2013 تۈركىيەدىكى ئوقۇشقا تېزىملىتىدىغانلارنىڭ سەمىگە + سىن
تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا تىگىشلىك مۇھىم نوقتىلار
(كۆكلەم تورىمىزدىكى @ھاجىم قېرىندىشىمىز ھازىرلىغان ئوقۇش مۇكاپاتىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ سىنلىق تەپسىلى جەريانى YOUKU تورىغا يوللاندى، كۆرۈپ چىقىپ ئاندىن تىزىملاتقايسىز)
http://v.youku.com/v_show/id_XNTI0ODM4MDA0.html
http://www.youtube.com/watch?v=eqfz2K-QpcY&feature=youtu.be
2012-يىلى تۈركىيەدە باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيادىن 40 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلدى ۋە 4 مىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىندى. 2013-يىلى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن. ئەمما قۇبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇچى سانى يەنىلا 4000 – 4500 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. مەيلى قايسى دۆلەتتىن قانچە كۆپ كىشى ئىلتىماس قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەرقايسى قىتئەلەردىكى دۆلەتلەر بويىچە باھالاش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، مەلۇم بىر دۆلەتكە مۇقىم قىلىپ ئايرىپ بېرىلگەن سان يوق. كىمنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا قايىل قىلارلىق نەتىجە ئالالسا، بۇ ئوقۇشنى شۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇكى، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن ۋە رەھىمسىز، ئەمما تاللاش ئادىل.
توردىن تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتىلار:
تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى نامزاتلىرىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىلارغا ئەھمىيەت بەرگەندە، تاللاشتا غەلبە قىلىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولىشى مۇمكىن.
1. تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى تورىنى ۋە تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى بەلگىلىمىسىنى تەپىسىلى كۆرۈپ ئوقۇپ چىقىڭ. تۈركىيەدە ئوقۇش ئىلتىماس تور بېتى http://www.trscholarships.org تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە بولغاچقا، ئىلتىماس جەدىۋېلىنى توغرا ۋە تولۇق تولدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئىككى تىلدىن بىرىنى ياخشى بىلىشىڭىز كىرەك. ئەگەر ئىنگلىزچە ياكى تۈركچە بىلمىسىڭىز، بۇ تىللاردىن بىرىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىرسىدىن (ماگىستىرلىق ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان كىشىدىن) ياردەم تەلەپ قىلىسىڭىز بولىدۇ.
2. ئىلتىماستا تەلەپ قىلغان پۈتۈن ماتىرىياللارنى رەڭلىك سىكەن (ساۋمىياۋ) قىلىۋېلىپ، بارماق دىسكىڭىزغا رەسىم (JPEG) شەكلىدە قاچىلىۋېلىڭ.
3. http://www.trscholarships.org تورىدىكى ئىلتىماس قەدەم باسقۇچلىرىنى ئەستايىدىل تولدۇرۇڭ. تەلەپ قىلغان پۈتۈن ماتىرىياللارنى تورغا يۈكلەپ، پۈتۈن باسقۇچلارنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن، باشتىن ئاخىرى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، كەم ياكى خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ، ئەمدى بولدى دىگەندە، ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى تەستىقلاشنى تاماملىسىڭىز بولىدۇ.
4. مەكتەپ تاللاشتا، ئوقۇش ئەھۋالىڭىز ئالاھىدە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، پۈتۈن مەكتەپلەرنى ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئىزمىر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىن تاللىماڭ. سىز تاللايدىغان 12 مەكتەپنى تاللىغاندا، ئىستانبۇلدىن 1 ياكى 2 نى ، ئەنقەرەدىن 1 ياكى 2 نى ۋە ئىزمىردىن 1 ياكى 2 مەكتەپ تاللاپ، قالغان 6 ياكى 6 دىن كۆپ مەكتەپنى بۇ ئۈچ چوڭ شەھەردىنى باشقا شەھەرلەردىن تاللاڭ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز 12 ئارزۇغا 12 مەكتەپنى تولۇق تولدۇرۇشىڭىز كىرەك.
