You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » دەرەخ تۇۋىدە

دەرەخ تۇۋىدە

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بىر تۇپ دەرەخنىڭ ئاستىدا پەلسەپە كىتابى ئوقۇۋاتقان بىر ئادەمنىڭ كاللىسىنى بىرمۇنچە سوئاللار قوچۇشقا باشلاپتۇ. ئۇ ئادەم كۆزىنى كىتابتىن ئۇزۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۈستىگە سايا تاشلاپ تۇرغان دەرەخكە قاراپتۇ ۋە مۇنداق خىتاپ قىپتۇ:

– كاشكى بۇ دۇنياغا دەرەخ بولۇپ تۆرەلگەن بولسامچۇ، ھېچقانداق بىر نەرسىنى ئويلىماي خاتىرجەم ياشىغان بولار ئىكەنمەن.

بۇ چاغدا بىردىنلا ئۈستىدىكى دەرەخ زۇۋانغا كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:

– مەن تەپەككۇر قىلمايمەن. ئەمما تەپەككۇردىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلارغا ياخشى نەسىھەت بېرەلەيمەن.

دەرەخنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئادەم ھاياجان ئىچىدە:

– سېنىڭ نەسىھەتلىرىڭنى ئاڭلاشنى خالايمەن.

بۇنىڭ بىلەن دەرەخ نەسىھەتىنى باشلاپتۇ:

– قولۇڭدىكى ئۇ ئوقۇۋاتقان پەلسەپە كىتابىنى پىقىرتىپ تاشلىۋىتىپ، ماڭا قاراپ تۇر ۋە ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سال. ساڭا بۇ ھايات توغرىسىدا ئون تۈرلۈك ئۆگۈت ئېيتىپ بېرىمەن.

ئادەم قولىدىكى كىتابنى چۆرىۋېتىپ:

– بولىدۇ، قىنى سۆزلە، قۇلۇمقۇم سەندە،- دەپتۇ.

دەرەخ سۆزىنى داۋام قىپتۇ:

1- دەرەخ يۇمران كۆچەت ۋاقىتلىرىدا، ئىگىلىدۇ ۋە تۇزلىنىدۇ. ھەر نەرسىنىڭ بىر ۋاختى سائەتى بولىدۇ. بۇ ھاياتتا تۇرمۇشنى ئۆگۈنىش جەريانىدا ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقتىنى بىلىش ناھايىتى مۇھىم. سەنمۇ بىلگىنىڭدەك «قېرى ئىتقا يېڭى ھۈنەرلەرنى ئۆگەتكىنى بولمايدۇ» ۋە «قېرى بۆرىگە يول ئۆگۈتىلمەيدۇ»

2- ئۆرۈلۈپ چۈشكەن دەرەخكە پالتا ئۇرىدىغانلار كۆپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتتا يىقىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن بەك دىققەت قىلىش كېرەك. تىك تۇرغان چاغلىرىڭدا سايەڭدە سالقىنلىغانلار، يىقىلغان چاغلىرىڭدا پالتىنى كۆتۈرۈپ يېنىڭغا قاراپ چاپپىدۇ.

3- بىزنى چېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن پالتىنىڭ سېپى بىزدىن ياسالغان. ھەرۋاقىت تاشقى دۈشمەندىن قورقما، چۈنكى تاشقى دۈشمەندىن ئىچكى دۈشمەن ياماندۇر. سەنتەرەپتە تۇرغاندەك قىلىپ، ساڭا خائىنلىق قىلىدىغان ئىنسانلارغا دىققەت قىل. چىشىڭنى سۇندۇردىغىنى گۇرۇچكە ئوشايدىغان گۇرۇچنىڭ ئىچىگە كىرۋالغان تاشتۇر.

4- ئېگىز بەھەيۋەت قارىغايلار قارلىق تاغلاردىكى بوران-چاپقۇنلاردا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئىنساننى قابىل قىلىپ يېتىشتۇرىدىغان بېشىڭغا كەلگەن قىيىنچىلىقلاردۇر. ئۇلۇغ ئادەملەر بۈيۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۆز ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ غالىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلۇغ ئادەم بولۇپ سانالغان. شۇنىڭدەك كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى، ئۇرۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن كۈچلۇك دۆلەتكە ئايلانغان. لەگلەك شامالغا قارشى تۇرغانلىغى ئۈچۈن كۆكتە ئۇچىدۇ. شۇڭا قىيىنچىلىقلارنى پۇرسەت دەپ بىل.

