You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن ھەسرىتى (13)

ۋەتەن ھەسرىتى (13)

 

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قىسقىغىنە يەتتە يىل ئىچىدە ئانا يۇرتىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىرمۇبىر ئەسكە ئېلىپ، ئىچى ئاچچىق زەرداپقا تولغان ئىدى. بىردىنلا ئۇنىڭ ئۆكۈنۈش ئىچىدىكى مەيۇسلىنىشى، تالغانلىقتىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى ئىچىدىكى ئۈمىددە قەنتدەك ئېرىپ كەتتى. ئۇ ئەمدى سىياسەتنىڭ قانچىلىك مۇھىم بىر ئىلىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىۋاتتى. دېمىسىمۇ خەلقى قورال ئېتىشنى بىلگىنى بىلەن، يولباشچىسى سىياسەت قىلىشنى بىلمىسە، قان بىلەن قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا بىتچىد بولاتتى. ئۇ مۇنداق ئويلىدى: «بىز مەغلۇپ بولدۇق، ئۇرۇشنى قىلغان بىلەن سىياسەتنى قاملاشتۇرالمىدۇق. خۇددى جالالىدىن رۇمى ئېيتقاندەك: ‹سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشى سۇدىن چىقالمىغانلىقى ئۈچۈن تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالمايدۇ. بەلكى سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈپ قالىدۇ›. دېمەك، بىز ئەنە شۇ سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەنلەردىن بولىمىز. شۇ ۋەجىدىن، ئاۋۋال سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىشىمىز، خەلقىمىزگە سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىشىمىز لازىم» ئۇ ئەمدى ئۆز ۋاقتىدا قولىغا قورال ئېلىپ، ئويباغ مەدرىسىدىن قاراقاش يامۇلغا قاراپ يولغا چىققان چاغلاردىكى مەنزىرىلەرنى كۆز ئالدىدىن سۈرەتتەك ئۆتكۈزدى. ئەنە شۇ ئىنقىلابنىڭ جەريانىنى ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىغا تارىخنىڭ بىر كارتىنىسى قىلىپ يېزىپ قالدۇرغانىدى. خوتەن ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇممۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن 1938 – يىلى مەككە مۇكەررەمگە كېلىپ، بۇ يىل شۇ مۇقەددەس ماكاندا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. دېمەك، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى سەپداشلىرى بىر – بىرلەپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولغان بولسا، كۆپىنچىسى دۈشمەننىڭ قەستى بىلەن شېھىت بولغانىدى. ئۇ ئىچىدە يەنە، «ئەگەر ھەقىقەتەن تارىخىمىز ئەنە شۇنداق تراگېدىيەلەر بىلەن تولۇدىغان بىر تەقدىر پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن بولسا، بۇنىڭغا بىز <ئەلھۆكمۇلىللاھا!> چۈنكى بىز شۇ تەقدىرنى پۈتكۈدەك قۇدرەتلىك ئەمەس. تەقدىرنى يازىدىغان قۇدرەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. ئەمما شۇ تەقدىرنى بېشىمىزدىن كەچۈرگۈدەك كۈچ – ماغدۇر بىزدە بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مىللەت تا بۈگۈنگىچە يوقالماي ياشاپ كەلمەكتە ۋە ئەبەدىي ياشايدۇ. ئەمدى بىز بار بولغان كۈچنى ئامال قىلىپ تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئۇنۈملۈك پايدىلانساق، چوقۇم ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرۈۋاتقان شۇ تراگېدىيەلىك تەقدىرنى ئۆزگەرتەلەيمىز. چۈنكى رەئىدە سۈرەسىنىڭ 11 – ئايىتىدە: <ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋلىنى ئۆزگەرتمەيدۇ> دېيىلگەن. بىز ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى ئورنىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزدىكى مىللىي ئاڭ، مىللىي روھنى جانلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىرىلىشى، كۈچلىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشى جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئەڭ ئۇنۇملۈك ۋاسىتە، مىللەتپەرۋەرلىك روھىنى جانلاندۇرۇش» دېگەنلەرنى ئەقلىدىن كەچۈرگەن چېغىدا، جاراڭلىق