You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلەم كۈرىشى (1)

قەلەم كۈرىشى (1)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مۇز دانچىسىنى ئۈنچە ھېسابلىماڭ،

سوۋغاتنى مانچا دەپ سەزمەڭ.

ئېرىشمىگەن نەرسىگە سۆيۈنمەڭ،

بىلىملىكلەر ئۇنى ياقتۇرمايدۇ.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن.

يول قەلبنىڭ سەپىرىدۇر، چىن قەلب بىلەن يولغا چىقتىڭمۇ، ھامان مەنزىل ساڭا ئايان بولىدۇ. قەلبى گۈزەل ئىنسانلارنىڭ يۈكىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئەمما، ھەقتەئەلا بەندىسىگە كۆتۈرەلمەيدىغان يۈكنى يۈكلىمەيدۇ. شۇڭا كارامەت يولدا ئەمەس، قەلب بىلەن نىيەتتە. قەلب بىلەن نىيەت بىرلەشتىمۇ، يولنى توسۇپ تۇرغان زەھەرلىك چاياننىڭ تۇخۇمىنى بىراقلا قۇرۇتۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ. يولغا چىققان ھامان، كېتىۋاتقان يولۇڭغا قاراپ پائالىيەت قىل، سىياسەت قىل، ئەجىر سىڭدۈر. يولدىن قالغانلار ھامان چىرىيدۇ، خۇددى جىم تۇرغان سۇ سېسىغانغا ئوخشاش. بەزىدە نىشانغا يېتىش ئۈچۈن غايىمىزگە خىلاپ يولدا ۋاقتىنچە مېڭىشنىڭ ئۆزىمۇ، ئەقىل – پاراسەتنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بەزىدە ئادەم ھېچ ئۈمىد يوق دەپ قارىغان يوللاردا مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئەمما ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ مەنزىلىگە يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ھاياتتا نىشانغا ئۇدۇل بارىدىغان يېقىن يول ئاساسەن يوق.

چۇڭچىڭ شەھىرى بولسا جەنۇبىي قىسمىنى دالۇشەن تېغى، شەرقىي جەنۇبىي قىسمىنى ۋۇلىڭشەن تېغى، شەرقىي قىسمىنى ۋۇشەن تېغى، شىمالىي قىسمىنى داباشەن تېغى قاتارلىق تاغلار بىلەن ئورالغان  رايونغا بىنا قىلىنغان تاغلىق شەھەر. بۇ شەھەرنى تىبەت تاغلىرىنىڭ قار – مۇزلىرىنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان، نىل ۋە ئامازون دەريالىرىدىن قالسا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا ھېسابلىنىدىغان چاڭجىياڭ دەرياسى كېسىپ ئۆتىدۇ. چاڭجىياڭ دەرياسى خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىرىنى شەرقىي دېڭىز بويلىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان سۇ قاتنىشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك دەريا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياپون – خىتاي ئۇرۇشى باشلىنىپ، ياپونلار جۇڭخۇا مىنگونىڭ پايتەختى نەنجىڭنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، نەنجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بۇ تاغلىق شەھەرنى ئەڭ بىخەتەر ئورۇن دەپ ھېسابلاپ، ۋاقىتلىق پايتەخت قىلغان ئىدى.

