You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلەم كۈرىشى (2)

قەلەم كۈرىشى (2)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

16– ماي، مەسئۇد ئەپەندى لەنجۇدىن چۇڭچىڭغا يېتىپ كەلدى. مەسئۇد ئەپەندىنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىزلا كېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، يەنىلا مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ۋەتەندىشى بىلەن دىدارلىشىش ۋە ھەمسۆھبەتتە بولۇش ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىمۇ ئىيسا ئەپەندىمدىن ئۇنىڭ كۆپ ياخشى گەپلىرىنى ئاڭلىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە تۈرك مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ يېيىلىشىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقى تېخىمۇ ئاشقان ئىدى. شۇڭا بۇ مۆھتەرەم زات بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىدىن ھاياجان ئىچىدە خۇش بولغان ئىدى.

مەسئۇد ئەپەندى 55 ياشلاردىن ھالقىغان ئېگىز بويلۇق، ئورۇق كەلگەن، ئاق يۈزلۈك، چاچلىرى ئاقارغان، چىرايىدا زۇلمەت باسقان زامانلارنىڭ ئىزنالىرى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىشى ئىدى. ئۇ يىگىرمە ياشلىرىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدىن بىرىنچى بولۇپ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلغا ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر يىگىتى ئىدى. ئۇ ئىستانبۇلغا كېلىپلا تۈرك تىلى ۋە فرانسۇز تىلىنى پىششىق ئۆگەنگەن. ئىستانبۇلدىكى ئون يىللىق ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئۆتكۈرلۈكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن داڭ چىقارغان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىككى كەسىپنى ئوقۇغان.

يەنى، ئۇ بىر چەتتىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي پەن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان بولسا، يەنە بىر چەتتىن، ھەيدەر پاشا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان ئىدى. ئۇ ئوقۇش ھاياتىدا زامانىۋى ئىلىم – پەن ۋە غەربنىڭ ئىلغار داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، يەنە نۇرغۇن سىياسىي ئېقىملار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇ ئېقىملارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان، ئۇلاردىن نۇرغۇن يېڭى پىكىرلەرنى قوبۇل قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا تۈرك مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بۇ ئىدىيەنى ئۆز خەلقىنى ئەركىنلىك، ھۆرلۈككە ئېرىشتۇرۈش يولىنىڭ ئىدېئولوگىيىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان. كېيىن ئۇ ئىستانبۇلدىكى ئون يىللىق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، ئىلغار نەتىجىلەر بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جەننەت ماكان گۈزەل غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن.

ئۇ غۇلجىغا كېلىپلا، ئون يىل جەريانىدا غۇلجا خەلقنىڭ مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن قىلچە ئالدىغا ئىلگىرىلىمەي، ئەكسىچە خېلىلا ئارقىغا چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بەكمۇ مەيۈسلەنگەن. شۇ زامانلاردا شەرقىي تۈركىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان يۈننەنلىك ياڭ زېڭشىن خەلقنى جاھالەت، خۇراپاتلىققا ئۈندەپ، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلىرىمىزنى توختىماي ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن ئانا يۇرتتا مەدەنىيەت زوراۋانلىقىنى يولغا قويغان بولغاچقا، خەلق ئىلغار پىكىرلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئىلىم – پەننى ئۆگىنىش ئىمكانىيەتلىرىدىن تامامەن مەھرۇم قالغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا غۇلجىدا مۇستەبىت ھۆكۈمەت ئۆز مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ ئاچقان ۋە پەقەت خىتايچىلا ئۆگىتىدىغان «شۆتاڭ»دېگەن مەكتەپتىن باشقا پەننىي مەكتەپ يوق بولغاچقا، مەسئۇد ئەپەندى غۇلجىدا جەدىتچىلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىش، بۇ ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر ياشلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ يولغا ئاتلانغان.

ئۇ ئالدى بىلەن «ئالتاي دوختۇرخانىسى» ناملىق غەربچە داۋالاشنى ئاساس قىلغان دوختۇرخانا ئېچىپ، بۇ دوختۇرخانىدا ياش دوختۇرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇ يەنە بۇنىڭ بىلەنلا قانائەت ھاسىل قىلىپ قالماي، ئۆز يېنىدىن ئىقتىساد چىقىرىپ «مەركەز رۇشدى مەكتىپى» ۋە «دۆڭمەھەللە غېنى ئاخۇن مەكتىپى» قاتارلىق مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ياشلارنى ئىلغار پەننىي بىلىملەر بىلەن يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەلىرى بويىچە دەرس تەسىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېڭسىنى ئۆزىنىڭ ئىلغار پىكىرلىرى بىلەن سۇغارغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي مۇستەبىت ھاكىمىيەت ۋە ئۇلارنىڭ چاپارمەنلىرى مەسئۇد ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرىگە يول قويماي، ئۇنى نەچچە قېتىم تۇتۇپ ئەكىتىپ سوراق قىلغان ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا پائالىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەپ، ئۆزىنى تەقىپ ئاستىغا ئالغان.