5- بىر دەرەخنىڭ يىلتىزى يەرگە قانچىلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتسا، بويىمۇ شۇنچىلىك كۆككە يۈكسىلىدۇ. يىلتىزى ئاجىز بولغان دەرەخ بوي تارتالمايدۇ. يىلتىزى سېسىغان دەرەخ قۇرۇپ كېتىدۇ. دەرۋەقە، بىر دەرەخنىڭ ھايات كۈچى بويىدىن ئەمەس، يىلتىزىدىن كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىڭ تارىخىڭ بولمىسا، كەلگۇسىڭ بولمايدۇ. ئەگەر تارىخىڭنى بىلمىسەڭ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىساڭ كەلگۇسىڭنى بەرپا قىلالمايسەن.

6- دەرەخ ياپراقلىرى بىلەن گۈزەل كۆرىنىدۇ. ´بىر ئادەممۇ ئائىلىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بەختلىك بولىدۇ. بارلىق ھاياتتىكى گۈزەللىكلەرگە ئاشۇلار بىلەن بىرلىكتە ئېرىشەلەيسەن. ئەنە شۇلار بۇ ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە ئىشلىرىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە كۆڭۈل بۆل.

7- ھېچقانداق بىر دەرەخ «ئەجابا باھار كېلەمدىغاندۇ، يەنە بىخ چىقىرامدىغاندىمەن؟» دەپ ئويلىمايدۇ. دەرەخنىڭ يىلتىزى، بويى ۋە تاللىرى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ھەچقانداق ئۇن چىقارماي سەۋر بىلەن ئۆز نۆۋىتىدە ئىجرا قىلىدۇ. سەنمۇ ئەنە شۇنداق داۋراڭ قىلماي تۇرۇپ ئۈستىڭگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق، سۈكۇنات ئىچىدە ئەجىر قىلىپ، سەۋر قىلىش ئارقىلىق باھارنىڭ كېلىشىنى ساقلا.

8- مېۋىلىك كۆچەتكە تاش ئاتىدىغانلار كۆپ بولىدۇ. شۇڭا قابىلىيەتلىك، مۇۋەپىققىيەتكە ئېرىشكەن كىشىلەرگە ھەسەت قىلىدىغانلار كۆپ بولىدۇ. بىر ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان، قابىلىيەتسىز، ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋەپىققىيەت قازانغان قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئېتىلغان تاشلاردىن ئۆزلىرىنى مۇداپىيە قىلىشنى بىلمىسە، مۇۋەپىققىيەتكە ئېرىشكەن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ.

9- ھەرقانداق كۆچەت ئۆزىنىڭ تۆۋىدىكى تۇپراقتا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئەگەر كۆچەتكە مۇۋاپىق تۇپراق بولمىسا ئۆزىنى راۋرۇس يېتىلدۇرەلمەيدۇ. ئادەمنىڭ قابىلىيەتلىرىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ. دەرەخ خۇددى ئۇرۇققا ئوخشاش، مۇۋاپىق زېمىندا ئۆسۇدۇ، بولمىسا سېسىپ كېتىدۇ، ئادەممۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ.

10- بۆشۈكتىن مازارلىققىچە بولغان بۇ يولدا ھەرقانداق ئادەم ياغاچتىن ياسالغان نەرسىلەرگە مۇستاج بولىدۇ. بوۋاق چاغلىرىڭىزدا ياغاچتىن ياسالغان بۆشۇككە، ئۆلگەندە بولسا، ياغاچتىن ياسالغان تاۋۇتقا چۈشىسەن. بىزگە داۋاملىق ئوتۇنغا قارىغان كۆز بىلەن قارىماڭلار. بىر ئاز بولسىمۇ ئىبرەت كۆزى بىلەن نەزەر سېلىڭلار. بۇ سۆزلىرىم سىلەر ئۈچۈن ئىبرەتلىك ئۆگۈت بولسۇن. دەرۋەقە، ھەممە ئىش كۆچەتلەرنى ئاسراش بىلەن باشلىنىدۇ، بۇندىن كېيىن بىر دەرەخنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن چېغىڭدا بىر لەڭزە تۇر ۋە شىلدىرلاشلىرىمىزغا قۇلاق سال

ئادەم بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرەخقە شۇنداق بىر نەزەر تاشلاپتۇ ۋە :« ئەسلىدە ئوتۇن بولىدىغان بۇ دەرەخ ئەمەس، مەن ئىكەنمەن» دەپ پىچىرلاپتۇ.

(ئۆزلەشتۇرۇپ تەيارلاندى. 22.05.2021، گېرمانىيە)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top