ئەخمەتجان قاسىمى: بىز نېمىشقا «ئىتتىپاق» قۇردۇق؟
تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. مەزكۇر يازما 1950-يىلى «شىڭ جاڭ خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئەخمەتجان قاسىمى تاللانما ئەسەرلىرى» ناملىق كىتابتىكى «خەلقئارا ئەھۋال ۋە ئىتتىپاق» ناملىق ماقالەدىن ئېلىندى. «شىڭ جاڭدا تېنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» 1948-يىلى 1-ئاۋغۇست كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدا غۇلجادا قۇرۇلغان بولۇپ، تاكى كومۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ بەش يىلغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان سىياسىي پارتىيە خارەكتېرلىك تەشكىلات ئىدى. 1950-يىلى مارتتا مەزكۇر تەشكىلات نامىنى «شىنجاڭ خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» دەپ ئۆزگەرتكەن ۋە 1954-يىلى ئاۋغۇستتا رەسمىي تارقىتىۋېتىلگەن ئىدى. «ئىتتىپاق» قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئازاد بولغان ئۈچ ۋىلايەتتە سىياسىي پارتىيە سۈپىتىدە ھاكىمىيەتنى باشقۇرۇپ كەلگەن ۋە جاي-جايلاردا ئۆز شۆبەلىرىنى قۇرۇپ، ئەزالىرىنى كۆپەيتىپ، بىر قاتار سىياسىي-ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ئىدى. «ئىتتىپاق»نىڭ ئەڭ تالاش-تارتىشقا يول ئاچىدىغان تەرىپى رەسمىي ئىسمىدا «شىڭ جاڭ» ئاتالغۇسىنى قوللانغانلىقى بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە بۇ ھەقتە چۈشەنچىلەر بېرىلىدۇ ۋە بۇنىڭ پەقەت خىتاي تەرەپنىڭ «بىتىمنى بۇزدى» دېگەن ئەيىبلەشلىرى ۋە شۇ ئارقىلىق ئازاد ئۈچ ۋىلايەتكە ئۇرۇش ئېچىشقا يوللۇق باھانە قىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ جۇغراپىيەۋى ئىسمى بولغان «شەرقىي تۈركىستان»نى قوللىنىشنى رەت قىلمايدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاننى «مۇستەملىكە ئەل» دەپ ئاتايدۇ ۋە نويابىر ئىنقىلابىنى «مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت» دەپ تەرىپلەيدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەسمىي ھۈججەتتىن باشقا بارچە جايلاردا قىسقارتىلىپ «ئىتتىپاق» دەپلا ئاتىلىشى، تامغىسى ۋە ئەزالىق ئىزنىكىدە ئاي-يۇلتۇزنىڭ ئەكىس ئېتىشى يۇقىرىقى نۇقتىنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ. تەيۋەن ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتقان جاڭ جىجۇڭنىڭ «ئىتتىپاق»نىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە جياڭ جېشىغا يوللىغان دوكلاتىدىمۇ، جاڭ جىجۇڭ ئىلى تەرەپنىڭ «شىڭ جاڭ» ئىسمىنى قوللىنىشىنى بىر سىياسىي تاكتىكا دەپ تەرىپلەيدۇ ۋە «ئىتتىپاق»نىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ «مۇستەملىكەچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بارلىق مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر يازما «ئىتتىپاق»نىڭ قۇرۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ھەقىقىي مەقسىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزگە يول ئېچىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
بىز نېمىشقا ئىتتىپاق قۇردۇق؟
ئەخمەتجان قاسىمى
«ئىتتىپاق» ئەزالىق ئىزنىكى
