ۋەتەن ھەسرىتى (6)
ئەبەيدۇللاھنىڭ ئون بەش كۈن ھايات قېلىشى ئۈچۈن پۈتۈن بىساتىنى سېتىپ، ئونبەش سەر ئالتۇننى جايلاپ لەڭ پۇگۈەنگە تاپشۇرغان سەيدىنىسە خېنىم، ئىككى كۈندىن كېيىن مىڭ بىر مۇشەققەتتە بالىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىجازەت ئېلىپ، ئىلچىدىكى زىندانغا يېتىپ كەلدى. گۇندىپاينىڭ ئارقىسىدىن قورقۇنچ ئىچىدە ئاۋايلاپ قەدەم ئېلىپ كىرگەن ئانا، ئۆز ئوغلىنىڭ بىر باغلام زېغىر پاخىلىنىڭ ئۈستىدە پۈتۈن ئەزايى جاراھەت ئىچىدە كىشەنلەنگەن ھالدا ياتقانلىقىنى كۆردى. ئانا ئېتىلىپ بېرىپ ئوغلىنىڭ باش – كۆزلىرىنى سۆيۈپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. ئانىسىنىڭ مېھىرلىك سۆيۈشلىرىنى، قارا چاچلىرىنى سىلاشلىرىنى خۇيمۇ سېغىنغان ئەبەيدۇللاھ، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا تارام – تارام ياش تۆكتى. ئۇ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل چاغلارنىڭ بالىلىق دەۋرلىرى ئىكەنلىكىنى، ئاتا – ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئەركىلەپ ئۆتكۈزگەن ئاشۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشقا، ياخشى بىر ئەسلىمىسىنىڭ يوقلۇقىنى، ئاشۇ زامانلاردىن تېخىمۇ ئۇلۇغ، تېخىمۇ مۇكەممەل بىر زاماننىڭمۇ يوقلۇقىنى ھېس قىلدى. دېمىسىمۇ بۇنداق تۇيغۇ ھەممە ئادەمگە ئورتاق بولىدۇ. ئاتا – ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر قىلىدۇ، بۇ يولدا كۆپلەپ جەۋر – جاپالارنى چېكىدۇ، پەرزەنتلىرىگە ئەڭ ساپ ۋە غەرەزسىز نىيەت بىلەن كۆيۈنۈپ نەسىھەت قىلىدۇ. مانا بۇ، پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ئەڭ گۈزەل سوۋغا ۋە تەربىيەدۇر.
بىر ئادەم بالىلىق دەۋرلەردىكى شۇ گۈزەل تەربىيەلەرنى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، بۇ ھاياتقا قەدەم باسسا، تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەختلىك بولۇپ ئۆتىدۇ. ئالدىغا قانچىلىك قىيىنچىلىق چىقسا چىقسۇن، قانچىلىك جاپا – مۇشەققەتلەرنى تارتسا – تارتسۇن، شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، گۈزەل چاغلارنى ئەسلەپ روھى مەڭگۈ تالماي، ئارقىغا چېكىنمەي، داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئىنسان ھاياتىنى گۈزەللەشتۈرىدىغان ئەسلىمىلەر ئەنە شۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلاردىكى گۈزەل ئەسلىمىلەردۇر. ئاشۇ چاغلاردىن قالغان بىر گۈزەل خاتىرە ۋاقتى كەلگەندە سىزنى پېتىپ قالغان پاتقاقچىلىقتىن سۆرەپ ئەچىقىپ، قۇرۇق، پاكىز ۋە داغدام بىر يولغا سالىدۇ. مانا ھازىر، ئېغىر قىيناشلاردىن پۈتۈن ئەزايى شىكەستىلەنگەن ئەبەيدۇللاھ دۇنيادىكى ئەڭ يۇمشاق، ئەڭ ئېسىل مامۇق ياستۇق ھېسابلىنىدىغان ئانا قۇچىقىغا باش قويۇپ، بالىلىق چاغلىرىدىكى ئاشۇ گۈزەل خاتىرىلەرنى خىيال قىلماقتا ئىدى. ئانىنىڭ مۇقەددەس قۇچىقىدا، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى، بىر پۈۋلىسە ئۇچۇپ كېتىدىغان پەيدەك يېنىك بولۇپ قالغانىدى.