5. كەسىپ تاللاشتا، ياخشى ئويلىنىپ ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان، ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان كەسپنى ۋە شۇنىڭغا يېقىن كىلىدىغان كەسپلەرنىلا تاللاڭ. مەسىلەن: ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇيمەن دەپ، بىر مەكتەپتىن ئەدەبىيات، بىر مەكتەپتىن تارىخ، بىر مەكتەپتىن ئىقتىساد، بىر مەكتەپتىن خەلقئارا مۇناسىۋەت، بىر مەكتەپتىن خەلقئارا سودا ۋە يەنە بىر مەكتەپتىن ئىقتىساد دىگەندەك كەسپلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللىۋالماڭ. تەبىئى پەندە ئوقۇيمەن دەپ، بىر مەكتەپتىن فىزىكا، بىر مەكتەپتىن خېمىيە، بىر مەكتەپتىن ماتىماتىكا، بىر مەكتەپتىن كومپىيوتېر، بىر مەكتەپتىن ماشىنسازلىق ۋە يەنە بىر مەكتەپتىن بىئولوگىيە دىگەندەك كەسپلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللىۋالماڭ. ماتىرىيالىڭىزنى كۆرۈپ سىزنى تاللايدىغان كىشى سىزنى ئېنىق بىر نىشانى يوق، كەسىپ ئەھلى بولۇشقا لاياقەتسىز بىر ئوقۇغۇچى ئىكەن دەپ شاللىۋىتىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولۇپ، رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويىسىز. شۇڭا سىز تاللىماقچى بولغان 12 مەكتەپتىن ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان كەسپنى ۋە شۇنىڭغا يېقىن كىلىدىغان كەسپلەرنىلا تاللاڭ.
6. مەكتەپ تاللاشتا، 12 مەكتەپ تەرتىپىنى ھەگىزمۇ داڭلىقلىق دەرىجىسى بىلەن تىزماڭ، بەلكى سىزگە ماس كىلدىغان تەرتىپتە بولسۇن. مەسلەن: ھىچقانداق ئىنگلىزچە نەتىجىڭىز يۇق ۋە ئۇتتۇرىچە نەتىجىڭىز 60 ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىۋالماڭ.
7. كەسىپ تاللاشتا، تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشىدا قايسى كەسىپنى ئوقۇغان بولسىڭىز، ئۆرلەپ ئوقۇشتىمۇ شۇ كەسپىنى ۋە يېقىن كىلىدىغان كەسىپنى تاللاڭ. ئەگەر سىزنىڭ بۇرۇنقى كەسپىڭىز بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولغان كەسىپىڭىز بىر بىرى بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋىتى بولمىسا، تاللىنىش پۇرسىتىڭىز يەنە تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. تاللاشتىن غەلبىلىك ئۆتسىڭىزمۇ، تۈركىيەگە ئوقۇشقا بارغاندىن كېيىن، مەكتەپلەر سىزدىن كەسپى تەييارلىق ئېلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىپ، تولۇق كۇرستىكى كەسپى دەرسلەردىن 8 دىن 10 غىچە دەرسنى بىر يىلدا تولۇق غەلبىلىك پۈتتۈرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر كەسپى تەييارلىقتا بىر پەندىن ئۆتەلمىسىڭىز، سىزگە ئۇيغۇركەن دەپ ئىتىبار بېرىشتە يوق، ئەكىسچە، تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قىلچە رەھىم قىلىنماي مەكتەپتىن ھەيدىلىسىز، ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە مەكتەپمۇ يوق بولىدۇ. تۈركىيەدىن قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىسىز.
8. كەسىپ تاللاشتا، ئىنگلىزچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان كەسپلەرنى تاللاش ئۈچۈن، ئەگەر سىزنىڭ ئىنگلىزچە TOEFL / IELTS ۋە GRE قاتارلىق ئىمتىھانلاردىن ئومۇمى نۇمۇر ۋە يەككە تۈرلەردىكى نومۇرىڭىز مەكتەپلەرنىڭ سىز تاللىماقچى بولغان كەسپكە قويغان ئۆلچىمىگە چۈشسە، ئاندىن ئىنگلىزچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ئوخشاش كەسىپ ئۈچۈن 2 ياكى 3 مەكتەپنى تاللىسڭىز بولىدۇ. قالغانلىرىنى تۈركچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسپ ۋە مەكتەپلەرنى تاللىسىڭىز تاللىنىش پۇرسىتىڭىز يوقىرى بولىدۇ. بىلىشىڭىز كىرەككى، تۈركىيە سىزنىڭ تۈركىيەدە كەسىپلەرنى ئىنگلىزچە ئەمەس، بەلكى تۈركچە ئوقۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ.
