You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىمىتنىڭ سېيىدىكى جەڭ

ھىمىتنىڭ سېيىدىكى جەڭ

ھىمىتنىڭ سېيىدىكى جەڭ

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

1933 – يىلى 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى يەركەن شەھىرى خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا ئۆتتى. شەھەر ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ئازاتلىقىنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىشتى. ئۇزۇندىن بېرى ئۇرۇشنىڭ سورۇقچىلىقىنى چەككەن ئاممىنىڭ يۈزىدە ئىللىق بىر تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. يەركەن سېپىلىنىڭ ئۈستىدە «ياردەم ئاللاھ تەرىپىدىن ۋە غەلىبە پات يېقىندا بولىدۇ» دېگەن ئايەت يېزىلگان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق جەۋلان قىلىپ، شەھەرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشتى. پۈتۈن يەركەن خەلقى كۆكلەردىن بىر ئىشارەت كېلىدىغاندەك يۇقىرىغا قارايتتى. چۈنكى يۇقىرىدا كۆك بايراق بار ئىدى. ئۇلار بەرىكەتلىك بىر ئۈمىدكە، مۇستەھكەم بىر ئىشەنچىگە تولغان كۆزلىرى ۋە ھاياجان كۆز ياشلىرىدا يۇيۇلغان پاك يۈزلىرى بىلەن كۆكتىكى كۆك بايراقنىڭ لەرزان لەپىلدەشلىرىنى تاماشا قىلىشاتتى. كۆك بايراقنىڭ جۇشقىسىدىن ئىلھام ئالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چېھرىگە شادلىق كۈلكىسى يۈگەرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ چىرايلىرى كۆك بايراقنىڭ جۇلاسى ئاستىدا، قاراقاش دەرياسىنىڭ بويىدا چېچەكلىگەن جىگدىلەردەك گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى. ئەمدى خەلق ھاسىرىغان قەلبىنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ھەقىقىي رەۋىشتە سوقۇۋاتقانلىقىغا ئىشەنگەنىدى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق ھۆكۈمدارلار دائىم خەلققە ئادالەت ئەكىلىمز، دەپ قويۇپ، ئادالەتنى كۆكلەرگە چىقىرىۋېتىپ، يەر يۈزىدە ئادالەتنىڭ زەررىچىسىمۇ قالدۇرماسلىقى سەۋەبىدىن، ھەممە يەرنى سىتەمكارلىقنىڭ قەھرى – زەھىرى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياشىغۇدەك ھېچ بىر ماجالى قالماي، قارا كۆزلىرى قۇرۇپ، چېھرىنى بويلاپ تۆكۈلىدىغان ياشلىرى ئەمدى تۈگىگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلەر ئارقىلىق ئازاتلىققا تۇتاشقان يولدا ھەقىقەتەن چۆل – داۋانلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرگەنىدى. گاھ دەشتى – چۆللەردە سەرراپقا ئالدانسا، گاھ تاشلىق يوللاردا كۆپ قېتىم پۇتلىشىپ يېقىلىۋاتاتتى. لېكىن شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئەركىنلىك، ئازاتلىقنىڭ ۋىسال ئىشقىدا يۈرىكى كاۋاپ بولۇپ داغلانغان ئۇيغۇر خەلقى مەجنۇندەك ئۆز يولىدىن، ئۆز ئاشىقىدىن ھېچ بىر زامان ۋاز كەچمىدى. پۈتۈن جاھاندىكى زۇلۇم ئۇلارنىڭ بېشىغا يېغىپ، پەريادلىرى ئالەمنى باسقان بولسىمۇ، ئەمما ۋاپادار بۇلبۇلغا ئوخشايدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يولباشچىلىرىدىن باشقا بىرلىرى بۇ ئاھۇ – پەريادلارغا قۇلاق سالمىغان ئىدى. خۇددى بۇ زۇلۇمغا ئۇيغۇر خەلقى لايىقتەك، ھەر كىم كېلىپ تالان – تاراج قىلىپ، زۇلۇمنى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا سەپ قويۇپ يولىغا ھېچ ئىش بولمىغاندەك راۋان بولاتتى.

