You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن ھەسرىتى (8)

ۋەتەن ھەسرىتى (8)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بۈگۈن بەزىلەر قورولىرىدىكى قارلارنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش بولسا، يەنە بەزىلەر پاكار – پاكار ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىدىكى قېلىن قارلارنى يوغان ياغاچ كۈرەكلەر بىلەن تۆۋەنگە ئىتتىرىپ، كوچا تاملىرىنىڭ تۆۋىگە دۆۋلەش بىلەن ئاۋارە ئىدى. مانا شۇتاپنىڭ ئۆزىدە، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەردەم بىلەن قورودىكى قارلارنىڭ ھەممىسىنى پاكىز تازىلاپ، قار دۆۋىلىرىنى قورونىڭ ئارقىسىدىكى باغ تەرەپكە توشۇۋەتكەندىن كېيىن، دەرۋازىنى ئېچىپ سىرتقا چىققان ئىدى. ئەتراپ ئاپئاق قار بىلەن كۆمۈلگەن بولۇپ، كوچىنىڭ ئىككى يېنىغا ئېگىز دۆۋىلىۋېتىلگەن تاغدەك قار دۆۋىلىرى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. كوچىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئاق تېرەكلەر شاخلىرىنىڭ ئۈستىدىكى قارنىڭ ئېغىرلىقىدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي، يەرگە قاراپ تازىم قىلىپ تۇراتتى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا مۇشۇ كەمگىچە بۇ كوچىدا بۇنچىلىك كۆپ ئۇششاق بالىلارنى كۆرمىگەچكە، توپ – توپ بولۇپ قار ئېتىشىپ ئويناۋاتقان بالىلارغا ھەيرانلىق ئىلكىدە بىردەم  قاراپ تۇردى. تام تۈۋىدە قار توپىنى دۆگىلىتىۋاتقان ۋە بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقان قار توپىغا قاراپ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كېتىۋاتقان قىزى پاتىمە بىلەن مۇھەممەد رىزانى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆڭلى پاراغەتكە چۆمدى. ھازىر ئۇلار مۇشۇ مەھەللىدىكى ئەڭ چوڭ ئائىلىلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بەخت – تەلىيى ئىدى. ئائىلە بۇ ھاياتتىكى مۇشەققەتلىك ئۇزۇن يولدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يولنى ئۇلار سەۋر بىلەن، ئەجىر بىلەن ۋە مېھىر- سۆيگۈ بىلەن ياساپ چىقىۋاتاتتى. ئۇ يان قورونىڭ پاكار سوقما تېمى ئۈستىدىكى قارلارنىڭ ئاستا – ئاستا بىرىكىپ قاتمۇ – قات بولۇپ، خۇددى تامنىڭ ئۈستىگە سوقۇلغان يېڭى بىر تامدەك تۇرغانلىقىغا قاراپ، ئەقلىدىن بىر ئويلار كەچكەندەك بولدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يېقىندىن بېرى زۆرۈر بولمىغان بارلىق ئىشلارنى يىغىشتۇرۇپ، زېھنىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۇرىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇ دۇنيا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى كابۇلدا چىقىدىغان بارلىق گېزىتلەرنى ئوقۇغاندىن سىرت، كابۇلدىكى چوڭ كۇتۇپخانىلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ، پارسچە، ئەرەبچە نۇرغۇن تارىخىي كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ ئەكېلىپ ئوقۇشقا ۋە ئۇلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدى. بولۇپمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كابۇلدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندالنىڭ تۈركىيەدىن ئەكەلدۈرۈپ بەرگەن تۈرك تارىخىغا ئائىت كىتابلىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۈچۈن قىممەتلىك بىر بايلىق بولۇپ قالغانىدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەر كۈنى ئىككى سائەت ئافغانىستاننىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرىگە ئائىت گېزىتلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلاتتى. ئۇ تەرەققىي قىلغان مەدەنىي دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىلىم – پەن، سانائەتكە ئائىت بارلىق خەۋەرلىرىنى، كىتابلارنى ئوقۇيتتى. ئۇنىڭ ھازىر ئەڭ قىزىقىپ ئوقۇۋاتقان كىتابلىرى يەنىلا تۈرك تارىخىغا ئائىت كىتابلار ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى تۈرك تارىخىغا ئائىت  نۇرغۇن كىتاب ۋە ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، ئۇلار ئۈستىدە تارىخنىڭ ئىلمىي مېتودىغا تايىنىپ  ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزى بىلىدىغان تىللاردىكى تۈرك ۋە دۇنيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان 40 تىن ئوشۇق كىتابنى ئوقۇپ، سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىپ، خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭدى. خۇددى فاتىمە بىلەن مۇمەممەد رىزانىڭ مۇشتۇمدەك كاللەك قارنى ئاپئاق قار ئۈستىدە دۆگىلىتىپ – دۆگىلىتىپ، بوي يەتكۈسىز چوڭلۇقتىكى قار توپىغا ئايلاندۇرغىنىدەك ۋە كۆزگە چېلىقىپ تۇرغان ئاشۇ سوقما تام ئۈستىدىكى ئارقىمۇ – ئارقا ياغقان قارلارنىڭ ئۈستى – ئۈستىگە يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئاشۇ ئېگىز ئاق قار تېمىدەك، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تارىخىي بىلىملىرىمۇ ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ كۆپۈيۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈستى – ئۈستىگە يىغىلىپ، كۈندىن – كۈنگە موللىشىپ بارماقتا ئىدى.

