ۋەتەن ھەسرىتى (7)
ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئەردەم خوتەن خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن قانلىق پاجىئەلەرنى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ جانجىگەر دوستى ئەبەيدۇللاھنىڭ ۋاقىتسىز بۇ دۇنيادىن كۆچۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، مەيدىسىگە تۈگمەن تېشى كېلىپ چۈشكەندەك، يۈرىكى قىسىلىپ شۇنچىلىك ئاغرىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەممە ئىشلار ئاستا – ئاستا نورماللىشىدىغان بۇ ھاياتتا، ئەردەممۇ بۇ ئازابلىق كۈنلەرگە كۆنۈشكە باشلىدى. ئۇ بىر مەزگىل، «ئەبەيدۇللاھتەك شېھىدلارنىڭ تەقدىرى شاھادەت بىلەن بىرگە يېزىلىدۇ. ئەمما، مېنىڭ تەقدىرىمگە دەردلىك ۋە يالغۇزلۇق ئىچىدىكى ۋەتەن ھەسرىتى يېزىلغان ئوخشايدۇ» دەپ ئۈمىدىسزلىككە پاتقان بولسا، كېيىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ شۇنچىلىك قىيىن، چارىسىز قالغان چاغلاردىمۇ ھېچ تەمتىرەپ قالماي ۋە ھېچ ئۈمىدىنى يوقاتماي، يېڭى بىر چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن قاتراپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇپۇقنىڭ يورۇق نۇرلىرى پارقىراشقا باشلىدى.
ئۇ ئەمدى ئۆز خىيال دۇنياسىدا ئۆز ئۆزىگە تەسەللى، مەدەت ۋە ئۈمىد بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەرزىگە تازا ماس كەلمەيدىغان پەيلاسوپلارچە خىياللارنى قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى: «دۇنيادا ئەڭ بۈيۈك قەھرىمانلارنى ياراتقان ۋە يارىتىۋاتقان بىر يەر بار دېيىلسە، ئۇ يەر دەل شەرقىي تۈركىستان دىيارى، شېھىتلەرنىڭ ئانا يۇرتى خوتەن! خوتەن دەل مېنىڭ يۇرتۇم! مانا بۇ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى مېنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. ۋولقاندەك ئېتىلىپ ماگمىدەك يامرىغان ۋەتەن سۆيگۈسى پۈتۈن جان – جىسمىمنىڭ ئەڭ تېرەن يەرلىرىگىچە كىرىۋاتىدۇ. كۆزلىرىم ۋە قەلبىم بۇ نۇر بىلەن يورۇۋاتىدۇ. ھاياتتا سېنى يولۇڭدىن توسۇدىغان ئۈمىدسىزلىكلەر بار بولغىنىدەك، يەنە سېنى باشقا بىر يورۇق يولغا باشلايدىغان ئىشارەتلەرمۇ بار. يۈرىگىڭنى كۆيدۈرىدىغان پالاكەتلەر بار بولغان بولسا، يەنە ئۇ يۈرەكلىرىڭدىكى جاراھەتلەرنى ساقايتىدىغان مۆجىزىلەرمۇ بار. دېمەك، بۇ ھاياتتا ھەر نەرسىنىڭ ئۆز يېرى، ھەر سوئالنىڭ جاۋابى، ھەر كېسەلنىڭ شىپاسى، ھەر يولنىڭ مەنزىلى بار. سەۋر قىلىپ تىرىشقانلار چوقۇم مەقسەتكە، مەنزىلگە يېتىدۇ، ھايات دېگەن مانا مۇشۇ. مەرھابا يېڭى ھايات!»
ئىزتىراپ، ھەسرەت، ھىجران ئازابلىرى ئەقىللىق ۋە تېرەن تۇيغۇلارغا ئىگە كىشىلەر ئۈچۈن نورمال ھادىسە. ئۇلار ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئەمەس، بەلكى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ، جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن، ھەسرەت، ھىجران ئازابلىرىنى تارتىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن. ئۇلار بۇنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئاشۇ دەردلەر، ئازابلار، قىيىنچىلىلار ئاستىدا مىجىلىپ قالمايدۇ، ئەكسىچە يىقىلغان يېرىدىن دەس تۇرۇپ، دائىم ئالغا قاراپ يول ئالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇغان ئىرادىلىك، جەسۇر ۋە يىراقنى كۆرەر كىشىلەر.
