سابىت داموللام بىىلەن خوجانىياز ھاجىمنىڭ سۆھبىتى
ھەبىبۇللا ئابلىمىت
مانا شۇنداق قىلىپ ئاقسۇنى تۇڭگانلارغا تاشلاپ چېكىنگەن خوجانىياز ھاجىم 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن ئىدى. خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئاتۇشقا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان سابىت داموللام يۈرىكى يىرىلىپ كەتكىدەك بىر ھاياجان بىلەن ئالدىغا بېرىپ بىر قوللۇق ھال سورىدى ۋە خوجانىياز ھاجىنى دەرھال قەشقەر شەھەر ئىچىگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ چاغ دەل ئون بىر ئاينىڭ سۇلتانى بولغان ئۇلۇغ رامىزان ئېيىغا توغرا كەلگەن چاغ بولۇپ، ئۇلار ئىپتاردىن كېيىن خالىي بىر ئۆيدە يالغۇز ئوبدان مۇڭداشتى. سابىت داموللام شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۈرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى يەنە بىر قېتىم ئۆز ئاغزى بىلەن باشتىن ئاياق زىر – زەۋىرىگىچە تەپسىلى چۈشەندۈردى ۋە ھازىرقى ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى بىرمۇ – بىر ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئەسلىدىنلا كونا تونۇشلاردىن بولغان بۇ ئىككى ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيەر ئەركىنلىك كۈرەھچىلىرى بىر – بىرلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بەزى ئوقۇشماسلىقلارنىڭ بولغانلىقىنى ئاسانلا تونۇپ يېتىشتى.
سابىت داموللام 1923 – يىللىرى غۇلجىغا كېلىپ دەڭ مەچىتىدە «قۇرئان كەرىم» نى ئاغزاكى تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلىپ، غۇلجا خەلقىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، قەدىرلىنىپ كېلىۋاتقان چاغلىرىدا، خوجانىياز ھاجىم سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قايتىپ غۇلجىدا تۇرغان چاغلارغا توغرا كەلگەن بولغاچقا، بۇ ئىككى يول باشچى كۆپ قېتىم غۇلجىدا ئۇچراشقان، مۇڭداشقان ۋە خەلقنىڭ ئازاتلىق ئىنقىلابى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى. مانا ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئاتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەزىز ماكاندا يەنە بىر قېتىم ئىككىسى يالغۇز باش قوشۇپ، يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان دۆلىتىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئولتۇرۇشقانىدى. ئەمما باشتا بۇ سۆھبەت ئۇنچىلىك كۆڭۈللۇك باشلانمىدى. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۈرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتىدىكى بەزى كىشىلەردىن خوجانىياز ھاجىم ئىنتايىن نارازى ئىدى. بولۇپمۇ ئەسكىرى قۇرۇلمىنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ كەلگەن قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ بولۇشىدىن كۆڭلى ئەمىن ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئەيتاۋۇر، خوجانىياز ھاجىم سەل تەرىنى تۈرۈپ سابىت داموللامغا تەنە ئارىلاش مۇنداق دېدى:
‐ داموللام سىلە مېنى ئوبدان بىلىلا. مەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا كۆپ يىل تۇرغان ئادەم. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيەر زىيالىلار بىلەن كۆپ قېتىم ھەم سۆھبەتتە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىدىن خېلى ئوبدان خەۋەردار بولغان ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى كۆزەتكەنمەن. مەيلى قازاقىستان بولسۇن، مەيلى قىرغىزىستان، مەيلى ئۆزبېكىستان ھەتتا موسكۋانىڭ ئەھۋالىدىنمۇ خەۋەردارمەن. مەن ئۇ يەرلەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە بىزنىڭ كۆرگەن كۈنىمىزگە سېلىشتۇرۇپ زادى نېمە قىلىش كېرەكلىكى ۋە قانداق قىلىش لازىملىقى ئۈستىدە كۆپ ئويلانغان بىرسى مەن. ھەم قولامغا قورال ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ئىنقىلابقا قاتناشقان مەن. شۇڭا بۇ قىرغىز ۋە ئۆزبېك دېگەنلەر نېمىنى ئويلاپ بىزنىڭ ئىنقىلابىمىزغا قېتىلغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان. زاھىرەن ئۇلار بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەمپەئىتى ئۈچۈنلا قوللىرىغا قورال ئېلىپ بىزگە قېتىلغان. ئۇلار سوۋېت بولشىۋېكلىرىدىن قېچىپ، جانلىرىنى قولتۇقىغا قىسىپ بىز تەرەپكە كەلگەن قاچقۇنلار. شۇڭا ئۇلار ھەر ۋاقىت بىزنىڭ ئىنقىلابىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەرىپىگە بۇرايدۇ. بىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ.