مانا ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۇنداق ئەپسۇنلار بىلەن ئوقۇپ ئۇخلىتىپ قويۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. پۈتۈن مىللەت قوزغالدى ۋە ئانا يۇرت بىلەن بارلىق تەبىئەت ئويغىنىپ كەتكەن ئىدى. ھەممە يەرنى ئىنقىلابنىڭ يالقۇنلۇق ئوتلىرى قاپلىغانىدى. بۇ ئوتتا يا ئۇيغۇر مىللىتى كۆيۈپ تۈگەيتتى، يا دۈشمەن كۆيۈپ ھالاك بولاتتى. بۇنىڭدىن باشقا ئىككىنچى بىر تاللاش يول يوق ئىدى. بۇ يولدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چوقۇم مەنزىلگە يېتىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بار ئىدى ۋە ئادالەت ئۇيغۇر خەلقى تەرەپتە ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇر خەلقى قولىغا قورال ئالغان ئىدى. ئەنە شۇ قورال بىلەن ئادالەتنىڭ پارلاق بايرىقىنى ئانا يۇرتقا قادىغان ئىدى. يازنىڭ ئىسسىق شامىلىدا تىنىم تاپماي لەپىلدەۋاتقان كۆك بايراق بولسا، ئادالەتنىڭ سىمۋولى، ئازاتلىقنىڭ سىمۋولى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىرىلىشىنىڭ سىمۋولى ئىدى.

خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ جانلىرى بىلەن قورال – ياراقلىرىنىڭ ساق – سالامەت ئىكەنلىكىگە قانائەت قىلماي، يەركەن خەزىنىسىگە كۆزىنى قىزارتىپ، ئۇنى تولۇق خوتەن ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرماي مەلۇم قىسمىنى تىقىۋالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھىلىگەرلىك بىلەن قىلغان قىلمىشلىرى ئۇلارنى داۋاملىق سىرتتىن كۆزىتىپ تۇرىۋاتقان ئەرەننىڭ تاغدا ئوۋ پەملەپ ئۆگىنىپ قالغان ئۆتكۈ كۆزلىرىنى قايمۇقتۇرالمىغانىدى. بۇ جىددى ئىشنى ئەرەن دەرھال ئەمىر ئابدۇللاھقا دوكلات قىلدى. ئابدۇللاھ تۇڭگانلار بىلەن خىتايلارنىڭ كېلىشىمگە خىيانەت قىلىپ، خەزىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى يوشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلىپ قاتتىق غەزەپكە كەلدى. ئۇ ئىچىدە،- بۇ دۇنيادا توغرىنى سۆزلەشتىن بەتتەر تەس ئىش، يالغاننى سۆزلەشتىن بەتتەر ئاسان ئىش بولمىسا كېرەك. ئەمما، ئەزەلدىن خائىنلىق زۇلمىتىدە ساقلانغانلار ئادالەت قۇياشى ئاستىدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا مەھكۇمدۇر،- دېدى – دە، بېرىپ بۇ ئەھۋالنى سابىت داموللامغا مەلۇم قىلدى. سابىت داموللام شۇ چاغلاردا خىتايلار ۋە ئۇرۇشتا ساق قالغان ئاز بىر قىسىم خائىن تۇڭگانلارنىڭ قولىدىكى قوراللارنى قانداق قىلىپ قولغا چۈرۈش ئۈچۈن چارە ئىزدەپ ئولتۇرغان ئىدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن «ئىتلارنىڭ ھۆكمى بولسا، بۆرىلەرنىڭمۇ بىر تۆرەسى بار» دېگەندەك، دۈشمەننى تەلتۆكۈس يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ يوقىتىش ئۈچۈن ئوبدان چارىدىن بىرنى تاپتى ۋە ئەمىر ئابدۇللاھ، ئەمىر نۇر ئەھمەد بىلەن بۇ ئەپچىل چارە – تەدبىرلەرنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە كېڭىشىپ، ياخشى بىر پىلان تۈزۈپ چىقتى.

«بېلىقنىڭ ئۆزى سۇدا، كۆزى تاشقىرىدا» دېگەندەك، ئەمىر ئابدۇللاھ خىتايلارنىڭ قىلمىشىنى بىلمەسكە سېلىۋىلىپ، پۈتۈن تەييارلىق پۈتكەندە يەنى 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۇلارنىڭ سېپىلدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلدى. سېپىلدىن چىققانلار ئارىسىدا قوراللىق ئەسكەرلەردىن باشقا يەنە نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاي سودىگەر بايلىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بارلىق مال – دۇنياسىنى مەپە، ھارۋا، ئاتلارغا ئارتىپ ئېلىپ چىققان ئىدى. دېمەك، بۇلارنىڭ ئېلىپ ماڭغانلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن نۇرغۇن بايلىقلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنى يوشۇرۇپ تىقىپ ماڭغانىدى. ئەمىر ئابدۇللاھ يەنە ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئۆزىنىڭ ئۇلارنى يولدا تامامەن يوق قىلماقچى بولغان ھەملىسىنى تۆمۈر سىجاڭغا مەلۇم قىلىپ، ئۇنى بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار قىلىپ قويدى. شۇنداق قىلىپ 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى سەھەردە ئىككى مىڭغا يېقىن خىتاي ۋە تۇڭگان «ئادەم بالىسىنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋان بالىسىنىڭ ئالىسى تېشىدا» دېگەندەك، ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەت بىلەن تىقىۋالغان خەزىنىلەرنى تىقىشتۇرۇپ يەركەن سېپىلىدىن بەھوزۇر چىققانلىقىدىن خوش بولۇپ، قەشقەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئەمما تولۇق تەييارلانغان ئەمىر نۇر ئەھمەدنىڭ 1000 كىشىلىك قوشۇنى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن ئابدۇلقادىر ھاجىنىڭ قوماندانلىقىدا تۆت يۈزدەك ئەسكەر يولغا چىققان ئىدى.