بۇ ئارىدا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىر تەرەپتىن ئافغان ھۆكۈمىتىدىن كېلىدىغان خەۋەرنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى ئاللاھتىن تىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ تاغلىق رايوندا ئۇزاق يېتىپ كېتەرمىزمۇ دەپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدە ئەندىشىگە چۈشكەن سەپداشلىرىغا سەۋر قىلىشنى، ئۈمىدىنى يوقاتماسلىقنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئۇ بىر كۈنى كۆڭلىنى راھەت تۇتۇپ، رېشىت دېگەن يىگىتنى ئەمرەتسەر شەھىرىگە يولغا سالدى. چۈنكى ئۇ يەردە مۇھەممەد رىزا بار ئىدى. بۇ چاغلاردا ئەمرەتسەرگە شەرقىي تۈركىستاندىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئارقا – ئارقىدىن كېلىشكە باشلىغان ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەج تاۋابى ئۈچۈن خوتەندىن كەلگەنلەر بولسا، بەزىلىرى تۇڭگانلارنىڭ زۇلمىدىن قاچقان ئۇيغۇرلار ئىدى. مۇھەممەد رىزا رېشىت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مەككىگە يولغا چىقىشىنى، ۋە ھەج تاۋابى ئاخىرلاشقاندا، ئانىسى ۋە ھەدىلىرى بىللە بىرگە بومباي ئارقىلىق كابۇلغا كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد رىزا رېشىتنىڭ ھەمراھلىقىدا يەنە مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ مەككىدە ئانىسى ۋە چوڭ ھەدىسى ئامىنە ھاجىم، كېيىن ھەج ئۈچۈن ئائىلىسى بىلەن كەلگەن كىچىك ھەدىسى ھەبىبەخان ھاجىم قاتارلىقلار بىلەن دىدارلاشتى. ئۇلار ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭلاشتى. چۈنكى ھەبىبەخان ھاجىم ھەج تاۋابىنى قىلىپ بولغاچقا، ئائىلىسى بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتاتتى. بۇ چاغدا سەيىدەخان ھاجىم قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمەي ئىككى ئوتتۇرىلىقتا قالدى. بۇنداق جىددىي قارارلارنى ئېلىشقا دۇچ كەلگەندە، ھەممىدىن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدىغان كىشى يەنىلا شۇ ئانا بولاتتى.
سەيىدەخان ھاجىمنىڭ بىر يېقىدا ۋەتەننىڭ ئىللىق مېھرىگە تۇتاشقان يول، يەنە بىر يېقىدا ئۆزىنىڭ جىگەر پارىسى، كەنجىۋاي ئوغلى مۇھەممەد رىزانىڭ مېھرى چۈشكەن ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە سوزۇلغان ئۇپۇق يولى تۇراتتى. ئۇ ئاخىرى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنىڭ ياراملىق بىر جەڭچى بولۇپ يېتىلىپ چىقىشنى كۆزلەپ، مۇھەممەد رىزانى ئاۋۋال ئاللاھقا، ئاندىن قىزى ئامىنە ھاجىمغا تاپشۇردى. پىداكار ئانا ھىجران ئازابىدىن تىغلانغان قەلبىدىكى دەرد – ئەلەملىرىنى يۇتۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئوغلىنىڭ يۇمران، سەبىي قەلبىگە تولدۇرۇپ، كىچىك قىزى ھەبىبەخان ھاجىمنىڭ ئائىلىسى ۋە باشقا يۇرتداشلىرى بىلەن بىرگە كۆز ياشلىرىدا چۆل يوللىرىنى نەمدەپ، چوڭ بىر كارۋان بىلەن ۋەتەنگە قاراپ ماڭدى. ئامىنە ھاجىم ئانىسىنىڭ تاپىلىشىنى قەلبىگە پۈكۈپ مۇھەممەد رىزانى ئېلىپ، رېشىتنىڭ ھەمراھلىقىدا بومبايغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتى.
بۇ يەردە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ دوستى سەيىد مەھمۇتخان تۆرەنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولۇپ بىرقانچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، پىشاۋۇرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار پىشاۋۇردا ئافغان ۋىزىسىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاپتوبۇس بىلەن جالالئابادقا كېلىپ، ئۇ يەردە بىر كېچە قونغاندىن كېيىن، ئەتىسى يەنە يولغا چىقىپ، كەچتە كابۇلغا يېتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ دوستلىرى چىقىپ قارشى ئېلىپ، شەھەر مەركىزىگە يېقىن بولغان چوڭ باغچىلىرى بار بىر قوروغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ چاغلاردا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆز ھەمرالىرى بىلەن تاغ جىلغىلىرىدا ئافغان ھۆكۈمىتىدىن كېلىدىغان خەۋەرنى ساقلاپ، زەردىگۆش بولۇپ مەنىسىز كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ۋەتەندىن بولسا كىشىنى ئەندىشىگە، ۋەھىمىگە سالىدىغان خەۋەرلەر ئۇزۇلمەي كېلىۋاتاتتى. بۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان چاغدا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتتىق ئەلەم ئىچىدە ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئىستىقبالىدىن، ھال – ئەھۋالىدىن ئەنسىرەپ، چوڭقۇر ئىزتىراپ بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ شېئىرلار يازاتتى:
ھالىڭ نى بولدى ئىكەن ئايا دىلكۇشا ۋەتەن،
جەننەت كەبى خوش ئاب ئىدىڭغۇ خوش ھاۋا ۋەتەن،
غەمكىن كۆڭۈلغە سەن داۋا، ئى غەمزادە ۋەتەن،
دۈشمەن ئاياغى ئاستىدا بولدۇڭ ئادا ۋەتەن،
مىسكىن ۋەتەن، غېرىپ ۋەتەن، بىناۋا ۋەتەن.