9. جەدىۋەل تولدۇرغاندا يۇلتۇز بەلگىسى(*) قۇيۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇلدۇرغاندىن سىرت، بەلگە قويۇلمىغانلارنىمۇ چوقۇم تولدۇرۇڭ ۋە تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنىڭمۇ بەلگە قويۇلسۇن ياكى قويۇلمىسۇن ھەممىنى يوللاڭ، ئامال بار بوش يەر قالمسۇن.
10. قىزىقىمەن دەپلا كەسپىڭىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان كەسىپنى تاللىۋالماڭ، پەۋقۇلاددە قابىليىتىڭىز بولۇپ، تاللىغۇچىنى قايىل قىلالمىسىڭىز تاللىنالمايسىز. ئۆتكەن يىل تەبىئىي پەندە ئوقۇپ دىنشۇناسلىق(ئىلاھىيەت) كەسپىنى تاللىۋېلىپ، قوبۇل قىلىنمىغانلار خېلىلا كۆپ.
11. توردىن ئىلىتىماس جەدىۋېلىنى تولدۇرغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ نىمە ئۈچۈن تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيىڭىز بارلىقىنى يازىدىغان قىسمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىمۇ مۇشۇ قىسىمغا يازغان مەزمۇننى چۆرىدىگەن ئاساستا بايان قىلىڭ.
12. ئوقۇش مۇكاپات تۈرىدىن قانچە تۈرنى تاللاش ئىمكانىڭىز بولسا ۋە ئوقۇش ئەھۋالىڭىز ماس كەلسىلا ھەممىنى تاللاڭ.
13. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىشتا، تۈركىيە تەرەپ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، غايىلىك، مىللەتپەرۋەر ۋە ئاڭ سەۋىيەلىك بولىشىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.
تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتى يۈزتۇرانە ئىمتىھانىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتىلار:
تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى نامزاتلىرىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىلارغا ئەھمىيەت بەرگەندە، تاللاشتا غەلبە قىلىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولىشى مۇمكىن.
1. سىز توردىن تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماسىڭىزنى غەلبىلىك تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، 2-3 كۈندە بىر ئېلخەت ئادىرىسىڭىزغا قاراپ تۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ. ئوقۇش ئەھۋالىڭىز ياخشى بۇلۇپ، ئىلتىماسنى ئەستايىدىل ۋە تەلەپكە لايىق تولدۇرغان بولسىڭىز، سىز بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا چاقىرىلىسىز. يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى نورمالدا ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن 4- ياكى 5-ئايلاردا، باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن 6- ياكى 7-ئايلاردا بولىدۇ.
2. يۈز تۇرانە ئىمتىھان خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى تىلنىڭ بىرىدە ئۆزىڭىزنى ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان ۋە سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلەيدىغان بولىشىڭىز كىرەك. ئەگەر ئىنگلىزچە بىلسىڭىز، يۈز تۇرانە ئىمتىھاننىڭ ئاخىرقى بىر قانچە مىنۇتلىرىدا ئۆزىڭىزنىڭ ئىنگلىزچە بىلىدىغانلىقىڭىزنىمۇ كۆرسىتىپ قويۇشىڭىز سىزگە پايدىلىق.
