You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » جاڭ جىجۇڭ: شىنجاڭ مەسىلەسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈچ لايىھە

جاڭ جىجۇڭ: شىنجاڭ مەسىلەسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈچ لايىھە

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما 1948-يىلى 30-ئۆكتەبىر كۈنى جاڭ جىجۇڭ تەرىپىدىن جىياڭ جېشىغا يوللانغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتتىن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. دوكلات تەييارلانغان مەزگىل 11 بىتىم بۇزۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كادىرلىرى ئىلىغا قايتقاندىن بىر يىل كېيىن تەييارلانغان. بۇ بىر يىل جەريانىدا گومىنداڭ تەرەپ بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كېيىنكى قەدەملەرنى قانداق ئېلىش ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزىلەردە بولغان ۋە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئالغان ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا جاڭ جىجۇڭ گومىنداڭنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئىجرائاتلىرى ھەققىدە جياڭ جېشىغا ئۈچ خىل سېنارىيەنى سۇنىدۇ ۋە ھەر بىر سېنارىيەنىڭ پايدا-زىيانلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. تارىخىي رېئاللىق جىياڭ جېشىنىڭ مەزكۇر دوكلاتتىكى ئۈچىنچى لايىھەنى ئىجرا قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

جاڭ جىجۇڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنىڭ تۈپتىن ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىدىن بىرىنى خىتاي ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش ۋە سىياسىي ھوقۇقنى يەرلىك خەلققە تاپشۇرۇش ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. دوكلاتتىكى تەھلىللەر ئەينى چاغدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە نىسبەتەن ئىشلەتكەن ھىيلە – مىكىرلىرى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى تەقدىم قىلىدۇ. ھازىر تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان مەزكۇر دوكلات ئەسلى مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، 2016-يىلى 7-نويابىر كۈنى مەخپىيەتلىكى قالدۇرۇلغان. 


نۆۋەتتىكى شىنجاڭ مەسىلەسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە پىكىر

جاڭ جىجۇڭ

جاڭ جىجۇڭ 1947-يىلى مايدا قەشقەردە تۇرۇشلۇق گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا سۆز قىلماقتا

پېقىر ھازىرقى ۋەزىيەتنى دەڭسەپ كۆرۈپ، ئەتراپلىق ھالدا قايتا-قايتا ئويلىنىپ، شىنجاڭ مەسىلەسىنى تۈپتىن ھەل قىلىمىز دەيدىكەنمىز ئىككى تۈرلۈك رادىكال يول تۇتىشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇلاردىن بىرى، قورال كۈچى ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەتنى قايتۇرۇپ ئېلىش، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يۈز تۇرانە توقۇنۇشۇش بولۇپ، بۇ پىلانىمىزنىڭ سىرتىدىكى بىر يول. يەنە بىرى بولسا، شىنجاڭ ئۆلكەسىگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، دۆلەت ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ، مەركەز شىنجاڭ ئۆلكەسىنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا چات كېرىۋالماسلىق ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ئۆزلىرى قارار بېرىش. لېكىن بۇ ئىككى خىل تەدبىرنىڭ ھەر ئىككىسى ھازىرقى دۆلەت سىياسىتىگە زىت بولۇپ، دۆلەتكە كۆپ زىيىنى باركى ھېچ پايدىسى يوق. شۇڭا نۆۋەتتە شىنجاڭ مەسىلەسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تۈپتىن ھەل قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى يوق. پېقىر پايدا-زىياننى دەڭسەپ كۆرۈپ، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل لايىھەنى تۈزۈپ چىقتىم ۋە قوللىنىشلىرىغا سۇنماقچىمەن:

بىرىنچى لايىھە

1- مۇھىم نۇقتىلار:

 يەتتە ۋىلايەتنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش، ئىلى تەرەپ بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە مۇرەسسە قىلىشقا تەييارلانماسلىق، تېنچ ئولتۇرۇپ خەلقئارا ۋە مەملىكەت ۋەزىيەتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈزىتىپ ئاندىن ئىش كۆرۈش. 

2- مەزكۇر لايىھەنىڭ پايدا-زىيان سېلىشتۇرمىسى:

پايدىلىق تەرەپلەر: 

1. ھازىرقى ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، يەتتە ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋاقتلىق بولسىمۇ تېنچ مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، داۋالغۇش بولىدىغان دەرىجەگە يېتىپ بارمايدۇ. 