ئەگەر ئۆز مەنپەئىتى سەل زىيانغا ئۇچراپ، ئۆز ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالىدىغان ئىش سادىر بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا دەرھال بىزگە ئاسىلىق قىلىدۇ. شۇڭا تېگى نامەلۇم بۇ كىشىلەرگە زىيادە ئىلتىپات كۆرسىتىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قولىدا ئوت، بىر قولىدا تۇترۇق كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىغان قارا نىيەتلەرنى يوق دەپ، كىم ئېيتالايدۇ. بۇنداقلا ئاجايىپ ئويۇنباز كېلىدۇ، قىلىدىغان ھىلە – نەيرەڭلىرىنىڭ چېكى يوق. ئۇلارنىڭ بۇ يامان نىيىتى پۈتۈن ئەلنى ۋەيران قىلىشقا يېتىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنىڭ بىر تەرىپى. يەنە بۇنىڭدىنمۇ يامان تەرىپى شۇكى، ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئىنقىلاب قوشۇنى ئىچىگە ئەكىرىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بىرلىك سەپ تۈزگەندەك بىر كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلدۇق. سوۋېتنىڭ دۈشمىنىنى بىز قوينىمىزغا ئالدۇق. بۇ ئەھۋال خۇددى تارىختا ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ 1871 – يىللىرىدىكى پاجىئەلىك يىمىرىلىشىنى بىزگە ئەسلىتىدۇ. ئەينى زاماندا غۇلجىغا چار رۇسىيە ئەسكەرلىرىدىن جانلىرىنى ئېلىپ قاچقان قازاقلارنىڭ ئالبات ۋە تازىبەك قاتارلىق قەبىلە باشلىقلىرى نەچچە مىڭ قازاقنى باشلاپ، ئەلاخان سۇلتاندىن پانالىق تىلەپ، ئىلىغا كەلگەن. شۇ چاغدا ئەلاخان سۇلتان ئۆزىنىڭ سەلتەنىتىنىڭ تەھدىت ئاستىدا قىلىشىغا قارىماي، بۇلارنى ئۆز قوينىغا ئالغان.
ئەلاخان سۇلتان: «بۇ قازاقلار بىزنىڭ ھەم مىللىي ھەم دىنىي قېرىنداشلىرىمىز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كەلگەن بالا – قازا بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن بالا – قازاغا ئوخشاش» دەپ، ئويلىغان. ئۇ قازاقلارغا ئىلىنىڭ ئەڭ ئېسىل يايلاقلىرىدىن بىرى بولغان كۈنەس يايلىقىدىن ئورۇن بېرىپ، ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن چارۋىلارنى ھەدىيە قىلىپ بەرگەن. بۇ چاغدا چارپادىشاھنىڭ گۇبېرناتورى ئەلاخان سۇلتانغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇ قازاق پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئەلاخان سۇلتان قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دۆلىتىنىڭ تەقدىرىنى دوغا تىككەن. بۇنىڭ بىلەن دەرغەزەپكە كەلگەن چارپادىشاھىنىڭ گۇبېرناتورى ئىلىغا زور قوشۇن بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قانلىق ئۇرۇش بولغان. بۇ ئۇرۇش نەچچە ئاي داۋام قىلغان. غۇلجا خەلقى بۇ ئۇرۇشتا قىرىلىپ تۇگەپ كەتكىچە قان كىچىپ جەڭ قىلغان ۋە ئاخىرى پاجىئەلىك مەغلۇپ بولغان. ئەينى چاغدىكى جەڭدە شېھىتلارنىڭ ئەزىز تەنلىرىدىن ئاققان قانلار غۇلجا شەھىرىدە ئېرىق – ئېرىق بولۇپ ئاققان، جەڭ مەيدانىدىكى ئاتنىڭ تۇياقلىرى قانغا چېلىشىپ كەتكەن. دېمەك ئۆز قېرىدىشىمىز دەپ، قارىغان ئاشۇ نەچچە مىڭ قازاقنىڭ جانلىرى ئۈچۈن يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر باھادىرلىرى قىرىلىپ، شېھىت بولغان.