ئۇ ئازاب ئىچىدە تۇرۇپ خۇشاللىق تۇيغۇسى بىلەن بارلىق رەستىلەرنى ئايلىنىپ چىققانلىقىغا قاراپ، ئۆزىنى بىر چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئۆزىنى شېرىن ئۇيقۇنىڭ ئەڭ لەززەتلىك چاغلىرىنى ئۇخلاۋاتقاندەك، ئەگەر ئويغىنىپلا كەتسە، پۈتۈن بەختى، خۇشاللىقى بىردىنلا يوق بولۇپ كېتىدىغاندەك ئەنسىزلىك ئىچىدە ھېس قىلدى. ئۇ ئانىسىنىڭ تېخىچە ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرغانلىقىنى ئەسكە ئالدى – دە، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن بېشىنى تەستە كۆتۈرۈپ، ئانىسىنىڭ مەڭزىدىكى قورۇق ئېرىقچىلىرىدىن سۈزۈلۈپ ئېقىۋاتقان ياشلارنى ئاجىز قوللىرى بىلەن سۈرتتى. ئاندىن ئانىسىغا تەسەللى بېرىشكە يۈزلەندى: «يىغلىما ئانا، يىغلىما. كۆز ياشلىرىڭنى تۆكمە. بۇ كۆز ياش تۆكىدىغان چاغ ۋە جاي ئەمەس. مېنى كەچۈرگىن ئانا، ساڭا لايىق بىر ئەۋلاد بولالمىدىم، سېنىڭ خىزمىتىڭنى قىلالمىدىم. مەن ئۆز رازىلىقىم بىلەن جەڭ قىلدىم، ئۆز پالۋانلىرىمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۆزۈمنى قۇربان قىلدىم.
ئۇلارغا ھاياتلىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارمىغاننى سۇنغانلىقىمدىن ئالەمچە پەخىرلىنىمەن. سەنمۇ پەخىرلەن ئانا! ئەمما سېنى نائۈمىدتە قويغانلىقىم ئۈچۈن، سېنىڭ مۇبارەك كۆزلىرىڭنى ياشلىغانلىقىم ئۈچۈن، سېنىڭ يۈرىكىڭگە سېغىنىش، ھىجران دەرد – ئەلەملىرىنى سالغانلىقىم ئۈچۈن، ساڭا ھەسسىلەپ قەرزدارمەن. مېنى كەچۇر ئانىجان، مېنى چۈشەنگىن، بۇ ئۇرۇشنى بىز قوزغىمىدۇق، بىز ئۇرۇش ئىستىمىدۇق، بۇ ئۇرۇشنى تۇڭگانلار قوزغاتتى، ئۇلار كېلىپ ھەربىرىمىزنىڭ جان يېرىدىن ئۇردى، ئۈستىمىزگە ۋەھىمىلىك پالاكەت بولۇپ چۈشتى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەركى، ھۆرلۈكى ئۈچۈن جانلىرىمىزنى پىدا قىلىپ، تاجاۋۇزچىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى توغرا تاپتۇق. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق مىللىتىمىزگە، ئىنسانلىققا قانداق لايىق بولالايمىز، ئانا!؟ مېنىڭ ئارزۇيۇم قەھرىمان بولۇش ئەمەستى، بەلكى ئاددى بىر بالا، تولىمۇ ئاددى بىر ئادەم بولۇشتى ئانا. ئەمما رەھىمسىز رېئاللىق بۇنىڭغا يول قويمىدى. جېنىم ئانا! ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مېنىڭ تولىمۇ توغرا بىر يولنى تاللىغانلىقىمنى ھېس قىلىسەن. مەندىن رازى بول ئانا! ئوغلۇڭ ھەقىقەتەن شەرەپلىك بىر يولدا ماڭدى. بۇنىڭغا بىر كۈنلەردە تارىخ جاۋاب بېرىدۇ، تارىخ مەن ئۈچۈن داستانلار يازىدۇ!»
