ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئىككى يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى
2012 ئىستانبۇل يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىنى يامغۇر بىلەن كۈتىۋالغان بولسا، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتى بىلەن كۈتىۋالدى. سىم سىم ياغقان يامغۇر ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلنىڭ غەم-قايغۇلىرىنى يۇيۇپ، كېلىدىغان بىر يىلنىڭ بەخت- سائادىتىگە قۇچاق ئاچقاندەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىمۇ بۇ بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلاپ، شانلىق نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەپ، يېڭى بىر يىل ئۈچۈن پىلانلىرىنى تۈزدى.
ئىستانبۇل ئىنسانى ياردەم فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇراسىم زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە مەرىپەتۋەر زىيالىلاردىن 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەت 1:30 دا باشلاندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى بويىچە ئالدى بىلەن دۆلەت مارشى «ئىستىقلال مارشى» ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ قائىدىسى بويىچە قۇرئان تىلاۋىتى قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى تەبرىك سۆزى قىلدى.
ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى ئۇيغۇر ئالىمى دوكتۇر ئەركىن سىدىق نامىدىن ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۇزدى. ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلغان بۇ ئىككى يىللىق خىزمەتلىرى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئو سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلىشى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا ناھايىتى زور ئىلھام ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلار جەمىئىيىتىدىكى بىر بوشلۇقىنى تولدۇرغانلىقىنى دەپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۈچۈن ئەجىر سىىڭدۈرگەن بارلىق پىشقەدەملەرگە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلاردىن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياردەم ۋە تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلار!
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا بىر دەمدىلا ئىككى يىل بولۇپ قاپتۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ھەيئەت ئەزالىرى، ھەمدە ئالدىنقى ئىككى يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمىتىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆھپە قوشقان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ئۆزلىرىدىن قانچىلىك پەخىرلەنسمۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ھەقلىق. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى قۇرۇپ چىقىش، ھەمدە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئۇلار قىلچىلىكمۇ ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتىنى كۆزلىمىدى. ئازراقمۇ ئۆزلىرىنىڭ نام-شۆھرىتىنى قوغلاشمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئۇلار نامسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئىشلارنى جىم-جىت ئېلىپ باردى. كۆڭۈللەرگە پەقەت بىرلا ئىشنى، يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى پۈكۈپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ۋاقتىنى ئايىمىدى. پۇلىنى ئايىمىدى. تىرىشچانلىقىنى ئايىمىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش ئۇلاردىن نۇرغۇنلىغان ئۆز شەخسىي ئىشىلىرىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، ۋايسىمىدى، نارازى بولمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئىشلىدى. بۇ پاكىت ھەممەيلەنگە ئايان. مىللەت ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۈچۈن سىڭدۇرگەن ئەجرىنى ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى چوڭقۇر قەدىرلەيدۇ.
بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش بولدى. بىر ئىنتايىن خاسىيەتلىك ئىش بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلدى. بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى مۇشۇ خىزمەت خۇلاسىدا بىر-بىرلەپ كۆرىمىز. مېنىڭچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى بىر تارىخ ياراتتى. مەن مۇشۇ تەبرىكنامەم ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ كونا-يېڭى ھەيئەت ئەزالىرى، ياردەمچىلىرى ۋە دوستلىرىنى ئالدىنقى ئىككى يىل جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن ئاشۇ زور نەتىجىلىرى ئۈچۈن قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ھەمدە ئۆزەمنىڭ ئۇلاردىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