قەشقەردىن تاڭ سۈزۈلۈش بىلەن يولغا چىققان قوشۇن شۇنچىلىك جىددى، شۇنچىلىك ئالدىراش بىر كېچە – كۈندۈز يول مېڭىپ يېڭىسارغا يېتىپ كېلىپ بىر كېچە قونۇپ ئەتىسى يەنە يول يۈرۈپ، كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە قىزىل دېگەن يېزىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. قەشقەردىن كەلگەن بۇ قوشۇن ئالدىدا سوزۇلۇپ ياتقان چەكسىز كەتكەن ھىمىتنىڭ سېيىغا ئۇدۇل قاراپ بۆكتۈرمىلەرنى قېزىپ يوشۇرۇنۇپ، دۈشمەنگە پۇسۇ قۇرۇپ ياتتى. بۇ چاغدا كۈن ئىنتايىن ئىسسىپ كەتكەن بولۇپ، ساينىڭ تاشلىرى قىززىپ، دەسسىگەن ئادەمنىڭ تاپىنىنى كۆيدۈرىۋەتكىدەك ئاتەشلىك ئىدى. ئالدىدىكى سايلىقتا پىل – پىل قىلىپ كۆرۇنىۋاتقان سەيراپتىن باشقا ھېچ بىر نەرسە كۆرۈنمەيتتى. بىر مەيدان ھايات – ماماتلىق جەڭنى باشلاش ئالدىدا تۇرغان نەچچە يۈزلىگەن ئەسكەرنىڭ قەلبىدىكى دۈشمەنگە بولغان ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى ساينىڭ تىشىدەك قىززىپ كېتىۋاتاتتى. دەل مۇشۇ چاغدا ساينىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى تاغنى بويلاپ ئەرەن بىلەن ئەبەيدۇللاھ بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن كەلدى. ئەرەن بىلەن ئەبەيدۇللاھ بولسا ئۆز قىسمى بىلەن دۈشمەننى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئەھۋالنى قەشقەردىن كەلگەن قوشۇنغا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. ئەرەن ئۇدۇل بېرىپ قەشقەر قوشۇنىنىڭ يۈز بېشى بولغان ئۆزى ئورۇق، ئوتتۇرا بوي كەلگەن، چىرايى ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن، ئېگىز بۇرۇنلىرىنىڭ ئۈستىدە تەر شارچىلىرى پارقىراپ تۇرغان يىگىتكە دۈشمەننىڭ كۆك رابات دېگەن يەردىن چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردە سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