بالىسىنىڭ تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان يۈزلىرىگە، مەيدىسىدىكى كۆيۈكلەرگە، زەخىم يېگەن پۇتلىرىدىكى سوغۇق قارا كىشەنگە قاراپ يۈرەكلىرى لەختە – لەختە بولغان سەيدىنىسە خېنىم، ئوغلىنىڭ كۆز چاناقلىرىغا چۆكۈپ كەتكەن قارا كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ: «ئاھ ئوغلۇم، نېمىلەرنى دەپ كېتىۋاتقانسەن، مەن سېنىڭدىن ئىككى دۇنيا رازى، سېنىڭدەك بىر ئوغۇل تۇغقانلىقىمدىن ئالەمچە خوشالمەن. ئەمما، سېنىڭ بۇ ھالىڭ مېنى بەكمۇ ئازابلاۋاتىدۇ، سېنى بۇ زىنداندىن تىرىك قۇتۇلدۇرۇشقا داداڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۈچى يەتمىدى. بىز قاراپ تۇرۇپ سەندىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ، تىرىك تۇرۇپلا ئۆلۈۋاتىمىز. دۇنيادا ئۆز بالىسىنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب ئىش بارمۇ؟ سەن تېخى ياش ئىدىڭغۇ، سېنىڭ تېخى نۇرغۇن ئارزۇ – ئارمانلىرىڭ بار ئىدىغۇ، مەن سېنى ياشلا ئۆلۈپ كېتىش ئۈچۈن تۇغقانمۇ؟ داداڭ ئىككىمىزنىڭ كۈچى سېنىڭ ئۆمرۈڭنى ئاران ئونبەش كۈن ئۇزارتىشقىلا يەتتى. ئوغلۇم! بۇ دۇنيادا بۇندىن كېيىن سېنى كۆرەلمەيمەن، داداڭ ھازىر زىنداننىڭ سىرتىدا قالدى. شۇنچە يالۋۇرساقمۇ داداڭنىڭ سېنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى. بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دىدارلىشىشىمىز. ئەلۋىدا، ئوغلۇم! بىزمۇ ھايال ئۆتمەي ئارقاڭدىن يېتىپ بارىمز، سەنمۇ بىزنى كەچۈر، بىزدە ھەققىڭ بولسا سەنمۇ رازى بول. بىزنىڭ ھەققىمىز ساڭا ئوغۇز سۈتۈمدەك ھالال بولسۇن!» دېدى، ئادەم بالىسى كۆتۈرەلمەيدىغان دەردلەرنى تارتقان جاپاكەش ئانا، بالىسىنى باغرىغا چىڭڭىدە بېسىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. ئاندىن بېشىدىكى ئاپئاق داكا ياغلىقىنى ئېلىپ، ئوتتۇرىسىدىن كۈچەپ تارتىپ يىرتىپ ئىككىگە بۆلدى – دە، ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئوغلىنىڭ ئىككى پۇتىدىكى كىشەننىڭ ئىككى ھالقىسىغا داكىلارنىڭ ھەربىرىنى ئەپچىل قىلىپ ئورىدى.
