You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن ھەسرىتى (2)

ۋەتەن ھەسرىتى (2)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ مەنزىلى ھەقىقەت ئىدى. ئۇ شۇ مەنزىلدە ئەركىنلىك، ئازاتلىق كۈرەشلىرىنىڭ بۆشۈكىنى قايتىدىن تەۋرەتمەكچى ئىدى. بۇ مەنزىل ئۈچۈن ئۇلار تۆلەشكە تېگىشلىك بارلىق بەدەللەرنى تۆلىگەن ۋە ئاخىرى مەنزىلگە يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىغان ئىدى. كارۋان يەنە ئۈچ كۈن يول يۈرسىلا لاداخقا يېتىپ باراتتى. ئۇلار ھارغىن قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتقاندا، ئالدىدىن ئۆزلىرىگە قاراپ كېلىۋاتقان بىر كارۋاننى كۆردى. ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل كېلىۋاتقان ئىككى تەرەپتىن كارۋان بىر – بىرىگە قاراپ يېقىنلاپ كەلگەنسېرى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قۇلاقلىرىغا يېقىملىق ئاۋازلار ئاڭلانغاندەك بولدى. دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىكى بۇ يېقىملىق ئاۋاز ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەل تاۋۇشلىرى ئىدى. ئۇلار بىر – بىرىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك بەختىيارلىق ئىچىدە، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئاندىن ھازا ئېچىپ يىغلاشتى. ئۇلار بىر چەتتىن خوشال بولسا، يەنە بىر چەتتىن قايغۇلۇق كۆز ياشلىرىنى تۆكتى، شۇ دەمدە خوشاللىق بىلەن قايغۇلار بىر – بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى.

كىچىك رىزا بىلەن پاتىمەنىڭ خوشاللىقى ئالەمچە بولۇپ، بۇ خۇشاللىق بارلىق قايغۇلاردىن غالىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل چوڭلار بىلەن بىللە مۈشكۈل سەپەرلەرنى بېسىپ چارچىغان، ئىچى سىقىلىپ بۇ يوللاردىن جاق تويغان ئىدى. مانا ئەمدى، مۈشكۈل سەپەردە ئۇچراشقان بۇ ئىككى بالىنىڭ خۇشاللىقلىرى ئىچىگە سىغماي، بىر – بىرىنى قوغلىشىپ يۈگۈرىشەتتى، ئۇلار ھارغىنىنىمۇ تۇيماي ئوينىشاتتى. بۇ كەڭ دالادا ئۇياقتىن – بۇياققا چېپىپ، بارلىق جاپا – قايغۇلارنى ئۇنۇتقان ئىدى. كارۋانلار ئۇچراشقان جاينىڭ نېرىسىدىكى بوشلۇققا چېدىر تىكىپ، قازان ئېسىپ شۇيەردە تۈنىمەكچى بولدى. ئەسلىدە، قارشى تەرەپتىكى كارۋان، ئۆز ۋاقتىدا ئىلچىدىن مەككە مۇكەررەمىگە ھەج تاۋاپى ئۈچۈن يولغا چىققان مۇھەممەد نىياز ھاجىم دېگەن كىشى باشچىلىقىدىكى ھەج كارۋىنى ئىدى.