يېڭى بىر ئىشنى باشلاش ئوڭاي ئەمەس. ئۇنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئۇنىڭدىنمۇ نەچچە ھەسسە قىيىن. ھازىر ئۇيغۇر خەلقى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ناھايىتىمۇ ئېھتىياجلىق. ئۇيغۇر ياشلىرى بولسا تېخىمۇ شۇنداق. مەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن، ئۆزىدىن چوڭراق بىر نەرسە بولۇپ ياشاش روھى ئاستىدا، قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىشىنى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلاپ ياشىشىنى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىنى سورايمەن. مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ پەقەت بىرلا شەرتى بار. ئۇ بولسىمۇ قىلغان ئىش مىللەتكە پايدىلىق بولۇش. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق. ھازىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئېھتىياجى بار. شۇڭلاشقا، قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى ساقلاپ قېلىش، ھەمدە ئۇنى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ مېڭىش كېرەك. مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمدىن بۇ چۈشەنچىدە مەن بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا، تەبىئى-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنجىنىرلىق ۋە ماتىماتىكا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار تەرەققىي تاپقان باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ تۆت ساھەدە تېخىچە بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى بۇ تۆت ساھەدە كۈچلەندۈرۈپ، مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈشتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋەتەندىكى ۋە چەت ئەللەردىكى پەننى سۆيىدىغان، ئىلىم-پەننىڭ يوقۇرى پەللىسىگە چىقىش يولىدا توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ياشلارنىڭ ھەممىسى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. مەن ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ مىللىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش يولىدىكى مۇقەددەس ۋەزىپىسى ۋە تارىخىي بۇرچىنى ھەر زامان ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئى-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنجىنىرلىق ۋە ماتىماتىكا ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىرىشىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھازىر يالغۇز چەتئەلدىكى ئوقۇغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىرگە ئېرىشىپلا قالماستىن، ۋەتەندىكىلەرنىڭ قەلبىدىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە، مەن بۇ تەبرىك خېتىمنى ۋەتەندىكى تور ئىسمى «سالامدىل» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىگە يېزىپ قالدۇرغان مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
نەقىل:
ئەسسالام، مىللەت ئوغلانلىرى، ئامانمۇسىلەر؟
ئۇلۇغ ئاللا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا بىرلىك، مۇھەببەت ، بىلىم ئاتا قىلغاي.
بىزنىڭ ئائىلىدىكى بەشىمىز ئىشلىرىڭلارنى ئاڭلاپ، كۆرۇپ، ھېس قىلىپ، ئالەمچە خوشال بولدۇق. بۇلۇپمۇ ئاپام ئىسسىق كۆز يېشى قىلدى. سىلەرگە ئاللا يولىدا دۇئا تىلەيمىز.
ئاللا بىزگە، قېرىنداشلىق مېھرىنى ئايىماي بەرگەي.
يېقىندا ھەدەم بىلەن ئىنىم چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى. سىلەرنىڭ تەسىرىڭلار بۇ ئىشلاردا خېلى چوڭ، دەپ قارايمىز. سىلەرنىڭ يوللاردىكى چىراق، دېڭىزدىكى ماياك، تۇرمۇشىمىزدىكى كومپاس بۇلۇپ، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلغان ئىش-ئىزلىرىڭلار تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغۇسى.
تېخىمۇ تەرەققىيات تىلەپ، بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكى بارلىق ئەزالاردىن سىلەرگە بەرىكەت تىلەيمىز.
ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پائالىيەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتى، لوس ئانجىلىس شەھىرىدىن ئەركىن سىدىق
(ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى، ئامىرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى ناسا ئالىي ئوپتىك ئىنژېنېرى)
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوختۇر ئەھمەدجان پولات ۋە تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندىلەر ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ رولى، ماھىيىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرش بەردى ۋە كۆپچىلىكنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوختۇر ئەھمەدجان پولات
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەشۋىقات بۆلىمى باشلىقى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق
پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى خىزمەتچىلىرى بۇ ئىككى يىللىق پائالىيەتنى خۇلاسىلەپ بىر ۋىدىئو تەييارلىغان بولۇپ، لەرزان مۇزىكا ۋە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلىتىدىغان رەسىملەر بىلەن تەييارلانغان بۇ ۋىدىئو پۈتۈن زالنى لەرزىگە سالدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلۇپ، ئىش باشلىغانلىقىغا ئىككى يىل بولغان 2012-يىلى 1- يانۋار خاتىرە كۈنىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 2009 ، 2010 ۋە 2011- يىللىق پائالىيەتلىرىنىڭ .كۆرۈنىشلىرى تۆۋەندىكى تور بەتلەرگە ئۇلانما قىلىپ قويىلدى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىزنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىگە، قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىگە ۋە ياردەملىرىگە مۇھتاجدۇر. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن بارلىق ئۇيغۇرلىرىمىزغا كۆپتىن – كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا 2012 – يىلىدا بۈيۈك غەلبىلەر تىلەيمىز
ئۇنىڭدىن كېيىن بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقوغۇچىسى ئەكبەر دەۋران ۋە كونيا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ خەلىقئارا مۇناسىۋەت كەسپىنى پۈتتۈرگەن مەمەتجان ئۇيغۇرئالىپ قاتارلىق ئوقوغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتى ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە ئوقوغۇچىلارنى ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قەدىرلەشكە چاقىردى.
بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتىتى ئېلكتىرون ئېنجىنىرلىقى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى ئەكبەر دەۋران
سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپى باكلاۋۇرى مەمەتجان ئۇيغۇرئالپ
تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەممىمىزنىڭ پەخرى ۋە ئۈلگىسى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ يەنە بىر ئەھمىيەتلىك قىسمى بولسا، ، ئۆتكەن ئوقۇش يىلىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ئىدى. بۇ مۇكاپاتلاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىگە ئاساسەن رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئەلاچى مۇكاپاتلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جەمىئىي 11 ئوقۇغۇچىغا تەۋپىق مۇكاپاتى بېرىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەۋپىق مۇكاپاتى رىغبەتلەندۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بەش ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى (ئوڭدىن سولغا: ئوسمانجان تۇرسۇن، ئابدۇغېىنى نىياز، مامۇتجان ئەلى، مۇكەررەم ئۆزئۇيغۇر ۋە نۇرنىسا مەمتىمىن)
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەۋپىق مۇكاپاتى 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى (ئوڭدىن سولغا: مەرغۇپ ئابدۇرازاق، مىنەۋەر ئۆمەر ۋە مەرھابا ئەركىن)
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەۋپىق مۇكاپاتى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى (ئوڭدىن سولغا: ئەھمەد ئابدۇل ۋە رەنا قاراخان)
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەۋپىق مۇكاپاتى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى پەرھات قاراقاش
پائالىيەتنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سەنئەت ۋە شېئىر دېكلاماتسىيە نۇمۇرلىرى تەييارلانغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئاتاقلىق تىلشۇناسىمىز قۇددۇس ھاپىز ئاكا «ئانا تىلىم – جان تىلىم» دىگەن شېئىرنى ئوقۇپ بەردى ۋە ئىسكىروپكا چېلىپ بەردى.
پىشقەدەم تىلشۇناسىمىز قۇددۇس ھاپىز ئاكا
ئانا تىلىم – جان تىلىم
جەنابىي ھەق ياراتقاندا تەڭ يارالغان تىلىم سەن،
ھەمدە جانۇ ــ جىسمىمگە قاندەك تارالغان تىلىم سەن.
زۇۋانىمنى ئوغۇز سۈتى بىرلە ئاچتىم ئۇيغۇر بوپ،
ئۆمۈرلۈككە ساداقەتكە خاس قارالغان تىلىم سەن.
نامىم ئۇيغۇر!
ۋە شۇڭىمۇ تىلىم مەڭگۇ ئۇيغۇرچە!!
ئەلمىساقتىن مۇقەددەس ۋە ئۆز ئاتالغان تىلىم سەن!!!
ھىچ كىمنىڭ يوق ھەققى شۇڭا قوللانمايسەن دېيىشكە،
كەلسىمۇ باشىمغا قىلىچ قاچمايدىغان تىلم سەن.
گەر چېپىلسام شېھىتتۇرمەن جەنابىي ھەق ئەمرىچۈن،
ماڭا شۇنچە ئالىي شەرەپ نىشانلىغان تىلىم سەن.
سېنىڭسىز جىسمىممۇ جانسىز، روھىممۇ مۇتلەق جانسىز،
سەنسىز كۈنۈم جانغا زۇلۇم!
كۈيلەيدىغان تىلم سەن!
بايرىغىم سەن!
بارلىغىم سەن!
يارىغىم سەن!!
ئانامسەن!!!
سېنى تاشلاش مۇناپىقلىق!
قوغدايدىغان تىلىم سەن!!!
تىل دېمەك ــ مىللەت دېمەك، گەر تىل يۇقالسا مىللەتمۇ …!
يىمىرىلمەس بۇ ھەقىقەت!
ياشايدىغان تىلىم سەن!!!