ئەمدى ئەبەيدۇللاھنىڭ يارىلانغان پۇتلىرىنىڭ بېغىشلىرى مۇزدەك كىشەننىڭ ئاچچىق ئاغرىتىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا گۇندىپاي قوپال ئاۋازى بىلەن: «ۋاقىت توشتى، بولدى قىل، ماڭ، چىق ئەمدى» دەپ ۋارقىراپ كەلدى ۋە سەيدىنىسەخان ئانىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سىرتقا سۆرەپ ماڭدى. پاختىدەك ئاپئاق چاچلىرى چۇۋۇلغان ئانا ئوغلىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، ئەلۋىدا، ئوغلۇم! ئەلۋىدا، دەپ چىرقىرىدى. ئىككى قولىنى يەرگە تىرەپ ئورنىدىن ئاران تۇرغان ئەبەيدۇللاھ ئانىسىغا قاراپ، يىغلاپ تۇرۇپ: «ئەلۋىدا ئانا! ئەلۋىدا دادا! دادامغا سالام دېسلە ئانىجان! ئەلۋىدا يۇرتداشلار! ئەلۋىدا شېھىدانە خوتەن! ئەلۋىدا پۇشىنىڭ تېغى! مېنىڭ سىلەرنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئوبدان بىلىسىلەر، مېنى ئۇنۇتماڭلار!» دەپ بار كۈچى بىلەن توۋلىدى.
ئونبەش كۈن مۆھلەت تولغان كۈنى پېشىن ۋاقتىدا، تۇڭگان ئەسكەرلىرى ئەبەيدۇللاھ ۋە كېيىن تۇتۇلۇپ قالغان توققۇز پالۋاننى ئىلچىنىڭ ئات بازىرىغا يالاپ ئاپىرىپ، يۈزىنى ئەسكى تامغا قارىتىپ قاتار تۇرغۇزدى. بۇ قەدىمىي كوچا ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. ئەمما تۇڭگان ئەسكەرلىرى خالايىقنى پالۋانلارنىڭ يېنىدىن 100 قەدەم نېرىدا توراپ، ئۇلارنى يېقىن يولاتمىدى. بەش ئەسكەر بەش پالۋاننى مولجالغا ئېلىپ تۇردى، لەڭ پۇگۈەننىڭ بىر قول ئىشارىتى بىلەن بەش مىلتىقتىن تەڭلا ئېتىلغان بەش پاي ئوق بەش پالۋاننى يەرگە يىقىتتى. مىلتىقلىرىغا دەرھال يەنە بەش پاي ئوقنى بەتلىگەن ئەسكەرلەر ئەبەيدۇللاھ بىلەن تۆت پالۋاننى مولجالغا ئالدى. دەقىقە ئۆتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەبەيدۇللاھ بىلەن تۆت پالۋانغا ئوق تەگدى. تۆت پالۋان يەرگە قىڭسىيىپ يىقىلدى. ئەبەيدۇللاھقا ئېتىلغان ئوق ئۇنىڭ گەجگىسىدىن كىرىپ، ئوڭ كۆزىنى بۆسۈپ چىقىپ، تامغا كىرىپ قادالغان ئىدى. ئەبەيدۇللاھنىڭ پىشانىسى تامغا بېرىپ تاقىلىپ قالدى، نەپىسىمۇ شۇ زامان كېسىلدى. ئەمدىلا 19 ياشتىن ئاشقان يىگىتنىڭ ھاياتى ئاشۇ ئەسكى تامنىڭ تۈۋىدە ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى.