1871 – يىلى 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى رۇسلار ئىلى سۇلتانلىقىنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلىپ، ئەلاخان سۇلتاننى ئەسىر ئېلىپ، ئۆز تەرىپىگە ئېلىپ كېتىپ يوغان بىر قورغانغا نەزەربەند قىلىپ قويغان. بۇ يەر كېيىن تارىختا «سۇلتان قۇرغان» دەپ، ئاتىلىپ قالغان. شۇندىن كېيىن ئىلى خەلقى رۇسلارنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشىغان ۋە ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن رۇسلار مانجۇلار بىلەن «ئىلى شەرنامىسى»نى تۈزۈپ، ئىلىنى مانجۇلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە تۇتۇپ بەرگەن. شۇندىن بۇيان بىز خەق خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلالماي كەلدۇق. دېمەك بىز شۇنچىلىك ۋاپادار، ئاق كۆڭۈل مىللەت ئىكەنمىزكى، ئۆزىمىزنى ئويلىماي ئاشۇ قازاقلارنى دەپ، بىر سەلتەنەتلىك ئىلى سۇلتانلىقىدىن ئايرىلىپ قالدۇق ۋە ئاخىرى كېلىپ مۇشۇ خىتاي لومودىلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇق. بىز سىياسەت قىلىشتا ھەر دائىم «ئۈممەتچىلىك»، «تۈركچىلىك» قىلىمىز دەپ ئولتۇرماي، گېزى كەلسە «ئۇيغۇرىستان» چى بولىشىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىشىمىز لازىم. بىز ئەمدى بەش يۈز يىلدىن ئوشۇق سەلتەنەت سۇرگەن ئوسمانىيلا ئىمپېراتورلۇقىدەك سىياسەت قىلىشنى ئۆگەنسەك بولغىدەك. كەچكىچە قېرىنداش، دىنداش دەپ ئولتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىمىزنى خەتەرگە ئىتىپ، خەقنى دەپ دۈشمەنگە قۇل بولغىچە، ۋاقتى كەلگەندە دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بارلىقىمىزدىن ۋاز كېچىشنى، ئاچچىق بەدەل تۆلەشنى ئۆگەنسەك بولىدۇ.
ئەينى زاماندا ئوسمانىيلار ئىمپېراتورلۇقىدىكى شاھزادىلەرنىڭ شاھلىق سەلتەنىتىنى تالىشىپ، ئىچكى ئۇرۇش چىقىرىپ دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۈچرىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ سەيخۇل ئىسلاملىرى «قېرىنداش قاتىللىقى جائىزدۇر» دەپ، پەتىۋا بەرگەن ئىكەن. بىز بولساق بىرەر مىڭ ئادەمنى دەپ، بىر پۈتۈن خانلىقنى مۇنقەرز قىلىشقا يول ئاچتۇق ۋە نەچچە يۈز مىڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆلۈشىگە، يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ ياقا – يۇرتلارغا كۆچ بولۇشىغا سەۋەبچى بولدۇق. بىز ئەمدى تارىختىن ساۋاق ئېلىشنى بىلىشىمىز لازىم، تارىختىكى خاتالىقلارنىڭ يەنە تەكرارلىنىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. شۇڭا بىز بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ قولىمىزغا قورال ئېلىپ، ئون مىڭلىغان شېھىتلار بەدىلىگە يەنە بىر دۆلەتنى قۇرۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ قوينىغا ئۇياقتىن قاچقان باندىتلارنى ئالساق، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدەك دۇنيادىكى قۇدرەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ چىشىغا تەگكەن بولمامدۇق؟