غەيرى تىلغا خۇشتار بولماق ــ قاغا يانتاق سۆيگىنى،
سەن گۈلۈمسەن بۇلبۇل كەبى سايرايدىغان تىلىم سەن!
سەن گۈزەلسەن، سەن شىرىن سەن، ــ قىممىتىڭگە سۆز يەتمەس!
نامىڭ بىرلە تا ئەبىدى يايرايدىغان تىلىم سەن.
نەچچە مىڭ خىل تىل بىلىشتە كامالەتكە يەتسەممۇ،
پەخىرلىنىپ جاراڭلىتىپ سۆزلەيدىغان تىلىم سەن!
شۇنچىۋالا قەدىرلىكسەن جاندىن ئېزىز ئانامدەك،
جەنابىي ھەق رىزاسىنى كۆزلەيدىغان تىلىم سەن.
نېمە ئۇ گاھ ئىنگىلىزچە گاھى رۇس ۋە باشقىچە …!
تا ئەبىدى پاكلىغىڭنى ساقلايدىغان تىلىم سەن!
نومۇسسىزلىق، ۋىجدانسىزلىق ئانا تىلدىن چەتنىمەك،
دۇنيا ئالتۇن تارتۇق قىلسا ئازمايدىغان تىلىم سەن.
ھەيرانىمەن، ۋەيرانىمەن بىچارە نادانلارغا،
بۇ دۇنيادا نەدە بۇلاي ئازلايدىغان تىلىم سەن!
شۇم رەزىللەر جۆيلىشىدۇ، ــ كارغا كەلمەس، يوق قىلىپ،
نى نى قىسمەت ۋە ھىكمەتلەر تولۇپ ــ تاشقان تىلىم سەن!
نېمە دېگەن ناھەقچىلىق! ــ دەرس مۈنبىرى ساڭا تار!
چۈشەنسىچۇ! ـــ مەرىپەتتە ئۇستاز بولغان تىلىم سەن!
سېنى چەكلەش، سېنى يەكلەش ــ پىر ــ ئۇستازغا ھاقارەت!
نادانلىقنىڭ زەربىسىدىن ساقلايدىغان تىلم سەن.
تارىخ ئۆلمەس، بەلكى شاھىت! ــ مىسلى شەرەپ ـ شانىڭغا،
ئالەمگە نۇر، پاسىبان بوپ داڭ چىقارغان تىلىم سەن!
ــ ئەۋۋەلى ئىڭڭە بىلەن دۇنياغا كەلگەندىن بېرى،
ئىنسانچە ياشاش يۇلىنى خىتاپ قىلغان تىلىم سەن!
سەن بىلەن ئىلىم ــ بىلىمدە دىلى يۇرۇپ ئالەمچە،
قانچىلاپ ئالىم، زىيالى داۋان ئاشقان تىلىم سەن.
ئەنە مەھمۇد، يۇسۇپ ھەمدە لۇتفى، ناۋايى، … لارنىڭ،
كىتابىغا جان، گۈزەللىك بېغىشلىغان تىلىم سەن.
مۇندا گۇننار يارىڭ (شۋىت)، گابائىن خان (نېمىس) مۇ،
ھەيران بولۇپ ھىكمىتىڭدىن ئالقىشلىغان تىلىم سەن.
تېخى گابائىن ساڭا زەپ ئاشىقلىقتا، خوشلۇقتا،
ئۆمۈر بۇيى ساڭا ئاتاپ كىتاپ يازغان تىلىم سەن.
بەلكى پۈتكۈل ھاياتىنى بېغىشلاپ بىرلا ساڭا،
توي قىلماستىن كۆز يۇمۇشقا ئىلھام بولغان تىلىم سەن.
شۇنداق!
ئالىم سېنى سۆزلەر، تارىخ بىلگەن نوچىمۇ!
كۈيلىمەككە، سۆزلىمەككە زەپ ياراشقان تىلىم سەن!
بۇ ھەقىقەت! ــ بىلگەن بىلۈر قەدىرىڭنى جان تىلىم!
بىلمىگەن شۇم نائەھلىلەر تۆھمەت قىلغان تىلىم سەن!
ۋەلېكىن كارۋان كېتىدۇ، ئىشتلار قاۋاپ قالىدۇ،
ئىلىم سۆيگەن ھەقىقەتچى ھۆرمەت قىلغان تىلم سەن!