2 – دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىش بىلەن تەڭ، ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ھەربىي ئەسلىھە سانائىتىنى بۇ شەھەرنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئوراپ تۇرغان تاغلار ئارىسىدىكى ئۆڭكۈرلەرگە توشۇپ ئاپىرىپ ۋە يېڭىدىن ئىنشا قىلىپ، ئۇرۇش لاۋازىمەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ياپوننىڭ ھاۋا ئارمىيەسى 1939 – يىلى يانۋاردىن 1941 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ شەھەرنى توختىماي بومباردىمان قىلغاندا، شۇ تاغلار خەلقنىڭ پاناھلىنىشىغا ئاجايىپ بىر ئېسىل ماكان بولغان. شۇ مەزگىلدە، شەھەردىكى نۇرغۇن ئىمارەتلەر ھاۋادىن تاشلانغان ئونمىڭلىغان بومبىلارنىڭ پارتلىشىدىن خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن. ئەمما ئەسىرلەردىن بۇيان بۇنداق ئۇرۇش – پاراكەندىچىلىكلەرنى تالاي قېتىم بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چاڭجىياڭ دەرياسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئۆز قىياپىتى ۋە يۆنىلىشىنى ھېچ ئۆزگەرتمەي ئۆزىنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان دېڭىزغا قاراپ ئېقىپ كېتىۋەرگەن ئىدى. ئەنە شۇ بەھەيۋەت ئېقىۋاتقان دەريا ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ پەسلەۋاتقان ئايرۇپىلاننىڭ دېرىزىسىدىن قاراپ ئولتۇرغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، يول بويى قىلىۋاتقان خىياللىرىدىن بىردىنلا ئازات بولدى. ئۇ ئەزەلدىن بېرى قەلبىدە مەۋج ئۇرۇۋاتقان، مىللىتىگە، جۈملىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بولغان چىن مۇھەببىتىنى ۋە مەرھەمەتىنى شۇ ئەزم دەرياغا ئوخشاتتىمۇ قانداق، بىردىنلا روھلىنىپ، ئۆزىنى خاتىرجەم ۋە بەختىيار ھېس قىلدى. بۇ چاغدا ئايروپىلان  پەسلەپ كېلىپ چۇڭچىڭ ئايرودرومىغا قوندى.

ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، يىراقتىن بىر توپ كىشىلەرنىڭ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بارلىق تەشۋىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنى تېخىمۇ راھەت ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئالدىغا ئىيسا ئەپەندى باشلىق يۇرتداشلار ۋە جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەركانلىرى، گومىنداڭ پارتىيە رەھبەرلىرى، شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، يۈزگە يېقىن كىشى قارشى ئېلىشقا چىققان ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى قارشى ئېلىشقا چىققان يۇرتداشلىرىنىڭ قوللىرىدا، «يۇرتنى جانىدىن ۋە يۈرەكتىن سۆيگەن، يۇرتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پۈتۈن بارلىقىنى ئاتاپ، مېلى ۋە جېنى بىلەن ئىنقىلاب قىلغان، يۇرت ئۈچۈن كۆپ قىيىنچىلىقلارنى تارتقان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىمنى قارشى ئالىمىز!» دېگەن ئۇيغۇرچە خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ۋە لەۋھەلەر بار ئىدى. دەريا لېۋىدىن ئەسكەن باھار شامىلىمۇ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، تاغنىڭ ساپ ھاۋاسىنى ئۇلارنىڭ دىماقلىرىغا ئۇرۇۋاتاتتى.

ئۇرۇش ئوتى پەيدا قىلغان يارىلىرى تېخى ساقايمىغان بۇ شەھەر، بۈگۈنكى بۇ مۆھتەشەم قارشى ئېلىش مۇراسىمىنىڭ جەزبىسى ئاستىدا بىر ئاز روھلىنىپ قالغاندەك ئىدى. قارشى ئېلىشقا چىققان يارەنلەرنىڭ تەبەسسۇمغا تولغان يۈزلىرى ۋە شەھەرنىڭ باھار پەيزى ئۇلارغا ھاياتنىڭ قەدىر – قىممىتىنى قايتىدىن تونۇتۇپ، ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، دىل يارىلىرىغا مەلھەم بولۇپ، قورۇنغان غۇرۇرىنى كۆتۈرۈپ، كۆڭۈللىرىدىكى تۈگۈچلەرنى يەشكەن ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئائىلىسى ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ئالدىغا چىققان ھەر بىر كىشى بىلەن ناھايىتى دوستانە كەيپىيات ئىچىدە كۆرۈشتى ۋە ئۇلارغا ئۆز مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ئاندىن ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان قارا پىكاپ ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇدۇل شەھەر مەركىزىدىكى كاتتا مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى.

