You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ۋابا كېچىلىرى» ناملىق روماندىن تۇغۇلغان ھېسلار

«ۋابا كېچىلىرى» ناملىق روماندىن تۇغۇلغان ھېسلار

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى ئورخان پامۇقنىڭ بەش يىل ۋاقىت ئاجىرتىپ يېزىپ چىققان، يېقىندا نەشىردىن چىققان «ۋابا كېچىلىرى» ناملىق رومانىنى ئوقۇپ چىقتىم. رومان ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن بىر تارىخىي رومان بولۇپ، ئەمما روماندىكى ھېكايە سادىر بولغان جاي، ئاپتورنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى خىيالى ئارالدۇر. بۇ ئارال ئاق دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئوسمان ئىمپېراتورلىقىغا تەۋە بولغان «مىنگەر» ئاتلىق ئارال بولۇپ، بۇ ئارالنى ئاپتور پەقەت ئۆزىنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىغا تايىنىپ تۇرۇپ توقۇپ چىققان ۋە رېئال دۇنيادا ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان مەھھۇم بىر جايدىن ئىبارەت. ئەمما روماننى ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىڭىزنى خۇددى مۇشۇ رېئال دۇنيادا مەۋجۇت بىر ئارالدا ھېس قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇيسىز.

چۈنكى ئاپتور ئارالنى خۇددى رېئال دۇنيادا مەۋجۇت بىر ئارالدەك شۇنچىلىك ئىنچىلىك بىلەن تەسۋىرلەپ، ھەر بىر ئورۇنلارنى شۇنچىلىك روشەن رەۋىشتە كىتابخانىلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىدۇ. گەرچە ۋەقەلىك يۈز بەرگەن ئورۇن توقۇلما بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ رومان بىر تارىخىي رومان. چۈنكى روماندا بايان قىلىنغان ۋەقەلىكلەر ئوسمانلى خانىدانلىقىنىڭ پادىشاسى ئابدۇلخەمىت ئۆزۈ نەزەربەت قىلىپ قويغان پادىشا مۇرات (V) نىڭ 3 – قىزى پاكىزە سۇلتاننىڭ 1901-يىلدىن 1913-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا خوڭكۇڭدا تۇرۇپ ھەدىسى خەدىچە سۇلتانغا يازغان 113 پارچە مەكتۇپقا ئاساسەن قەلەمگە ئېلىنغان، ھەمدە شۇ ئاساستا ۋەقەلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ بەدىئىي توقۇلمىلار ئاساستا يېزىپ چىقىلغان.

بۇ رومانمۇ خۇددى مېنىڭ «يول» ناملىق تارىخىي روماننىمغا ئوخشاش بىر يولوچىلىق بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ خۇددى تولوستوينىڭ «پۈتۈن مۇھتەشەم ھېكايىلەر ئىككى خىل بايان قىلىش ئۇسۇلى بويىچە باشلىنىدۇ. يەنى يا ئىنسانلار بىر يولچۇلۇققا چىقىدۇ، ياكى بولمىسا شەھەرگە بىر ناتۇنۇش ئادەم كېلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگىمۇ تەققاس كېلىدۇ. دېمەك روماندىكى ۋەقەلىك پاكىزە سۇلتان بىلەن يولدىشى دوختۇر نۇرىنىڭ خىتايدا يۇز بەرگەن ۋابا يۇقۇمىغا دەخشەتلىك ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان(تۇڭگانلارنى دېمەكچى) لار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى ۋابا يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئولتۇرۇشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن پادىشاھ ئابدۇلخەمىتنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن يولغا چىقىش بىلەن باشلىنىدۇ.

