You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن ھەسرىتى (14)

ۋەتەن ھەسرىتى (14)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

زىمىستان قىشنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان نەشتەردەك شامال ئەردەمنى كابۇلنىڭ كوچىلىرىدا ئۇ يەردىن بۇ يەرگە ھەيدەپ، ساقال باسقان ئاۋاق يۈزىنى كۆكەرتىپ، خۇددى ھېلىلا توڭلاپ قالىدىغاندەك شۈمشەيگەن جۇدەك تېنىنى تىترىتىۋەتكەن ئىدى. ئۇ خۇددى شېخى سۇنۇپ بەرگىسى بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان گۈلدەك ۋە ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئادەمدەك، بۈگۈن سەھەردىن بېرى كوچىلارنى مەقسەتسىز ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئۆزىگە تېخىچە يات كۆرۈنىدىغان بۇ شەھەردە ئۇزۇن تۇرغانسېرى، ئۇ ئۆزىنى شۇنچىلىك يالغۇز ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئەردەم ھازىر ئاسمانغا تاقاشقان ئېگىز چوققىلىرى كىر سۈيى چېچىۋەتكەندەك خىرە كۆرۈنىدىغان گىرىمسەن تاغنىڭ ئارقىسىدىكى يۇرتىنى بەكمۇ سېغىنغان ئىدى. يۇرتىدىكى بارلىق ئەسلىمىلەرنى، بولۇپمۇ پەرۋىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ دەقىقىلەرنى يۈرىكىنىڭ ھەربىر سوقۇشىدا ياشارتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنى تا بۈگۈنگىچە تىك تۇرغۇزغان بىر سەۋەب بار دېيىلسە، ئۇ پەقەت قەلبىدە ئۆچمەي كەلگەن ئىشق ئوتىلا ئىدى. ۋەتەن ھەسرىتى يۈرىكىگە جۇۋالدۇرۇزدەك سانجىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يەككە – يېگانىلىق ئۇنىڭ ھازىرقى ھاياتىدىكى ئەڭ شېرىن ئارمانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. چۈنكى، يالغۇزلۇق ئۇنىڭ ئۆز ئىچىدە پىنھان ياشاپ، پەرۋىن بىلەن بىرگە مۇڭدىشىپ ئۆتىدىغان يېڭى بىر ھاياتنىڭ مەڭگۈلۈك بۇلىقى بولۇپ قالغانىدى.

ئۇ پەقەت يالغۇز قالغاندىلا ئەركىن خىيال سۈرەلەيتتى، بارلىق ئەسلىمىلىرىنى بىرمۇ – بىر ئەسلەپ، يېڭىلاپ تۇرالايتتى. شۇڭا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئويچان، تېخىمۇ جىمغۇر بولۇپ كېتىۋاتاتتى. بۈگۈنمۇ ئۇ ئۆز خىياللىرىنى ئەركىن قىلىۋېلىش ئۈچۈن سەھەردىلا ئۆيدىن چىقىپ، كوچىلاردا ئۆزى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان يات چىرايلار، يات تىللىقلار ئارىسىدا، ئۆزى بىلەن بىرگە ياشاشقا نېسىپ بولمىغان ئاشىقىنى ھەسرەتلىك قەلبىدە ئەسلەپ، يولدا تەنھا كېتىۋاتاتتى. يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى ئويلىرىنى، ئىشقىنى، نادامەتلىرىنى نەدىن بىلسۇن؟ ئۇ ئۆز خىياللىرىنىڭ ۋە ئارزۇلىرىنىڭ قاناتلىنىپ ئۇچۇپ  ۋەتەن تۇپراقلىرىغا قونۇشىنى ئويلاپ، يۈرىكى سىماپتەك تىترەيتتى. شېرىن خىياللىرى ئىچىدە ئۆزىنى شۇنچىلىك بەختلىق چاغلايتتى. ئۇ، «ئېھ ئاللاھ! خىياللار بۇنچىلىك گۈزەل ئىكەن، ئاشۇ گۈزەل خىياللارنى دىلىمغا سالغۇچى سەن ئۆزۈڭ قانچىلىك گۈزەلدۇرسەن؟» دەپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا قارىدى. ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بازاردا ئۇ تونۇيدىغان، ئۇ چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. يانلىرىدا پاخال – چاۋالار، قەغەز پارچىلىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئۆزى ھەيكەلدەك تۇراتتى، ئۇ پەقەت پەرۋىننى ئويلاۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا، ئۆزىنى ئاشۇ ئادەملەردەك «تىرىك بىر جان» دەپ، جەزملەشتۈرەتتى.

