You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن ھەسرىتى (12)

ۋەتەن ھەسرىتى (12)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بۇ قىشنى جىددىي رەۋىشتە يېزىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرىنى داۋاملىق يېزىش ۋە كابۇلدىكى ئەنگلىيە باش ئەلچىسىگە يازغان ھىندىستانغا كېتىش ئىلتىماسىنىڭ  تەستىقلىنىشىنى كۈتۈش بىلەن ئۆتكۈزدى. ئەمدى يازنىڭ ئىسسىق تومۇزلىرى كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇ قىشبويى بېشىنى ئۈستەلدىن كۆتۈرمىگەچكە، كابۇلنىڭ قىشلىق مەنزىرىلىرىدىنمۇ ھۇزۇر ئالالمىغانىدى. ئۇ بۇ قىشتا تەبىئەتتىن پەقەت بىرلا نەرسىنى ئۆگىنىۋالدى، ئۇ بولسىمۇ، بۇ قىش كابۇلدا قارنىڭ كۆپ ياغقانلىقى، بۇ قارلار نەمخۇش بولۇپ، بىر نەرسىگە يېپىشىۋالسا چۈشمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتى ئۆز يۇرتى خوتەننىڭ قارلىرىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ، خوتەننىڭ قۇرۇق قارلىرى قۇملۇقتىن ئۇرغان ئاچچىق شامال بىلەن تەڭلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، خۇددى تۇرنىلاردەك كۆكتە ئۇچۇپ يۈرۈيدىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىپ، ئۆز يۇرتىدا ئەركىن يۈرگەن چاغلىرىنى سىغىنغان ئىدى.

قىش كېتىپ باھار كەلگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ باغ تەرەپكە قارايدىغان دېرىزىلىرىنى يوغان ئېچىۋېتىپ، باھار ئىشقىدا ئويغانغان باغقا زوق بىلەن قارىدى. بۇ چاغدا خوتەن دىيارىدىكى جانلىنىپ كەتكەن، ئانا تەبىئەتتىكى قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغان بارلىق جان – جانىۋارلارنىڭ ياڭراتقان ھايات ناخشىسى، ئۇنىڭ قۇلقى تۈۋىدە جاراڭلىغاندەك بولدى. ئۇ ھازىر باھار سۆيگۈسىدە مەسخۇش بولغان قۇشلارنىڭ سايراشلىرىغا قۇلاق بېرىپ، ئىچىدىن بالقىغان ۋەتەن سۆيگۈسىگە ئەسىر بولغان، ھەسرەتلەنگەن ئىدى. كۈندۈزلىرى كۆپكۆك كۆك قەرىدىكى تەنھا قۇياشقا، كېچىلىرى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلەنگەن سامادىكى يالغۇز ئايغا قاراپ، قۇياشنىڭ ئىسسىق ھارارىتىدىن، ئاينىڭ ئىللىق جامالىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ۋەتەن ئاسمىنىدىكى قۇياش بىلەن ئاينى كۆرگەندەك بولۇپ، ئۆز – ئۆزىگە تەسەللى بەرگەن ئىدى. ئۇ كابۇل دەرياسىنىڭ قىرلىرىدا پىيادە يۈرۈپ، باھار يېشىللىقى ئاتا قىلغان يۇمران مايسىلارغا سالام بېرىپ، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشاتتى، ياپ – يېشىل مايسىلارنىڭ ۋە بوي تارتىپ ئۆسۈۋاتقان بىدىلەرنىڭ، ساپسېرىق چېچەك ئاچقان قىچىلارنىڭ يانلىرىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ، «ئەي باھار! سەن بىزنىڭ قەھرىتان قىشلاردا ئاپئاق قارنى يېپىنچا قىلىپ كۆرگەن چۈشلىرىمىزنى رېئاللىقا ئايلاندۇردۇڭ. بىز ئەمدى ئۇلۇغ قۇياش نۇرىغا يۈزىمىزنى تۇتۇپ، تېخىمۇ قويۇق، ھەم ئېگىز ئۆسۈمىز، ئەجرى ئالتۇن دېھقاننىڭ رىشتىدە پەرۋىش بولۇپ، بۇ ھاياتقا مول رىزق ئاتا قىلىمىز. ئەي سۆيۈملۈك قۇياش، ئەي مېھرىبان ئانا تۇپراق! بىزنىڭ سېخىيلىق بىلەن دېھقان ئاكىغا قىلغان ھەشقاللىمىزنى ئەنە شۇ چاغدا بىلىسىلەر!» دەۋاتقانلىقىغا قۇلاق بەرگەن ئىدى.

