان خەلقئارا ۋەزىيەت، پۇرسەتلەرنى قاچۇرۇپ قويماسلىقىمىز، ھەر ۋاقىت سەگەك تۈرۈشىمىز لازىم.

25- ئوكتەبىر، گىرمانىيە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top