ئەسلىدە 1901-يىللىرى خىتاي ۋە ھىندىستاندا ۋابا يۇقىمى كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان زامانلار بولۇپ، بۇ مەزگىلدە يەنە خىتايدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ بەزى ئەسكەرلىرى بىلەن بىرگە تۇڭگانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، خىتايدىكى چەتئەللىكلەرگە بولۇپمۇ ياۋرۇپالىقلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەركىتى قوزغاپ، نۇرغۇن گېرمانلارنى ئۆلتۇرىۋەتكەن ئىدى. شۇ ۋەجىدىن پادىشا ئابدۇلخەمىتنىڭ بۇ ئۆمەكنى ئەۋەتىشتىشتە يەنە بىر سىياسى غەرىزى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ بۇ قوزغىلاڭچىلار ئىچىدە مۇسۇلمان تۇڭگانلارنىڭ سانى ئالھىدە كۆپ بولغاچقا، بۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن پادىشاھ ئابدۇلخەمىت پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خەلىپەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاشۇ تۇڭگانلارغا ۋەز-نەزىھەت قىلىش ئۈچۈن بۇ ئۆمەكنى تەشكىللەپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان «ئەزىزىيە» ناملىق پاراخوتى بىلەن شاڭخەيگە يولغا سالغان ئىدى.

بۇ رومان ئەنە شۇ يولوچىلىق بىلەن باشلىنىدۇ. ئەمما پاراخوت ئاق دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا پاكىزە سۇلتان بىلەن دوختۇر نۇرى، پادىشا ئابدۇلخەمىتتىن كەلگەن بىر جىددىي تېلگېرامىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. مەزكۇر تېلىگېرامىدا مىنگەر ئارىلىدا ۋابانىڭ تېزدىن يامراپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن دوختۇر بونكوۋسكى پاشانىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن سۇيقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، شۇ مۇناسىبەت بىلەن ۋابانىڭ ئالدى ئېلىش خىزمىتىگە دوختۇر نۇرنىنى تەيىنلىگەنلىكى توخرىسىدىكى مەزمۇنلار قەيت قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىستانبۇلدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي مىڭبىر غەم – ئەندىشە ئىچىدە كېتىۋاتقان بۇ ئىككى ياش بارسا كەلمەس يول ھېساپلىنىدىغان مىنگەر ئارىلىغا قاراپ ماڭىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئۇلارنىڭ مۇۋاپىزەتچىسى ھېساپلىنىدىغان بىر ئوسمانلى ئەسكىرى كامىلمۇ بار ئىدى. بۇلار ئارالغا يېتىپ كەلگەندە شۇ ئارالنىڭ ۋالىسى بولغان سامى پاشا دوختۇر بونكۇۋسكى پاشانىڭ قاتىلى شەيخ ھامدۇللانىڭ ئۆگەي ئىنىسى رامزىنى قولغا ئالغان ئىدى. ھەمدە بۇ يەرنىڭ خەلقلىرى ۋاباغا قارشى ئېلىنغان ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق تۇزۇمىگە رىئايە قىلماۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئىدى. بولۇپمۇ شەيخ ھامدۇللانىڭ خانىقاسىدىكى مۇرتلىرى ۋاباغا قارشى يولغا يويۇلغان تۇزۇملەرگە رىئايە قىلماي قارشلىق قىلىۋاتاتتى.

ئۇلار خانىقانىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىشىغا قارشى چىقىپ جىدەل چىقارغا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەيخ ھامدۇللا ئۆزىنى ئەۋلىيادەك چاغلاپ «ماڭا ۋابا يۇقمايدۇ» دەپ جار سېلىپ، ئۆز مۇرتلىرىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا «سىلەرنى ۋابادىن قوغدايدۇ» دەپ، ئۆزۈ پۈتكەن تۇمارلارنى تارىقىتىپ، ۋابادىن ئالدىن ئېلىش تۇزۇملىرىگە قارشى چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ۋابادىن ئۆلگەن مۇسلمانلارنى، مۇسۇلمانچە ئۇسۇلدا دەپنە قىلىمىز دەپ، ۋابادىن ئۆلگەنلەرنى يۇيۇپ – تاراپ كۆمۈشكە باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن ۋابا تېخىمۇ يامراشقا باشلىغان، مەسچىتلەردە ناماز قىلىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ بۇنىڭغا رىئايە قىلماي توپ-توپ بولۇپ ناماز ئوقۇغانلىقتىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىغان.