ئۇ، ئېگىز ھەيۋەتلىك ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ سالاملىرىنى باغرىغا تېڭىپ، يېنىدا ئۆركەش ياساپ ئېقىۋاتقان ئەزىم دەرياغا قاراپ، دەريا سۇلىرىنىڭ قىرغاققا چاچرىغان ھەر بىر تامچىلىرىنىڭ ۋاپادارلىق بىلەن، «ئەي گۈزەللىكنىڭ ئەلچىسى باھار! قۇتلۇق قەدەملىرىڭدىن ئۆرگىلەي! سەن مۇزلۇق چوققىلارنىڭ قەلبىنى شەيدالىق ئوتىدا ئىللىتقۇچىسەن، يالتىراق قۇياشنىڭ قەدىمىنى بۇ زېمىنغا يېقىنلاشتۇرغۇچىسەن، ئۇنىڭ ئىسسىق نۇرىدا تەبىئەتنىڭ تومۇرىدا توڭلىغان قانلارنى ئېرىتىپ، ئۇنى ئالتۇن قەدەھ بىلەن بىغۇبار ھاياتلىقنىڭ شەربىتى سۈپىتىدە مۇشۇ قارا تۇپراققا سۇنغۇچىسەن!» دەپ قىلغان سادالىرىنى ئاڭلىغانىدى. سۈپسۈزۈك كۆكتە ئەركىن ئۇچۇپ، بىر – بىرى بىلەن بەسلىشىپ، قانات قېقىۋاتقان ئۇچار قۇشلارنىڭ چۇرۇقلىشىپ تۇرۇپ، «ئەي باھارنىڭ تاجىسى نورۇز! بىز سېنىڭدىن چىن ئىنسان سۆيگۈسىنىڭ نۇرانە جىلۋىسىنى كۆردۇق، ئادەمزاتنىڭ بىزگە قەست قىلماي، بىزنىڭ رىزقىمىزغا چاڭ سالماي، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەتكە تولغان مېھرىنى قوشۇپ، يۈرەكلىرىنىڭ ئوت – يالقۇنلىرىدا مۇرادىغا يېتىپ پىشقان نورۇز ئاشلىرىنى ئالەمچە ھوزۇر بىلەن يەپ – ئىچىپ، بەس – بەستە  ئۇسسۇلغا چۈشكەنلىرىگە شاھىت بولدۇق. نورۇزنامە ئوقۇش، كىتاب ئارمىغان قىلىش، ئاتا مىراس نورۇز ئويۇنلىرىنى ئويناشلىرىغا داخىل بولدۇق. بىز قۇشلار، ئىنسانلار تەنتەنە قىلىۋاتقان بۇ نورۇزنىڭ خاسىيەتلىرى توغرىسىدا ئويلىشىپ قالدۇق. ئىنسانلار قەدىرلەۋاتقان بۇ نورۇزنىڭ يالغۇز يەر شارىنىڭ قۇياشنىڭ ئەتراپىدا رېتىملىق ئايلىنىشتەك ئالەمنىڭ قانۇنىيەتلىك ھەرىكىتىگىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تەبىئەتنىڭ ھاياتلىق مىزانلىرىغا ماس كېلىشى، بولۇپمۇ بىز قۇشلارنىڭ، جۈملىدىن بارلىق جان – جانىۋارلارنىڭ قايتىدىن جانلىنىپ، باش كۆتۈرۈشگە باشلىغان چاغلىرىغا دەل كېلىشى، ھەممىمىزنى تېخىمۇ تاڭ قالدۇردى.

