مېنىڭ 60 ياشلىق دوستلىرىم!
نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
تۈنۈگۈنكى تال چىۋىقنى ئات قىلغان بالىلار، تۈنۈگۈنكى نەۋقىران يىگىتلەر، تۈنۈگۈنكى مۇھەببەت ئىشقى پىراقىدا كۆيۈپ، ئۆزلىرىنى گاھىدا پەرھاتتەك، گاھىدا مەجنۇندەك ھېس قىلغان، ئەمما مىللەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك غايىلىرى يولىدا ئەڭ شېرىن ۋە ئەڭ گۈزەل خىياللارنى سۈرۈپ «كېلەچەكىمىز پارلاق بولىدۇ» دېگەن ئىشەنچ بىلەن ياشىغان بىرقاتار دوستلىرىم مانا ئەمدى ئارقىمۇ-ئارقىدىن 60 ياشلىق تەۋەللۇتنى كۈتۈۋالدى ۋە كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ! بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەن بىلىدىغانلىرىم ئەركىن، ئالىمجان، ئابلەت، خەمىت، رۇسلان، ئالىمجان ۋە باشقىلاردۇر!
دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئايرىلماس بىرپارچىسى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن گۈزەل بىر ئادىتى ئەنئەنىگە ئايلانغان. يەنى ئۇلار ئۆز مىللىتى ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن جانپىدا قىلغان، تەر تۆككەن، ئازاب چەككەن ۋە ئاشۇ مىللەتنىڭ ئەقىل-ئىدراكلىرى، سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىگە ھەسسە قوشقان ئەزىمەتلىرىنىڭ تۇغۇلغان يىل- ئايلىرى، چېسلا -كۈنلىرىنى ئۇنتۇماي، شۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، ئەڭ گۈزەل سۆزلەرنى دانە-دانە تىزىپ ئېيتىپ ئۇنىڭغا تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ دۇنيادا يوقلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەيدۇ. قازاقىستانغا بارسىڭىز توي-تۆكۈنلەرگە قارىغاندا مۇنداق خاتىرە كۈنلىرى تېخىمۇ ھەشەمەتلىك ئۆتىدۇ.
مېنىڭ كونا دوستلىرىم ناھايىتى كۆپ، ئەمما شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۇ يىل ۋە يەنە 8 ئايدىن كېيىن 60 ياشلىق» كۈز پەسلىنى» ئەمەس، بەلكى «باھارى» نى كۈتۈۋالغان ۋە كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان دوستلىرىمنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتىقىم كەلدى. مۇبارەك بولسۇن دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت! مۇبارەك بولسۇن پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت! سىلەر بىلەن 1981-1985-يىللىرى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى (كېيىنكى ئۇنىۋېرسىتېت) دا مەرھۇم بۈيۈك ئۇستازلىرىمىز خەمىت تۆمۈر، تۇرسۇن ئايوپ ۋە باشقىلاردىن ئىلىم ئېلىپ داڭلىق تۈركولوگ بولۇش، ئۇيغۇرشۇناس بولۇش شېرىن چۈشلىرىنى بىرگە سۈرگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ بىز ئۈچۈن شۇنداق گۈزەل چاغلار ئىدى -ھە؟
بىز دائىم مىللەتلەر ئىنىسىتۇتىتى زالىنىڭ ئالدىدىكى چۆپلۈكلەردە ئاخشاملىرى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ مىللەت تارىخى، ۋەتەن ئىستىقبالى، دۇنيادىكى داڭلىق تۈركولوگلار، ئۇيغۇرشۇناسلار ھەم مىللىتىمىز تىلى ۋە تارىخى مەسىلىلىرى ھەققىدە سانسىزلىغان كەچلەر مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرىلەر قىلىشقان ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ ئاشۇ ئۇيغۇر تىلى كەسپى، يەنى تۈركىي تىللار فاكۇلتېتى ئەمەلىيەتتە بىزدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ۋاقىتلارغا مەنسۇپ قانچىلىغان مىللەت جان كۆيەرلىرىنىڭ مەنبەسى بولدى-ھە؟ ئەلۋەتتە، ئەنە شۇ ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە دوستۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىمۇ بار ئىدى. بىزلەر ھەممىمىز بىرلىكتە «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» دېگەن نامدا تۇنجى بىر گۇرۇپپىنى قۇرۇپ چىقىپ قانچە قېتىملاپ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنىدۇق. بىز ھەممىمىز ئۇ چاغلاردىكى نەۋقىرانلار ئىدۇق.
ئەنە شۇ سىلەر دوستلىرىم 60 ياشلىق باھارىڭلارنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغىنىڭلاردا سىلەر تۈركىيەدىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورلىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقتىڭلار، كۆپلىگەن كىتابلارنى يازدىڭلار، ئەڭ مۇھىمى ئۆز مىللىتىمىز ئۈچۈن يىغلاۋاتىسىلەر! دوستۇم ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قەلىمىدە ئۇيغۇر فولكلورشۇناسلىقى تۈركىيەگە ۋە دۇنياغا تىرىلدى. ئۇيغۇر فولكلورشۇناسلىقى تۈركىيەدە ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ئەسەرلىرىسىز ئاتلاپ ئۆتۈلمەستۇر!
ئەركىن ئەمەت تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە تونۇلۇش بىلەن قانچىلىغان تۈركلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيەلەپ، ئۇيغۇرغا ئايلاندۇرغانلىقى ھەممىگە مەلۇمدۇر! ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازلىرى ئەركىن تارىم دېگەن نام ئاستىدا كىشىلەرگە ياد بولۇپ كەتتى ئەمەسمۇ؟!
