You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » سوقرات بىلەن ئوقۇغۇچى

سوقرات بىلەن ئوقۇغۇچى

تەييارلىغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بىر كۈنى سوقرات ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت قىلىۋاتقاندا، بىر ئوقۇغۇچى سوقراتتىن مۇنداق بىر سوئال سوراپتۇ:

– ئەگەر دېموكراتىيەدە كۆپچىلىكنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلسا، ئادىللىق دېگەن مانا شۇ ئەمەسمۇ؟ مەسىلەن: بىر قارارنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن 100 كىشىنىڭ ئىچىدىن 51 كىشى قارارنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ئاۋاز بەرگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ قارارنى ماقۇللاش ئەلۋەتتە ئادىل ۋە توغرا بولغان بولىدۇ. ياكى قارشى ئاۋاز بەرگەن 49 كىشىنىڭ ئاۋازى بويىچە قارارنى رەت قىلىش كېرەكمۇ؟ مېنىڭچە ئەڭ كۆپ مۇمكىنچىلىك شۇكى, كۆپ ئىنساننىڭ ئاز ئىنسانغا قارىغان خاتالىشىشىش ئېھتىماللىق تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن سىزنىڭ دېموكراتسىيەگە قارشى چىقىشىڭىز توغرا بولمىغىنىدەك ھەقلىقمۇ ھېسابلانمايسىز.

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان سوقرات ھەر ۋاقىتتىكىدەك سوئال قويۇش ئۇسۇلى بويىچە، ئالدى بىلەن ئۇ ئوقۇغۇچىدىن مۇنداق سوئال سوراپتۇ:
– قېنى بىزگە دەپ باقە، بىلىملىك ئادەم بولۇشمۇ تەس، ياكى نادان – جاھىل بولۇشمۇ؟

ئوقۇغۇچى:
– ئەلۋەتتە ۋە ھېچ شۈبھىسىز بىلىملىك بولۇش تەس. چۈنكى بىلىملىك بولۇش ئۈچۈن كۆپ ئوقۇشقا، كۆپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ۋە نادان – جاھىل بولۇش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

سوقرات:
– بوپتۇ، ئۇنداقتا ئېيتىپ باقە، جەمىيەتتە نادان – جاھىل ئىنسانلار كۆپمۇ؟ ياكى بولمىسا بىلىملىك ئىنسانلار كۆپمۇ؟

ئوقۇغۇچى:
– ئەلۋەتتە ۋە ھېچ شۈبھىسىز نادان – جاھىل ئىنسانلارنىڭ سانى كۆپ.

سوقرات:
– بوپتۇ، قېنى يەنە ئېيتىپ باقە، بىر كېمىدە 100 يولۇچى بولغان بولسا، كېمىنىڭ قەيەردە، قايسى يۆلۈنۈشكە يەلكەن ئېچىشىنى كاپىتان ياخشى بىلەمدۇ؟ ياكى ئاشۇ 100 يولۇچىمۇ؟

ئوقۇغۇچى:
– ئەگەر يولۇچىلار ئىچىدە دېڭىزچىلىك بىلىملىرىنى بىلىدىغانلار بولمىسا، تەبىئىي ھالدا ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئادەم كېمىنىڭ كاپىتانىدۇر.

سوقرات:
– بوپتۇ، ئۇنداقتا شۇنداق دېيەلەيمىزكى ھەركىم ھەر مەسىلە ئۈستىدە قارار بىرەرمەيدۇ. ھەركىم ئۆزۈ بىلىدىغان ساھە توغرىسىدا گەپ قىلىشى لازىم. ھەر ئىشنى شۇ ئىشنىڭ ئەقلىگە تاشلاپ بېرىشىمىز كېرەك.

ئوقۇغۇچى:
– توغرا، تەبىئىي ھالدا مۇشۇنداق بولۇشى لازىم.

سوقرات:
– ئۇنداقتا قېنى ئېيتىپ باقە، كىمنىڭ قايسۇ ساھەدە بىلىملىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. پەقەت كۆپ ئاۋازنى تەشكىل قىلغانلىقى ئۈچۈنلا قارارلارنى ماقۇللاشنى قوبۇل قىلىش ئادىل ۋە توغرا بولغان بولامدۇ؟ ھەمدە ھازىر جەمىيەتتە نادان – جاھىللارنىڭ سانىنىڭ بىلىملىكلەردىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى سەنمۇ ئۆز ئاڭزىڭ بىلەن ئىتىراپ قىلدىڭ.

23.05.2021

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top