2. جاي جايلاردىكى دۆلەتكە سادىق زاتلار گەرچە تار مىللەتچىلەرنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىسىمۇ، لېكىن مەركەز ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچى بىلەن ئۇلارغا يەنىلا يېتەرلىك مەدەت بېرەلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ داۋاملىق بىز بىلەن ھەمكارلىق قىلىشىنى ساقلىغىلى بولىدۇ، ئېغىپ كېتىدىغان دەرىجىگە يېتىپ بارمايدۇ. 

3. خەلق گەرچە ھازىرقى ۋەزىيەتتىن مەمنۇن بولۇپ كەتمىسىمۇ، لېكىن مەركەز يەنىلا يېتەرلىك كونترول كۈچىگە ئىگە، جاي جايلاردا يەنىلا مەلۇم دەرىجەدە تېنچ ۋەزىيەتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. 

زىيانلىق تەرەپلەر:

1. قارشى تەرەپ بىزنى ھازىرقى ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشقا بەل باغلاپتۇ دەپ قاراپ، مۇرەسسە قىلىشقا ھېچقانداق يول قالمىدى دەپ ئويلاپ، ئالدىدىكى توسۇقلارنى تازىلاش ئۈچۈن يەتتە ۋىلايەتتە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. 

2. ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئالاھىدەلىشىشى كۈنساناپ كۈچىيىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوۋېت تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قۇيۇقلىشىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇستەقىل ھاكىمىيەت تىكلەپ بىز بىلەن قارشىلىشىشى مۇمكىن بولۇپ، كەلگۈسىدە ئۈچ ۋىلايەت مەسىلەسىنى ھەل قىلىشتا ئۈمىد قامايدۇ. 

3. ئۆز ئىچىمىزدىكى تار مىللەتچىلىك ھەرىكىتى، يەنى ئايرىلىش ھەرىكىتى بارغانسېرى باش كۆتۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئارا ۋە مىللەتلەر ئۆز ئىچىدىكى  زىدىيەتلەرنى يەنىلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، قارشى تەرەپنىڭ بۆلگۈنچىلىك سېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. 

4. ئەگەر ھازىر مەركەز يەنىلا شىنجاڭ ئۆلكەسىگە يېتەرلىك ياردەم ۋە مەدەت بېرەلمىسە، خەلقنىڭ دۆلەت بىلەن بولغان مۇھتاجلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقىلى بولمايدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن ئىچكى مايىللىقىغا تەسىر يېتىپ، كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىدۇ. 

ئىككىنچى لايىھە

1- مۇھىم نۇقتىلار:

ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە تەييارلىق قىلىش ۋە ئاۋۋال سوۋېت تەرەپ كېلىشتۈرگۈچى بولۇپ، ئىلى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق شەرتلىرىنى سۆزلىشىش، ئەگەر ئىلى تەرەپ ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئالاھىدە ھالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا،  بىز تەرەپ سايلام يولى ئارقىلىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى قايتا تەشكىللەشكە ماقۇل بولۇش. 

2- مەزكۇر لايىھەنىڭ پايدا-زىيان سېلىشتۇرمىسى:

پايدىلىق تەرەپلەر: 

1. شىنجاڭ ئۆلكەسىنىڭ چەت مەملىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۈپتىن تەڭشىلىشى مۇمكىن. گەرچە بىز تەرەپ سىياسىي جەھەتتىن بىر قاتار يول قويساقمۇ، لېكىن زىمىن پۈتۈنلىكىمىزنى قوغداش پىرىنسىپىنى ساقلاپ قالالايمىز، بۇزۇلۇپ كەتكىدەك دەرىجىگە يېتىپ بارمايدۇ. 

 2. ھېچ بولمىسا ئۈچ ۋىلايەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، نامدا بولسىمۇ شىنجاڭ ئۆلكەسىگە تەۋە بولىدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تولۇق ساقلىنىپ قالىدۇ، بىز تەرەپ يەنىلا تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشلىتىپ، سوۋېت تەرەپنى ئۈچ ۋىلايەتنى بۆلۈۋېلىش مەقسىتىگە يەتكۈزمەيمىز. 

3. شىنجاڭ ئۆلكەسىدىكى تېنچ ۋەزىيەت ئۇزۇنراق مەزگىلگىچە ساقلىنىشى مۇمكىن، مەملىكەت ئىچىدە توپىلاڭنى تىنجىتىش مەزگىلىدە مەركەز ئازراق بولسىمۇ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلالايدۇ. 

4. ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئالاھىدە ھالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەقسىتىگە يەتسەك، شىنجاڭنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھالىتى مەيدانغا چىقىدۇ. ئۈچ ۋىلايەتتىكى كۆپچىلىك خەلقنىڭ ئەسلىدە كومۇنىزىمغا مايىللىقى يوق بولۇپ، كەلگۈسىدە دۆلىتىمىز كۈچلەنگەندە، ئىچكىي مايىللىقى چوقۇم كۈنسېرى كۈچىيىدۇ ۋە تاشقىي كۈچلەر تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇلۇپ كېتىلمەيدۇ. 

زىيانلىق تەرەپلەر:

1. بىزگە ئىچكى جەھەتتىكى تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، دۆلەتكە سادىق زاتلارنى پاراكەندە قىلىشى، ئىچكى جەھەتتىن تەۋرىتىپ قويۇشى، ھەتتا جاي جايلاردا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. 

2. يەتتە ۋىلايەتتىكى زاتلار ئىلى تەرەپنى سىياسىي جەھەتتىن ئىككىنچى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى دەپ قاراپ، ھۆكۈمەتكە بولغان مايىللىقىنى يوقىتىپ، ئىلى تەرەپكە ئېغىپ كېتىپ، بىزنى يالغۇز قالدۇرۇشى مۇمكىن. 

3. دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئېغىر زەربە يېيىشى، بۇندىن كېيىن يەرلىكلەردىن تەمىنات تولۇقلاش بۇرۇنقىدەكلا توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكەسىدىكى ئىناۋىتىگە پايدىسىز تەسىرلەر بولۇشى مۇمكىن.

4. ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئالاھىدە ھالىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قېلىشى تەس بولۇپ، ئەگەر سۆھبەت بۇزۇلمىسا، يەنى ھەمكارلىق ئەمەلگە ئاشسا، تېنچلىق بىتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىنلا كەسكىن سىياسىي كۈرەش باسقۇچىغا كىرىپ كېتىمىز. ئەگەر سۆھبەت بۇزۇلسا، ئىلى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز سۆھبەت قىلمىغاندىنمۇ بەكرەك پايدىسىز ھالەتكە چۈشىدۇ. ئىچكى قىسىمدىكى مۇناسىۋىتىمىزگە نىسبەتەن، ئالدى بىلەن يەتتە ۋىلايەت خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىمىز ۋە بۇ تولىمۇ ئەقىلسىزلىق بولىدۇ. ئەگەر سۆھبەت ئارقىلىق مۇرەسسە قىلىشقا ئېرىشەلىسەك، ئەمما يەنىلا ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئالاھىدە ھالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمىساق، بۇ خىل ۋەزىيەت تېنچلىق بىتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىنمۇ بەكرەك ناچار بولىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋالدا بىز ئاممىۋىي ئاساسىمىزنى يوقاتقان بولىمىز ۋە كەلگۈسىدە ئىلى تەرەپ بىلەن كۈچ ئېلىشالمايمىز.

ئۈچىنچى لايىھە

1- مۇھىم نۇقتىلار:

ئىلى تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىك، ئەمما بىز تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى نىسبىي ھالدا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت رەئىسى ۋە باش كاتىپىنى ئالماشتۇرۇپ، كادىرلار سېپىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزەپ، ھازىرقى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھالەتنى ياخشىلاش. بىر ياقتىن ئۈچ ۋىلايەتنى تېنچلىق بىتىمىنى ئەمەلىي ئىجرا قىلماسلىق بىلەن ئەيىپلەش ۋە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئالاھىدە ھالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قىستاش. پەقەت ئىلى تەرەپ يېتەرلىك ۋە كونكېرىت ئەمەللىرىنى كۆرسەتكەن چاغدىلا ئىككى تەرەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆلكە ۋە ناھىيەلىك مەسلىھەت كېڭىشى ئەزالىرى ۋە ناھىيە ھاكىملىرىنى قايتا سايلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆلكەلىك مەسلىھەت كېڭىشى تەشكىللەپ،  ئاساسىي قانۇن ۋە ئۆلكە-ناھىيە مۇختارىيەت ئومۇمىي پىرىنسىپىغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئۆلكەلىك مۇختارىيەت قانۇنىنى بېكىتىپ چىقىش، ئۆلكە رەئىسلىك سايلىمى ئېلىپ بېرىش. بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي تېنچلىقى ۋە بىرلىكىگە ئۇل سېلىش.

