You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » زەمبىرەك

زەمبىرەك

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: مەزكۇر يازما ئابدۇراھمان ئەبەي ئەپەندى تۈزگەن «ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسىمىدىن ئېلىنىپ تەييارلاندى. ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى 1946-يىلى نويابىردا ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايى»غا قاتنىشىش ئۈچۈن نەنجىڭ شەھىرىگە بارغان ۋە 1947-يىلى يانۋارغىچە خىتاينىڭ بىر قىسىم چوڭ شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغان ئىدى. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە گومىنداڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئازاد ئۈچ ۋىلايەتىدىن كەلگەن يەتتە نەپەر ۋەكىلنى بىر تەرەپتىن يۇمشاق ۋاستىلەر بىلەن ئۆزىگە مايىل قىلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىپ، ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈشكە ھەرىكەت قىلغان ئىدى. مەزكۇر ھېكايەدە ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ بىر قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا خىتاي ئەمەلدارىنىڭ شۇ خىلدىكى مەنسىتمەس تەنىسىگە بەرگەن ئورۇنلۇق جاۋابى بايان قىلىنىدۇ. مەزكۇر ھېكايەنى سۆزلەپ بەرگەن خەمىت سۇلتان ئەپەندى، ئەينى چاغدا ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى بىلەن بىرگە شۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەردىن بىرى بولۇپ، سەپەر ۋە بارلىق پائالىيەتلەردە بىللە بولغان ئىدى. 


زەمبىرەك

ئەخمەتجان قاسىمى (ئوڭدىن 4-كىشى) باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى شاڭخەيدە، 1947-يىلى

بىر كۈنى، ئەخمەتجان قاسىمى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللىرىنى باشلاپ شاڭخەينىڭ دېڭىز بويىنى سەيلە قىلغىلى چىقتى. ئۇلار سەيلە قىلىپ يۈرۈپ، بىر پورتقا كېلىپ قالدى. پورتتىكى بىر پاراخوتتا ۋەكىللەر ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان شۇنداق چوڭ بىر زەمبىرەك تۇراتتى. زەمبىرەكنىڭ يوغانلىقىغا ھەيران قالغان بىر گومىنداڭ ئەربابى:

–  ۋاي-ۋۇي، نېمىدىگەن يوغان زەمبىرەك بۇ! شىنجاڭغا بېرىپ ئىككى پاي ئوق ئاتسا شىنجاڭنى تۈزلىۋەتكىدەكقۇ بۇ!-دېدى. 

ئەخمەتجان قاسىمى دەرھاللا جاۋاب بەردى:

–  بۇغۇ سىلى دېگەندەك خېلى چوڭ زەمبىرەك ئىكەن، تەقسىر. جۇڭگو ئامېرىكادىن مۇشۇ بىرنىلا ئالغان ئوخشايدۇ. بۇنى ئېتىپ شىنجاڭنى تۈزلىۋېتەلىسىمۇ، يوقىتىۋېتەلمەيدۇ. زىمىن ئانا ھايات بولسىلا قەھرىمان ئەۋلاد يەنە كۆپىيىۋېرىدۇ. ئۇلار ئاخىرى مۇشۇ زەمبىرەكنى قېرىتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىغا دەپنە قىلىۋېتەرمىكىن دەيمىنا! …

باشقىلار دەل ۋاقتىدا بېرىلگەن بۇ كىنايىلىك جاۋابنى ئاڭلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ئەسلىدە: بىزنىڭ مۇشۇنداق ھەيۋەتلىك زەمبىرەكلىرىمىز بار. ئۈچ ۋىلايەتتەك ئازغىنە بىر يەرنى بىر نەچچە پاي زەمبىرەك ئوقى بىلەن تۈزلىۋېتىمىز، دېمەكچى بولغان ھېلىقى گومىنداڭ ئەربابى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جاۋابى بىلەن باشقىلارنىڭ تەنە كۈلكىسىنى ئاڭلاپ، قاينامغا غەرق بولغان ئادەمدەك تۇنجۇقۇپ كەتتى. (بۇ ھېكايەنى خەمىت سۇلتان سۆزلەپ بەرگەن)


Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top