ئوقۇلغان ئەزاننىڭ ئاۋازى يىراقتىن ئاڭلاندى. ئۇنىڭغا بۇ ئەزان ئاۋازى خۇددى كۆكتىن زېمىنغا چۈشۈۋاتقاندەكلا تۇيۇلدى. ئۇ يېزىپ تۈگەتكەن تارىخى كىتابىنىڭ قوليازما نۇسخىسىغا مەمنۇنىيەت بىلەن دىيەنە بىر قېتىم قاراۋېتىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇشقا تەرەددۇت قىلدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەم ئۆزى تارىخ ياراتتى، ھەم ئۆزى تارىخ يازدى. تارىخ يازماق، تارىخ ياراتقانغا ئوخشاش مۇھىم. چۈنكى يارىتىلغان تارىخ يېزىپ قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ھەقىقىي پاكىتلىق تارىخ بولۇپ، كەلگۈسى ئۈچۈن مىراس بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تۆت يىللىق ئۇزۇن ھەم جاپالىق بىر مۇساپىنى قەلەم بىلەن بېسىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىنى تارىختا تۇنجى قېتىم، ھەقىقىي ئۇيغۇر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى يېزىپ چىققان ئىدى. ئۇ كەڭ ۋە مول تارىخىي ماتېرىياللارغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، تارىختىكى بارلىق ھەقىقەتلەرنى قىلچە يوشۇرماي ئەينەن قەلەمگە ئېلىپ، ئۇيغۇر تارىخىنى زامانداشلىرىغا تەقدىم، كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى كىشى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئۆز قەلىمى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىنى يېزىپ قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆتمۈشىمىزنى يورۇتۇپ، قايتا جانلاندۇرۇپ، بىزدە جۇشقۇنلۇق پەيدا قىلدى ۋە روھىمىزنى قايتا تىرىلدۈردى. ئۇ ئۆتمۈشتىكى شانلىق سەھىپىلەرنى، خاتىرىلەرنى، ئەسلىمىلەرنى، تراگېدىيەلەرنى، مەغلۇبىيەتلەرنى ۋە ئۆكۈنۈشلەرنى سىستېمىلىق، مەنتىقىلىق ۋە مىللىي ئەنئەنىگە سادىق قىلىپ يېزىپ چىقتى. ئويدۇرما پاكىت، ئويدۇرما توقۇلمىلاردىن يىراق تۇرۇپ، ياسالمىلىققا، تەنھالىققا، تەسادىپىيلىققا يول قويمىدى. بۇ ئارقىلىق مىللىتىمىز تارىخىنىڭ پەقەت ھۆكۈمرانلار بىلەن سەلتەنەتلەر تارىخى بولۇپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ يەنە ھاياتلىق كۈرەش تارىخى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىش تارىخىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ كىتابتا قەدىمكى تارىخىي ئىزلار، تارىخىي چۆكمىلەر، تارىخىي ئۇچۇرلار، تارىخىي قول يازمىلار، قەدىمى قەبرە قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئىنسان گۇرۇھلىرى ئىلمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، تارىخىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تارىخنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى قايتا نۇرلاندۇردى ۋە ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ ئارقىلىق ئۆتمۈشىمىزنى ئادىللىق نۇرى بىلەن يورۇتۇپ، كۆمۈلۈپ قالغان كارۋان يوللىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي ئىزىنى بويلاپ نۇرانە كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، يېڭى بىر يول ئاچتى.

تارىخ بىر بىلىم خەزىنىسى بولۇپ، بۇ ئىلىم كىشىگە روھ ۋە پىكىر، تەنقىت ھەم باشقۇرۇش، تەجرىبە ۋە نەتىجىلەرنى ئۆگىتىدۇ. دېمەك، بۇ ئىلىم ئارقىلىق ئۆتمۈشىمىزنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن خۇلاسە چىقىرىپ، كەلگۈسىمىزنىڭ يولىنى بەلگىلەيمىز. تۈنۈگۈن بولسا تارىخ، ئەتە بولسا مەۋھۇم، بۈگۈن بولسا بىزنىڭ نەتىجە يارىتىدىغان ۋاقتىمىز. «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتاب تارىخنىڭ قاراڭغۇ يوللىرىدا ئېزىپ، تەمتىرەپ قالغان يولچىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغان مەشئەل، تۇمانلىق دېڭىزدا ئېزىپ قالغان كاپىتانغا يىراقتا كۆرۈنگەن ماياك ۋە مۇز تۇتقان كۆڭۈللەر ئۈستىگە چۈشكەن پالتا ئىدى.

 

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top