5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!

دوپپا بىز ئۇيغۇر خەلقننىڭ تەسەۋۋۇرغا باي، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ۋە يارىتىدىغان چوڭقۇر مەنىۋىي دۇنيايىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىجادىيىتى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددىي كەشپىياتى.
دوپپا ئۇيغۇر خوتۇن–قىزلىرىنىڭ مول تەسەۋۋۇرى، سۆيگۈ مۇھەببىتى، چىۋەر قوللىرىدىن پۈتۈپ چىققان سۆيگۈ ناماياندىسى.
دوپپىلارغا چېكىلگەن گۈل–نەقىشلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى، نەپىسلىكى، تەكرارلانماسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش، شۇنداقلار ئىستىتىك ئېڭىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنداق ئېسىل مەدەنىي مىراسىمىزنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا نەمۇنە قىلىپ قالدۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش.
5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى
دوپپا بايرىمى – بارلىققا كەلگەن شارائىت، يەنى 2010 – يىلى 5 – ماي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدە ئىزدىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇۋاتقان، ئەمما كونكرېت ۋە ئەمەلىيەتچىل بولغان قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەتكە ئسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى بىرلەشتۈرۈپ ۋارىسلىق قىلىش كەمچىل بولۇۋاتقان بىر مەزگىل ئىدى. مۇشۇنداق چاغدا تاھىر ئىمىن قاتارلىق ياش زىيالىيلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دوپپا بايرىمى ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەتقىقات ۋە پائالىيەتلەر تەشكىللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ئەسردىكى مەدەنىيەت ئويغىنىش ھەرىكىتىگە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تۈرتكە بولدى. ياشلارغا قايتا ھاياتىي كۈچ، قىزغىنلىق ۋە كۈچلۈك كەيپىيات بەخش ئەتتى.
دوپپا مەدەنىيتى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەتىنىڭ مۇھىم يادروسى ۋە تىپىك سموۋولى. ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى-ئەرەب، ئىنگىلىز ياكى ھىندى قاتارلىق باشقا ھەر قانداق مەدەنىيەتنى ئەمەس، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيتىنى مەنبە قىلغان. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلىپ تەبرىكلىنىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيتىنى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداشنى، باشقىلارغا تونىتىشنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ يادرولۇق مسالى.