بۇ ئارالدا 80 مىڭغا يىقىن ئاھالە ياشايدىغان بولۇپ، يېرىمى مۇسۇلمان يېرىمى خىرىستىئانلار ئىدى. خىرىستىئانلار بولسا ئارالدىن قىچىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن ھايانكەشلەر يالغاندىن قاتنىمايدىغان پاراخوتنىڭ بىلەتلىرىنى يۇقۇرى باھادا سېتىپ، ۋابادىن قورقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان ئاھالىنى تېخىمۇ پەرىشان قىلىۋەتكەن ئىدى. بۇ چاغدا ئارالدىكى ۋابانىڭ باشقا ئۆلكىلەرگە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پاراخوتلارنىڭ بۇ ئارالغا كېلىشى ۋە چىقىشى مەنىي قىلىنغان ئىدى. ھەتتا ۋابا يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى بولغان كامىل، ئۆز ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئارالدىكى پوشتىخانىنى پۈتۈنلەي ئۆز قولىغا ئېلىپ، ئىستانبۇل بىلەن بولغان ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۇزگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوسمانلىنىڭ ئۆزلىرىگە بۇيرۇق بىرەلمەيدىغان بىر ۋەزىيەتنى ئوتتۇرغا چىقارغان ئىدى. بۇ ئارقىلىق ئارالدىكى خەلقنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇپ، ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش تۇزۇملىرىگە خەلقنى بويسۇندۇرۇشنى ئويلىغا ئىدى. ئەمما ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي، خەلق ئۆلۈم ۋەھىمىسى بىلەن تېخىمۇ پاراكەندىچىلىك ئىچىدە قالىدۇ ۋە ئۆلگەنكلەرنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە ئېشىشقا باشلايدۇ.

بۇ چاغدا ئارالغا پادىشاھ تەرىپىدىن يېڭىدىن تەيىنلەنگەن بىر ۋالى كېلىدۇ. سامى پاشا بولسا يېڭى تەيىنلەنگەن ۋالىنىڭ پاراخوتتىن چۈشۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا قارشى تۇرۇپ، دېڭىزدا بەش كۈن كارانتىنىدا تۇرۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ ۋە شەيخ ھامدۇللا بىلەن ھىرىستىئان پوپىنى چاقىرىپ ئەكىلىپ خەلققە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قايدىلىرىگە رىئايە قىلىش توغرىسىدا ۋەز بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ چاغدا پۇرسەتنى چىق تۇتقان رامزى سولاقلىق يېرىدىن قېچىپ چىقىپ، يېڭى تەيىنلەنگەن ۋالىنى پاراخوتتىن قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ، ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە ۋالى مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېڭى تەيىنلەنگەن ۋالى بىلەن سامى ۋالىنىڭ ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىداسس ئۇرۇش بولىدۇ. نەتىجىدە رامزى ۋە يېڭى ۋالى مەغلۇپ بولۇپ يېڭى ۋالى ئۆلىدۇ، رامزى تىرىك قولغا ئېلىنىدۇ.