ئۇنى تىك تۇتۇپ تۇرغان سەۋەب، شېرىن ئويى، تەپەككۇرى ئىدى، دەردلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىۋاتقان نەرسە ئۇنىڭ جاسارىتى، ئېتىقادى ئىدى. ئۇ ئەنە شۇ جاسارەت بىلەن كۆككە باقتى ۋە كۆك ئاستىدا ئۆزىنىڭ تۇرغانلىقىنى سەزدى. ئەمدى كۆكتىكى مانانلىق ھاۋا قاتلىمى سۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، قۇياشمۇ ئۆزىنىڭ جامالىنى ئاچقان ئىدى. پۈتۈن شەھەرنىڭ كوچىلىرى، بازاردىكى رەستىلەر، تاملار بىرلا ۋاقىتتا يانغاندەك يورۇپ كەتتى. ئۇ ئىچىدىن كەلگەن بىر ئىلاھىي ئىستەك بىلەن قۇياشقا باقتى، چۈش ۋاقتى بولغان بولسىمۇ قۇياشنىڭ ھارارىتى ئاجىز ئىدى. ئۇنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم يۈگۈرۈپ، ئەتراپنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتتى. خۇددى يۈتتۈرۈپ قويغان بىرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك، ھەربىر چىرايغا مەرھەمەت بىلەن سەپسالدى. ئۇ شۇ نەرسە ئۈچۈن ماڭماس يوللاردا ماڭغۇسى، چىقماس تاغلارغا چىققۇسى كەلدى. شۇنچە تولغىنىپ يۇرت كېزىپ ئاققان دەريانىڭ يەنە ئۆز مەنبەسىگە قايتقىنىدەك، ئۇنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتقۇسى كەلدى. شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىرسى كېلىپ قولىدىن تۇتۇپ، يالغۇز ئايلانغان يوللاردىن يۇلۇپ ئېلىپ، تاغ ئارقىسىدىكى يۇرتىغا ئەكىتىدىغاندەك بىر ھېس قەلبىنى چۇلغۇۋالدى.

ئۇ بىردىنلا، يىراقتىكى ئادەملەر توپى ئىچىدىن قەددى – قامەتلىك بىر كىشىنىڭ مەزمۇت قەدەملەر تاشلاپ، ئۆزىگە ئۇدۇل قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. بۇ كىشى بېشىغا قارا قوزا تېرىسىدىن تېكىلگەن يېڭى تەلپەك كىيگەن بولۇپ، ئۈستىدىكى ئەترەڭ سوكنىدىن تىكىلگەن پەلتۇسى ئېگىز بويىغا شۇنچىلىك ياراشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئاپاق كۆينىكىنىڭ ياقىسىغا تاقىۋالغان ھاۋا رەڭلىك شايى گالاستۇكى، ئۇنى تېخىمۇ سالاپەتلىك قىلىۋەتكەن ئىدى. ئەردەم بۇ قاۋۇل كەلگەن كىشىنىڭ ئۆزىگە يېقىن كەلگەن چېغىدا، ساقال – بۇرۇتلىرى پاكىز ئېلىنغان ئاق يۈزىنى تەڭ ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان قاڭشارلىق بۇرۇنلىرىنىڭ ئۇچىنىڭ سوغۇقتىن قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. بۇ ئارقىلىق، 40 ياشلار چامىسىدىكى بۇ كىشىنىڭ، ئۆزىگە ئوخشاش ئەتىگەندىن بېرى كوچىلارنى ئايلىنىپ يۈرگەن بىر سەيياھ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. ئۇنىڭ بازاردىكى كىشىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان رەتلىك كىيىنىشلىرى، نۇرلۇق بىر جۈپ كۆزى ئەردەمنىڭ كۆزىگە خۇددى بۇرۇن بىر يەرلەردە كۆرگەن ياكى بىر چاغلاردا چۈشلىرىگە كىرگەن تونۇش بىرسىنىڭ چىرايىنى ئەسلەتتى.