مىڭ بىر جاپادا قۇرغان بۇ دۆلەت تۆت كۈنگە بارماي شۇلار تەرىپىدىن بۇرۇنقىدەكلا مۇنقەرز بولىدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرمامدۇ! چۈنكى، ئۇلار ھازىر بەك كۈچلۈك، مەن ئۇلارنىڭ كۈچلۈك، قۇدرەتلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بىز پەقەت ئاشۇ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا تايانغاندىلا ئاندىن ئەڭ بولمىغاندا غەربىي تۈركىستاندىكى ئاشۇ خەلقلەردەك ئۆز مىللىتىمىزنىڭ رىسپۇپلىكىسى بولغان «ئۇيغۇرىستان»نى قۇرۇپ چىقالايمىز ۋە ھازىرقى ھالىمىزدىن مىڭ مەرتىۋە ياخشى ياشاش پۈرسىتىگە ئىگە بولىمىز. ئاندىن ۋاقتى كەلگەندە غەربىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز نېمە بولسا بىزگىمۇ شۇ بولار، قالغىنى ئاللاھ كەرىم! مەڭگۈ داۋام قىلىدىغان بىر ئىمپېراتورلۇق جاھاندا يوق. مەن – مەن دېگەن ئوسمانىيلار ئىمپېراتورلۇقىمۇ، چاررۇسىيەمۇ غۇلاپ چۈشتىغۇ. بىز بىزدىن ئىككى ماڭدام نېرىدىكى شۇنچىلىك قۇدرەتلىك قوشنىمىزنىڭ چىشىغا تىگىپ نەدىكى ئاتام – ئانام كۆرمىگەن نەچچە تاغ، نەچچە دېڭىز يىراقلىقتىكى خەقتىن ئۈمىد كۇتكىنىمىز بىلەن، ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار شۇنچە يىراق يەردىن ياردەم قولىنى سۇنۇپ بولغۇچە، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىزنىڭ كۆكىمىزنى كۆككە سورۇپ بولىدۇ. شۇڭا مېنىڭ دەيدىغىنىم سوۋېتنىڭ چىشىغا تەگمەيدىغان شەرت ئاستىدا بىر ئىش قىلىشىمىز ۋە پەقەتلا ئۆزىمىزنىڭ يۇرت ۋە مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلاپ يول ئېلىشىمىز لازىم، ۋەسسەلام.
خوجانىياز ھاجىم بۇ سۆزلەرنى ئېيتىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۆلچەملىك ياغاق سۆڭىكى ئۈستىدىكى قىرو باسقان ساقاللىرى تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭ چوڭقۇر كۆز ئۇۋىسىغا جايلاشقان ئۆتكۈر كۆزلىرىگە تاشلىنىپ تۇرغان ئۆسكىلەڭ قاشلىرىمۇ بىر يۇقىرىغا، بىر تۆۋەنگە ھەرىكەت قىلىپ، قاش سۆڭىكىدىن ھېلىلا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭ قارىدىغان يۈزىنى شۇنچىلىك سۈرلۈك قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا ئالدىغا قويۇلغان شىرەدىن يىراقلىشىپ، ئارقىسىدىكى تامغا كەڭ كەلگەن غولىنى تىرەپ، سول پۇتىنى ئۇزۇن سوزۇپ، ئىگىلگەن ئوڭ پۇتىنىڭ تىزىغا تولا ئوق ئىتىپ چارچىغان ئىككى قولىنىڭ ئون بارمىقىنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ قويۇپ ئولتۇردى. ئۇ ھەقىقەتەن چارچىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ كۈرەشكە تولغان بۇ ھاياتى، جەڭ مەيدانلىرىدا قۇربان بولغان شېھىتلارنىڭ قانلىرىنى بىرگە ئېلىپ كېتىۋاتقان تاغ سۇلىرىدەك، شارقىراپ ئېقىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ مۇشەققەتلىك بۇ ھايات يوللىرىدا نەچچە قېتىم ئۆلۈپ نەچچە قېتىم تىرىلگەنىدى ۋە بۇ ھايات ئۇنىڭ ئالدىغا قانداق قىيىنچىلىقلارنى چىقارغان بولسا، شۇنداق ئاماللارنى قىلىپ بۇ كۈنگە ئۇلاشقان ئىدى.