9 – ئاپرېل جۈمەدىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىناسىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى قارشى ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ بىر زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. زىياپەتتە ئۇيۇشما رەئىسىنىڭ قارشى ئېلىش نۇتقىدىن كېيىن، ئىيسا ئەپەندىممۇ سۆز قىلىپ، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى سورۇن ئەھلىگە تونۇشتۇردى، ئۇنىڭ يۇرت ۋە مىللىتى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنى، تۆلىگەن بەدەللىرىنى ۋە ئېسىل ئىنسانىي پەزىلىتىنى بىر – بىرلەپ سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ۋە يۇرتداشلار نامىدىن ئۇنىڭ مىللەت ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈردى ۋە ئىسمىنى زىياپەت ئەھلىگە «مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى» دەپ تەقدىم قىلدى. شۇندىن ئېتىبارەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەزرىتىم شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىدە، ئىيسا ئەپەندى، مەسئۇد ئەپەندىلەر بىلەن بىرگە «ئۈچ ئەپەندى» دېگەن نام بىلەن تونۇلۇشقا باشلىدى. قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن بۇ زىياپەتتە مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىممۇ قىسقىچە نۇتۇق سۆزلىدى، ئۇ جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزىنىڭ چۇڭچىڭغا كېلىشىدىكى مەقسەت ۋە مۇددىئالىرىنى تەسىرلىك ئىبارىلەر بىلەن قىسقىچە بايان قىلدى.

بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىناسىغا مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىم ئائىلە بويىچە كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مۇھەمەد ئىمىن ئەپەندىم ئىيسا ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىنشا بولغان بۇ يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىناسىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن تۇرمۇش رېتىمىنى تەرتىپكە سېلىپ، زېھنىنى پۈتۈنلەي ئۆز خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈردى. ئۇ ئاساسلىقى «ئالتاي مەجمۇئەسى» گە مەسئۇل بولۇپ خىزمەت قىلدى ۋە بۇ خىزمەتتە ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق تالانتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ ھەر بىر  تاڭ تۇمان ئىچىدە ئاتىدىغان بۇ تاغلىق شەھەردىكى كۈنلىرى ماقالە يېزىش، تەھرىرلەش ۋە باسمىغا تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ يەرنىڭ نەمخۇش ھاۋاسىغا كۆنۈپ قالغاندەك، سىياسىي ھاۋاسىغىمۇ كۆنۈپ ۋە شۇنىڭغا ماس قەدەمدە قەلەمنى قولىغا ئېلىپ، يېڭى بىر كۈرەش يولىغا قەدەم باستى.

مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىم چۇڭچىڭغا كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى توغرىسىدا توغرا بىر مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتى. ياپونلار خىتاي زېمىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ،  پاراكەندىچىلىكلەرنى تۇغدۇرۋاتقان ۋە خىتاي خەلقى، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا فاشىزمغا قارشى بىرلىكسەپ تۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، زېڭ ۋېنۋۇ ئەپەندى قەلەمگە ئالغان «غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى» ناملىق 500 مىڭ خەتلىك كىتاب نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى. ھەتتا بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىگە تاڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن شائىر ۋاڭ چاڭلىڭنىڭ سەددىچىن سېپىلى ئۈستىدە تۇرۇپ ھاياجان بىلەن يازغان شېئىرى قىستۇرۇلغان ئىدى:

* * *

ئاي قورۇلغا سەپتى نۇر خەن، چىن زامانىدىن بۇيان،

قايتمىدى كىشىلەردىن بىرى چېگرا تامان.

ھەددىمۇ غۇز ئېتىنىڭ چوغاي تېغىدىن ئۆتكىلى،

بولسىلا لى گۇاڭ كەبى سەركەردە بىزگە پاسىبان.

* * *

ياندى سانغۇن زەر ئېگىز تورۇق ئېتىنى ئوينىتىپ،

تۇرسىمۇ ئاسماندا ئاي، جەڭگاھتا ھۇۋلاپ جۇت-بوران.

شۇندىمۇ سېپىل بېشىدا تىنمىدى جەڭ دۇمبىقى،

قىنىغا كىرمەس قىلىچتىن يەرنى بويلاپ ئاقتى قان.