پۈتۈن دۇنيا مەزلۇم ئەللىرىنىڭ كۈرەش تەجرىبىسى شۇ ئەللەردە مۇستەھكەم بىرلىك سەپ بولمىغاندا مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئۇتۇققا ئىگە بولماسلىقىنى كۆرسەتتى. مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇتۇققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كۈرەشكە چۈشكەن تەرەپنىڭ پولاتتەك ئىنتىزامغا ئىگە بولغان بىر تەشكىلاتى بولۇشى كېرەك ئىكەن. بىز بىتىم قىلدۇق. ئۈرۈمچىگە ۋەكىللىرىمىزنى ئەۋەتتۇق. ئۈرۈمچىدە بىزدە ئىنتىزام بىلەن باغلانغان تەشكىلات بولمىغاچقا، يالغۇز ئابروي بىلەن ئىش ئېلىپ باردۇق. بۇ ئۈچ ۋىلايەت خەلقىمىزنىڭ ئابرويى ئىدى. بىزنىڭ ۋەكىللىرىمىز ئۈرۈمچىدىكى چاغدا «بىتىم ئىلى تەرەپنىڭ يوشۇرۇن پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن پەردە» دېگەن نەزىرىيەلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما بىر-بىرى بىلەن باغلانغان، بىر جايدىن يوليورۇق ئالىدىغان بىر تەشكىلات بولمىغاچقا ئازادلىققا ئىنتىلگەن خەلق ۋەزىيەتكە توغرا باھا بېرەلمەستىن، چوڭلارنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلەلمەستىن، ئايرىم جايلاردا رىئاكسىيون خىتاي مىلىتارىستلىرى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان ئېغۋالارغا ئىشىنىپ، يەتتە ۋىلايەتنىڭ بەزى جايلىرىدا ۋاقتسىز قوراللىق قوزغىلاڭلارمۇ بولدى. ئىلى تەرەپ تېنچ تۇرغان خەلقنى ئومۇمىي قوزغىلاڭغا دەۋەت قىلمىغان ۋاقتلاردا ئىلگىرى-ئاخىرى ئۆز-ئۆزىدىن پەيدا بولغان بۇ قوزغىلاڭلار مۇۋەپپەقىيەتكە ئىگە بولالماسلىقى تەبىئىي ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەملىكەچى مىلىتارىستلار ئۆزلىرى ئىغۋا بىلەن چىقارغان بۇ قوزغىلاڭلارنى ئاسانلىق بىلەن رەھىمسىز رەۋىشتە باستۇرالىدى. بۇ ۋەقەلەرئىنتىزام بىلەن بىرلەشكەن تەشكىلات بولمىسا، يالغۇز ئابروي بىلەن ئۇنداق ئىشلارنى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە لايىق ھەممىنىڭ ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، پىلانلىق باشقۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ، ھەممە شۇ يەردىلا بىر پىكىرگە كېلىپ قالغان ئىدى. «ۋەكىللىرىمىز ئىلىغا بارغاندا بىر تەشكىلات قۇرايلى ۋە ئىنتىزامنى تەشكىلات بىلەن باغلايلى» دېگەن ئىدى. چۈنكى، پىشىپ يېتىشمىگەن ئايرىم ھەرىكەتلەر پۈتۈن ئومۇمىي ھەرىكەتكە تەسىر قىلىپ قويار ئىكەن.
بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز مىللىي ئازاتلىق ھەرىكەت ئىدى. ئازادلىققا تەشنا بولۇپ يۈرگەن بىزنىڭ خەلقىمىز زۇلۇمغا چىدارلىق ئەھۋالى قالمىغان چاغدا ئوچۇق كۈرەش مەيدانىغا ئىنتىلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ شۇ ئىنتىلىشىدىن كېيىن دۈشمەنمۇ ئېغۋا تەشكىلات قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. خەلقىمىزنىڭ سادىق پەرزەنتلىرىمۇ شۇلارنى توغرا يولغا باشلايمەن دەپ ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆز-ئۆزىدىن بىر-بىرى بىلەن باغلانمايدىغان گايى يېڭىلىش يولغا چۈشۈپ قالغان تەشكىلاتلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئەمدىكى بىزنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىمىز ئەركىن ئۈچ ۋىلايەت دائىرەسىدە قۇرۇلغان ئوچۇق پروگراممالىق ئاممىۋىي تەشكىلات سېپىگە ئۆز-ئۆزىدىن ھەرىكەتلىنىپ يۈرگەن ئايرىم تەشكىلاتلارنى ۋە ئومۇمىي خەلقىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ ھەرىكەت بىرلىكىنى تەمىن قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەر جايلاردا بولىدىغان ھەرىكەتلەر مۇشۇ ھەرىكەتكە باغلىق بولسىلا ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ. بارلىق مۇشۇ يولدا ئىشلەيمەن دېگۈچىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى مۇشۇ مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتىگە ۋە پروگرامماسىنى تۇرمۇشقا ئاشۇرۇشقا قاراتساق، بىز ئۇتۇق قازىنىمىز. ئادالەتلىك، ئىنسانىي ۋە خەلقچىللىق ئۈچۈن بولغان ھەرىكەتلەرنى بىرلەشتۈرگەندە خەلقىمىزنىڭ ئەسىرلەر بويى قىلغان ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش مەيدانىغا چۈشكەن بىر پۈتۈن كۈچ بولالايدىكەن.