ھە راست، دانىشمەن تۈركلەرنىڭ كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈننى بايرام قىلىپ تاللىغانلىقىغا ئىچ – ئىچىمىزدىن ئاپىرىن ئوقۇدۇق. ئەي خاسىيەتلىك نورۇز، سەن ھاياتلىق ئەركىلىرىنىڭ قانات قاقىدىغان كۈنىسەن، ئاستىمىزدا ياپيېشىل كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاشۇ زېمىننىڭ ئۈمىدلىرىنىڭ مۆجىزە چېچەكلىرى سېنىڭ ۋەسلىڭدە پورەكلەيدۇ. بىز سېنىڭ باھار ناخشاڭغا جۇر بولۇپ، قانات ئۇرۇپ ساماغا چۈشىمىز، چېچەكلەردىن، گۈللەردىن، بارلىق يېشىللىقلاردىن، ھاشارەتلەردىن ئۆز رىزقىمىزنى ئېلىپ، ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قوشۇپ، ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ھۆكمىگە، ئادالىتىگە، مىزانىغا بويۇن ئىگىمىز» دېگەنلىرىنى بىر – بىرلەپ ئاڭلىغان ئىدى. دېمىسىمۇ ھەر كىم، ھەر بارلىق باھاردا ھاياتنىڭ قەدىر – قىممىتىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم تونۇيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇشۇ تەبىئەتنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىگە قايىل بولىدۇ. تەبىئەتنىڭ بۇ سىرلىق كىتابى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ۋەتەن ھەسرىتىدە شىكەستىلەنگەن دىل يارىلىرىغا مەلھەم بولۇپ، ئىلھام بۇلىقىنى قايتا ئۇرغۇتۇپ، يېزىقچىلىقىغا بەرىكەت ئاتا قىلغان ئىدى.

ئەمدى باھار ئۆتۈپ يازمۇ كەلدى. بۇ يەرنىڭ يازلىق ھاۋاسى خوتەننىڭكىدىن قېلىشمايتتى. تومۇزدا ھاۋانىڭ تېمپىراتورىسى بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ، جاھاننى تىنجىق قاپلاپ، شامالدىن زەررىچىلىك خەۋەر كەلمەيتتى. بۇنداق چاغلاردا، كابۇلدىكى ئادەملەرنىڭ يۈز تېرىلىرى بىردىنلا قارىداپ، خۇددى ئۇزۇن ئىشلەتكەن تۇچ پەتنۇستەك پارقىراپ كېتەتتى، ھەتتا ئۈستىگە قونغان چاڭ – توزانلار ئاپتاپتا ۋالىلداپ، سەراپقا ئوخشاپ قالاتتى. بازاردىكى تىمتاس رەستىلەردىكى ئادەملەر قاتتىق ئىسسىق دەستىدىن مۈگىدەپ، يۈزىگە قونغان چىۋىنلەرنى ئۇچۇرۇۋېتىشكىمۇ ھورۇنلۇق قىلاتتى. كوچىلاردىكى ئىتلار تىللىرىنى چىقىرىپ تېز – تېز نەپەس ئالسا، دەرەخ شاخلىرىدىكى قۇشقاچلار ئېغىزلىرىنى ئېچىپ ھاسىرايتتى. دېمەك، كابۇلدىكى بارلىق جانلىقلار داپخۇنى ئېتىكلىق ئاشۇ تونۇردا تەڭ پىشىپ، تەڭ كۆيۈپ كۆمەچ بولاتتى. تومۇز ئايلىرى ئۆتۈپ، كۈزنىڭ باشلىنىشى بىلەن، تەڭ كابۇل كوچىلىرى يەنە قايتىدىن جانلىنىپ كەتتى.