مەسئۇد ئەپەندى ئۆزىنىڭ غۇلجىدا مىللەت ئۈچۈن ئىش قىلىش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ چاغ، دەل قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان مەزگىللەر بولغاچقا، ئۇ دوستلىرى بىلەن ئاجايىپ ئۈمىدلەرنى قەلبىگە پۈكۈپ قەشقەرگە كەلگەن. بىراق ئۇنىڭ كۈتكەن ئۈمىدلىرى قەلبىدە شۇ پېتى مۇز تۇتۇپ، قېتىپ قالغان. بۇ چاغدا شېڭ شىسەي بىلەن رۇسلار ئۇنى ئەڭ خەتەرلىك ئۇنسۇر دەپ قاراپ، قارا تىزىملىك ئىچىگە كىرگۈزگەن. بولۇپمۇ رۇسلار ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى ۋە تۈرك مىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە ئىگە بىر زات ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك دۈشمىنى دەپ قارىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلىپ، يېڭى بىر ئۈمىد، يېڭى بىر چىقىش يولى ئىزدەپ، ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان. ئۇ ھىندىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي ۋە رۇسلارنىڭ دۈشمىنى بولغان جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنى «دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى، مېنىڭ دوستۇم» دەپ تونۇپ، ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلىغان.

ئۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەقەت قورال كۈچى بىلەنلا ھەل بولىدىغان بىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى، ئۆزى شاھىت بولغان ئىنقىلابلاردا شېھىت بولغان ئون مىڭلىغان ياش يىگىتلەرنىڭ ئاققان قانلىرىنىڭ نەتىجىسىز قالغانلىقى ئارقىلىق تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاقىلانە يول، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش» دېگەن قاراشقا كەلگەن. ئەنە شۇ قاراش بىلەن ئۇ، خىتاينىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ دىئالوگ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىش، ئۆز خەلقىنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىشنىڭ زۆزۈرلۈكىنى ئويلاپ، 1935 – يىلى 8 – يانۋار نەنجىڭغا يېتىپ كەلگەن.

شۇ يىلى 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئېچىلغان جۇڭخۇا مىنگونىڭ 5 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا مەركىزى كومىتېت ئەزاسى، كېيىن دۆلەت پارلامىنتىدىكى 40 ئەزانىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ پارلامىنت ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەلەپ ۋە ئارزۇلىرىنى بىرىنچى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش كۈرىشىگە ئاتلانغان. ياپونلار نەنجىڭنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مەسئۇد ئەپەندى باشقا يۇرتداشلىرى بىلەن بىرگە ۋەتەن تۇپراقلىرىغا يېقىنراق بولغان لەنجۇ شەھىرىگە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان. ئۇ مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىمنىڭ چۇڭچىڭغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، چۇڭچىڭغا ئايروپىلان بىلەن يولغا چىققان ئىدى.

مانا شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە، مەسئۇد ئەپەندى ئالتاي مەجمۇئەسىنىڭ نەشرىيات ئىشخانىسىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى قاراكۆك سارجىدىن تىكىلگەن كاستۇم – بۇرۇلكىسى ئۇرۇق ھەم ئېگىز بويىغا شىپپىدە كەلگەن بولۇپ، ئاق كۆينىكىگە قادىغان قارا گالاستۇكى ئۇنى دۆلەت ئەربابلىرىدەك سالاپەتكە ئىگە قىلىپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. دېمىسىمۇ چۇڭچىڭ كوچىلىرىدا مەسئۇد ئەپەندىدەك كۆز ئۇۋىسى چوڭقۇر، قويۇق قاشلىق، ئاق يۈزلۈك، بۇرۇنلىرى قاڭشارلىق، لەۋلىرى نېپىز، ئەجنەبىيلەردەك كىشىلەر كۆپ ئۇچرىمايتتى. ئۇنىڭ بۇ گۈزەل تۇرقىنىڭ ئۆزىلا ھەرقانداق ئادەمدە ياخشى تەسىر پەيدا قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرلۇق كۆزلىرى ھەرزامان كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ سۆز قىلغاندا ئادەتتىكى كىشىلەر ئىشلەتمەيدىغان ئەدەبىي تىللارنى كۆپ قوللىناتتى، ئەمما يا ئەرەبچە، يا پارسچە سۆزلەرنى ھېچ ئارىلاشتۇرماي، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيتتى ۋە باشقىلارغىمۇ شۇنداق سۆزلەشنى تەۋسىيە قىلاتتى.