قەدىرلىك دوستلىرىم ئابلەت كامالوف، خەمىت ھەمرايېف، رۇسلان ئارزىيېف ۋە ئالىمجان ھەمرايېف سىلەر بىلەن 1991-يىلى 6-ئايدا مەن موسكۋادىن ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگىنىمدە تونۇشقانىدىم. قۇدرەتلىك سوۋېت ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جان تالىشىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق كونفېرېنسىيەسىگە 20-ئەسىردىكى داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە تارىخىي شەخسلىرىدىن سابىق قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى بىرىنچى سېكرېتار ئىسمائىل يۈسۈپوف، ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمەدى، ئاكادېمىك غوجائەخمەت سادۋاقوسوف، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى، يۈسۈپبەك مۇخلىسى، ھاشىر ۋاھىدىي ۋە باشقا ئونلىغان كونا ئەربابلار ھەم داڭلىق زىيالىيلار، ياش ئالىملار ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقان ئىدى.
سىلەر بىلەن ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن بۇيان چوڭقۇر دوستلۇق، ئالاقىلەردە، ئىلمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشلاردا بولۇپ كەلدىم. ئۇ چاغلاردا ھەممىمىز ياش ئاسپىرانتلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئىدۇق، خىياللىرىمىز ۋە ئارزۇلىرىمىز ئوخشاش ئىدى. سىلەر بۇ 30 يىلدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈڭلار. پروفېسسور دوكتور ئابلەت كامالوف سىز ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات ئەسەرلىرى بىلەن خەلقئارا ئىلىم ساھەسىگە ۋە رۇس تىللىق دۆلەتلەرگە تونۇلدىڭىز! دوستۇم خەمىت ھەمرايېف سىز تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىنى تۇنجى قېتىم رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ دۇنيا ئىلىم ساھەسىگە ئېلىپ چىقتىڭىز! سىز «خوجىلار ۋەزىپىسى» قاتارلىق كۆپ توملۇق تارىخى روماننىڭ ئاپتورى! سىز بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ تالانتلىق تەرجىمان ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بېرىسىز!
پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف سىز تېخى ئىككى ھەپتە بۇرۇن 60 ياشلىق باھارىڭىزنى كۈتۈۋالدىڭىز! يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن دەيمەن! سىز ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا 28 يېشىدا فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى بولۇپ، پۈتۈن خەلقلەرنى، مىللەتلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلغان مۇرات ھەمرايېفتىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا پۈتۈن قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا نامىڭىزنى چىقاردىڭىز. كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلىرىڭىز ئەدەبىياتشۇناسلىققا قوشۇلغان تۆھپىدۇر. دوتسېنت دوكتور رۇسلان ئۇيغۇر ئوغلى ئارزىيېف سىز ھازىر قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار تىلشۇناس ئالىم سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدىڭىز! سىز مەخمۇت قەشقەرىي ئىزىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا داۋاملاشتۇرۇۋاتىسىز. يېقىندا سىزگە 60 ياشلىق تونى كىيدۈرۈلدى! مۇبارەك بولسۇن!
ئەپسۇسكى، قەدىرلىك دوستلىرىم سىلەرنىڭ 60 ياشلىق باھارىڭلاردا سىلەرگە گۈزەل تىلەكلىرىمنى بىلدۈرۈۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە، شۇ مىنۇتلاردا مېنىڭ يەنە نەچچە ئونلىغان مەن بىلەن، بىز بىلەن ئوخشاش مىللەت ئىستىقبالى ھەققىدە شېرىن ئارزۇلاردا بولۇپ، كېچە-كۈندۈز شۇ يولدا ئىزدەنگەن دوستلىرىم 60 ياشلىقىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەردە كۈتۈۋېلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلدى. مىليونلىغان ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان بالىلار، ياشلار، چوڭلار، قېرىلار بۇ ئۇلۇغ روزا-رامزان ئايلىرىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئازابلارنى چەكمەكتە!
60 ياش، بىر ئىنسانىڭ ئەڭ ئەقىلگە تولغان ۋاقتى! 60 ياش قېرىلىق مەۋسۇملىرىنىڭ باھار پەسلى! 60 ياش مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئەڭ شېرىن مېۋە بېرىدىغان مەزگىلىگە ئوخشاش!
سىلەرنىڭ بەزىلىرىڭلار بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىلىرىمىزغا يېرىم ئەسىر بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرى بىلەن ئەنە شۇنداق دوست بولسا نېمە دېگەن ياخشى ھە؟ ئۇنداقتا بىز قانداقسىگە يېرىم ئەسىرگە يېقىن دوست بولالالىدۇق؟ جاۋاب ئاددىي! بىزلەرنىڭ ئارىمىدا مەنپەئەت مەسىلىسى يوق، بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا ھوقۇق -ئورۇن ياكى قۇرۇق ئۆستەڭنىڭ مىراپلىقىنى تالىشىش مەسىلىسى يوق، بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا نام -ئابرۇي تالىشىش مەسىلىسى يوق، بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا پەقەت بىرلا نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ مىللەت ئەقىدىسى، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن قەلەم بىلەن بولسىمۇ ئەمگەك سىڭدۈرۈپ، مىللىتىمىزنىڭ ئەقىل-ئىدراكىنى نامايان قىلىشقا ئىنتىلىشتۇر!
مۇبارەك بولسۇن سىلەرگە 60 ياشلىق دوستلىرىم! ئاللاھتىن سىلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن، ئەڭ مۇھىمى مەن ۋە سىلەر مەنسۇپ بولغان ئاشۇ بىچارە ناتىۋان مىللىتىمگە ئاللاھتىن بەختىيار كۈنلەر، باشقىلار تەرىپىدىن ئاياق-ئاستى قىلىنمايدىغان، ھۆر ياشايدىغان كۈنلەرنى تىلەيمەن!