تۈرك تارىخىغا ئائىت ھەر بىر تارىخىي كىتابنى قولىغا ئېلىپ ۋاراقلىغان چاغلىرىدا، ئۇنىڭ خۇددى چوڭقۇر  دېڭىزنىڭ ئاستىغا شۇڭغۇغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ، ھەيرانلىق ئىچىدە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدىغان چاغلىرى بولاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەيرانلىقى خۇددى دېڭىزنىڭ چەكسىز – بىپايانلىقى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا ئەمەس، بەلكى دېڭىز ئاستىدىكى خىلمۇ – خىل، رەڭمۇ – رەڭ دېڭىز ئۆسۈملۈكلىرىگە، بېلىقلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە، شۇنچىلىك گۈزەل بېزەلگەن دېڭىز ئاستى دۇنياسىغا قاراپ، ھەيران – ھەۋەستە بولغىنىغا ئوخشايتتى. ئۇ پۈتۈن تۈرك تارىخىنى ئۆگىنىپ، تەكشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ، ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرى تارىختا ياراتقان شانلىق مەدەنىيەتلەرنى، قۇرغان ئىمپېراتورلۇقلارنى بىلىپ شۇنچىلىك ھەيران – ھەۋەستە بولۇپ، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى كۆكلەرگە تاقاشقىدەك ھالغا كەلگەن ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىنقى زاماندىكى تارىخلار يېزىلغان كىتابلارغا نەزەر تاشلاپ، ھازىرقى رېئاللىقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن چاغلىرىدا، مىللىتىمىزنىڭ مەغلۇبىيەتلىرىنى، زاۋاللىققا يۈزلىنىشلىرىنى، ئىلىم – مەرىپەتتىن يىراقلىشىپ، نادانلىق ۋە خۇراپاتلىق چاڭ – توزانلىرى ئىچىدە كۆمۈلۈپ قىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچ – ئىچىدىن ئېچىناتتى، چوڭقۇر خىياللارغا پاتاتتى. خۇددى دېڭىز ئاستىدا تۇيۇقسىز قورقۇنچلۇق غەلىتە مەخلۇقنى كۆرگەندەك، قورقۇپ چۆچۈپ كېتەتتى.

مەيلى تارىختىكى شانلىق دەۋرلەر بولسۇن، ياكى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن تراگېدىيەلىك زامانلار بولسۇن، ھەممىسى تۈركلەرنىڭ پۈتۈن بىر كەچمىشى ۋە بىر پۈتۈن تارىخ ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، يەنە بىرىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، تارىخنى ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرامۇ خۇددى گېرمان پەيلاسوپى گېگېلدەك، بىر دەريانىڭ ئېقىشىغا ئوخشاش دەپ قارايتتى. دەريانىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە بولغان ئېقىنلىرى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئوخشاش بىر دەريا. بۇ دەريانىڭ بىر بۆلۈكىنى دەريا دەپ، يەنە بىر بۆلۈكىنى دەريا ئەمەس دەپ ئىنكار قىلىشقا بولمايتتى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بېسىپ ئۆتكەن تارىخلىرىنىڭ بىر بۆلىكىنى تارىخ، يەنە بىر بۆلىكىنى ئەمەس دەپ ئىنكار قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ھەقىقەتتىن قاچقانلىق. مەيلى شانلىق مەدەنىيەتلەر يارىتىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان دەۋرلەر بولسۇن، مەيلى زاۋاللىققا يۈزلىنىپ گۇمران بولغان دەۋرلەر بولسۇن، ھەممىسى بىر پۈتۈن تارىخ بولۇپ، بۇلار پۈتۈن بىر گەۋدە، پۈتۈن بىر دەريا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تارىخىي شەخسلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ پەلسەپىۋىي، ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرىنى ئۆز دەۋرىنىڭ كونكرېت ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تارىخىي مۇھىتى ئاساسىدا ئادىل تەھلىل قىلىش لازىم. ئۇلارغا ھازىرقى شارائىت ۋە بۈگۈنكى ئۆلچەم بويىچە باھا بېرىشتەك تارىخقا زىت، خاتا خاھىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، تارىخىي شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ياكى تەلىماتلىرى مەيلى ئىجابىي، مەيلى سەلبىي بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۆز دەۋرنىڭ كونكرېت مۇھىتىنىڭ مەھسۇلى. جۈملىدىن، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىدېئولوگىيە تارىخىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەرگىز تەسادىپىي ياكى يېگانە ھادىسە بولماستىن، بەلكى ئۆزىنى ھامىلدار قىلغان تارىخىي سەۋەبلەرنىڭ قانۇنىيەتلىك ئىپادىسى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆز ئەجدادلىرى بۇ يەرلەرگە بىر ئىزلارنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتكەندەك، ئەنە شۇ ئىزلارنى ئىزدەش ئۈچۈن، ئېقىش يولىنى ئۆزگەرتىش ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغان ھايات دەرياسى ئۆزىنى بۇ زېمىنغا ئېقىتىپ ئەكەلگەندەك تۇيغۇغا كەلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ ئىزلارنى ئالدىدا دۆۋە – دۆۋە تۇرغان كىتابلارنىڭ سارغىيىپ كەتكەن بەتلىرىدىن ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، تارىخ بەتلىرىنى بىر – بىرلەپ ۋاراقلاپ ئوقۇپ ئۆگەندى، ئەستايىدىل ۋە تەپسىلىي خاتىرە قالدۇردى. تارىخنى ئوقۇغانسېرى، ئۇ ئۆزىنى چوڭ بىر كارۋانغا يول باشلاپ ماڭغان يولباشچى ھېس قىلىپ، ئۆزىنى خۇددى ئېگىز تاغ – داۋانلار ئۈستىدىكى قەدىمىي قەدەم ئىزلىرىنى ۋە چەكسىز چۆللۈكلەردىكى قۇم – بارخانلار ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان قەدىمىي كارۋان يوللىرىنى بويلاپ كېتىۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلاتتى. ئەنە شۇ تارىخ كىتابلار ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان تارىخىي يوللارنى بويلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى قەدىمىي ئىزلارنى دەسسەپ ماڭغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەڭ ئاخىرىدا، ئەجدادلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن ئىزلىرىنى، كۆمۈلۈپ قالغان يوللىرىنى ئۆز قولى بىلەن ئاچتى. ئۇ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن ئاشۇ ئىزلارنى بىر – بىرلەپ يىغىپ، ئۇنىڭدىن مەڭگۈ يىقىلمايدىغان بىر تارىخىي قەلئە ياساپ چىقىشقا ئىرادە باغلىدى. بۇ قەلئە، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتاب ئىدى.

ئۇ بۇ كىتابىنى قەدىمقى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ خىتاي ئەنئەنىۋىي ئەقىدىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان خىتاي مىللەتچىلىك تارىخىي نۇقتىئىينەزەرى بويىچە ئەمەس، بەلكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تەشەببۇس قىلغان تۈرك تارىخىي مىللىي نەزەرىيەسى ئاساسىدا يېزىپ چىقماقچى بولدى. تۈرك تارىخىي مىللىي نەزەرىيەسى تۈرك ئالىملىرىنىڭ ھىند – ياۋروپا تارىخ نەزەرىيەسى ئاساسىدا، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئىلمىي نەزەرىيە بولۇپ، ئۇ تارىخىي پاكىتلارغا تايانغان ئاساستا ئوتتۇرىغا چىققان ئىلمىي، تارىخىي نەزەرىيەدۇر. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ چۈشەندۈرگەندە، تۈرك تارىخى مىللىي نەزەرىيەسى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ قەدىمدىن بۇيان شۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ زېمىنلار ئەزەلدىن تارتىپ تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ زېمىنلاردا مەيدانغا كەلگەن شانلىق مەدەنىيەتلەر دۇنيا مەدەنىيىتنىڭ بۆشۈكى  ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا شەرقشۇناسلىرى گېئولوگىيە (يەر قاتلاملىرى ئىلمى)، ئېتنولوگىيە (ئىنسان گۇرۇھلىرى ئىلمى)، ئېتنوگرافىيە (مىلللەتلەر نەسلى تەتقىق ئىلىم)، ئېپۇگرافىيە (قەدىمكى يېزىقلارنى ئوقۇش ئىلمى) ۋە ئارخېئولوگىيە (ئاسار ئەتىقە ئەسەرلىرىنى تونۇش – بېكىتىش ئىلمى) قاتارلىق زامانىۋىي ئىلىم – پەننىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا شەرھلىگەن تارىخىي نەزەرىيەدۇر.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەنە شۇ تۈرك تارىخى مىللىي نەزەرىيەسى ئاساسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىنسانىيەت تارىخى يارىتىلغاندىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن تارىخىنى يېزىپ قالدۇرۇشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە تارىخىي يولغا چىققان ئىدى. ئۇ ئۆزى خاتىرىلەپ ماڭغان تارىخىي ماتېرىياللارنى خۇرۇچ، مەنتىقىلىق تەپەككۇرنىڭ كۈچى بىلەن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشنى قورال قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋە شەرقىي تۈركىستان مەملىكىتىگە مەڭگۈلۈك يادىكار بولىدىغان، ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنىڭ يىمىرىلمەس قەلئەسىنىڭ بىرىنچى ئۇل تېشىنى «بىسسىمىلاھىررەھمانىررەھىم» دەپ قويدى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top