ھېندونىزىيە دۆلىتى ئىسلامنى قانداق قوبۇل قىلغان؟
بىر سودىگەر ، بىر كۈنى بىر كىمىگە رەخلەرنى باستى. ھېندونىزىيەگە كەتتى. ئۇ يەرگە
بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردىن دۇككان ئېلىپ ئورۇنلاشتى. تىجارىتىنى ئۇ يەردە داۋام قىلدۇردى. . ئېلىپ كەلگەن رەختلىرى ناھايىتى سۈپەتلىك ئىدى. دەل ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئارزلايدىغان رەختلەردىن ئىدى. ئۆزى ناھايىتى قانائەتچان ئادەم ئىدى. تىجارەتتىن تاپقان پايدىسى ئاز بولسا بولسۇن، ئەمما ھالال ، پاكىز بولسۇن، دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ياشايتتى. بىر كۈنى ئۇ دۇككىنىغا كېچىكىپ كەلدى. ئۇنىڭ ياردەمچىسى خېلىلا ئوبدان سودىلىق قىلغانىدى. سودىگەر قىزىقىپ سورىدى: قايسى رەختىن ساتتىڭ؟
بۇ رەختىن.
مېتىرسىنى قانچىدىن بەردىڭ؟
ئون ئاقچىدىن.
قانداق قىلىپ بۇ باھادا بەردىڭ؟ بەش ئاقچىلىق رەختنى قانداق قىلىپ ئون ئاقچىغا ساتىسەن. ئۇ ئادەمنىڭ بىزدە ھەققى قاپتۇ. ئۇنى كۆرسەڭ تونىيالامسەن؟
ياردەمچىسى كېتىپ، رەخت سېتىۋالغان ئۇ خېرىدارنى تېپىپ كەلدى.
دۇككان ئىگىسى خېرىدارنى كۆرۈر- كۆرمەس ھالاللىق سورىدى ئارتۇق ئېلىنغان پۇلنى خېرىدارغا قايتۇرۇپ بەردى. خېرىدار ھەيران قالغان ئىدى. چۈنكى بۇنداق ئىشنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى. ھاللالىق تېلەش دېگەن نېمە دېگەنلىكتۇ؟
بۇ ۋەقە قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە ئېغىزدىن – ئېغىزغا يېيىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تاكى ھېندونىزىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ قۇلىقىغىچە يېتىپ باردى. پادىشا سودىگەرنى سارىيىغا چاقىردى ۋە سورىدى: سىلەرنىڭ قىلغان بۇ ئىشىڭلارنى بىز ھېچ ئاڭلاپ ،كۆرۈپ باقمىغانمىز. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟
مەن بىر مۇسۇلمان، دېدى سودىگەر. بىزنىڭ دىنىمىز بولغان ئىسلام دىنىمىز مۇشۇنداق بۇيرىغان. خېرىدارنىڭ ھەققى ماڭا ئۆتۈپ قالغانتى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تاپاۋىتىمگە ھارام ئارىلاشقان بولدى. مەن پەقەتلا بۇ خاتالىقنى تۈزەتتىم، خالاس.
پادىشاھ: ئىسلام ؟ مۇسۇلمانلىق نېمە؟ دەپ سوراشقا باشلىدى. سودىگەر سوئاللارغا بىر- بىرلەپ جاۋاپ بەردى. بۇ پادىشاھ بۇنداق بىر دىننىڭ بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتاتتى. ئارىدىن ئۇزۇن زامان ئۆتمەي پادىشاھ ئىسلامنى قوبۇل قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي پۈتۈن پۇقرالىرى ئىمان ئېيىتتى.
250 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۈگۈنكى ھىندونىزىيەنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىنىڭ سىرى پەقەتلا بەش ئاقچىلىق رەخت بولغان ئىدى. بۇ يەردە قىلىنغان بىرلا ئىش بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئىمان ئېيتقان دىنىنى ياشاش. ئىگە بولغان بۇ گۈزەللىكلەرنى ئەتراپتىكىلەر بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇش.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى خوش بىشارتىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ يەنى؛ » دۇرۇست ۋە ئىشەنچىلىك تىجارەتچى قىيامەن كۈنىدە پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىتلار بىلەن بىرلىكتەدۇر. » دېمەك بۇ يەردە ھەقىقى تەسىرلىك بولغىنى سۆز ئەمەس بەلكى ھالىتى ئىدى. ئېغىزدا سۆزلەشتىن بەكرەك ياشاش ئىدى. ئىسلامنى چۈشەندۈرۈشتىن كۆپرەك مۇئامىلىدە ئىپادىلەش ئىدى.
دىندىن ۋەز ئېيتىدىغان ئالىملار كۆپىيىپ، دىننى ياشايدىغانلار بارغانسېرى ئازىيىپ كەتكەن بۇ دۇنيادا بىزگە دىنىنى ئەمەلى بىلەن ياشايدىغان ھەقىقى ئالىملارنى، سالىھلارنى، سىددىقلارنى نېسىپ قىلغىن يا رەب!
مەنبە: كەڭساي تورى http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=23290