ئۇ كىشى ئەردەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى قارا چىبەرقۇتتىن تىكىلگەن پاختىلىق كەمزۇلىنىڭ بېلىدىكى پوتۇسىغا قىستۇرۋالغان سۇمۇرغ باشلىق پىچاققا بىر قارىدى – دە، «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ سالام بەردى. ئاندىن كەتمەننىڭ يۈزىدەك كەڭ پەنجىلىك، ئۆستەڭ لېۋىدىكى قېرى سۆگەتنى يۇلۇپ ئېلىۋېتىدىغاندەك كۈچلۈك ئىككى قولىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە قالغان ئەردەمگە سۇندى. ئەردەم بازاردىكى بۇ ئادەملەر توپى ئارىسىغا خۇددى ئەرشىئەلادىن چۈشكەن ساماۋى ئەختەرلەرنىڭ ئەسكىرىدەك تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ئالدىدا ئىككى قولىنى سۇنۇپ، كۈلۈپ تۇرغان ئادەمنىڭ سالىمىنى دەرھال ئىلىك ئالدى ۋە دەرھال ئىككى قولىنى تۇتۇپ سالاملاشتى. ئارقىدىنلا ئۇ كىشى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ: «مەن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بولىمەن. ئادەتتە كىشىلەر مېنىڭ ئىسمىمنى قىسقارتىپلا ئىيسا بەگ دەيدۇ. سىزنى يىراقتىن كۆرۈپلا بىر تۈرك ئىكەنلىكىڭىزنى بايقىدىم ئۇكام، يېنىڭىزغا كېلىپ، بېلىڭىزگە قىستۇرۋالغان ئانا يۇرتۇم يېڭىسارنىڭ پىچىقىنى كۆرۈپلا، بىر يۇرتدىشىمنى تاپتىم، دەپ بەك ھاياجانلاندىم» دېدى. ئەردەم بۇ بازاردا بىرىنچى قېتىم ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىۋاتقان بىر ئادەمنى ئۇچراتقانلىقىغا خوشال بولۇپ: «ئاكا، مەن خوتەنلىك ئەردەم بولىمەن. مەن يېڭىسارغا نەچچە قېتىم بارغان، ھەتتا مېنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىمنىڭ تېگىمۇ يېڭىسارلىق. سىزنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ بەك خوش بولدۇم» دېدى.

ئىيسا بەگ ھەيرانلىق ئىچىدە تۇرغان ئەردەمگە مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ، «مەنمۇ سىزنى ئۇچرىتىپ، ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن تەلەيلىك بىرسى ئىكەنلىكىمگە يەنە بىر قېتىم ئىشەندىم ئۇكام. ئەسلىدە مەن تۈنۈگۈندىن بېرى ۋەتەندىن بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا دېگەن زاتنى ئىزدەپ يۈرەتتىم. نۇرغۇن كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ سۆرىدىم، ھەممىسى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئابايا يولدا بىر ئۆزبېك كىشىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇ كىشىدىن سورىسام، بۇ ئەتراپتا ئۇنداق بىر كىشىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما بازارنىڭ مۇشۇ تەرىپىگە يېقىن بىر مەھەللىدە، ئابدۇللاھخان ياركەندى دېگەن كىشىنىڭ بىر چوڭ قورودا ئۆز ھەمشەھەرلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تەرەپكە ئالدىراپ كېلىۋېتىپ، يىراقتىنلا سىزنى كۆرۇپ قالدىم، سىزنىڭ ئۆز يۇرتداشلىرىمدىن بىرسى ئىكەنلىكىڭىزنى پەملەپ، ئۇدۇل يىنىڭىزغا كېلىشىم» دەپ، ئەردەمنىڭ تاتۇراڭغۇ يۈزىدىكى خوشاللىق ئىپادىلەرگە سەپ سېلىپ كۈلۈپ قويدى. ئەردەم دەرھال: «مۇھەمەد ئىمىن بۇغرا مېنىڭ ئۇستازىم بولىدۇ، ھەم مەن ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولغان، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق. مەن ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرىمەن» دەپ، مۇزلىغان بۇرنىنىڭ ئۇچىنى ئوڭ قولى بىلەن ئارقا – ئارقىدىن ئۈچ قېتىم سىلىۋېتىپ، ئىيسا بەگنىڭ قارا خۇرۇمدىن تىكىلگەن يېپيېڭى بەتىنكىسىنىڭ ئۈستىدىكى چاڭ – توزانلارغا كۆزىنى تىكتى.