سامى ۋالى بولسا رامزىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ، دارغا ئاسىدۇ. روماندا ئەنە شۇنداق بىر – بىرىگە گېرەلىشىپ كەتكەن ۋەقەلەرنى، ئۇرۇشلارنى ۋە ۋابا يۇقۇمى كەلتۇرىۋاتقان قورقۇنچلۇق ترادىگېيەلەرنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە يۇز بېرىۋاتقاندا گۈزەل ھادىسلەرمۇ ئاجايىپ بىر ئەدەبىي ماھارەت بىلەن تەسۋىرلەپ بايان قىلىدۇ. ئەنە شۇ گۈزەل بىر تىل بىلەن بايان قىلىنغان گۈزەل نەرسە بولسا مۇھەببەت ئىدى. يەنى ئاپتور گاھ دوختۇر نۇرىنىڭ كېچىنى كۈندۇزگە ئۇلاپ ۋابادىن يۇقۇملانغان كېسەللەرنى داۋالاش بىلەن ئادىراشچىلىق ئىچىدە پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلىسە، گاھ ۋابا كېچىلىرى ئەندىشە ۋە قورقۇنچ ئىچىدە يولدىشىنىڭ يولىغا مۇھەببەت بىلەن بالكوندا قاراپ ئولتۇرغان پاكىزە سۇلتاننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى زىددىيەتلەرنى، يۇرتقا بولغان سىغىنىشىنى، ئاشىقنى ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەيدۇ.

يەنە بىر چەتتىن بولسا قوماندان كامىلنىڭ ئارالدىكى رامىزنىڭ ئىككىنچى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا پۇتۇشكەن زەينەپ بىلەن بولغان مۇھەببەت ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، ۋابا ئۆلۈكلىرى بىلەن تولۇپ، دوزاققا ئايلىنىپ قالغان ئارالدا مۇھەببەتنىڭ بىر جۈپ ئەتتىر گۈلىنى پەرۋىش قىلىپ يېتىلدۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ پاجىئەلىك مۇھەببەت ھېكايىسى ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ ئەڭ مۇقەددەس نەرسە ئىكەنلىكىنى پۈتۈن ئالەمگە جاكالايدۇ. بۇ روماننىڭ مېنى ئەڭ جەلپ قىلغان بىر يېرى شۇ بولدىكى بىر قېتىملىق ۋالى مەھكىمىسىدىكى ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش گۇرۇپىسىنىڭ ھەيئەتلىرى يېغىنىدا، تۇيۇقسىزلا ئورنىدىن چاچراپ قوپقان كامىل بىر قولىغا تاپانچىسىنى ئېلىپ، بىر قولىغا مىنگەر چېچەكلىرى چۇشۇرۇلگەن قىزىل رەڭلىك بىر پارچە رەختنى ئېلىپ، ۋاقىرغا پېتى بالكونغا چىقىدۇ ۋە ۋالى مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلغان 140 -150 كىشىگە قاراپ تۇرۇپ، ھەمما ئادەم ئاڭلىيالايدىغان دەرىجىدىكى يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن، مىنگەرنىڭ مۇستەققىللىقنى جاكالايدۇ.

ئۇ ھاياجان ئىچىدە ۋاقىراپ تۇرۇپ «ھېچقانداق بىر كۈچ بىزنىڭ مىللەت ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ياشىسۇن مىنگەر! ياشىسۇن مىنگەرلىكلەر! ياشىسۇن مىنگەر مىللىتى!» دەپ خىتاپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ يىگانە ئارالدا مۇستەققىل مىنگەر جۇمھۈرىيىتى قۇرۇلىدۇ ۋە ئاساسىي قانۇن تۇزۇپ چىقىلىدۇ. قوماندان كامىل جۇمھۈرىيەت رەئىسى بولىدۇ. مەن مۇشۇ يەرلەرنى ئوقۇۋاتقاندا بىزگىمۇ شۇنداق تۇيۇقسىزلا بىر ئامەت كېلىپ، ئەنە ئاشۇنداق چاقماق تېزلىگىدە بىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۈرىيىتى ۋە ياكى ئۇيغۇرىستان جۇمھۈرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكانلانغان مەنزىرلەر كۆز ئالدىمدىن سۈرەتتەك ئۆتتى ۋە يوشۇرۇن ئېڭىمدا نەچچە يىللاردىن بىرى ئاز-ئازدىن بىرىكىپ يۈكسىلىۋاتقان بۇ ھاياجان، قولۇمدىكى روماننىڭ جۈملىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئالامەت بىر ھاياجان دولقۇنى پەيدا بولۇپ، ئۆزۈمنى ھىلە بىر ۋاقىتقىچە باسالماي ئاشۇ ساتىرلارنىڭ ئۈستىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم. ئەمما مېنىڭ بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلىرىم ئۇزۇنغا بارمىدى، يەنە روماندىكى تراگېدىيەلىك بايانلار قاينىمىغا چۆكۇشكە باشلىدىم. يەنى رەئىس كامىلنىڭ ئېغىر ئاياق ئايالى زەينەپ ۋابا بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولىدۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا جۇمھۈر رەئىس كامىلمۇ ۋابا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولىدۇ.

