ئوسمانىلار سۇلتانى بەيازىدخان قانداق ۋاپات بولغان؟
سايرام ئوغلانى
تەھرىرلىگۈچى ئەھمەد سۇلۇق
كىرىش سۆز
1403-يىلى 8-مارت كۈنى داڭلىق يىلدىرىم بەيازىدخان ۋاپات بولغان. گەرچە تۆمۈر تۈزۈكلىرىدە ئۇنىڭ تەبىئىي ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، بىراق ئوسمانىلارنىڭ ئارخىپلىرىدا ئۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى دەپ يېزىلغان. بىراق بىتەرەپ تارىخچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا سۇلتان بەيازىدخان بىر يىل بۇرۇنقى مەغلۇبىيەت ھار كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئەسىرلىكتە ياشىغاندىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرۈپ ئۈزۈكى ئىچىدىكى ئۆتكۈر زەھەرنى ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.
1 . بەيازىدخاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
سۇلتان بەيازىدخان 1360-يىلى ئەدىرنەدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مۇراد بىرىنچى، ئانىسى گۈلچىچ سۇلتان ئىدى. ئۇنىڭ يۈزى يۇمىلاق، سۇس قىزىل يۈز، قوچقار بۇرۇنلۇق، شۇڭقار تۇمشۇقلۇق زەڭگەر كۆزلۈك، سېرىقچاچلىق، ساقىلى قويۇق ۋە مۈرىسى يوغان ئىدى. باتۇرلۇقى ۋە چاققانلىقى سەۋەبىدىن ئۇ «يىلدىرىم» (گۈلدۈرماما) دەپ ئاتالغان. ئۇ بالىلىقىنى بۇرسا سارىيىدا ئاكىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇ شۇ دەۋردىكى مەشھۇر ئالىملار تەرىپىدىن تەربىيلەنگەن.
ياش ۋاقتىدا ئۇ كۇتاھيا ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. سۇلتان مۇرادنىڭ (مۇراد I) ۋەسىيىتى سەۋەبىدىن، ئۇ 1389-يىلى 29 يېشىدا تاج كىيگەن. ئۇ كونستانتىنوپولدىكى ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىنى قورشاۋغا ئالغان، ئاندىن E ئانادولۇدىكى تۈرك ھۆكۈمرانلىرىنى مەغلۇب قىلغان ۋە نىكولوستىكى ۋېنگرىيە سىگىسموند قوشۇنىنى مەغلۇب قىلغان. سېربىي پادىشاھى لازارنىڭ ئوغلى لازاروۋىچ پادىشاھ تاج كىيىپلا تىنچلىق شەرتنامىسى ئۈچۈن ئېدىرنېغا كەلدى ۋە سىڭلىسىنى بايېزىدقا بەردى ۋە بۇ نىكاھ بىلەن ئوسمانلى-سېربىيە دوستلۇقى ئەمەلگە ئاشتى. بەختكە قارشى، بايېزىد ئەنقەرە ئۇرۇشىدا ئەمىر تىمۇر (تۇرانخان) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ئەمىر تىمۇر ئۇنى قۇل قىلغان. بايېزىد خارلىقتا يەتتە ئاي ئون ئىككى كۈن تۇرۇپ قېلىپ قازا قىلغان.
ئۇنىڭ سۇلتانلىقى قالتىس سەلتەنەت سۈرگەن ۋە غەلىبە قىلغان 13 يىلنى باشتىن كەچۈردى. ئەمما ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشتى. ئۇ باجدىن نۇرغۇن پۇلغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن خەزىنە تولۇپ تاشقان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئەسكەرلەرگە تۇنجى قېتىم دائىملىق ئىش ھەققى تارقىتىلغان.
ئۇ 1396-يىلى نىكوپولىس (ھازىرقى بۇلغارىيە) دىكى ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلغان، ھەمدە 1402-يىلى ئەنقەرە ئۇرۇشىدا تىمۇر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان ۋە قولغا ئېلىنغان ۋە 1403-يىلى 3-ئايدا ئەسىردە قازا قىلىپ، ئوسمانلى ئارىلىنى قوزغىغان. تىمۇر ئۇنى قۇل قىلدى، بايېزىد يەتتە ئاي ئون ئىككى كۈندە قازا قىلدى. ئۇنىڭ سۇلتانلىقى ناھايىتى غەلىبە قىلغان 13 يىلنى باشتىن كەچۈردى، ئەمما ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشتى. باتۇرلۇقى سەۋەبىدىن ئۇ «يىلدىرىم» يەنى (چاقماق ياكى گۈلدۈرماما) دەپ ئاتالغان.