ئىيسا بەگ ئەردەمنىڭ چىرايىدىكى خۇنۇكلىكتىن ئۇنىڭ بۇ يات ئەللەردە مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى تازا تارتقان بىر سەرسان روھ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ ساقايمايدىغان، ھەر ۋاقىت قانايدىغان بىر يارىسىنىڭ بارلىقىنى پەملىدى. ئۇ ئۇنىڭ غەمكىن كۆزلىرىگە سەپسېلىپ قاراپ تۇرۇپ: «ئۇكام ئەردەم، ئۇنداق بولسا مېنى ئۆيۈڭگە باشلاپ ماڭ، مەن ئۇستازىڭ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن كۆرۈشۇشكە تولىمۇ ئىنتىزارمەن. قېنى ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيلى» دېدى. ئەردەم پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ، جاۋابمۇ بەرمەي، يول باشلاپ ماڭدى. ئارقىسىدىن يوغان – يوغان قەدەملىرى بىلەن ئەردەمگە يېتىشىۋالغان ئىيسا بەگ، ئىچىدە، «ھەي، ۋەتەن ھەسرىتى ھەممىدىن يامان بىر دەرد. مەن بۇدەردكە مۇپتىلا بولغان مۇشۇ يىگىتتەك ئوغۇل بالىلارنى بۇ يۇرتلاردىن ھەر ئامالنى قىلىپ بولسىمۇ ئېلىپ كېتىشىم كېرەك، مىللىتىمىز مانا مۇشۇنداق ياشلارغا ئېھتىياجلىق.

مەن بۇلارنىڭ بۇ ئەللەردە ئەنە ئاۋۇ يالىڭاچلانغان تېرەكلەرنىڭ شاخلىرىدەك ۋاقىتسىز قۇرۇپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمەن. ئۇلارنى ئەڭ بولمىغاندا چوڭچىڭغا بولسىمۇ ئەكېتىپ، ئۇلارنى باھاردا كۆكىرىپ تۇرغان سۆگەت تاللىرىدەك ياشنىتىۋېتىمەن. چۈنكى بۇلار ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كېلەچەكلىرى» دېگەنلەرنى ئويلىدى. ئاندىن ئەردەمگە: «ئەردەم، بۇ يەرلەرگە كۆنۈپ قالغانسىلەر، بۇ يۇرتلار ھەرھالدا باشقا يات ئەللەرگە قارىغاندا خوتەنگە سەل ئوخشاپ قالىدۇ. خەلقىنىڭ مىجەز – خۇلقىمۇ بىزگە يېقىنراق كېلىدۇ» دەپ، يېنىدا يەنە خىيال بىلەن كېتىۋاتقان ئەردەمگە قارىدى. ئەردەم: «توغرا دەيسىز، بۇ يەرلەر بىزنىڭ يۇرتلارغا ئوخشاپمۇ قالىدىكەن، ئەمما ئۆز يۇرت دېگەن بەرىبىر ئۆز يۇرتتە، شۇڭا مەن ھېچبىر ۋاقىت ئۆز يۇرتۇمنى ئېسىمدىن چىقارمىدىم.

بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشىم تېخىمۇ ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. يۇرتۇمدىكى ئەسلىمىلىرىم ھازىر مەن ئۈچۈن، يېگەن تامىقىمدىنمۇ بەك تەملىك تۇيۇلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ روھىي ئوزۇقۇم. كابۇلدا ئۇزۇن مۇددەت قېلىشنى ھېچ بىر زامان نىيەت قىلمىدىم. بۇ يەرنى ھېچ ياخشى كۆرۈپمۇ كەتمىدىم. بۇ يەردىكى ئىنسانلار خۇددى فابرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بۇيۇملاردەك ھەممىسى بىر – بىرىگە ئوخشايدۇ. ھەممىسىنىڭ ئاڭ – سەۋىيەسى بىر – بىرىدىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە تۆۋەن. شۇڭا بۇ يەردە ئۆمرۈمنى زايا قىلىشنى ھېچ خالىمايمەن. ئۆز خىيالىمدا ياخشىلىق، گۈزەللىك، ئۇلۇغلۇققا ئوخشاش نەرسىلەرگە بولغان چۈشەنچەم ئاشقانسېرى، ئۆز يۇرتۇمغا تېزرەك قايتىش ئىستىكىم ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ» دېدى. ئەردەمنىڭ پەيلاسوپلاردەك قىلغان سۆزلىرى ئىيسا بەگنى ھەيران قالدۇردى ۋە ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ، بۇنداق ياشلارنىڭ ئىلغار پىكىرلەرنى ئىتتىك قوبۇل قىلمايدىغان مۇتەئەسسىپ جاھىللاردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئەردەمنىڭ مۈرىسىگە يەڭگىل ئۇرۇپ قويۇپ: «‹تېرىسىنى يەڭگۈشلىمىگەن يىلان ئۆلۈمگە مەھكۇم› دېگەن گەپ بار.