بىر ھەپتە ئىچىدە ئارقا – ئارقىدىن ۋاپات بولغان بۇ ئىككى ياشنىڭ تراگېدىيەلىك ئۆلۈمى مېنى ئەلەم ئىچىدە روماننىڭ ئارقىسىنى ئوقۇشقا مەجبۇر قىلدى. بولۇپمۇ بىز ھەممىمىز كورونا ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ھەمدە نەچچە مىليون ئىنسان بۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئەزىز جانلىرىدىن ئايرىلغان مۇشۇ زاماندا شاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ روماننى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر ۋابادىن ئۆلۈۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئاھ – زارلىرىنى ھەقىقەتەن چىن يۈرەكتىن ھېس قىلالايمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە ئىچ-ئىچىمىزدىن ئازاپلانماي قالمايمىز. چۈنكى نۆۋەتتە ھەر بىرىمىز ئەنە شۇنداق بىر رېئاللىقنى بېشىمىزدىن ئۆتكۇزىۋاتىمىز ئەمەسمۇ!؟ ئەمما مۇشۇنداق تراگېدىيەلىك زامانلاردا ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىشتىن يانمايدىغان ئىنسانلارنىڭ بولغىنىدەك، روماندىمۇ ئەنە شۇنداق رەزىل قىلمىشلار، ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تالىشىشلار بايان قىلىنىدۇ. رەئىس كامىل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تۈرمىگە قامالغان جىنايەتچىلەر ئىسيان كۆتۇرىدۇ ۋە بۇنى پۈرسەت بىلگەن شەيخ ھامدۇللا ئۆز مۇرتلىرى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ھاكىميەتنى قولىغا كىرگۇزىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مىڭ بىر مۇشەقەتتە ۋابا يۇقۇمىنى چەكلەش تۇزۇملىرى ئەمدىلا يولغا قويۇلغا ۋەزىيەت بىردىنلا ئاستىن -ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ. يەنى ۋابادىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق، مەسچىتلەردەك ۋاختىنچە توپلۇشۇپ ناماز قىلماسلىق، دۇكانلارنى ئاچماسلىق قاتارلىق بىر قاتار تۇزۇملەر بىردىنلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ھەتتا ۋالى سامى پاشا بىلەن بىمارلار ئۈچۈن دورا ساتىدىغان دورىخانىنىڭ خوجايىنى قولغا ئېلىنىپ دارغا ئېسىلىدۇ ۋە پاكىزە سۇلتان بىلەن يولدىشى دوختۇر نۇرى نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنىدۇ. مانا بۇ ئەقىلسىزلىك بىلەن ئېلىنغان قارارلاردىن كېيىن ۋاپا كۈندىن-كۈنگە تېز سۈرئەت بىلەن يامراپ، ھەر كۈنى ئۆلىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى 50 تىن ئېشىپ كېتىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا مەسچىتلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۇرىدىغان، ئۇلارنى يۇيۇپ يەلىكىدە قويىدىغان ئادەمممۇ قالمايدۇ. 20 كۈننىڭ ئالدىدا كۆرۈنىدىغان جەننەتتەك شەيخ ھامدۇللانىڭ خانقاسى بەجايىكى دوزاقنىڭ ئۆزىگىلا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھەتتا ئۆزىگە ۋابا يۇقمايدۇ دەپ كۇپۇرلۇق قىلىپ يۇرگەن شەيخ ھامدۇللاغىمۇ ۋابا يۇقۇپ، ئىككى كۈن ئىچىدىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نېمە قىلىشىنى بىلەلمىگەن شەيخ ھامدۇللانىڭ مۇرتلىرى ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئىچىدە قىلىپ، ئاخىرى چارىسىزلىك ئىچىدە مىنگەر ئارىلىنىڭ ھاكىميىتىنى پاكىزە سۇلتان بىلەن دوختۇر نۇرىغا تاشلاپ بېرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن دوختۇر نۇرى قايتىدىن پۇخرالارغا كوچىغا چىقماسلىق قانۇنىنى يولغا قويىدۇ ۋە بۇ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن ۋابادىن يۇقۇملانغان بىمارلارنى داۋالاشنى كېچە – كۈندۇز ئېلىپ بارىدۇ. ئەنە شۇنداق خەلق ئېغىر ۋابا كۈنلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۇزىۋاتقاندا، پاكىزە سۇلتان خەلققە مەنىۋى جەھەتتىن قۇۋۋەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن ۋابانىڭ ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھۆكۈم سۈرگەن ئادەمسىز كوچىلاردا تەنھا مېڭىپ، ئىشىك ۋە دېرىزىلەرنىڭ يوچۇقلىرىدا ۋەھىمىلىك ماراپ قاراۋاتقان ئاممىغا تەبەسسۇم كۈلكىلىرى بىلەن لەپپىدە قاراش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇلارغا كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. كۆڭلى مېھرى – مۇھەببەت بىلەن تولغان 21 ياشلىق پاكىزە سۇلتان مىنگەر خەلقىنىڭ روھى دۇنياسىنى چىرمىۋالغان ۋابا قورقۇسىنى بىر لەھزە بولسىمۇ نېرى قىلىشنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىدۇ.