ئەمدى قانداق تەشكىل قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. بىز بىتىم قىلدۇق. خەلقىمىز بىتىم شەرتلىرىنى ھىمايە قىلىپ تۇرغاندا تەشكىلاتنىڭ ئىسىمنى «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلالىيەت پارتىيەسى» دېيىلسە، بىزگە ياردەم بېرەلەمدىكەن. خەلقىمىز بىتىم قۇبۇل قىلدى. شۇنى ئاخىرىغا قەدەر داۋام قىلدۇرۇش كېرەك ئىدى. رەسمىيەتتە ئۆلكەنىڭ ئىسمى «شىڭ جاڭ» ئىكەن. بىتىمدىمۇ شۇ ۋەكىللىرىمىزمۇ «شىڭ جاڭ» دېگەن نامدىن كەچمىگەن ئىكەن. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان دەيدىغان بولساق ئۇرۇشپەرەستلەرگە قورال بولىدىكەن. ئۇرۇشپەرەسلەر ئېغۋا قىلمىسۇن، رەسمىيەتتىن تاشقىرى ئاغزىمىزنى بوغمىغانلىقتىن، بىر نېمە دېسەكمۇ، سۆز-مەتبەئە ئەركىنلىكىگە بىنائەن ئۆلكەنىڭ جۇغراپىيە ئىسمى(شەرقىي تۈركىستان) نى قانداق ئىشلەتسەكمۇ، رەسمىيەتتە «شىڭ جاڭ» دەيلۇق دېگەن پىكىر تەسىس مەجلىسىدە قۇۋۋەتلىنىپ قارار قىلىندى. شەكلى ئۆزگەرسىمۇ مەزمۇن تەرىپىنى ئېتىبارغا ئېلىش كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىتىمنى بۇزمايمىز دەپ تۇرغاچقا، خەلقىمىزگە بىتىمدىكى ھوقۇقلار مۇۋاپىق كەلگەچكە، خەلقىمىزنىڭ ئىلغار پىكىرلىك ۋەكىللىرى ئىتتىپاقنى مۇشۇ ئىسىم بىلەن قۇرۇشنى لايىق تاپتى.
پۈتۈن دۇنيا خەلقى تېنچلىق ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ. پۈتۈن دۇنيا جاھانگىر دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى تېنچلىقنى بۇزۇش ئۈچۈن دۇنيانى 3- قېتىم خانىۋەيرانچىلىققا سېلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن دۇنيا جاھانگىرلىكى ئۇرۇشنى خوشلايدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى – «تېنچلىق» دېگەن سۆز جاھانگىرلارنىڭ ھالاكىتى، مەزلۇم ئەللەرنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەملىكەلەرنىڭ مۇستەقىللىقى دېگەن سۆز بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاز بولسىمۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆمۈرلىرىنى ئۇزارتىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ مەزلۇم مۇستەملىكە ئەل بولغاچقا مۇستەملىكەچىنىڭ تۆمۈر زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلىشىنى يېقىنلاشتۇرىدىغان دۇنيا خەلقىنىڭ «تېنچلىق» دېگەن ئاۋازىغا ئۆز ئاۋازىمىزنى قوشقانلىقىمىزنى ئەمەلدە كۆرسەتمەكنى ئىستىدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن «تېنچلىق» دېگەن سۆزنى ئالدۇق.
خەلقىمىز ھوقۇقتا باراۋەر بولسۇن، سىياسەتكە ئارىلاشسۇن دېگەن ئۈمىدتە ئىدۇق. بۇ مەقسەتكە ئېرىشىدىغان ئاتالمىنى «خەلقچىللىق» دەيدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن «خەلقچىللىق» دېگەن ئاتالمىنى ئالدۇق. شۇنداق قىلىپ، خەلقنىڭ تەسىس مەجلىسى «شىڭ جاڭدا تېنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نامىنى قۇبۇل قىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ سانىنىڭ ئۆسۈپ كېتىپ بېرىشى ئىتتىپاقنىڭ خەلق تەلىپىگە مۇۋاپىق بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە يەتتە ۋىلايەت خەلقىنىڭ غۇلجادا ئىتتىپاق قۇرۇلغانلىقىغا پەۋقۇلادە خوش بولۇشى خەلقىمىزنىڭ ھەرىكەت بىرلىكىنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ئۇمتۇلۇشى (ئىنتىلىشى) نى كۆرسىتىدۇ. خەلقىمىز ئۆزىنىڭ پروگراممالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنى مەقسىتىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئېلىپ بارغۇسىدۇر.