پايدىلىق تەرەپلەر: 

1. ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتنى قىسمەن ھالدا ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەندە، سىرت بىلەن مۇناسىۋەتكە نىسبەتەن ئىلى تەرەپنىڭ ئەڭ چىڭ تۇرغان بىر تەلىپىگە جاۋاب بەرگەن بولىمىز ۋە ئۇلارنىڭ باھانەسىنى يوق قىلىمىز. ئىچكى قىسىمدىكى مۇناسىۋەتكە نىسبەتەن، تار مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەپ، مىللەتلەر ئارا زىدىيەتنى يوقىتىپ، ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى چىرىك ۋە ئىقتىدارسىز ھالىتىنى ياخشىلىيالايمىز. شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ مەركەزگە نىسبەتەن يېڭىچە قاراشتا بولىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. 

2. ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت رەئىسلىكىنى داۋام قىلغۇچى نامزاتلار ئىچىدە بورھان (شەھىدى) ئەڭ مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ئۇنى يەنە ناھايىتى ئىقتىدارلىق بىر باش كاتىپ نامزاتىمۇ بولالايدۇ. ئىلى تەرەپ ھەمكارلىق قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن بۇرۇن، بورھاننىڭ مىجەزىدىن قارىغاندا ئۇ يەنىلا بىزنىڭ دائىرىمىزدىكى كىشى. شۇڭا سىياسىي جەھەتتىن كونتروللۇق كۈچىمىزنى يوقىتىپ قويىدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالمايمىز. 

3. ئىلى تەرەپ تېنچلىق بىتىمىنى تولۇق ئىجرا قىلمىغىچە، بىز تەرەپ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز كۈچلىرىنى يەتتە ۋىلايەتكە كىرگۈزۈشكە يول قويمايمىز. بىز يەنىلا يەتتە ۋىلايەتنىڭ ئەمىنلىكىنى ساقلاپ قالالايمىز. ئەگەر ئىلى تەرەپ ھەقىقەتەن ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئالاھىدە ھالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا، ئۈچ ۋىلايەت قىسىملىرى ئېنىقلاش ۋە تەرتىپكە سېلىشنى قۇبۇل قىلسا، بىزنىڭ چېگرا ساقلاش قىسىملىرىمىز ۋە تەمىنات ئەسلىھەىرىمىز ئۈچ ۋىلايەتكە كىرسە، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئۈچ ۋىلايەتتىكى تۈرلۈك ئاپپاراتلىرى نورمال خىزمەت ھالىتىگە قايتسا، بىزنىڭ ئۈچ ۋىلايەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خىزمىتىمىز ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. سىياسىي جەھەتتىن بىز غەلبە قىلغان بولىمىز. پۈتۈن شىنجاڭ خەلقى ئىلى كۈچلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.

4. ئىككى تەرەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا سايلام ئۆتكۈزسە بىز تەرەپ يەنىلا مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلەيمىز. ئىلى تەرەپ خادىملىرى ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتكە قايتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىز تەرەپتىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە سىڭىپ كىرىشكە ئامالسىز قالىدۇ. دېموكراتىك شەكىلدە ئۆلكەلىك مەسلىھەت كېڭىشى ئەزالىرىنى تەقسىم قىلساقمۇ، يەتتە ۋىلايەت ئۈچ ۋىلايەتكە نىسبەتەن يەنىلا ئۈستۈنلۈك ئىگەللەيدۇ. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ ئاز سانلىق كۈچلىرى بىلەن ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلالمايدۇ.

5. ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت قىسمەن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن، ئىلى تەرەپ يەنىلا ئىنكاس بەرمىسە، ئاخىرىدا ۋەزىيەت يەنىلا يەتتە ۋىلايەت بىلەن ئۈچ ۋىلايەت قارشىلىشىپ تۇرىدىغان ھالەتكە قايتىدۇ. بۇ چاغدا بىز يەتتە ۋىلايەتكە قارىتا سىياسىي جەھەتتىكى كونترولنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي تەرتىپكە سالالىساق، سىياسىي ۋەزىيەتتە چوقۇم پۈتۈنلەي باشقىچە ياخشىلىنىش كۆرۈلىدۇ. مەركەزنىڭ يار يۆلىكى ئاستىدا مەدەنىي-ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق ئەھۋال بارا-بارا ياخشىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىچكى جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچىيىشىنىڭ بىزگە ھەقىقەتەنمۇ پايدىسى باركى زىيىنى يوق.