نىھايەت تەغدىرچىلىك، جاھىللىق، نادانلىق ۋە خۇراپاتلىق بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقىلنىڭ، ئىلىم – پەننىڭ ۋە مۇھەببەتنىڭ، شەپقەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قىلىنغان ئەجىر مېھنەتلەر بىكارغا كەتمەي، ۋابا پۈتۈنلەي تىزگىنلىنىدۇ. پاكىزە سۇلتان بىلەن دوختۇر نۇرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى بۇرچلىرىنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئادا قىلىپ، ئارالدىن ئايرىلىپ ئۇزۇلۇپ قالغان سەپىرىنى داۋام قىلىدۇ. ئەمما پاكىزە سۇلتاننىڭ بىغۇبار قەلبىدە، ئاشۇ ۋابا كېچىلىرى بالكۇندا ئولتۇرۇپ، ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھۆكۈم سۈرگەن مىنگەر ئارىلىدىكى پۈتۈن ئاھالىنىڭ ئاھ – زارلىرى، ئۆز سۆيگۇسىنىڭ يولىغا تەلمۇرۇپ قاراشلىرى، ئۆزۈ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان گۈزەل ئىستانبۇلغا بولغان ھەسرەتلىك سىغىنىشلىرى مەڭگۈلۈك ساقايماس يارا بولۇپ قالىدۇ. ئۇ مىنگەر ئارىلىدىن ئايرىلىپ شۇ كەتكەچە ئۆز ئانا ۋەتەنىگە ھېچ قايتىپ كېلەلمايدۇ، ئەل – ۋەتەننىڭ ھەسرەتلىك ئوتى ئىچىدە بىر ئۆمۈر پۇچۇلۇنۇپ بۇ ئالەمدىن ۋىدالىشىدۇ.