* * *
تۇغدۇڭ ئەخىرى بىر نەچچە ھىممەت يىگىتلىرىڭ،
جانۇ ھاياتى مەسرەپى مىللەت يىگىتلىرىڭ،
ئىززەت پەرەستلىكنى زىللەت بىلگەن يىگىتلىرىڭ،
قۇللۇق ئۇلار كۆزدە مۇسىيبەت يىگىتلىرىڭ،
مىسكىن ۋەتەن، غېرىپ ۋەتەن، بىناۋا ۋەتەن.
* * *
چىقدۇق يولۇڭدا جانلىرىمىزنى نىسار ئېتىپ،
مەيدان يۈزىنى قانلىرىمىز جۇيىبار ئېتىپ،
بىر كۈن ئىچىدە نەچچە تەرەپ كارزار ئېتىپ،
دۈشمەن ئۆلۈكلىرى بىلە كاللا مۇنار ئېتىپ،
مىسكىن ۋەتەن، غېرىپ ۋەتەن، بىناۋا ۋەتەن.
* * *
راھەت ئىرۇر يولۇڭدا ماڭا بارچە مېھنىتىم،
ئىززەت دۇرۇر كۆز ئالدىدا ئازارۇ زىللىتىم،
پىكرىڭ بىلە كۆزۈمگە كۆرۈنمەس بۇ غۇربىتىم،
جانىم ساڭا پىدا ۋە تەنى پاكى تىيىنىتىم،
مىسكىن ۋەتەن، غېرىپ ۋەتەن، بىناۋا ۋەتەن.
نىھايەت، ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تۆت كۆز بىلەن كۇتكەن خەۋەر ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئافغان ھۆكۈمىتى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق شەرتى ئاستىدا، «ئابدۇللاخان يەركەندى» نامدا ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن كابۇلغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلغان ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇ خەۋەرنى ئالغان ھامان كابۇلغا قاراپ يولغا چىقتى. كابۇل شەھىرى، ھىندىقۇش تاغلىرى باغرىدىكى كابۇل دەرياسىنى بويلاپ شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئۇزۇن سوزۇلغان ۋادىدا، ئەسىرلەردىن بېرى ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە تاۋلىنىپ، ئۆزىنىڭ مىللى روھىنى يوقاتمىغان بىر قەۋمنى باغرىغا بېسىپ ياتاتتى. بۇ زېمىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بېشىغا ئېغىر كۈلپەتلەر كېلىپ، نەگە بېرىشىنى بىلەلمەي تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدا تەمتىرەپ قالغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى سېخىيلىق بىلەن ئۆز قوينىغا ئالدى.
ئافغانىستان دۆلىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيزى مۇھەممەدخان، باش مىنىستىر سەردار مۇھەممەد ھاشىمخانلار شەخسەن ئۆزلىرى بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا كۆپ ھۆرمەت كۆرسەتتى، بارلىق ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە ھەمراھلىرىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇردى. ھەتتا، ۋاقتى كەلگەندە، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئافغانىستاندىن چىقىپ پائالىيەت قىلىدىغان بىر يەرگە كېتىشىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئافغان ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتكەن بۇ ئىلتىپاتلىرىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىدى. ھازىر ئۇ ئائىلىسى ۋە سەپداشلىرى بىلەن كابۇلنىڭ شەھەر مەركىزىگە ئانچە يىراق بولمىغان چوڭ قوروغا جايلىشىپ، خېلىلا خاتىرجەم بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ يېڭىدىن كەلگەن چاغلاردا، بۇ تۇرالغۇدا يىراق – يېقىندىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
مېھمانغا چاقىرىدىغان كونا – يېڭى دوستلارمۇ كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، مېھماندارچىلىقنىڭ دىشۋارچىلىقلىرىدا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيلا قالدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تۇيدۇرمايلا كەلگەن ئالتۇن كۈزدىكى، ياپراقلارنىڭ سارغىيىشلىرىنى، يەرگە تۆكۈلگەن غازاڭلارنىڭ ئۇياق – بۇياقلارغا مۇساپىردەك قېقىلىپ – سوقۇلۇپ ئۇچۇپ يۈرۈشلىرىنى، قارا بورانلارنىڭ كۆكنى قاپلاپ، يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، دەرەخ شاخلىرىنىڭ قايرىلىپ قاراسلاپ سۇنۇشلىرىنى، بۇلبۇللارنىڭ ئۇچۇپ كېتىپ، ئورنىغا قاغىلارنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى پەرق ئەتمەي، قىشنىڭ بۇسۇغۇسىغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئەمدىلەتىن سەزگەن ئىدى. كابۇلنىڭ قىش كۈنلىرى كېلىپ، قورو ۋە كوچىلار يېڭى ياغقان قېلىن قار بىلەن كۆمۈلۈپ، بەئەينى شىمالىي قۇتۇپقىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.