مەسئۇد ئەپەندى مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ۋە ئىيسا ئەپەندىلەر بىلەن ھال – ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، بىرەر پىيالىدىن چاي ئىچىشىپ، يەنە دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ جىددىي ئىشلىرى ئۈستىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. بۈگۈن ئۈچ ئەپەندى ۋاقىتنى ھېچ بوشقا ئۆتكۈزمەي، باشتا بۇندىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نىشانى توغرىسىدا جىددىي بىر شەكىلدە مۇزاكىرىلەشتى، ئاخىرىدا جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق ماتېرىياللارنى توپلاش، تەييارلاش، ھەمدە تەشۋىقات ئىشلىرىدا قايسى مۇھىم نۇقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددى خىزمەتلەردە ئۆزئارا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. ئەسلىدە، ئىيسا ئەپەندى كابۇلغا كېلىپ مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشكەن چاغدىلا، ئىككەيلەن بۇ نۇقتىلار توغرىسىدا ئورتاق بىر پىكىرگە كېلىپ بولغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھازىر بۇ ئۈچ ئەپەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ پىكىرلىشىپ، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇجادىلىسىنىڭ نىشانى قىلىپ بېكىتتى:

1. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھازىرچە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلماي، مۇختارىيەت تەلەپ قىلىش. تەلەپ قىلىدىغان مۇختارىيەتنىڭ ئاساسى شۇلار: شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بولۇش. قالغان ئىچكى سىياسەت، قانۇن، ئەدلىيە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مائارىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش.

2. مۇختارىيەت تەلەپ قىلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە رەسمىي قۇرۇلتايلارغا تەلەپنامە سۇنۇش. ئۇلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مىللىتىمىزنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى، دىنى، تىلى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار توپلانغان ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، پارلامىنت ئەزالىرىغا سۇنۇش. چۈنكى نۇرغۇن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيدىغانلىقى، نەچچە يىللىق مۇجادىلە جەريانىدا ئىسپاتلانغان بىر رېئاللىق.

3. تۈركچە نەشرىيات ئىشلىرىنى يولغا قويۇش. بۇ ئارقىلىق مىللەتكە مۇختارىيەت ھەققىدە توغرا تەربىيە بېرىش. چۈنكى، خەلق نادانلىقتىن بىر كۈنلۈك ئەركىنلىك ئۈچۈن مىڭلىغان قۇربانلارنى بېرىدۇ – يۇ، ئەمما ئەبەدىي ئازادلىق ئۈچۈن بېسىلغان مۇختارىيەت قەدىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن زۇلمەتنىڭ قاراڭغۇ تۈنلىرىدە تەمتىرەپ، ئېرىپ تۈگەپ كېتىۋاتىدۇ.

4. نەشرىياتقا تايىنىپ تۇرۇپ خىتايچە مەجمۇئە چىقىرىپ، خىتاي مىللىتىنىڭ جامائەت پىكرىنى تۈركىستان تەرەپكە مايىل قىلىش. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ مۇھىم گېزىت – ژۇرناللىرى ئارقىلىق تەشۋىقات يۈرگۈزۈش.

5. مۇختارىيەت ئېلىنغاندىن كېيىن، ئازاد بىر ھاۋا ئىچىدە مىللەتنىڭ سىياسىي مەپكۇرىسىنى مىللەتچىلىك نۇقتىسىدا بىرلەشتۈرۈش. مىللەتنىڭ ئېڭىنى ھەرقانداق ئەجنەبىي ھاكىمىيەتنى قوبۇل قىلمايدىغان سەۋىيىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مىللەتنىڭ سىياسىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش، مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

6. تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ ئىلمىي ۋە سىياسىي سەۋىيەسى مۇستەقىللىققە مۇۋاپىق بىر يولغا كىرگەندىن كېيىن، ئىككىنچى باسقۇچتا مۇستەقىللىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top