«ۋابا كېچىلىرى» ناملىق روماننىڭ تىلى ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈرچىسى بولۇپ، ئاپتور ئۆزۈ بۇ روماننى تارىخىي رومان دەپ جاكالىغان بولسىمۇ، ئەمما روماندىكى ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلغان تىلدا ھېچقانداق بىر ئوسمانلى تۈككچىسىدىكى سۆزلۈكلەرنى ئۇچراتقىنى بولمايدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە روماننى تەھرىرلىگەن تەھرىرلەر «دوغۇ» دېگەن سۆزنى ئوسمانلى تۈركچىسى بويىچە «شەرىق» دەپ ئېلىنىشنى تەۋسىيە قىلغاندا، ئۆزىنىڭ رەت قىلغانلىقىنى دەيدۇ. ئاپتور يالغۇز بۇ سۆزلەرنى ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئاتالغۇلارنىمۇ ئالماشتۇرۇشىنى رەت قىلغان. ئورخان پامۇق تارىخىي رومان توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «تارىخىي روماندا تىل مېنىڭ ئۈچۈن شۇ دەۋرگە ئائىت بولغان كونا سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ھېچكىم بىلمەيدىغان ياكى ئوقۇرمەنلەر چۈشەنمەيدىغان خام سۆزلەرنى ئۇستۇلۇق بىلەن (كۆپ ھاللاردا قاملاشمىغان ھالدا) ئىشلىتىش بولماستىن، بەلكى پۈتۈنلەي ئەكسىچە بۈگۈنكى ئىشلىتىۋاتقان تىل بىلەن ناھايىتى راۋان ۋە چۈشىنىشلىك بايان قىلىش ئارقىلىق ئاشۇ روماندىكى ھېكايىلەرنىڭ بايانىنى ئوقۇرمەنلەرگە تارىختا ئۆتكەن ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەقىقىي جەريانى ئىكەنلىكىگە روشەن رەۋىشتە ئىشەندۇرۇش، تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ ھەققىي ماھارىتىدۇر».

مەن ئورخان پامۇكنىڭ تارىخىي روماننىڭ تىلى ۋە تارىخىي رومان ھەققىدىكى بۇ بايانلىرىنى ئوقۇپ، ئۆزۈم يازغان ۋە يېزىۋاتقان تارىخىي رومالىرىمدا ھەقىقەتەن توغرا بىر يولنى تاللىغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ ئىدىيەمدىكى تارىخىي رومان ھەققىدىكى بەزى بىر گۇڭگا چۈشەنچىلەر تېخىمۇ ئايدىڭلاشقان بولدى. ھەمدە ئورخان پامۇكنىڭ بىر سىياسەتچىمۇ ئەمەس، بىر تارىخچىمۇ ئەمەس، ياكى بىر مۇخپىرمۇ ئەمەس، بەلكى ھەققىي بىر ۋايىغا يەتكەن رومانچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولدۇم. دەرۋەقە، ئۆزۈمىنىڭ رومان يېزىش ئۈچۈن چىققان بۇ يولۇمنىڭ توغرا بىر يول ئىكەنلىكىگە بولغا ئىشەنچەم روشەن رەۋىشتە ئاشقان بولدى.