سابىت داموللام بولسا خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىككى قارا كۆزىنىڭ يانلىرىدىكى چوڭقۇر قورۇقلارنىڭ ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرىگە ئەگىشىپ تەڭ توختىماي مىدىراشلىرىغا قاراپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئارىسالدىلىق ئىچىدە چارىسىز قالغانلىقىنى بايقىدى. بەزى ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن بىر ۋاقىتلارغىچە قانداق بىرسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيسىز. ئەمما خوجانىياز ھاجىم ئۇنداق كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئويلىغانلىرى دەرھاللا تاشقى قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق بىلىنىپ قالاتتى. بۇنداق كىشىلەر ئىچىدە ئاچچىقلانسۇن ياكى خوشال بولسۇن ھەممىسى ئىچى بىلەن تەڭ تاشقى قىياپىتىدىمۇ ئىپادىلىنەتتى، ئاچچىقى ۋە خوشاللىقىنى يوشۇرالمايتتى. مانا بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىپىك پىسخىك خارەكتىرلىرىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. بۇنداق ئادەملەر ئەقىل جەھەتتىن بەتتەررەك كىشىلىك ئادىمىلىك جەھەتتە يېتىشكەن بولىدۇ. بۇ ھاللارنى تولۇق چۈشىنىدىغان ئەقىلدان سابىت داموللام سۆھبەت جەريانىدا نېمە مەسىلە توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىدىن بەكرەك كىم بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئالغاچقا، بەك كۆپ گەپ قىلىپ خوجانىياز ھاجىمنى تىرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، سۆزىنىڭ بېشىنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئىبراھىم سۈرەسىدىكى 11 – ۋە 12 – ئايەتلىرى بىلەن باشلىدى:
‐ «پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: <بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمىز، لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز. مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن. ئاللاھ بىزنى مېڭىشقا تېگىشلىك يولىمىزغا يېتەكلىگەن تۇرسا، بىز نېمىشقا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلمايمىز؟ سىلەر بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيەتلەرگە ئەلۋەتتە سەۋر قىلىمىز، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن> دېدى».
سابىت دامولام ئايەتلەرنى ناھايىتى مۇڭلۇق، تەجۋىتلىك قىلىپ ئوقۇغان ئىدى. ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئىككى ئايىتىدىن ئىلھام ئالغان خوجانىياز ھاجىم ئۆزىنىڭ ئولتۇرۇشىنى قوپال ھەرىكەتلىرى بىلەن تۈزەشتۈرۈپ، بوينىنى سەل ئالدىغا ئېگىپ سابىت داموللامنىڭ تۆۋەن ئاۋاز بىلەن ۋەزىنلىك قىلغان سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. سابىت داموللام ھەقىقەت بىلەن يۇغۇرۇلغان سۆز تۇلپارىنى چاپتۇرۇپ، خوجانىياز ھاجىمنىڭ روھىغا ئۆز سۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، سۆزىنى داۋام قىلماقتا ئىدى.
‐ ھاجىم سىلە بۇ مۇبارەك شەرقىي تۈركىتان ئىسلام جۇمھۇريىتىنىڭ دۆلەت ئاتىسى بولىدىلا. ئۆزلىرى ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ، جەڭگاھلاردا قان كېچىپ نەچچىلىگەن ئىنقىلابقا قاتناشقان غازى، خەلقىمىزنىڭ باشپاناھى، يول باشچى. ھازىر قەشقەر خەلقى ناھايىتىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالدى. ئۇلار بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك كىچىلەردىن تېزرەك قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، ئۈستىدە يورۇق بىر قۇياشنىڭ پارلىشىغا تولىمۇ تەشنا ئىدى. سىلە دەل مۇشۇ تەشنالىق پەيتتە بۇ مۇبارەك زېمىنغا پارلىغان قۇياشتەك پەيدا بولۇپ، بىزدەك نا ئۈمىد ئىچىدە نېمە قىلارىنى بىلمەي تىڭىرقاپ قالغان قەدىناس دوستلىرىنى ئالەمچە بەختىيار قىلىۋەتتىلە. خەلقىمىزنىڭ سىلىدىن كۇتىدىغان ئۈمىدلىرى بەكمۇ زور. شۇڭا بەكمۇ چوڭقۇر ئويلاپ ئولتۇرماي، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەمگە تەۋەككۇل قىلىپ، قەشقەرگە دەرھال يۈرۈش قىلىشلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلىدىن سورايمەن. قالغان ئىشلارنى قەشقەرگە كىرگەندىن كېيىن يەنە ئۆزئارا ھەم پىكىردە بولۇپ، بىر قارارغا كەلسەكمىكىن دەپ ئويلايمەن.