ھاياتتا ھەممە نەرسە ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ھېچ تۇگىمەيدىغان دەردلەرمۇ شۇنىڭ بىلەن بىراقلا تۈگەيدۇ، ھېچ ئاخىرلاشمايدىغان بەخت بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتىدۇ. ماڭسا – ماڭسا تۇگىمەيدىغان يولغىمۇ ئەنە شۇ ئۆلۈم خاتىمە بېرىدۇ. شۇڭا، بىز ياشاۋاتقان ئەمەس، بەلكى كېتىۋاتقان بۇ ھاياتتا، ئىنساندەك ياشاپ ئۆتۈپ كېتىشتىن باشقا يەنە قانداق ياخشى بىر يول بولسۇن؟ چۈنكى ئىنساندەك ياشىغان ئادەمنىڭ بۇ ھاياتلىق يولىدا ئىزلىرى قالىدۇ. ئادەملەرنىڭ زور كۆپچىلىكى چەكسىز كەتكەن قۇم – باراقسانلىقتا ئۆسىدىغان توغراقنىڭ يوپۇرماقلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھېچ ۋاقىت توغراقنىڭ شاخلىرىدا مەڭگۈ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەرگە چۈشۈپ، دەسسىلىپ – چەيلىنىپ يۈرسە، بەزىلىرى شامال قاياققا چىقسا شۇ ياققا قاراپ ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزلىرى بەلگىلەلمەيدۇ. پەقەت ناھايىتىمۇ ئاز ساندىكى ئىنسانلارلا ئاشۇ توغراقلارنىڭ غوللىرىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ئاشۇ تۇپراققا مەڭگۈ يىلتىز تارتىپ، ھەر باھاردا قايتىدىن كۆكلەپ تۇرىدۇ. ئۇلارغا شامال تەسىر قىلالمايدۇ، ئۇلار ئۆز ئىرادىسىنىڭ كۈچى بىلەن جايىدىن مىدىرلىماي تۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆز يولىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. باشقا بىر كۈچ ئۇنىڭغا تەسىر قىلالمايدۇ. ئۆزىنىڭ ھاياتلىق كۈچى ئۆزىدىن كېلىدۇ. ئەبەيدۇللاھ ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ روھقا ئىگە، ئەنە شۇنداق ئىنساندەك ياشىغان باھادىر پالۋان، ئېسىل قوماندان، ياخشى دوست، ياخشى بالا ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن تارىختا مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئەبەيدۇللاھتەك شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇپ، شاھادەت شەربىتىنى ئىچىش ھەممە كىشىگە نېسىپ بولمايدۇ. چۈنكى، شاھادەت جانىدىن، مالىدىن ۋە نەپسىدىن ۋاز كەچكەنلەرگە نېسىپ بولىدىغان ماقام. ئۇ – بۇ قۇتلۇق كۈرەش يولىدىن قەتئىي قايتمىغانلارنىڭ ماقامى.
لەڭ پۇگۈەن ئەبەيدۇللاھنىڭ جەسىتىنىمۇ پۇل قىلدى. ئۇ ئەبەيدۇللاھنىڭ مۇبارەك جەسىتىنى قاراقاش ئەھلىگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلمىغانلىقى ئۈچۈن، قاراقاش ئەھلى ئىككى يېرىم سەر ئالتۇن تۆلەپ، جەسەتنى لەڭ پۇگۈەننىڭ قولىدىن ئېلىپ، شېھىدلەر مازارلىقىغا دەپنە قىلدى. بۇ دۇنيادا، ما خۇسەننىڭ قول ئاستىدىكى لەڭ پۇگۈەندەك كىشىلەر كۆپىنچە ئۆزىنىڭ زالىم ھۆكۈمدارلىرىدىن بەتتەر زالىم بولىدىكەن. ما خۇسەندەكلەرنىڭ ۋەھشىي قىلمىشلىرى كۆپ ھاللاردا ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى لەڭ پۇگۈەندەك چاكارلىرىنىڭ ۋەھشىيلىك ئاچلىقىنى تويدۇرالمايدىكەن. خۇددى رىم ئىمپېراتورىنىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ۋالىيسى بىلادو ئىيسانى قويۇپ بېرىش نىيىتىگە كېلىپ تۇرسا، ۋالىينىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئۇنى كىرېست ياغىچىغا مىخلاپ ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغىنىدەك.
بۇ رەھىمسىز جاھاندا لەڭ پۇگۈەندەك زالىم چاكارلار باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشنى، ۋەھشىيلىك قىلىشنى، مەزلۇملارنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتلەرنى ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان ئويۇن – تاماشاغا، كۆڭۈل ئارامىغا ۋە پۇل تاپىدىغان ئەپلىك تىجارەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، ئۇلار بۇ ھاياتتا ھەممىدىن مۇھىم بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان، ئۇ بولسىمۇ ئىلاھىي ئادالەت! پۈتۈن جاھان قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قېلىپ، زۇلۇم ھەممە يەرگە يېيىلسىمۇ، ھەق يولچىسى رەببىنىڭ ئۆزىنى ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. شۇنچە كۆپ ئەسكىلىك، پىتنە – پاسات ھۆكۈم سۈرگەن، زالىملار غالىپ كېلىپ ئېزىۋاتقان زامانلاردا ئۈمىدسىزلىككە پاتماستىن، ئىستىقبالنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنىڭ ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ ساداسى ئىكەنلىكىگە پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىشىنىدۇ. مانا بۇ ئىماندۇر، مانا بۇ مىللىي روھتۇر. ھەق يولچىسى ئەسكىنىڭ شەھىرىدىن قورقۇپ ھەرگىز يولىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.
شۇندىن مۇقەددەم ئەبەيدۇللاھنىڭ باتۇرلۇقىنى، مەرتلىكىنى، ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى مەدھىيەلەيدىغان «ئەبەيدۇللاھخان» ناملىق داستان، خەلق ئىچىدە ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ خوتەن دىيارىدا كەڭ تارقالدى. كۆپ ئۆتمەي بۇ داستان تاغلار ئاتلاپ، چۆللەر كېزىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىغىچە يېيىلدى. ئازغىنە كەم بىر ئەسىردىن بۇيان، كىچىك بالىلاردىن تارتىپ ئاق چاچلىق بوۋاي – مومايلارغىچە بۇ داستاننى ئېيتىپ كەلمەكتە.
«سەيدىنىسە خېنىم ئەمدى،
كېسەل بولاپ ياتقانىكەن،
قېشىغا خەۋەر كىردى:
– ئەبەيدۇللاھنى ئەكەلدۈك.
شۇنداققىنا دېگەندە،
ئورنىدىن يىقىلىپ قوپاپ،
دەرۋازى ئالدىغا چىقسا،
جىيغىنى كۆرگەن چېغىدا،
ئايلىنىپ يىقىلىپ چۈشتى.
ھۇشىغا كەلگىنىدە،
جىيغىنىڭ قېشىغا كېلىپ،
يۈزىنى ئۆرۈپ قالىسا،
قىزىل قاندا بويىلاغلىق،
ئوڭ كۆزلىرى ئويىلاغلىق،
ياتقىنىنى كۆرۈپ ئەمدى،
يەنە ئايلىنىپ چۈشتى.
ھۇشىغا كېلىپ ئەمدى،
قارا بوراندەك ياش تۆكتى:
ئىمامى ئەپتەر ھەيۋەتلىك،
كۆلچەك سۈيى شەرۋەتلىك.
مۇرادىغا يەتمىگەن،
ئەبەيدۇللاھ رەمەتلىك.
دەريا سۈيىنى كەچتۈك،
كۇلا كۆۋرۈكىنى كەستۈك.
تۇڭگان قولىغا چۈشكەندە،
قىزىل قېنىڭنى چاچتى.
ئاتا – ئانىسىدىن كەتكەن
ئا بالام! ئا بالام.
ئاق قۇچقاچ ئارىسىدا،
قارا قۇچقاچقا ئوق تەگدى.
ئېگىز ئېرىق ئارىسىدىن،
ئەبەيدۇللاھقا كۆز تەگدى.
ئاق قۇچقاچ، قارا قۇچقاچ،
چا بۇغدايغىمۇ تويدۇڭمۇ؟
سەيدىنىساخان ئاناڭنى،
دەت ئوتىدا قويدۇڭمۇ؟
ئاھ بالام!»
(داۋامى بار)
«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.