ئورخان پامۇك رومان يېزىش ھەققىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:«مەن رومان يېزىشتىن بۇرۇن شۇ يازماقچى بولغان روماننىڭ پۈتۈن جەريانىنى بىر رەسىم قىلىپ كاللامغا سېزىۋالىمەن. ئاندىن ئاشۇ رەسىمنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن تىلغا مۇراجەت قىلىپ، بىرمۇ بىر يېزىپ چىقىمەن. دەرۋەقە، روماننىڭ تىلى ھەرگىز ئاشۇ رەسىمنىڭ ئۈستىنى ياپىدىغان ياپقۇچ بولۇپ قالماستىن، ئەكسىچە ئاشۇ رەسىمنى تېخىمۇ روشەن رەۋىشتە جۇلالاندۇرىدىغان رەڭ بولۇشى لازىم» شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخىي روماندا بايان قىلىنغان ھېكايە مەيلى قايسى دۆلەت ۋە قايسى يۇرتتا سادىر بولغان بولسۇن، پەقەت شۇ ھېكايىنى ئىپادىلەيدىغان تىل ھېكايىنى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە كىتابخانىلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرەتتەك سۈرەتلەپ بېرەلىسىلا كۇپايە، ھەرگىز خوتەندىكى ۋەقەلىكنى بايان قىلغان تىل خوتەن شىۋىسىدە بولۇشى ۋە ياكى خوتەندە ئۆتكەن قىلىپ توقۇغان قەھرىماننىڭ ئىسمى خوتەنلىكلىك يۇرتداشلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى مەجبۇر ئەمەس. ئەسلى مەجبۇرىيەت شۇ روماندىكى قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىنى شۇ زاماندا ياشىغان قەھرىمالارنىڭ ئوبرازىدەك كىتابخانىلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىشتۇر.

«ۋابا كېچىلىرى» ناملىق بۇ روماندا يەنە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىدىيەۋى مەزمۇنلاردىن بىرى شۇكى، مىللىي دۆلەتنىڭ ۋە مىللىي كىملىكنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىشقىنىڭ دىنغا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن بەلكى تىل – يېزىق ۋە مەدەنىيەت – سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىزدەك ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان مىلەت ئوقۇرمەنلىرى بۇ روماننى ئوقۇغاندا، ئەركىنلىك بىلەن مىللىي مۇستەققىللىككە ئېرىشىش ھەمدە بىر مۇستەققىل دۆلەتنى قۇرۇش ئارزۇسىدا بولۇش ۋە ئاشۇ مۇستەققىل دۆلەتكە ئائىت بولۇپ ياشاشنىڭ نەقەدەر گۈزەل بىر تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ئالەمچە تونۇپ يېتىدۇ. بولۇپمۇ كىشى ئارزۇ قىلغان بىر دۆلەتنى، كىچىك بىر غايىۋى ئارال يەنە كېلىپ ھەممە يېرىنى ۋابانىڭ ئۆلۈم ۋەھىمىسى قاپلىغان بىر كىچىك ئارالدا قۇرۇپ چىقىش، ئۇنىڭ ئىچىگە بۇ دۇنيادا بار بولغان بارلىق رەزىللىكلەرنى ۋە بارلىق سۆيگۇ – مۇھەببەتنى، ئارزۇ -ئارمان، ئەقىل-پاراسەتنى مۇجەسسەملەش ھەقىقەتەن رومان يازغۇچىسىدىكى ھەقىقىي بىر مۇختەشەم ماھارەتتۇر.

ئۆز يۇرتىنى ھەسرەت بىلەن ياد ئەتكەن پاكىزە سۇلتاننىڭ ۋابا كېچىلىرى بالكۇندا ئولتۇرۇپ، يىراقتىكى قاپ – قاراڭگۇلۇققا پۇركەنگەن دېڭىزدىن كۆتۈرۈلگەن دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنلىرىغا، ئارالدىكى چىركاۋلاردىن چىقىۋاتقان قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازلىرىغا، مەسچىت مۇنارىسىدىن ئاڭلىنىۋاتقان ئەزەن ئاۋازلىرىغا قۇلاق بېقىپ، ئۆز يۇرتىنى، دادىسىنى، ھەدىلىرىنى ئەسلەش بىز مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى ھاغىچە تارتقان ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىسىنى مۇڭلۇق بىر مىلودىيەگە چالغۇزماي قالمايدۇ. كېسىپ ئىتىمەنكى پاكىزە سۇلتان بىلەن دوختۇر نۇرىنىڭ ھەسرەتلىك كەچۇرمىشكلىرىنى، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى بىز ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردەك چۈشىنىدىغان ئىككىنچى بىر كىتابخانلار چىقمىسا كېرەك.

22.05.2021، گېرمانىيە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top