بۇ يۈز بېشى يىگىت بولسا ئاتۇشلۇق سەيپىدىن ئەزىز دېگەن بالا ئىدى. بۇ بالا دەرھال ئەرەن بىلەن ئەبەيدۇللاھنى ئۆز قوماندانى بىلەن كۆرۈشتۈردى. «ئىچى پۇشمىسا بوز قۇش تۇتار، ئالدىرىمىسا ئاق قۇش تۇتار» دېگەندەك، بۇلار تا كۈن قايرىلغانغا قەدەر دۈشمەننى كۈتتى. ئاخىرى ئالدىدىكى سايلىقتا دۈشمەننىڭ قارىسى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇلار ئاستا – ئاستا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتاتتى. مانا ئەمدى تۆت – بەش يۈز مېتىرلىق يىراقلىتىكى مۇساپىدە كېلىۋاتقان ئادەملەر ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. كۈن پېتىش ئالدىدىكى شەپەقتە چوغدەك قىزارغان تاشلار ئۈستىدە كېلىۋاتقان ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن ئۇلارغا يانداپ كېلىۋاتقان ئۇششاق بالىلار، ئەر – ئاياللار ھارغىنلىقتىن چارچىغان قەدەملىرىنى ئاران ئېلىپ، بەزىدە سەنتۈرۈلۈپ، بەزىدە لاقا – لۇقىلار ئارتىلغان ھارۋىلارغا ئېسىلىپ يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ مەنزىرىسى پاكار توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈۋاتقان، ئېگىز توسالغۇلارنىڭ يېنىدىن ئاستا ئەگىپ ئۆتۈپ كېلىۋاتقان سايغا باشلىغان ئېقىن سۇغا ئوخشايتتى. ئۇلار ئەمدى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدىغان يەرگە كېلىپ توختىدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەمىر نۇر ئەھمەدمۇ ئۆز قوشۇنلىرى بىلەن يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئىككى قوشۇن ئارىسىدا قالدى. ئەمىر نۇر ئەھمەد ئۇلارغا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۇرسەتنى بېرىش ئۈچۈن، ئادەم ئەۋەتىپ قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئېيتتى. ئەمما ئۇلار يەنىلا جاھىللىق قىلىپ، – قوراللىرىمىزنى مادوتەيگە تاپشۇرىمىز،- دەپ، يەنە تەسلىم بولمىدى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە تىنجىق سايلىقتا كۈن پېتىشقا ئاز قالغىچە بويۇن تاۋلىق قىلىپ تۇرۇۋىلىپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاتلىق قىسىم تۇيۇقسىزلا ئالدىغا قاراپ ئات سېلىپ ھۇجۇمغا ئاتلاندى. مانا ئەمدى بۇ ئادەمسىز سايلىقتا قاتتىق جەڭ باشلىنىپ كەتتى.

ئىككى تەرەپتىن ئارقا – ئارقىدىن چىقىۋاتقان ئوقلار ئادەملەرنىڭ باشلىرىدىن غۇيۇلداپ ئۇچاتتى. دۈشمەننىڭ پىيادە قىسىملىرى بولسا سايلىقتىكى تاشلار ئۈستىدە بىردەم ئېگىز سەكرەپ، بىردەم ئالدىدىكى تاشنىڭ ئارقىسدا سوزۇلۇپ يېتىپ، بىردەم تىزلىنىپ ئېتىپ ئالدىغا ئىلگىرىلەيتتى. ئەمما ئەمىر نۇر ئەھمەدنىڭ ئەسكەرلىرى ئاتقان ئوقلار ئارقىدىن ئۇچۇپ كېلىپ ئۇلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىۋاتاتتى. ئالدىدىكى قەشقەر قوشۇنى بولسا مۆكۈنۈپ ياتقان بۆكتۈرمىلىرىدە ئالدىدا ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقان دۈشمەنگە ئۈزۈلدۈرمەي ئوق ئاتاتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنىڭ قوراللىرى كونا توققۇز ئاتار مىلتىقلار بولغاچقا، ئارقا – ئارقىدىن بەش – ئالتە پاي ئوق ئاتا – ئاتمايلا يا پىستولى قىزىپ كېتەتتى، ياكى قوغۇشۇن ئوقنىڭ قويۇق ئىسىدىن ئىچى ئىتىلىپ قىلىپ ئوق ئېتىلماس بولۇپ قالاتتى. مۇنداق چاغدا مىلتىقنىڭ ئىچىنى تازىلاشقا توغرا كېلەتتى. شۇڭا تېز كەلگەن دۈشمەننىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشكە ئىمكان بولمىغانلىقتىن بىر قىسىم ئاتلىق ئەسكەرلەر «شا!» دەپ ئوق ياغدۇرۇپ سەپنى يېرىپ ئۆتۈپ يېڭىسار تەرەپكە قېچىپ كەتتى. ئەمما ئارقىدىن كەلگەن نۇر ئەھمەدنىڭ قوشۇنى پىيادە خىتاي چىرىكلىرى بىلەن ۋە تۇڭگان قوشۇنىنىڭ بىرنىمۇ ساق قويماي ھەممىسىنى قىرىۋەتتى.

