ئۇستازنىڭ ئۆگۈتلىرى
ئۇستازنىڭ ئۆگۈتلىرى

بىر رەسىمچى ئۇستاز ئوقۇغۇچىسىنىڭ مەكتەپ پۇترۇش ئىمتىھانىدا سىزغان رەسىمىنى بىر قۇر كۆرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىسىغا مۇنداق دەپتۇ:«سىزغان بۇ رەسىمىڭنى ئادەملەر كۆپ ئۆتۇشۇپ تۇرىدىغان تۆت كوچىنىڭ دوخمۇشىغا قويۇپ قوي، ھەمدە ‹بۇ رەسىمنى ياقتۇرمىغانلار مۇشۇ قىزىل قەلەم بىلەن رەسىمنىڭ ئۈستىگە بىر سىزىق سىزىپ قويۇڭلار!›دېگەن خەت يېزىلغان باغاقچىنى يېنىغا چاپلاپ قوي ۋە بىر قىزىل چىقىدىغان قەلەمنىمۇ يېنىغا قىستۇرۇپ قوي»
ئوقۇغۇچى سىزغان رەسىمىنى قولىدا تۇتقان پېتى تۆت كوچىنىڭ دوخمۇشىغا كېلىپ، ئۇستازىنىڭ دېگەنلىرىنى ئورۇنلاپتۇ. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە، ئوقۇغۇچى رەسىمنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەپتۇ ۋە رەسىمنىڭ ئۈستىگە قالايمىقان سىزىقچىلارنىڭ تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم بوپتۇ. ئۇ چارىسىزلىك ئىچىدە بېشىنى تۆۋەن سالغان پېتى قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن رەسىمنى كۆتۈرۈپ ئۇستازىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئۇستازى رەسىمگە بىر كۆز ئاتقاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىسىغا ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەت بىلەن، بۇ رەسىمنى قايتا سېزىپ چىقىشنى بۇيرۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئوقۇغۇچى بۇ رەسىمنى قايتا سېزىپتۇ ۋە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ كۆرسىتىپتۇ. ئوقۇتقۇچى رەسىمگە يەنە بىر قېتىم قاراپ چىققاندىن كېيىن يەنە مۇنداق دەپتۇ:« ئەمدى بۇ رەسىمنى ئېلىپ ئالدىنقى قېتىم رەسىم قويغان يەرگە ئاپىرىپ قويۇپ قوي. ئەمما، بۇ قېتىم ‹بۇ رەسىمنى كۆرگەنلەر ئىچىدە رەسىم سېزىشنى بىلىدىغان دوستلار بولسا، رەسىمگە ئەستايىدىل قاراپ چىققاندىن كېيىن، رەسىمنىڭ قاملاشمىغان يەرلىرىنى تۇزۇتۇپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، سېلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگۇنىڭلارغا كۆپ رەھمەت!›دېگەن خەت يېزىلغان ۋاراقچىنى قېشىغا چاپلاپ قوي، ئىنىڭياغى يېنىغا ھەرخىل رەڭلەردكى بوياقلار بىلەن بىر تال پەلكۈچمۇ قويۇپ قوي»
ئوقۇغۇچى بۇ قېتىممۇ ئۇستازىنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ھەممە ئىشلارنى جاي-جايىدا بېجا كەلتۇرۇپتۇ. يەنە ئارىدىن ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزۈپ ھېلىقى يەرگە كېلىپ، رەسىمگە شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، رەسىمنىڭ ھېچبىر يېرىگە ھېچكىم قول تەككۇزمەپتۇ ۋە رەسىمنىڭ قويۇپ قويغان يەردە شۇ پېتىم تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچى شۇنچىلىك خوش بولۇپ كېتىپتۇ ۋە رەسىمنى ئالغان پېتى ئۇستازىنىڭ يېنىغا قاراپ چېپىپتۇ. ئۇستازى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈپ ئەكەلگەن رەسىمىگە بىر قۇر قاراپ چىقاندىن كېيىن ۋەزىنلىك قىلىپ مۇنداق ئۆگۈت بېرىپتۇ:«سەن بىرىنچى قېتىم باشقىلارغا پۇرسەت بەرگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار رەھىمسىزلىك بىلەن سېنىڭ شۇنچە ئەجىر قېلىپ سىزىپ چىققان رەسىمىڭنىڭ ئۈستىگە ئىرماچ-چىرماچ سىزىقچىلارنى سىزىپ، ۋەجىسىز ھالدا سېنىڭ ئەمگىگىڭنى بىتچىدە قىلىۋەتكەن ئىدى. ئىككىنچى قېتىم بولسا، سەن ئۇلارغا «رەسىم سىزىشنى بىلىدىغانلار!» دەپ شەرت قويغانلىقىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر سېنىڭ رەسىمىڭگە قول تەككۇزۇشكە جۈرئەت قىلالمىدى. چۈنكى ئىنسان ئۆزۈ بىلمەيدىغان ئىشنى قىلىشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە ئالدىراپ جاسارەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر سەنئەتكار ۋە يازغۇچى ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ روياپقا چىقارغا ئەسەرلىرىنى ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويماسلىقى لازىم، چۈنكى ئۇنداق ئادەملەر ئىجادىيەتنىڭ قىممىتىنى چۈشەمنىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قەدىرىنى ھېچ بىر زامان بىلمەيدۇ ۋە ئىجادىيەتچىنىڭ ئەجرىنى مۇئەيەنلەشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا بۇزگغۇنچىلىق قىلىشتىن، ھاقارەت قىلىشتىن يانمايدۇ. بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭدە ۋە ھايات مۇساپەڭدە سېنىڭ ئەمگىگىڭنىڭ قەدىرىنى بىلمەيدىغان، قىممىتىنى چۈشەنمەيدىغان ئادەملەرگە ئۆز ئەمگىگىڭنىڭ نەتىجىسىنى سۇنما ۋە ئۇلاردىن يېراق تۇر! سېنىڭ نېمە سىزغانلىقىڭنى، قانداق بىر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىڭنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بىلەن زىنھار تالاش-تارتىش قىلما! ھەر زامان زېھنىڭنى ئۆز ئىجادىيىتىڭگە مەركەزلەشتۇرۇپ، سېنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر بىلەن ئۆز ئىجادىيەتلىرىڭ توغرىسىدا ھەم سۆھبەتتە بول!»
(ئۆزلەشتۇرۇپ تەيارلىغۇچى ھەبىبۇللا ئابلىمىت)