كۈت مېنى – تېيىپجان ئېلىيېۋ
تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
كۈت مېنى
تېيىپجان ئېلىيېۋ
*
ئەي، مېنىڭ جانانە يارىم، كۈت مېنى،
ئامرىقىم كۆزى خۇمارىم، كۈت مېنى،
يوللىرىمغا ئىنتىزارىم، كۈت مېنى،
ساڭا يەتمەكتۇر قارارىم، كۈت مېنى.
*
ئاسمىنىڭدا ئوينىسىمۇ شۇم بۇلۇت،
باغلىرىڭدا قۇترىسىمۇ ۋەھشىي جۇت،
ئۆپچۆرەڭدە كۆيسىمۇ دەھشەتلىك ئوت،
قورقمىغىن ھەرگىز نىگارىم، كۈت مېنى.
*
چىن يۈرەكتىن چىقتى ئۈشبۇ يازغىنىم،
يوق مېنىڭ ھەرگىز يولۇمدىن ئازغىنىم،
ئۇنتۇما پەرھات بولۇپ تاغ قازغىنىم،
ھېلىمۇ بار شۇ مادارىم، كۈت مېنى.
*
ھىلىگەرلەر ئاشكۆكىنى سەپسىمۇ،
ياسىمىن جادۇ كەبى گەپ تاپسىمۇ،
«ئاشىغىڭ يوق ئەمدى» دەپ پال ئاچسىمۇ،
ھېچ گۇمانسىزدۇر بارارىم، كۈت مېنى.
*
خام سانايدۇ شۇم رەقىپ چۆچۆرىنى،
ئەسلىتەر قورشاۋدا قالغان بۆرىنى،
سەنمۇ كۆرگەنسەن شۇ تامدەك تۇرقىنى،
گۆرىمۇ تەييار ئۇلارنىڭ، كۈت مېنى.
*
مەن تەرەپكە قارىغىن چولپانغا باق،
كۈنچىقىش ياقتىن ئاقارمىش تاڭغا باق،
شۇم رەقىبلەر چۆچۈگەن چۇقانغا باق،
يالتىرايدۇ زۇلپىقارىم، كۈت مېنى.
*
مەن بارارمەن پات يېقىندا يول ئېلىپ،
ئەلگە تونۇش غەلبە سازىنى چېلىپ،
چىقىسەن ئالدىمغا سەنمۇ قول سېلىپ،
توي قىلار ھېيتگاھ بازارىم، كۈت مېنى.
*
شۇندا باغرىمغا سېنى چىڭ تاڭمىسام،
شۇم رەقىبتىن ئىنتىقاملار ئالمىسام،
ئىككى يۈزلۈكلەرنى داغدا قويمىسام،
چىقمىغاي زادى خۇمارىم، كۈت مېنى.
1948-يىل، دېكابىر، غۇلجا