* * *

ئۇ كىتابىغا يەنە مۇنداق يازغان: «ئەجدادلىرىمىز ئۆتكۈر قىلىچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، غۇزلارنى چېكىندۈرۈپ، زېمىنىمىزنى كېڭەيتىپ، جەمەتلىرىمىزنى كۆپەيتكەن. غۇزلارغا قارشى ئىش – ھەرىكەتتە ئۆتكۈر قىلىچلار ئىشقا سېلىنىپلا قالماستىن، يەنە «يىراقتىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، يېقىندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسى» بىلەن ياندىكىلەرنى تىنچىتىپ، ئارقىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ھىيلىسىمۇ قوللىنىلغان. بۇ قانداق تاكتىكا؟ بۇ، غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىدىن ئىبارەت».

مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئەنە شۇ جۈملىلەرنى ئوقۇغاندا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى خىتاي خەلقى ياپوننىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، ئاساسلىق چوڭ شەھەرلىرى خارابىلىققا ئايلانغان، خەلقى بولسا شۇ خارابىلىقتەك خارلىقتا قالغان بىر زاماندا، بىر خىتاي زىيالىيسى مۇنداق بىر ئىدىيىدىكى كىتابنى يېزىپ نەشىردىن چىقىرىپ تارقىتىپ، ئۆز خەلقىنى مۇنەۋۋەر ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيەلەردىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئۇ خۇددى ياپون سامۇرايلىرىدەك فاشىزمچە ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلغان، تېررىتورىيىلىك كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى قىلىشنى مىللىي قەھرىمانلىقنىڭ ئەندىزى سۈپىتىدە ئۆز خەلقىغە تاڭغان، ياپونلارغا بولغان مىللىي ئۆچمەنلىكىنىڭ ئۇچىنى ئۆزلىرىنىڭ دەستىدىن روناق تاپالماي، ئۆزلىرىدىنمۇ بەتەر خانىۋەيرانچىلىقتا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىگە قارىتىپ، تارىخىي ئۆچمەنلىك ۋە ئىنتىقام چوقانلىرىنى كۆتۈرگەن ئىدى.

ياپونلار ئۆزلىرىنىڭ يۈرەكلىرىدە ئاچقان يارىسىنى ساقايتىشنىڭ كويىدا بولماي، ئەكسىچە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرەكلىرىدىكى يارىغا تۇز سەپكەن ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بەكمۇ مەيۈسلەندى ۋە خىتاي زىيالىيلار قاتلىمىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىشكە باشلىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي تۇپراقلىرىدا تۇرۇپ ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا قەلەم ئارقىلىق قىلىدىغان كۈرەشلىرىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى كۈرەشلەردىنمۇ بەكرەك كەسكىن بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ كوچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۈندىلىك تىرىكچىلىكىگە ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇئامىلىلىرىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي مەنمەنلىكىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما كوللېكتىپ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسىدىكى مەنمەنلىك بار بولۇپ، كوللېكتىپ قىساسكارلىق تۇيغۇسىنىڭ شۇنىڭغا ماس ھالدا بەكمۇ كۈچلۈكلىكىنى بايقىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك زەبۇن تۇرۇپمۇ، «خىتاينىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، ئەزەلدىن مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت بولۇپ كەلگەن، دۇنياغا پەزىلەت ۋە مەدەنىيەت تارقاتقان، چەت ئەللىكلەرنىڭ ماددىي مەدەنىيەتى ئۈستۈن بولسىمۇ، بىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىمىز تېخىمۇ ئۈستۈن» دېيىشلىرى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەجەپلەندۈرەتتى.

مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى ھەر دائىم كۆپتۈرۈپ، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىدىن ئىبرەت ئالمايۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە ئاشۇرۇپ ماختاپ ئۆز ئۆزىنى بەزلىگەنلىكى ئۈچۈن، زۇلمەتنىڭ تۈنلىرى ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزى مۇستەملىكە ئىچىدە تۇرۇپ، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشنىڭ ئورنىغا، تىنچلىقپەرۋەر قوشنا ئەللەرگە ئەسەبىيلىك بىلەن تاجاۋۇز قىلىش ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلىدىغان كىتابلارنى ھەر زامان يېزىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، ئۆزىنى بۇ جايدا ناھايىتى يېتىم ھېس قىلدى. بولۇپمۇ خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ھەقىقەتنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ، تارىخنى بۇرمىلاپ، پۈتۈن بىر تارىخقا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ۋە مىللەت قارىشىغا ئاساسەنلا باھا بېرىپ، ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ كۆمۈلۈپ قالغان شانلىق تارىخلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر كۆمۈپ، ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان تارىخلىرىنى ئەسەبىيلەرچە بۇرمىلاپ يازىدىغان رەزىل قىلمىشلىرىغا قارشى جەڭ قىلىش نىيىتىگە كەلدى.