مانا مۇشۇ ئۇرۇش مالىماتاڭچىلىقىدا بىر توپ كالتەك – توقماق كۆتۈرگەن قىزىل يېزىلىقلار ئۇدۇل بېرىپ خىتايلارنىڭ ھارۋىلىرىدىكى ماللارنى بۇلاپ – تالاشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ خۇرجۇنلىرىنى تارتىپ، يىرتىپ ئىچىدىكىلەرنى قويۇنلىرىغا سىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ھىمىتنىڭ سېيىدا چوقان – سۈرەن تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. دەل مۇشۇ چاغدا ئەمىر نۇر ئەھمەد كېلىپ ئاسمانغا ئوق ئېتىپ، يىزىلىق دېھقانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى ۋە ئەسكەرلىرى كېلىپ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى ماللارنى تارتىپ ئېلىپ بىر يەرگە يىغدى. ئاندىن مال – دۇنيا قاچىلانغان ھارۋىلارنى بىر چەتكە ئايرىدى. بۇ چاغدا بىر چەتتە، بىر توپ بالىلار بىلەن ئاياللار باشللىرىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ «لا – لا» دەپ ۋارقىراپ غال – غال تىترەپ قىززىق تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى. بۇلارنىڭ «لا – لا» دېگەنلىكى ئەسلىدە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دەپ ئىمان ئېيتقانلىقى ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنىڭ ئامان قېلىشى ئۈچۈن قورقۇپ «لا – لا» دەپ بولۇشىغا ۋارقىراۋاتاتتى. بۇلارنى كۆرگەن ئەمىرنۇرئەھمەد ئۇلارغا قەتئىي چىقىلماسلىقنى ئېيتتى. تەسلىم بولۇپ قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرگەن مارۇلۇڭ قاتارلىق ئون نەچچە ئەسكەرگىمۇ چىقىلماي قورالسىزلاندۇرۇلدى. بۇ چاغدا قەشقەر قوشۇنىدىن سەيپىدىن ئەزىز ئەسكەرلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى ۋە ئەمىر نۇر ئەھمەد بىلەن بىردەم پاراڭلاشتى. ئاندىن بۇ قاراقۇمچاق يىگىت بولسا چىرايلىرى قورقۇنچتىن ساينىڭ تېشىدەك تاتىرىپ كەتكەن ئون نەچچە خىتاي بالىلىرى بىلەن يىگىرمىگە يېقىن ئايالنى ئېلىپ يېڭىسار تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ھارغىن چىرايىدىن ئۇ ساق قالغان كىچىك بالىلارغا بولغان ھېسداشلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ قانلىق جەڭگاھتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانى پەزىلىتىدىن ۋازكەچمىگەن ئىدى. مانا بۇ ئوت يۈرەك ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مىجەزىنىڭ ئىچكى كۆرۈنىشى ئىدى.

بۇ قېتىمقى جەڭدە ناھايىتى ئېنىق ئاشكارا بولدىكى، ھەربىر قانلىق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئارقىسىدا، مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئالاھىدە بىر سەۋەب بار بولىدۇ. بۇنداق سەۋەبلەر ھەرۋاقىت ئىنسانلارنىڭ ئەركىن تاللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئىنسانلار ئۆز مەنپەئەتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ خىرىسلىرى، ئاچكۆزلىكى ۋە ئەردەمسىزلىكىگە قاراپ پائالىيەت قىلىدىغانلىقى ۋە مۇھىم قارارلارنى ئالغانلىقى سەۋەبىدىن مانا مۇشۇنداق ئادەمسىز سايلاردا ئۇرۇشلار يۈز بېرىدۇ. خۇددى «بويۇن تاۋلىق قىلسا، بوينى زەنجىرلىنىدۇ» دېگەندەك ئىش بولىدۇ. نامەرتلەرنىڭ دەستىدىن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىملەر بۇزۇلۇپ قانلار تۆكىلىدۇ، گۇناھسىز سەبىلەر خارلىنىدۇ.

مانا ئەمدى بۇ سايلىقتا ئىنسان قانلىرىدىن باشقا جىن – ئىنسان قالمىغان ئىدى. كۆك يۈزىدىكى تولۇن ئاي ئالتۇن توپتەك پارقىراپ تۇراتتى. تولۇن ئاي ئۆزىنىڭ گۈزەل يۈزىنى پۈتۈن ھىمىتنىڭ سايلىقىدا قىزىل قانلار بىلەن بويالغان تاشلارغا تىككەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك چىرايلىق كۆكۈش نۇرى بىلەن ساي تاشلىرىدىكى ئۇيۇپ قالغان قان داغلىرىنى بەزىدە يورۇتۇپ، بەزىدە قاراڭغۇلۇققا چۆمدۈرۈپ بۇ پىنھان زېمىننى تېخىمۇ سۈرلۈك قىلىۋېتىپ باراتتى. تاغدىن ئەسكەن سەلكىن شامال بولسا ساينىڭ يۈزىنى سۆيۈپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ قىزىغان تەپتىگە ئارام بەخش بەرگەندىن كېيىن، خۇددى كۈندۈزى ھېچ ئىش بولمىغاندەك جىمجىت ئۇيقۇغا چۆمگەن يېزىنىڭ ئۈستىنى قاپلىغان ئىدى.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top