خوجانىياز ھاجىم سابىت داموللامنىڭ ھەم قىسقا ھەم مەزمۇنلۇق قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سەل بوشىغانىدى. سابىت داموللام ئۇنچىلىك زورلىمىسىمۇ ئۆزىنىڭ قەشقەرگە يۈرۈش قىلىدىغانلىقى تەبىئىي بىر ئەھۋال ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ ئەس خىيالى ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان تۇڭگانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال سېتىۋېلىشتا ئىدى. ئەمدى ئۆزىنى ئوت بىلەن سۇنىڭ ئارىسىدا قالغان بىرسىدەك ھېس قىلىپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ تەرسالىقىنى كۆرسىتىپ يەنە مۇنداق دېدى:
‐ داموللام سىلە دېگەندەك ئۇلۇغ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ كەلگەن جايىمىز مۇشۇ. بۇ كۈنلەرگىمۇ يۇز مىڭ قەترە شۈكرى. قەشقەرگە كىرىشنىغۇ كىرىمىز. ئەمما كىرگەندىن كېيىن ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ سەل ئويلاشمىساق بولمايدۇ. چۈنكى ما جۇڭيىڭدىن ئىبارەت بىر تەلۋە ئۆز قوشۇنى بىلەن ئۇدۇل قەشقەرگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ. ئەڭ مۇھىم مەسىلە بۇ زور كۈچنى قەشقەرنىڭ ئىچىگە كىرگىزمەي تۇرۇپ يوقىتىشتا. شۇڭا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىرلىك سەپ تۈزۈپ، ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇش بەكمۇ مۇھىم. نۆۋەتتە بىز قەشقەرنىڭ ئىچى ھەم تېشىدىكى دۈشمەنگە تەڭ دۇچ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا كۈچنى ئىككىگە بۆلۇپ جەڭ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر قىيىن شارائىتتا ھۆكۈمەت بىرلىككە، ئىتىزامچانلىققا موھتاج. ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدە گەپ قىلىدىغانلار كۆپ بولغىنى بىلەن ئۇنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق. قىلىدىغان ئىش كۆپ بولغىنى بىلەن ئىش قىلىدىغان ئادەم يوق، چىقارغان قانۇنلار كۆپ بولغىنى بىلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلار ۋە ئىجرا قىلىدىغانلار يوق، «يېنىڭدا بىز بار» دەپ، قويغىنى بىلەن يولغا چىققاندا ياندا ئادەم يوق. يولنى ماڭغاندەك قىلغان بىلەن ئالغا بېسىۋاتقان ئادەم يوق. يېغىپ ئېيتسام «خەق ئۇسسىغاندا بۇلاق ئىدۇق، بىز ئۇسسىغاندا دەريا قۇرۇق» دېگەندەك ئىش بولۇپ قالمىسۇن دەيمەن.