1949-يىل 17-يانۋار
(«ئىتتىپاق» ژورنالى 3-سانىدىن)
مەزكۇر يازمىنى تەييارلاشتا ماقالەنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىگەن «تۈركىستانىي كۈتۈپخانىسى» غا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
مۇناسىۋەتلىك ئۈزۈندىلەر:
شەرقىي تۈركىستان بىر جۇغراپىيەلىك ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇنى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. – ئەخمەتجان قاسىمى، «نەنجىڭ شىنمىن گېزىتى»، 1946-يىلى 11-دېكابىر
-سىز «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنى ئىستىمالغا كىرگۈزگەن ئىدىڭىزغۇ؟-كەسكىن سوئال بىلەن ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ تاشلىدى موسكۋا رەھبىرى،- «شىنجاڭدا تېنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى»نى سىز قۇرغان ئىدىڭىزغۇ؟
-ھە! مەن غۇلجىدىكى سوۋېت پاسونېستىرا باشلىقى دوباشىننىڭ قەتئىي تەلىپى ۋە بۇيرۇقى بىلەن شۇنداق نام قوللىنىشقا مەجبۇر بولغانمەن. ئەگەر بۇ بۇيرۇقنى بىجا كەلتۈرمىسەم ھاياتىم خەۋپ ئەستىدا قالاتتى. بۇنى مەن چۈشىنىپ يەتكەنمەن. «شىنجاڭ» بولسا بولسۇن، لېكىن ۋەتەننىڭ ئازادلىقى يولىدىكى غايىۋىي نىيەتلىرىم بەربات بولمىسۇن، دېگەن مەقسەتتە «ئىتتىپاق»نى تەشكىل قىلدىم. شەكىلدە ئەمەس، ئاساسىي مەزمۇندا چوڭ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشتىم. -«خۇنرىزلىك» 46-45 بەتلەر ، ئاسىم باقى ئوغلى.
مەزكۇر ماقالەنىڭ ئەسلى نۇسخاسىدىن بىر بەت:
«ئىتتىپاق»قا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر:
«ئىتتىپاق» مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. غۇلجا، 1948-يىلى
ئالدىنقى رەت ئوڭدىن سولغا: 1-رەخىمجان سابىرھاجى، 3-مەھەممەتجان مەخسۇم (ئارقىسىدا ئولتۇرغان ھەربىي شەپكە كىيگەن كىشى ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوۋ)، 4-ئەخمەتجان قاسىمى، 5-ھېكىمبەگ خوجا، 7-ئابدۇكېرىم ئابباس، 8-سەيپىدىن ئەزىزى (ئارقىسىدا ئولتۇرغان كىشى ئابلەھەت مەخسۇم)، 9-ئابدۇرېھىم ئەيسا (پۇتىنى يانغا چىقىرىپ ئولتۇرغان، بۆكسىز كىشى)، 11-ئەنۋەر خانبابا، 13-قىيۇمبەگ خوجا
«ئىتتىپاق»نىڭ تەشكىلىي ئىشلار ۋاقتلىق قوللانمىسى
37021-نۇمۇرلۇق مەزكۇر گۇۋاھنامە ئامىنەم سايىم ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالغا تەۋە بولۇپ، مەزكۇر گۇۋاھنامە تارقىتىلغاندا 19 ياش ئىكەن. مەلۇماتى «چالا ساۋات»، خىزمىتى «ئۆي ئىشى» دەپ كۆرسىتىلگەن مەزكۇر ئەزا 1949-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ «ئىتتىپاق»قا كىرگەن بولۇپ، ئېيىغا 500 دوللاردىن ئەزالىق بەدىلى تۆلىگەن.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى باش قوماندان ئورۇنباسارى دەلىلقان سۇگۇربايېۋنىڭ 0281نومۇرلۇق ئىتتىپاق ۋاقتلىق ئەزالىق گۇۋاھنامەسى
گۇۋاھنامەگە «ئىتتىپاق» رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى ئىمزا قويغان
«ئىتتىپاق» ژورنالى