3. نىمە ئۈچۈن تۈركىيەدە ئوقۇيسىز؟ دىگەن سۇئالغا، مەن تۈركىيەگە قىزىقىمەن، ئۇيغۇرلارمۇ تۈرك ئىرقىدىن دەپلا جاۋاپ بەرمەي، ئوقۇش ھاياتىمدا ئوخشىمىغان مۇھىتتا ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ياشاپ، ئوخشىمىغان ئىنسانلارنى ۋە دۆلەتلەرنى چۈشىنىپ بېقىش ئارزۇيۇم بار. مەن ئوقۇشتىن سىرت ھەرخىل ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشاپ، دۇنيا كۆز قارىشىمىنى ۋە ھايات تەجرىبىلىرىمنى بېيىتقۇم بار… دىگەندەك جاۋابلارنى بەرسىڭىز ياخشى بولىشى مۇمكىن.
4. يۈز تۇرانە ئمتىھاندا، ھىچ بولمىغاندا ئەڭ باشتا 2-3 ئېغىز تۈركچە سالاملىشىڭ ۋە بۇلارنى بۇ تىلغا قىززىققانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۆگەنگەنلىگىڭىزنى دەڭ، ئاندىن خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچىنىڭ قايسىسىدا ئۆزىڭىزنى ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلىسىڭىز، شۇ تىلدا سۆزلەڭ. چۇنكى سىز بىلەن كۆرەشكۈچىمۇ سىز بىلەن مۇشۇ تىللاردا ئەڭ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ، ھەر قانچە قابىليىتىڭىز بولسمۇ ئۇلار كۆرمسە بىكار.
5. تۈركىيەدە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يۇرتىڭىزغا قايتىش ياكى قايتماسلىق ھەققىدىكى سۇئالغا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈمەن دەپ جاۋاپ بېرىڭ. كەلگۈسىدە، جوڭگۇ-تۈركىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە قايسى خىل تۈردە نىمە قىلىپ بىرەلەيدىغانلىقىڭزنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈڭ.
6. ئىلتىماس جەدىۋېلىدە نېمىنى يازغان بولسىڭىز ۋە قانداق ماتېرىيال يۈكلىگەن بولسىڭىز، يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا ھەممە ئسپاتلارنى تولۇق ئېلىپ بېرىڭ، يالغانچىلق قىلماڭ.
7. يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرگەندە، كىيىملىرىڭىز ئاددى ۋە رەتلىك، ئۈستى بېشىڭىز پاكىز ۋە چاچ ساقاللىرىڭىز تاراقلىق بولسۇن. ئامال بار يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا غەربچە غەيرى كىيىملەرنى كىيىپ كىرمەڭ. ئەگەر ئىمكانىڭىز يار بەرسە، ئوغۇل بولسىڭىز دوپپا ۋە كانۋاي كۆينەك، قىز بولسىڭىز دوپپا ۋە ئۇزۇن قوللۇق ئەتلەس كۆينەك كېيىپ كىرىپ، ئۆز مىللىتىڭىزنى سۆيىدىغان، ئۇلۇغۋار نىشانلارنى قەلبىڭىزگە پۈككەن تىرىشچان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەڭ.
تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قوللانمىسىنى (ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە) تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاخىرىدا، تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان بارلىق سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىلىرىغا غەلبە، ئەزىز تەنلىرىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
ھۆرمەت بىلەن:- تەۋپىق ئۇيغۇر
تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قوللانمىسى.
تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قوللانمىسى.pdf
ئابدۇمەجىد
56تورىدىكى فىلىمنى ۋاقتىنچە كۆرگىلى بولمايدىكەن…
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ئەمدى، يۇۋكۇ تورىغا يوللىنىپتۇ. http://v.youku.com/v_show/id_XNTI0ODM4MDA0.html
يۇتىيۇپقىمۇ يوللاپتۇ مانا. http://www.youtube.com/watch?v=eqfz2K-QpcY&feature=youtu.be
jackie Chan
ئىنتايىن ياخشى خەۋەر بوپتۇ.
سالامەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن ئىلتىماس قىلغاندا رەسىمنى قانداق يوللاشنى بىلمىدىم.
ئىرادە
كمەن ئىلتىماس قىلغاندا ،تولوق ئوتتورا نەتىجەمنى يازىدىغان كۆزنەكنى بىر يەرنى بېسىپ ئىتىپ قويۇپ ،ئەمدى تاپالمىدىم ،ياردەم قلغان بولساڭلار ،قانداق قىلىمەن
زەرەھمەت!