بۇ كارۋاندا ئامىنە بۇغرانىڭ ئانىسى سەيىدەخان ھاجىم بىلەن توققۇز ياشلاردىكى ئىنىسى مۇھەممەد رىزامۇ بار ئىدى. ئۇلار ھەج تاۋاپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كەلگەن يولىنى بويلاپ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ ماڭغان ئىدى. ئۇلار مەككىدىن يولغا چىقىپ لاھورغا كەلگەندە، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلاپ كەتكەنلىكىنى، خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەزرەتنىڭ ئىككى ئىنىسى شاھ مەنسۇر ۋە ئەمىر ساھىبنىڭ يېڭىساردىكى ئۇرۇشتا شېھىت بولغانلىقىنى گېزىتلەردىن ئوقۇپ، ناھايىتى قايغۇرغان، غېرىپ  كۆڭۈللىرى سۇنغان ئىدى. ئۇلار ئۆز يۇرتىنىڭ ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە قالغانلىقىنى،  قايتىپ بارسا جانلىرىنىڭ خەتەر ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۆز يولىدىن يانماي، يۇرتىغا قاراپ يولنى داۋام قىلغانىدى. ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بۇنداق يولدا ئۇچرىشىپ، تۇيۇقسىز جەم بولۇپ قېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۇشمىگەن ئىدى. بولۇپمۇ ئامىنە بۇغرا ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، يولدىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىدىغان، ئۆزگەرگەندىمۇ شۇنچىلىك دەھشەت ئۆزگىرىدىغان ھاۋا كىلىماتلار دەستىدىن تارتقان تالاي جاپالىرىنى بىراقلا ئېسىدىن كۆتۈرىۋەتكەندەك قىلاتتى. ئۇلار ئۇزاققىچە مۇڭداشتى.

ئامىنە بۇغرا بېشىدىن ئۆتكەن مۇسىبەتلەرنى ئانىسىغا بىر – بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپ، ئانىسىنى قۇچاقلاپ كۆز ياشلىرىنى تۆكتى. سەيىدەخان ھاجىم قىزىغا تەسەللى بېرىپ، ئۇنى سەبر قىلىشقا ئۈندەپ، ئۆگۈت بەردى. ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىدىكى كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى قىزى بىلەن نەۋرىسىگە سۆزلەپ بېرىپ،  پۈرسەت بولغاندا مەككە مۇكەررەمىگە بېرىپ ھەج تاۋابى قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئامىنە بۇغرا ئانىسىنىڭ يېنىدا ئۆز ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى ئۆتكۈزۇپ، بىردەم بولسىمۇ خاتىرجەم بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭىمۇ، ئانا ئائىلىنىڭ مۇرەببىسى، غەمگۇزارى دەپ بىكارغا ئېيتىلمىغان، نى – نى شائىرلار ئانىلار ئۈچۈن شېئىرلار يېزىپ بىكارغا مەدھىيەلەر ئوقۇمىغان – دە. ئەلىشىر ناۋايىمۇ ئانىلار ئۈچۈن:

ئانا شەرەپ گەۋھەرنىڭ كانى، بىل،

گەۋھەر كانى، ھەرنە دېسەڭ ئانى بىل.

دېگەن ئىدى.

ئانا بىلەن قىز تازا قىيامىغا يەتكۈزۈپ مۇڭدىشىۋاتقاندا، يەنە بىر چېدىردا ئەرلەر بۇندىن كېيىن قانداق قىلىش، قايسى يولدا مېڭىش توغرىسىدا ئۇزۇن – ئۇزۇن سۆھبەتلەرگە چۈشۈپ كېتىشكەن ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆز قاراشلىرىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ يەرلەرگە ئاتلىنىشىدىكى مەقسىدىنىڭ قايتا كۈچ توپلاش ۋەتەنگە قايتىپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، پامىر تاغلىرى ئارقىلىق يۇرتقا يېنىپ كىرىشنىڭ چارىسىنى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مۇھەممەد نىياز ھاجىم بولسا، «بىز داۋاملىق يۇرتقا قاراپ ئۇدۇل يول ئالىمىز، ئۆيىمىزگە تېزرەك يېتىۋالمىساق بولمايدۇ. يۇرتنى بەكمۇ سېغىندۇق، بېشىمىزغا نېمە كۈن كەلسە كەلسۇن، تەۋەككۈل پەقەت ئاللاھقا» دەپ، باشقا يۇرتداشلار بىلەن يولىنى داۋام قىلىدىغان بولدى، ئۇلار شۇ گەپ بويىچە يۇرتقا قاراپ يول ئالدى. ئەمما سەيىدەخان ھاجىم بىلەن مۇھەممەد رىزالار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار بىلەن قالدى. كىچىك مۇھەممەد رىزا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن قالغىنىدىن بەكمۇ مەمنۇن ئىدى.