خوجانىياز ھاجىمنىڭ سۆزى ئۈزۈلە ئۈزۈلمەيلا سابىت داموللام دەرھال پاراسەت بىلەن سۆز ئالدى:
‐ «ئايرىلىقتا زىلۋەت، بىرلىكتە نۈسرەت باردۇر» دېگەن، ھېكمەتلىك سۆزنى بىزنىڭ كىشىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىلسىمۇ، سىلە ئېيتقاندەك ئەمەلىيەتتە يەنىلا نۇرغۇن ئايرىمچىلىقلار يوق ئەمەس بار. بىزنىڭ خەلقىمىزگە قارىتىلغان ئۇزۇن يىللىق زۇلۇم – سىتەم، قۇللۇق ھايات، يەكلىنىش ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىقلار ئەنە شۇ خەلقىمىزدىكى ھەققانىيەتكە تەلپۈنگەن، زۇلمەت قاراڭغۇلۇقىدىن ئادالەتنىڭ يورۇقلۇقىغا ئىنتىلگەن، خارلىقتىن ئۆلۈمنى ئەلا بىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ تاۋلاپ، ھىممەتلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇلار ئىچىدىكى بەزى پۇرسەتپەرەس يامان نىيەتلىك كىشىلەر بۇ ئىنقىلابتىن مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن ھەرخىل يوللارغا باش ئۇرۇشقا باشلىدى. ھەتتا بەزىلىرى ئىشلىرىمىزغا چوماق سوقۇپ، مەۋجۇت مەسىلىلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە يەنە يېڭى مەسىلىلەرنى چىقىرىپ، تېخىمۇ جىگىش قىلىۋىتىپ بارىدۇ. شۇڭا بىز يېڭىشەھەرنى ئالماي تۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىشقا چارىسىز. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۆۋەتتە ئەڭ جىددى مەسىلە قەشقەرنى دەرھال تەلتۆكۈس تولۇق ئازات قىلىش.
«ئارپىسىز ئات قىر ئاشالماس، ياردەمچىسىز ئالپ سەپنى يىمىرەلمەس» دېگەندەك، بىز سىلىنىڭ ياردەملىرىگە بەكمۇ موھتاج. نېمە سەۋەب بىلەن بولسا بولسۇن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزغا ئۆكۈنۈپ، كۆڭۈللىرىمىزنى قارىداتمايلى. ئۈمىد بىلەن ئالدىمىزغا قاراپ يولىمىزنى پاكلايلى. بۇ پاتقاقچىلىق يولدا ئۆزىمىزنى قانچە پاتقاققا مۆلىمەي ماڭساق شۇنچە ياخشى. شۇنداق قىلغاندىلا يول قۇرغاندا ماڭىمىز دەپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، پۇشايمان قىلىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. شۇڭا مەن بۇ يولدا ھېچكىمگە ئىشەنمىگەنچىلىك قەدەر سىلىگە ئىشىنىمەن. سىلە بۇ خەلقنىڭ كۆزىنى ئاچتىلا. ئادەم كۆزىنى كۆر قىلغانغا ئەمەس، كۆزىنى ئاچقانغا ئەگىشىپ يول ئالىدۇ.
تولا تالاش – تارتىشنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان خوجانىياز ھاجىم ئەمدى ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپ توختالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، «مۇھەققەق قىيىنچىلىق بىلەن بىرگە بىر ئاسايىشچىلىقمۇ باردۇر» دېگەن، ئايەتنى ئوقۇدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ساقال باسقان يۇمۇلاق يۈزىنى بالىلارغا خاس بولغان بىر خىل تەبەسسۇم چىرماپ ئالغان ئىدى. ئاندىن ئۆزىنىڭ دەرھال قەشقەرگە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سابىت داموللامنى ئالەمچە خوش قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتىۋاتقان قىيىنچىلىقى يېڭىشەھەرنى ئېلىش جېڭى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ قويۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بېرىدىغان قورال – ياراقلارنى ئېلىشتا بىر پىشكەلچىلىكنىڭ بولۇپ قىلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ، كۆڭۈللىرى دىىلغۇللۇق ئىچىدە قالغان ئىدى. دېمىسىمۇ بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن بۇ رەھىمسىز رېئاللىق ھەر تەرەپتىن كۈشەندە بولىۋاتاتتى. ما جۇڭيىڭنىڭ باندىت قوشۇنلىرى ئۇنىڭ بارلىق پىلانلىرىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتكەن بولغاچقا، ئۇ بۇ مۇشەققەتلىك يوللاردا يۈرۈپ تەن ۋە روھ جەھەتتىن ناھايىتى چارچىغانلىقى ئۇنىڭ ئويچان كۆزلىرىدىن بىلىنىپ تۇراتتتى. شۇنداق قىلىپ ئەتىسى بامدان نامىزىدىن كېيىن، سابىت داموللام خوجانىياز ھاجىمغا قەشقەردە كۇتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، چىرايلىق خوشلىشىپ قەشقەرگە يۈرۈپ كەتتى.
«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.