ئادەم بىلەن لىق تولغان كوچىلارنى مېۋە – چىۋە، تاۋۇز – قوغۇنلارنىڭ مىزىلىك پۇراقلىرى ئەسىر ئالغانىدى. بازارلاردا، ئېتىز – ئېرىقلاردا ھەركىم ئۆز تىجارىتى، ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئىككى قولىنى تۆت قىلالماي پايپىتەك بولۇپ يۈرگەن ئادەملەرنى ھەر يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى. مانا مۇشۇنداق بەرىكەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىنىڭ، يەنى 1939 – يىلى 9 – ئاينىڭ 2 – كۈنىنىڭ گېزىتىگە، تۈنۈگۈن گېرمانلارنىڭ پولشانى ئىشغال قىلىشى بىلەن تەڭ، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر گېرمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ رەسمى باشلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بېسىلغان ئىدى. مانا ئەمدى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا پەرەز قىلغاندەك جاھان ئۇرۇشى باشلىنىپ، دۇنيا ئىككىگە ئايرىلىپ بىر – بىرلىرىنى قىرىشقا ئۆلتۈرۈشكە كىرىشكەن، ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى، خەلقلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، بۇ دۇنيانى جەھەننەمگە ئايلاندۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇنداق تارىخىي بىر دەۋردە، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭۇر ئويلىنىشقا، تەپەككۇر قىلىپ بىر چىقىش يولى ئىزدەشكە كىرىشتى.

بۇ ھاياتتا ئادەمگە ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە زادى نېمە؟ دەپ سورىسىڭىز، ھەركىم ھەرخىل جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى ھەركىمنىڭ ھاياتتا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلىرى ئۆزگىچە بولىدۇ. ئەگەر سىز ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان بىرسىدىن بۇ سوئالنى سورىسىڭىز، ئۇ ئەلۋەتتە «تاماق» ياكى «نان» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈپ قالاي دېگەن بىرسىدىن بۇ سوئاللنى سورىسىڭىز، ئۇنىڭ «ئىسسىق بىر جاي» ياكى «ئىسسىق بىر نەرسە» دەپ جاۋاب بېرىشى تۇرغان گەپ. ئەمما پۈتۈن بىر مىللەت ئۈچۈن بۇ سوئالنى سورىسىڭىز، يەنە باشقىچە جاۋاب بېرىشى مۇمكىن، مەسىلەن، بۇ سوئالغا بىز ئۇيغۇرلار «ئەركىنلىك» ۋە «ئازاتلىق» دەپ جاۋاب بېرىشىمىز ئېنىق. دېمەك، ئەركىنلىك ۋە ئازاتلىققا ئېرىشىش بىزنى تەقەززا قىلىۋاتقان شۇ ئارزۇ ۋە نىشاندۇر. بىز ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان، بىزدە ئەڭ كەم بولغان نەرسە، ئەنە شۇ «ئەركىنلىك» ۋە «ئازاتلىق». ئەمما بۇ مەنزىلگە بارىدىغان يول نەدە؟ بۇنىڭغا ھەركىم ئۆزى بىلگەن، ئۆزى ئىشەنگەن پىكىر ئېقىمىغا ئاساسەن جاۋاب بېرىدۇ.

ئۇنداقتا بىر مىللەتكە ئورتاق بولغان بىر يولنى تېپىشنىڭ يولى بارمۇ؟ بار بولسا، ئۇ يول نەدە؟ مانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابى، نۆۋەتتە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىدى. ئۇ بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەش يولىدا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسەرنى ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ پۈتتۈرگەن ئىدى. يەنى تۆت يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، سېلىشتۇرۇش ۋە يېزىش جەريانىدا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقىپ، نەشىرگە تەييار قىلغانىدى. بۇ ھەيۋەتلىك مۆھتەشەم قەلئە ئاخىر بىر تاشتىن – بىر تاشتىن ئۈستى – ئۈستىگە قويۇپ، قوپۇرۇلۇپ چىقىلغان ئىدى. بۇنداق بىر قەلئەنى ھېچبىر زامان، ھېچقانداق بىر بومبا پارتلىتىپ گۇمران قىلالمايتتى. چۈنكى بۇ ماددىي قۇرۇلمىلىق قەلئە ئەمەس، مەنىۋى جەھەتتىكى يېمىرىلمەس قەلئە ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك مەنىۋى بايلىقى، ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسى ئىدى. چۈنكى بۇ قەلئە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىغا ۋە قەلبىگە قوپۇرۇلغان ئىدى. ئەمما ھاياتتا بىر مەزلۇم مىللەتكە باش بولغان ئادەمنىڭ دەردى تۈگىمەيتتى.

بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن تەڭ، ئىككىنچى بىر يېڭى مەسىلە تەييار بولاتتى. مانا شۇ تاپتا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھازىرقى رېئاللىقتىن بىزار بولۇپ قاتقان مېڭىسى تەپەككۇر قاينىمىدا پىرقىراپ چۆگۈلۈمەكتە ئىدى. ئۇ ئۈستەل ئۈستىدىكى دەستە – دەستە، رەتلىك قويۇلغان قوليازمىلارغا قارىدى. ئەڭ ئۈستىدە، يېقىندا خوتەن ئىنقىلابى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، تۇڭگانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلار ۋە خوجىنىياز ھاجىم ھەققىدە تېخى يېزىلغان يازمىلار تۇراتتى. ئۇ خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولغان مەھمۇد مۇھىتىنى ئەسكە ئالدى. مەھمۇد مۇھىتى  1937 – يىلى 4 – ئاينىڭ باشلىرىدا، شېڭ شىسەينىڭ سۇيىقەستىدىن قېچىپ ھىندىستانغا چىققاندىن كېيىن، ياپون ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە باغلاپ، يېقىندا توكيوغا يېتىپ بارغان ئىدى. شېڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستانغا مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ قەشقەردىكى كۈچلىرىنى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىن كېيىن، سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى بىلەن خوتەندىكى ما خۇسەن كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆز قولى بىلەن يازغان ئۈستەل ئۈستىدىكى بۇ تارىخىي قول يازمىلاردا، ئەينى چاغدا ئۆزىنى مەغلۇپ قىلىپ خوتەننى ئىشغال قىلغان ما خۇسەن ھەققىدە يېزىلغان مەزمۇنلارمۇ بار ئىدى.

1937 – يىلى 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى خوتەن ئاسمىنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئۈچ ئايروپىلان بىلەن تەڭ، خوتەن دىيارىغا بېسىپ كەلگەن 20 تانكا، 40 ئاپتوموبىلدىكى ئەسكەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يېتىپ كەلگەن مەۋلانوف دېگەن قوماندان باشچىلىقىدىكى ئاتلىق قىرغىز قوشۇنىنىڭ ھاۋا ھەم قۇرۇقلۇقتىن قىلغان ھۇجۇمى ئالدىدا، خوتەن دىيارىدىكى تۇڭگان قوشۇنلىرى كىرىدىغان تۆشۈك تاپالماي، تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز يۇرتلىرى بولغان گەنسۇ، چىڭخەينى كۆزلەپ قېچىپ، يول بويى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسكىلىكىنى قىلىپ، ئۇچرىغانلا ئادەمنى بۇلاپ – تالاپ چۆل تەرەپكە قاچقان بولسا، بەزىلىرى ئەسىرگە چۈشتى. قوماندان مەۋلانوف تۇڭگان ئەسىرلىرىنى چۆلدىكى قۇملۇققا يالاپ ئاپىرىپ، بويۇنلىرىنى ئىنچىكە پولات سىم بىلەن باغلاپ، ئۇلارنى بىر – بىرىگە چېتىپ، سىمنىڭ ئۇچىنى ئاپتوموبىلنىڭ توكىغا ئۇلاپ ھەممىنى ئوق ئىشلەتمەي بىراقلا توك بىلەن ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. بۇ چاغدا ما خۇسەن خوتەن خەلقىنىڭ قان – تەرى بەدىلىگە كەلگەن بايلىقلارنى ئېلىپ، قاغىلىق ئارقىلىق ھىندىستانغا قاچقانىدى. شۇنداق قىلىپ شىڭ شىسەي ۋە سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا تەڭ كېلەلمىگەن تۇڭگانلار ئاخىرى مەغلۇپ بولۇپ، خوتەن دىيارىدىن يوقالغان ئىدى. بىراق خوتەن خەلقى تۇڭگاندىن ئىبارەت بۇ ئىبلىسنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئورنىنى يەنە بىر ئىبلىس ئالغانىدى. يەنى شېڭ شىسەينىڭ زەھەرلىك قولى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ چەت چېگراسى بولغان خوتەن دىيارىغىچە يەتكەن بولۇپ، ئۇ ئەمدى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېگانە خوجايىنىغا ئايلانغانىدى.