سەيىدەخان ھاجىم بىلەن مۇھەممەد رىزا ئارقىسىغا يېنىپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كارۋىنى بىلەن ئۈچ كۈن ماڭغاندىن كېيىن، كەشمىرنىڭ لاداخ دېگەن يېرىگە يېتىپ كەلدى. لاداختىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كارۋىنىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۇلارنى ئايرىم بىر بىناغا ئورۇنلاشتۇردى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇ يەردە تۇرغان بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، «بىزگە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ» دەپ ئويلىغان خېلى كۆپ زاتلار بىلەن كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما، ھېچبىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يولىنى داۋام قىلىپ، كەشمىرنىڭ سىرىناگار شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. بىر ھەپتىلىك يولچىلىقتىن كېيىن ئۇلار سىرىناگارغا يېتىپ كەلدى. كەشمىردىكى ئۇيغۇر يۇرتداشلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئالدىغا چىقىپ، بۈيۈك بىر ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن قارشى ئالدى. ئۇلار كارۋاننى ئېسىل بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئىككى – ئۈچ كۈنلۈك مېھماندارچىلىقنى ئاياغلاشتۇرۇپلا، يەنە ئالدىراش ھالدا ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. ئۇ بۇ جەرياندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئىجابىي بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىدى. شۇڭا ئۇ يەنە يولىنى داۋام قىلىپ، ھىندىستاننىڭ ئەمرەتسەر شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار بۇ يەردە، بۇرۇن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئالاقە ئورناتقان «ئەزىز ھىندى» تەخەللۇىسلۇق، ئەسلى ئىسمى غۇلام مۇھەممەد خان بولغان كىشىنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، ئۇ كىشى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كارۋىنىنى چوڭ بىر بىناغا ئورۇنلاشتۇردى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەمرەتسەرگە كەلگەندىن كېيىن، تۈركىيەلىك دوكتور رەمزى بەگ ئايالى بىلەن كابۇلدىن زىيارەتكە كەلدى ۋە مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە قىزغىن ھەم جىددىي سۆھبەت ئېلىپ باردى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىر نەچچە ئايلىق پائالىيەتلىرىدە ئەنگلىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، نۇرغۇن قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچ بىر ئىجابى نەتىجە چىقمىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاتلىق كۈرىشىگە ھەقىقىي مەنىدە ياردەم قولىنى سۇنىدىغان بىرمۇ دۆلەتنىڭ يوقلۇقى، ئەمدى ئۇنىڭ كۆڭلىگە كۆكتىكى قۇياشتەك ئوپئوچۇق ئايان بولغان ئىدى. چۈنكى، ئۆز ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىدا رول ئوينىغان تۈركىيەلىك دوستلىرى بولسۇن، ياكى ئەنگلىيەلىك ھىمايىچىلىرى بولسۇن، ھازىر ھەممىسى مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر جاۋاب بەرمىگەن ئىدى.

بۇ زاماندىكى دۇنيا سىياسەتلىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھىندىستاندا تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقتىن ئىبارەت رېئاللىقنى روشەن كۆرسىتىپ بەردى. شۇنداقلا ئۆز ۋاقتىدا خوجانىياز ھاجىمنىڭ سابىت داموللامغا ئېيتقانلىرىنىڭ مەلۇم جەھەتتىن توغرا ئىكەنلىكىنىمۇ دەلىللىگەن بولدى. بىر قاتار دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن بىر قارارغا كەلگەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، يەنىلا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كۈرەش قىلماقتىن باشقا بىر يولنىڭ يوقلۇقىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئازغىنە ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ، پامىر ئېتەكلىرىدە قوراللىق كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىشقا بەل باغلىدى.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top