چۈشەنگەچ مەن بۇ مۇبارەك قىسمىتىڭنى جان تىلىم،
بۇرچۇم بىلىپ تۇنۇتۇشنى قەلەم ئالغان تىلىم سەن.
شۇڭىمۇ يىل يەتتى ئونغا يىراق قىرلاردا ھامان،
قىينالساممۇ بۇشاشمىدىم، ئوتنى سالغان تىلىم سەن.
ــ «ئوتقا مەپتۇندۇر سەمەندەر، لاۋا ئوت بەختىدۇر بىلسەڭ!»،
شۇنچە تارتتىڭ مېھرىمنى سەن!
ياشنايدىغان تىلىم سەن!
ياشا!
ياشا!!
مىڭلاپ ياشا!!!
پاياندازىڭ مەن سېنىڭ!
كۆزۈمنىڭ گەۋھىرى كەبى ئاسرايدىغان تىلىم سەن!
بۇ ئاللاھىم بېغىشلىغان پاك ئەقىدەم، ۋەزىپەم،
زەررىچىلىك تەتۈر باقسام بولمايدىغان تىلم سەن.
يازىمەن شۇڭا كىتابىم، ۋەلېكىن كۆپ خىجىلمەن،
تەسۋىرىڭنى مىڭ يىل يازسا پۈتمەيدىغان تىلىم سەن!
خەيرىيەت، كۆپ سۆيۈنۈشتىن تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى،
شۇڭا جاننى مەرت ــ مەردانە پىدا قىلغان تىلىم سەن.
كۆرۈپ باققاي ئېزىز خەلقىم، ئىلھامىمۇ بوپ قالار،
شۇ ئارماندا ئاللاھقا كۆپ نىدا قىلغان تىلىم سەن.
سېنى شۇنچە سۆيىمەن ئەي ئانا تىلىم جان تىلىم!
سۆيگۈ گۈلزارىدا بۇلبۇل خەندان ئۇرغان تىلىم سەن!!!
ــ قۇددۇس ھاپىز
پىشقەدەم تىلشۇناسىمىز قۇددۇس ھاپىز ئاكا
ئۇنىڭدىن كېيىن رىياسەتچى مەرھابا ئەركىن مەرھۇم شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئۈمىد ئۈزۈلمەيدۇ» دېگەن شېئىرىنى ئوقۇپ بەردى.
ساۋاقدىشىمىز مەرغۇپ ئابدۇراززاق «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس» دىگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
مەنزىل مەقسەت ئۇزاق، تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاغ،
تاش قۇراملىقتا مېڭىپ، ئاسقاپ ياماق بولدى ياداپ.
ئازغىنە بىر ئىستراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم،
ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتىن ئىت قاۋاپ.
گاھى ئوخشارمەن مۇھىت ئاتلاسىدا بىر كېمىگە،
تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراب.
بىر چۆكۈپ بىر چىقىمەن، تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن،
كۆرۈنەر ساھىل قاچان، دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ.
ھەققە باغلىدىم دىلىمنى، ئىشقا سالالماي تىلىمنى،
زوقلىنىپ سوقۇر يۈرەك، مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ.
جان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى، كۆزلىرىمدىن ياندى ئوت،
ئۆلمىسەم غازى ئەگەر، ئۆلسەم شېھىتلەردىن ھېساب.
ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا،
ئاجرىسۇن مىستىن تازا ئالتۇن كۆيۈپ ئوتتا چىداپ.
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،
ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق، ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاب.
1930 ـ يىلى
ساۋاقداش مەمەتجان ئۇيغۇرئالپ ۋايىغا يەتكەن گىتتار ماھارىتى بىلەن بىر قانچە لېرىك ناخشا ئورۇنلاپ بەردى.
پائالىيەتتىن كېيىن يىغىن ئەھلى كورىدوردا ئالدىن-ئالا تەييارلانغان پېچىنە-پىرەنىك ۋە قېنىق دەملەنگەن تۈركىيە چايلىرىغا ئېغىز تەگگەچ ئۆز-ئارا يېڭى يىلىنى قۇتلاشتى ۋە ئاخىرىدا ئۇيغۇر پولوسىغا ئىشتىراك ئەتتى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەشۋىقات بۆلۈمى تەييارلىدى.
نازارەتچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان