ۋەتەن ھەسرىتى (1)
ۋەتەن ھەسرىتى (1)
ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئىگەمنى ماختايمەن،
بىلىمنى توپلايمەن.
كۆڭۈلنى تۈگىمەن،
پەزىلەت ئۈستىگە يۆگىلىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن.
يولچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ھاياتتا، ئۆزۈڭنى بەختلىك ھېس قىلمىغان ئۆتەڭلەردە ئۇزۇن تۇرما.چۈنكى ئۆزۈڭ ياتسىرىغان يەردە قېلىشقا مەجبۇر بولۇشنىڭ ئۆزى، بۇ ھاياتتىكى ئەڭ قىيىن ئىشلارنىڭ بىرى. كىشى مانا مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، قانچە تېز بولسا شۇنچە تېز بۇنداق يەرلەردىن ئايرىلىپ، يولىنى داۋام قىلىش كېرەك. بۇ ھاياتتا ۋاقىت ھېچبىر زامان جىم تۇرمايدۇ، ھايات ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋېرىدۇ، بۈگۈن ئەسلا قايتىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشقا نە ھاجەت، چوقۇم يول ئېلىش، ئالدىغا مېڭىش كېرەك.
گەرچە يول ئۈستىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما يولنىڭ ئاخىرىدا ھامان بىر قىسمەتنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقى جەزمەن. بېشىڭغا سېلىنغان نۇختىدىن قۇتۇلىمەن دېسەڭ، باشقىلار كۆرسەتكەن يولدا ئەمەس، ئۆز ئەركىڭ بىلەن ئۆزۈڭ بارماقچى بولغان مەنزىلنى نىشانلاپ يول ئال! گەرچە يولچىلىق ئۇنچىلىك ئاسان بولمىسىمۇ يەنىلا يولغا چىق! ئۇچالمىساڭ چاپ، چاپالمىساڭ ماڭ، ماڭالمىساڭ ئۆمىلە، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل، مۇھىمى ئالدىڭغا قاراپ ئىلگىرلە. قورقما! ھەرقانداق قىيىن ۋە ئۇزۇن يول بىر قەدەم بىر قەدەمدىن بېسىپ ماڭغاندىلا تۈگەيدۇ. سېنىڭ ئۇچىدىغان قانىتىڭ بولمىغاندىكىن يولغا يېقىن بول، يولغا قانچە يېقىن بولغان شۇنچە بىخەتەر بولىدۇ، چۈنكى يول زېمىنغا ئەڭ يېقىن.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا سەپەرداشلىرى بىلەن كېتىۋاتقان يول ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى ئەڭ قىسقا يول بولماستىن، بەلكى بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن، نۇرغۇن دوقاللاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىغان تاغ يوللىرى ئىدى. ئۇلار تاغ – داۋانلار، دەريا – ئېقىنلاردىن ئېشىپ ئۆز مەنزىلىگە قاراپ يۈرمەكتە. يوللار شۇنچىلىك مۈشكۈل ۋە رەھىمسىز بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەبىئىي يوللاردىكى قىيىنچىلىقلار ھەممەيلەنگە ئورتاق بولۇپ، ھېچكىم بۇ مۈشكۈلاتتىن قاچالمايتتى. مانا بۇ، تەبىئەتنىڭ بارلىق ئىنسانلارغا بولغان ئورتاق ئادالىتى. دېمەك، تەبىئەتتە ئادالەتسىزلىك بولمايدۇ، ئادالەتسىزلىكنى ئىنسانلار بىرى – بىرىگە ئۆزلىرى قىلىدۇ. يولدا قار – يامغۇرلار، بوران – چاپقۇنلار ھەممە ئادەمگە ئورتاق. ئېگىز مۇزلۇق چوققىلاردىن يېڭى ئېرىپ چۈشكەن سۈزۈك سۇلار قەدىمىي قىرغاقلاردىن ئېقىپ ئۆتسە، كونا يوللاردا يېڭى كارۋانلار ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. ھەر ئىنسان بۇ ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئادالەتسىزلىكلەردىن كېلىپ چىققان زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يولغا چىققاندا، بۇنداق قىيىنچىلىقتىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئىلاجى يوق. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قۇتۇلۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئىزدەپ، يېڭى مەنزىلگە قاراپ ماڭغاندا، خوجانىياز ھاجىم ئۆزى بىلگەن كونا يولدا، مەجھۇل مەنزىلگە قاراپ يولغا چىققان ئىدى.
خوجانىياز ھاجىم سوۋېتلەر ئىتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە شېڭ شىسەي بىلەن تۇزگەن كېلىشىمگە ئەمەل قىلىپ، ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولۇش ئۈچۈن ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى. خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بىرى بولغان مەھمۇد مۇھىتى 400 گە يېقىن مىللىي ئەسكەرگە قوماندان بولۇپ، ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاقسۇدا قالدى. 7 – ئاينىڭ باشلىرىدا، رۇس ۋە خىتاي ئەسكەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان زور بىر قوشۇن ما جۇڭيىڭنى ئۈزۈل – كېسىل تارمار قىلىش ئۈچۈن، قەشقەرگە جازا يۈرۈشى قىلدى. ئايرۇپىلان ۋە ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان سوۋېت قوشۇنلىرى ۋە خىتاي ئەسكەرلىرى تۇڭگانلارنىڭ ئۈستىگە بوراندەك باستۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمىغان ما جۇڭيىڭ ئەجەل ھودۇقۇشىدا ئاخىرى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن بۇلۇۋالغان نۇرغۇن ئالتۇن ۋە ئالماس قاتارلىق قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئېلىپ، ئۈچ نەپەر ئوفىتسېرى ۋە 70 قوغدىغۇچىسى بىلەن بىرگە ئەركەش تامدا قورال تاپشۇرۇپ، 1934 – يىلى 7 – ئاينىڭ 14 – كۈنى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ چېگرىسىغا ئۈنىنى چىقارماي كىرىپ كەتتى.
شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا چاقماقتەك چېقىپ، چۈشكەنلا يېرىدىن ئوت – ئاپەت ۋە قانلارنى ۋولقاندەك ئېتىلدۇرغان ما جۇڭيىڭ قانداق تېز چاقنىغان بولسا شۇنداق تېز ئۆچۈپ، ھايت – ھۇيت دېگۈچە جىمجىتلا كۆزدىن غايىپ بولدى. ئۇ خۇددى تۇيۇقسىز بېسىپ كېلىپ كىشىگە دەھشەت سالىدىغان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بىردىنلا پەيدا بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈرىكىگە دەھشەتلىك بىر قورقۇنچنى سالغىنىدەك، يەنە نەدىن چىقىپ نەگە يوقالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان چۆل سەراپلىرىدەك تۇيۇقسىز كۆزدىن غايىپ بولدى. ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ قىسمىتىنى بىر ئاللاھ، بىر ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. ما جۇڭيىڭ غايىپ بولغان چاغدا سوۋېت ئەسكەرلىرى قەشقەرگە باستۇرۇپ كىرمىدى، ئەمما خىتاي ئەسكەرلىرى شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ قاقشاتقۇچ زەربىگە چىدىيالمىغان ما خوسەن ئۆچىنى قەشقەر خەلقىدىن ئېلىپ، بىگۇناھ يۇرت ئەھلىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى، ئۇ دۇنيادا تېخى يۈز بېرىپ باقمىغان بارلىق ۋەھشىيلىكنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، ئاندىن خوتەنگە قاراپ قاچتى. شۇندىن كېيىن ئۇ خوتەن دىيارىدا ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇپ، ئۇ زېمىنلارنى ئۆز ئالدىغا باشقۇردى. بۇ مەزگىلدە شېڭ شىسەي بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى قەشقەرنى ساقلاشقا قالدۇردى، لېكىن ئۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، ئۆز ئىتتىپاقدىشى خوجانىياز ھاجىمنىڭ قوماندانى مەھمۇد مۇھىتىنى قەشقەردە تۇرۇشلۇق ھەربى قىسىمنىڭ باشقوماندانى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا «سىجاڭ»لىق مەنسىپىنى لايىق كۆردى.
مانا شۇ ئىشلار يۈز بېرىۋاتقاندا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆز ئائىلىسى ۋە ھەمرالىرى بىلەن دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىكى يوللاردا تىرمىشىپ – چىرمىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار گاھ گىياھ ئۇنمەيدىغان قاقاس دالالاردا يۈرسە، گاھ مۇزلۇق داۋان يوللىرىدىن ئۆتەتتى، گاھىدا يەنە ئېقىن دەريالاردىن كېچىپ ئۆتۈپ، تىنماي ئالدىغا قاراپ ماڭاتتى. گەرچە يوللار شۇنچىلىك خەتەرلىك، شۇنچىلىك تار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۆز ئەركىنلىك مەنزىلىگە تۇتاشقان يوللاردىن ۋاز كەچمەيتتى. بەزىدە قۇياشنىڭ پۈتۈن ھارارىتىنى ئېمىۋالغان قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ قىززىق تاشلىرىنى دەسسەپ ماڭسا، يەنە بەزىدە پۈتۈن قار – مۇزلارنى يۇتۇۋالغان ھىمالايا ئېتەكلىرىدە يول ئالاتتى. ھاۋاسى شالاڭ ئېگىز مۇزلۇق داۋانلاردىن ئۆتكەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاق – بۇرۇنلىرى مۇزلاپ، كۆز ۋە بۇرۇنلىرىدىن سۇ ئېقىپ، نەپەسلىرى سىقىلاتتى. ئەردەمنىڭ سەپەردىكى ئەڭ قىيىن دەملىرى، يوللاردا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئۆلۈپ قالغان ئات – ئۇلاغلارنىڭ ئاقىرىپ كەتكەن دۆۋە – دۆۋە سۆڭەكلىرى ۋە قازا قىلغان يولچىلارنىڭ تاشلار بىلەن قۇپۇرۇلغان قەبرىلىرىنى كۆرگەندە، ۋەھىمە ۋە ئەنسىزلىك ئىچىدە قالغان چاغلىرى ئىدى. ئاخىرى ئۇنىڭ ئەنسىرىگەن ئىشى بېشىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە باشتىن – ئاياغ ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان قارا رەڭلىق قاشقا ئېتى بەھەيۋەت يوغان تاشلار بىلەن ئورالغان يولنىڭ ئوڭ يېنىدا يېتىپ قالدى.
ئات شۇنچىلىك جۈدەپ كەتكەن بولۇپ، بۇرۇنقى قاۋۇل، توم پاچاقلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىغان ئىدى. ئات ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى. ئۇ جان تالىشىۋاتقاندا ئەردەمگە ئاخىرقى قېتىم بىر قارىدى، ئاندىن قارا كۆزلىرىدىن مۇنچاق – مۇنچاق ياشلار تامچە – تامچە بولۇپ تۆكۈلدى. بۇ ياشلار قاتتىق ئاغرىق ئازابىدىن تۆكۈلدىمۇ ياكى ئەردەمگە بولغان ساداقىتىدىن – ئۇنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويغانلىقىغا ئۆكۈنگەنلىكىدىن تۆكۈلدىمۇ، بۇ بىزگە نامەلۇم. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاتتىق بىر تىپىرلىدى ۋە تۆت پۇتى تەڭلا ھەرىكەتكە كەلدى، يەرلەر تىلغىنىپ، يۇقىرىغا توپىلار توزىدى، ئاندىن كۆزلىرى مەڭگۈلۈك يۇمۇلدى. ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا كۆرۈنۇپ تۇرغان ناللار شۇنچىلىك ئۇپراپ، نېپىزلاپ، تۇياقلىرىغا يەملىشىپ كەتكەن ئىدى. نۇرغۇن يوللارنى ئەردەم بىلەن بىرگە بىر ئۆمۈر باسقان بۇ تۇياقلار ئەمدى بۇ زېمىننىڭ ئۈستىگە دەسسىيەلمەيتتى، بۇ ھايات يوللىرىدا ئەمدى يەنە ئەردەمنى ئۈستىگە مىندۈرۈپ چېپىپ ئىز قالدۇرالمايتتى. ئۇنىڭ دائىم تىك تۇرىدىغان، شۇنچىلىك يىراقتىكى شەپىلەرنى ئېنىق تۇيۇپ، ياپراقتەك تىترەپ كېتىدىغان بىر جۈپ قۇلىقى ئىگىلگەن ئىدى. بۇ قۇلاقلار بۇندىن كېيىن قايتا يەنە تىك بولالمايتتى ۋە ئەردەمنىڭ «چۇھ، چۇھ» دەپ ۋارقىرايدىغان ئاۋازىنى ئەمدى ئاڭلىيالمايتتى. ئەردەم قاتتىق ئىزتىراپ ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاتنىڭ ئۈستىگە ئىگىلدى ۋە ئۇنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قاپاقلىرىنى ئوڭ قولى بىلەن ئاستا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە سلىدى، بۇ قارا كۆزلەر ئەمدى مەڭگۈلۈك يۇمۇلغان ئىدى. ئۇ ئەمدى بۇ يورۇق دۇنيانى كۆرەلمەيتتى، ئەردەم بىلەن بىرگە يىراق – يىراقلارغا ئۇزۇنغىچە نەزەر تاشلىيالمايتتى.
ئەردەم ئۇنىڭ ئۆزىگە خويمۇ ياراشقان ئاپئاق بۇلۇتتەك قاشقىسىغا ئىسسىق لېۋىنى ياقتى ۋە بېشىدىكى نۇختىلىرىنى ئاستا سىيرىپ ئالدى. ئاندىن بەلبېغىغا قىستۇرۇۋالغان سۇمۇرغ باشلىق پىچىقىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئاتنىڭ تۆشلۈك تاسمىسىنى كەستى – دە، ئۈستىدىكى ئېگەر – جابدۇقلارنى يېشىپ ئېلىۋەتتى، ئۇ ئاتقا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شۇنچىلىك سىنچىلاپ قارىدى. ئۇنىڭ قاپقارا تېنى بۇ تاشلىق زېمىندىكى ئەڭ قىمەتلىك مەدەندەك پارقىراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرى گىرۋىكىدە تۇرۇپ قالغان بىر نەچچە تامچە ياش قارا مۇنچاقلاردەك يالتىرايتتى. ئەردەمنىڭ ئەتراپىدا قاراپ تۇرغان ھەمرالىرى ئۇنىڭغا نېمىدەپ تەسەللى بېرىشىنى بىلمەيتتى، ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى، يول بويى ئالتە قېتىم قىلغان ئىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاش ئىدى، يەنى، ئاتنىڭ ئۈستىگە تاشلارنى دۆۋىلەپ بىر قەبرىدەك قىلىپ قويۇپ، يولىنى داۋام قىلدى. ئەردەم ئېغىر قەدەملەر بىلەن تۆپە ئارىسىدىكى تاشلىق يولدا كېتىپ باراتتى. ئەمدى ئۇنىڭغا دادىسىدىن قالغان تەۋەرۈكلەردىن بېلىدىكى ئاشۇ پىچاقتىن باشقا ھېچنىمە قالمىغان ئىدى. ئۇ ئوڭ قولىنىڭ ئىشارەت بارمىقى بىلەن بۇرنىنىڭ ئۇچىنى ئۈچ قېتىم سىلىۋېتىپ، ئىچىدە «قېرىپ، پۇت – قوللىرىمنىڭ مادارى قالمىغان چاغدا، يولداشلىرىمنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ، يول ئۈستىدە ئۆلۈشنى ھەرگىز خالىمايمەن. ئى ئاللاھ، ئەگەر ماڭا مېھرى – شەپقەت يەتكۈزىمەن دېسەڭ، مېنىڭ جېنىمنى يول ئۈستىدە ئەمەس، مەنزىلدە ئال ۋە ياكى جەڭدە ئال!» دەپ تىلەك تىلىدى.
دېمەك، بۇ ھاياتتا ئادەملەرگە نېسىپ بولغان پالاكەتلەر ناھايىتى كۆپ. ئادەملەرنىڭ قىرىلىپ ئۆلۈپ كېتىشلىرى، چۈشكۈنلىشىشلىرى، زەئىپلەپ ئارقىغا چېكىنىپ كېتىدىغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن ئېنىق غايىگە ئىگە كىشىلەر ماڭغان يولىدىن قەتئىي يانمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇ غايە ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا باغلىق بولسا، ئەلۋەتتە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇلۇغ كارۋان ئېقىن سۇلاردەك ئالدىغا قاراپ توختىماي ئىلگىرىلەپ كېتىۋەردى. ئادەمنىڭ ماڭغان يولى، ئۇ يولنىڭ مەنزىلى بىلەن قەدىرلىك. چۈنكى مەنزىل قانچە ئۇلۇغ بولسا يوللىرىمۇ شۇنچە مۇشەققەتلىك بولىدۇ، يولچىلارمۇ شۇنچە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدۇ. بۇنداق يوللار يولچىلاردىن قۇربان بېرىشنى، قىممەتلىك نەرسىلەردىن ئادا – جۇدا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر سىز شۇ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە تەييار بولسىڭىز، ئاندىن بۇ يولنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، شۇ ئۇلۇغ مەنزىلگە يېتىپ بارالايسىز. ئەكسىچە بولغاندا، سىز ھامان يېرىم يولدا قالىسىز. ئەنە شۇ جاپالىق يوللاردا كېتىۋاتقان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېس – تۇيغۇلىرىنى مۇنداق يارقىن ۋە ئوتلۇق مىسرالار بىلەن ئىپادىلىگەن ئىدى:
شەرقىنىڭ ئازاتلىقىچۈن مىڭ جېنىم بولسا پىدا
مەقسەت ئەرمەس مالۇجاھۇ راھەتۇ ئايۋان سارا،
مىللىتىمدىن گەر ۋاپا كەلسۇن ماڭا خاھى جابا
بەلكى قوزغار ھىممىتىمنى ھەر زامان بەرگەچ نىدا،
دىن ئىلە ئىنسانلىقۇ ۋىجدان ئىلە سىدقۇ ساپا.
مەن ۋەتەن قۇربانىمەن سەئىيەيلىگۈم جانىم بىلەن
چۈن ۋەتەن ئازاد بولسا كۇشەشۇ قانىم بىلەن
نۈسرەتنى غەيىبىگە تەسدىقۇ ئىمانىم بىلەن
بۇ سائادەت بەسكى، ھەمراھ ئولسا ئەكفانىم بىلەن
دىن ئىلە ئىنسانلىقۇ ۋىجدان ئىلە سىدقۇ ساپا.
ھەر زامان پەرياد ئېتەر بۇ جانۇ بۇ خاكى بەدەن،
ئاھ مىللەت! ئاھ تۈرك! ۋە ئاھ پاكىز ۋەتەن،
قۇرتۇلۇرمۇ ئول ۋەتەن، خاك ئولغۇچە بۇ جانۇ تەن،
قۇرتۇلۇر ئارى ئەگەر سەندە ئىسە بى شۈبھۇ زەن،
دىن ئىلە ئىنسانلىقۇ ۋىجدان ئىلە سىدقۇ ساپا.
تىنمىغايمەن تا تىرىكمەن ھەر زامان پەرياد ئېتىپ
ئول ئۇلۇغ تۈركىستانىمنى ھەر نەپەستە ياد ئېتىپ
ھەر تەرەپ مىللەت ئۈچۈن ماتەم سارا بۇنياد ئېتىپ
ئۇشبۇغە مەجبۇر ئېتەر ھەردەم مېنى مۇنقاد ئېتىپ
دىن ئىلە ئىنسانلىقۇ ۋىجدان ئىلە سىدقۇ ساپا.
«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.