ئادەملەر ھەر زامان شارائىتقا ماسلىشىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پىكىرلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاڭ – سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ مېڭىشى كېرەك. بولۇپمۇ سېنىڭدەك، ئازابلارنى يەلكىسىگە ئېلىپ يول ئالغانلارنىڭ ئوي – پىكرى چوڭقۇر، ئۆزى سەگەك بولىدۇ. سىلەردەك ياشلارنى قاراڭغۇلۇققا باشلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. سىلەر يورۇقلۇققا ئىنتىزار روھقا ئىگە ياشلار. ئەگەر روھ قاراڭغۇلۇقتا قالسا، ئادەملەر بىخۇتلىشىپ كېتىدۇ، دۇنيا تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ ئالغا باسالمايدۇ. ئۆزىنىڭ ياشىغان جايىدىن سىرتقا چىقىپ كۆرۈپ، تەكشۈرۈپ باقماي، دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى يېرى بىزنىڭ تۇرغان يېرىمىز ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ، نەتىجىدە ئەتىدىن كەچكىچە ئاتا – بوۋىلىرى ئەسىرلەردىن بېرى قىلىۋاتقان ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭىلىقنى قوبۇل قىلماي جاھىلىيەت ئىچىدە ياشاپ، تېخىمۇ گۇناھكار بولىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى سەۋەنلىك گۇناھ ئىشلەۋاتقانلاردا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ قاراڭغۇلۇقتا قېلىشقا سەۋەب بولغانلاردا ۋە يولباشچىلاردا.

يولنىڭ گۈزەللىكى يولباشچىنىڭ ياخشى يولباشچى بولۇشىغا باغلىق بولىدۇ. باشتا يولباشچى، ئاندىن يولچى ماڭىدۇ ئەمەسمۇ. شۇڭا يولغا چىققاندا، ياخشى يولباشچىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىش كېرەك. سېنى قەدىرلەيدىغان ئىنسانلار بىلەن بىرگە يولغا چىقىشىڭ كېرەك. بۇ چاغدا يول قانچە جاپالىق بولسىمۇ يول يەنىلا ئاۋۇيدۇ، ئادەم بەختسىز بولمايدۇ. ھايات، داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھادىسىلەر بىلەن تولغان يوللارنىڭ بىر – بىرىگە باغلىنىشىدىن ھاسىل بولغان يول تورىدىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ ھاياتلىق يولىدا ياخشىلىق بىلەن مەشغۇل بولماق ۋە شۇنداق ئىنسانلار بىلەن بىرگە يول ئالماق، بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ ئالىي مەقسەت» دەپ پاراڭ قىلىپ مېڭىپ، ئەردەمنىڭ ئۆزىنى قورانىڭ ئالدىغا باشلاپ ئەكەلگىنىنىمۇ سەزمەي قالغان ئىدى.

ئەردەم ئىيسا بەگنى قوروغا باشلاپ ئەكىرىپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن، كۈنگەيگە قاراپ سېلىنغان قاتار – قاتار تۆت ئېغىز ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپلا، ئىچىگە يۈگرەپ كىرىپ كەتتى. ئىيسا بەگ قورونىڭ ئىچىگە بىر قۇر كۆز ئاتتى. قورونىڭ ئىچى ئوبدانلا چوڭ بولۇپ، تەسكەي تەرەپ كەڭ كەتكەن سەينا ئىدى، قالغان ئۈچ تەرىپى پىششىق كېسەكتىن سېلىنغان بىر قەۋەتلىك قاتار -قاتار ئۆيلەر بىلەن ئورالغان ئىدى. ھايال ئۆتمەي ئەردەم كىرگەن ئۆينىڭ ئىچىدىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئالدىراپ چىقىپ كېلىپ، ئىيسا بەگ بىلەن خۇددى قەدىناس دوستلاردەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا پوزۇر كىيىنگەن ئىيسا بەگكە باشتىن بويىغا سىنچىلاپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئىززەت – ئېھرام بىلەن ئۆيگە باشلىدى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top