زىيانلىق تەرەپلەر:

1. ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتنى قايتا تەشكىللەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، خەلقتىن بىزنى ئىلى تەرەپ بىلەن مۇرەسسە قىلدى دېگەن گەپلەر چىقىشى ۋە پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. 

2. ئۈچ ۋىلايەت مەسىلەسى بۇ ئارقىلىقلا ھەل بولۇشى ناتايىن. ئۇلار يەنىلا داۋاملىق قارشىلىشى ھالىتىنى ساقلىشى مۇمكىن. بىز تەرەپ ۋاقتنى يەنە سوزىدىغان پۇرسەتكە تەستە ئېرىشسەكمۇ، مەسىلە يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ. 

3. ئىچكى جەھەتتە، بولۇپمۇ تار مىللەتچىلەرنىڭ قارىسى سۈركىلىپ قالغان ياشلار مەسىلەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز. چوقۇم ئۇلارنى قايىل قىلىش ۋە ئىسلاھ قىلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشىمىز، قالايمىقانچىلىق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

خۇلاسە

يۇقىرىقى ئۈچ لايىھەنى قايتا-قايتا تەتقىق قىلغاندا ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە لايىق پايدا-زىيانلىرى بارلىقىنى سېزىمىز. لېكىن بىرىنچى لايىھەگە قارىساق، بىر ياقتىن ئاسانلا ئىلى تەرەپنىڭ تاجاۋۇزچىلىق نىيىتىگە يېشىل چىراق يېقىپ بەرسەك، يەنە بىر ياقتىن مەسئۇد ۋە ئەيسا قاتارلىقلارنىڭ ئايرىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويىمىز. نەتىجىدە ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن چىرىتىلىپ، ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولىمىز. ئىككىنچى لايىھەگە كەلسەك، ئىلى تەرەپ بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، يەتتە ۋىلايەتكە يېڭى قانلارنى يەتكۈزىدۇ. بىز بولساق يا ئالدىغا باسالماي، يا ئارقىغا يانالماي، ئامالسىز قالىمىز. شۇنداق بولغاندا ئۈچىنچى لايىھە بىر قەدەر دۇرۇستەك تۇرىدۇ!   بۇ لايىھەنىڭ تۇتقىسى بىزدە بولۇپ، ھەر بىر قەدىمى ئەمەلىي قەدەم بولۇپ، ناھايىتى قوللىنىشچان. بۇ ئارقىلىق مەركەزنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلىگىلى، يەتتە ۋىلايەتتىكى خەلقنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا تار مىللەتچى كۈچلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەپ، مەلۇم مەزگىللىك تېنچ ۋە ساغلام ۋەزىيەتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. 

بۇ ئىشلار تولىمۇ زور بولغانلىقى ئۈچۈن پىكىرلىرىمنى مەخپىي ھالدا ئۆزلىرىگە سۇندۇم. جياڭ جانابلىرى شىنجاڭ مەسىلەسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە پايدىلانغايلا. ئاشكارىلىنىپ كېتىپ ئويلىمىغان داۋالغۇشلارغا سەۋەب بولمىسۇن ئۈچۈن ۋاقتىنچە باشقىلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرى ئۈچۈن تارقاتماي تۇرغايلا. ئەگەر جياڭ جانابلىرى ئۈچىنچى لايىھەنى بېكىتكەن بولسا، بۇ لايىھەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىجرائاتلار ۋە قەدەم باسقۇچلار، شۇنداقلا كادىرلار مەسىلەسى ھەققىدە تېلىگرامما ئارقىلىق ئالاقە قىلىش ئەپسىز بولغاچقا، باش كاتىپ ليۇۋ مىڭچۈن ۋە شەھەر باشلىقى چۈي ۋۇ قاتارلىقلارغا نەنجىڭگە بېرىپ يۈز تۇرانە دوكلات قىلىشنى ئالاھىدە تاپىلىدىم. ۋاقتىنى مەخپىي تۇتقىنىمىز مۇۋاپىق.

پرېزىدېنت جياڭ (جېشى) جانابلىرىغا

 ھۆرمەت بىلەن جاڭ جىجۇڭ

1948-يىلى 30-ئۆكتەبىر


مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى:

 

 

 

 

 

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top