ئۇ ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ھەقىقىي سالاھىيىتى، پولاتتەك تارىخىي پاكىتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي زىيالىلىرىنى قايىل قىلماقچى بولدى.  بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتى تارىخىنىڭ پۈتۈن دۇنيا تارىخىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، بۇ تۇمانلىق شەھەردە تېخىمۇ تۇمان ئىچىدە قېلىۋاتقان ئۆز تارىخىنى بىر پۈتۈنلۈك ئاساسىدا تەڭ قىممەت ۋە تەڭ ھوقۇق قارىشى بويىچە يورۇتۇپ، ھەرخىل يامان غەرەزدىكى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ ئاغزاكى ۋە يازما خىتابەتلىرىنىڭ ساختىلىقىنى ئېچىپ تاشلاشقا بەل باغلىدى. ئۇ چۇڭچىڭدىكى ئەھۋاللارغا  نەزەر تاشلاپ، ئۆزىنىڭ كابۇلدىكى چاغلىرىدا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي، شۇ مەۋجۇت ئىمكانىيەتلەر ئاساسىدا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى يېزىپ چىقىپ، ھەقىقەتەن توغرا بىر يولنى تاللىغانلىقىدىن ئالەمچە مەمنۇن بولدى. ئۇ ئەنە شۇ ئوي – پىكىرلەر ئىچىدە سەددىچىننىڭ قوۋىقىغا ئات سېلىپ كەلگەن ئەجدادلىرىنى ياد ئېتىپ، ئەقىل چىرىقى بىلەن تارىخ يوللىرىنى يورۇتۇپ، شائىرانە ئىلھامى بىلەن ئۆز كىملىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكە ئېلىپ شېئىر يازدى:

* * *

بىر ئانىنىڭ ئون ئوغلى بىز،

ئون ئوغۇلنىڭ يۈز ئوغلى بىز،

ئاتىمىزنىڭ ئۆز ئوغلى بىز،

تۈرك ئوغلى بىز، تۈرك ئوغلى بىز.

* * *

بىز ئۇزۇنغە تارالساقمۇ،

كەڭ ئەللەرگە يايىلساقمۇ،

ئايماق – ئايماق ئاتالساقمۇ،

يەنە بارچە تۈرك ئوغلى بىز.

* * *

تۇرمۇشلاردا ئۆزگەرسەكمۇ،

ئىل قۇتلارغا بۆلۈنسەكمۇ،

قاي چاغلاردا ئۈزۈلسەكمۇ،

قان، تىل بىردۇر تۈرك ئوغلى بىز.

* * *

باشلانغۇچتا بىر تۆرەلدۇق،

ئۆتكۈنچلەردە بىللە كەلدۇق،

بىللە يىغلاپ بىللە كۈلدۇق،

ئايرىلمىغان تۈرك ئوغلى بىز.

* * *

ئاجۇن بىزنى بىر دەپ بىلۇر،

بىلىك بىزنى بىر دەپ بىلۇر،

ھەر كۆز بىزنى بىر دەپ كۆرۇر،

ئېنىق بىز بىر تۈرك ئوغلى بىز.

* * *

يۇمۇلاق باش بۇغداي ئۆڭلۈك،

قارا ساچلىق قارا كۆزلۈك،

ئورتا بويلۇق چۈچۈك سۆزلۈك،

بىر تۆرەلگەن تۈرك ئوغلى بىز.

* * *

بىر ئۆلكىدە ئالتە ئايماق،

بىرى ياغدۇر، بىرى قايماق،

بارچە بىر سۈت بىردۇر ئاياق،

نېگىز بىردۇر تۈرك ئوغلى بىز.

* * *

بىر ئۇلۇس بىز ھەر بىر جايدا،

تۈزدە بولساق ياكى تاغدا،

سولدا بولساق ياكى ساغدا،

ئۆزگىرىش يوق تۈرك ئوغلى بىز.

* * *

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top