ئۇ خوتەنگە ھۇجۇم باشلاش بىلەن تەڭلا، ئۈرۈمچىدە «36 ھىيلە» دىن ئېشىپ چۈشىدىغان ھىيلىسىنى ئىشقا سېلىپ، خوجىنىياز ھاجىمنى يىغىنغا چاقىرىش باھانىسىدە، 1937 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قولغا ئالدى ۋە ئۇنى ئۆزى ئىشەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مەخسۇس ئەۋەتىلگەن جاللاتلار قىيىن – قىستاققا ئېلىپ، سوراق قىلدى. ئەينى چاغدا خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئەقلىگە كىرىپمۇ باقمىغان ئىشلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ، ئۇنىڭغا «ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قۇيرۇقى» دېگەن تۆھمەتنى چاپلىدى ۋە ئىقرار قىلىشقا قىستىدى. ئەمما ئۇ ئىقرار قىلىشقا ھازىر ئۇنىمىدى. ئاخىرى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىك توغرىسىدىكى ھۆكۈمنامىنى ئېلان قىلغۇچىلار ئالدىدا مەردانە قىياپەتتە قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ، «ماڭا كەلگەن بۇ ئۆلۈم مەن ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس. مەن ئالدىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن كۈنىلا ئۆلۈپ بولغان مەن. ئېيتىپ قوي! شېڭ دوبەن دېگەن خۇمپەر لومودىغا! مەن ئۆلگەن بىلەن خەلقىم ئۆلمەيدۇ! ئىنقىلاب تۈگىمەيدۇ» دەپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارشىلىقىنى ئىپادىلىدى. مانا بۇلار، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ بۇ ئۆمرىدە دېگەن ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرى ئىدى. بۇ دەل، 1938 – يىللىرى كۈز ئايلىرىغا توغرا كېلەتتى. شۇ چاغدا جاللاتلار خوجىنىياز ھاجىم بىلەن بىرگە، قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن 108 باھادىر ئەزىمەتنى بىر كېچىدە بىراقلا بوغۇپ ئۆلتۈرگەنىدى.

خوجىنىياز ھاجىم ئۈرۈمچىگە كەلگەن چاغدىلا ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ دامىغا چۈشكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بولغۇلۇق بولغانىدى، مىڭ پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ شۇ ۋاقىتتا، شۇ زامان بىلەن ماكاندىكى ئىككى چوڭ كۈچنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرىنىڭ قۇربانلىقىغا ئاتالغان قويغا ئايلانغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈرەشكە تولغان بۇ ھاياتىدا، غىلپال قىلىپ كۆرۈنگەن بىر ئۈمىد ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەقىدىسىنى ئۆزى «ئادىل» دەپ بىلگەن سوۋېتكە باغلىغان ئىدى. ئەينى چاغدا، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ داھىيسى ئابدۇللاھ روزىباقىيېۋمۇ مىللەتچىلىك بىلەن قارىلىنىپ، خوجىنىياز ھاجىم بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە ستالىن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تاسادىپىي دەل كەپ قالغان ئىشلار ئەمەس. بەلكى، ھەممىسى سىياسەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قۇرغان ئويۇنلىرىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئاچچىق تارىخنىڭ ئۆچمەس سىمالىرى ئىدى. ئەينى چاغدا شۇ يولباشچىلارنىڭ يوللىرىدا جەڭ قىلىپ شېھىت بولغان باھادىرلارنىڭ ھەربىر تامچا قانلىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يازغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاق ۋاراقلىرى ئۈستىگە تىزىلغان مەڭگۈ ئۆچمەس جۈملىلەر ئىچىدىكى ھەربىر ھەرپكە سىڭىپ كەتكەن ۋە شۇ شېھىتلار شۇ تىراگېدىيەلىك تارىخنىڭ بىردىنبىر پۈتۈكچىلىرىگە ئايلانغان ئىدى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top