2. ئەنقەرە ئۇرۇشى ۋە ئوسمانىلارنىڭ ۋاقىتلىق مۇنقەرز بولۇشى
(1) ئەمىر تۆمۈرنىڭ سۇلتان بىرىنچى بايەزىدكە دوستلۇق ئىزھار قىلىشى
تارىخىي ۋەسىقىلەر ۋە ئۇچۇرلاردىن ئاز تولا خەۋىرى بار كىشىلەرگە شۇ مەلۇمكى، ئەمىر تۆمۈر ئۆكتەملىك بىلەن ئوسمانىلارغا ئۇرۇش ئاچقىنى يوق. ئەكسىچە قېچىپ بارغان رەقىبى قارا يۈسۈپنى قايتۇرۇپ بېرىشنىلا تەلەپ قىلىپ، بايەزىدخان بىلەن قۇدا-باجا بولماقچى بولغان. بىراق ياش بايازىدخان ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئەمىر تۆمۈرنى مەنسىتمىگەننى ئاز دەپ، يەنە ئۇنى تولىمۇ يولسىز ئۇسۇل بىلەن جەڭگە چىللىغان. ئۇ مەكتۇپتا مۇنداق يازغان: «ئەگەر كىم ئەنقەرە ئۇرۇشىغا كەلمىسە، شۇنىڭ خوتۇنلىرى تالاق بولىدۇ». بۇ گەپ قېرى ئەمىر تۆمۈرگە بەكلا ھار كەلگەن. ئاقىۋەت 1402-يىلى 28-ئىيۇل ئەنقەرە ئۇرۇشىدا ياش بايەزىدخاننى ئەسىر ئېلىپ، سەمەرقەندكە ئېلىپ كەتكەن. ياش ئوسمانىلار سۇلتانىمۇ ئۆزى تىللا قۇيدۇرماقچى بولغان سەمەرقەندكە خار ھالدا يالاپ ئېلىپ كېلىنگەن. شۇڭا ھاقارەت ھېس قىلىپ، 1403-يىلى باھاردا زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.
(2) ئەنقەرە ئۇرۇشى ھەققىدە قىسقا بايان
ئۇيغۇر سانغۇن ۋە قوماندان «ئەراتنا بەگ» 1335-يىلى ئىلخانىلارنىڭ ئاناتولىيەدىكى 93 يىللىق سەلتەنىتىنى يوق قىلىپ، ئۆزى ئاناتولىيەدە «ئەراتنا ئۇيغۇر خانلىقى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئۇيغۇر سەردار ئاناتولىيە تارىخىدا سالجۇقىلاردىن كېيىن، ئوسمانىلاردىن بۇرۇنقى تۇنجى تۈرك-ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان مەشھۇر سۇلتان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ 1352-يىلى قەيسەرىيەدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلىتى 1381-يىلغىچە داۋام قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئوسمانىلار پەيدىنپەي ئاناتولىيەنىڭ غەربىي يېرىمىنى تەسىرىگە كىرگۈزىدۇ. بەختكە قارشى، كېيىنچە يىلدىرىم سۇلتان بايەزىدخان ئىنتايىن ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئەمىر تۆمۈرنى ھاقارەتلەپ مەكتۇپ يېزىپ، ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ.
بايەزىدخان ئەنقەرە ئۇرۇشىدا ئەمىر تۆمۈرنى يېڭىشكە شۇ قەدەر ئىشەنچ قىلغان ئىدىكى، ئۇرۇشتىن بۇرۇنلا «سەمەرقەندتە تەڭگە-تىللالىرىمنى قۇيىمەن (يەنى ئۆز تەسىرىمگە ئالىمەن)» دەپ قەسەم قىلغان. تولىمۇ ئەپسۇس، دەل ئەكسىچە ئۆزى ئېچىنىشلىق يېڭىلگەن.
«ئەنقەرەدىكى ئۇرۇشقا كىم كەلمىسە شۇنىڭ خوتۇنلىرى تالاق!» دەپ يېزىلغان ئاخىرقى مەكتۇپ 66 ياشلىق ئەمىر تۆمۈرنى يىراققا يۈرۈش قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. 1402-يىلى 28-ئىيۇل ئەنقەرە ئۇرۇشى بايازىدخاننىڭ ئەسىرگە چۈشۈشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ 1394-1396-يىللىرى ياۋروپاغا ۋەھىمە سالغان بايەزىدخان بەكلا خار ھالدا سەمەرقەندكە ئەسىر سۈپىتىدە ئېلىپ كېتىلىدۇ. بۇنداق ھادىسە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. بۇ ھادىسە تۈپەيلى ئوسمانىلار 20 يىلدەك دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈپ كېتىدۇ. ياۋروپامۇ ئازراق ئارام ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋالىدۇ. شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىمۇ ئۆمرىنى يەنە ئەللىك يىل ئۇزارتىۋالىدۇ.
1389-يىلى 15-ئىيۇن بىرىنچى كوسوۋۇ ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان ئوسمانىلار سۇلتانى بىرىنچى مۇرادخان ئورنىغا سۇلتان بولغان ئوغلى بىرىنچى بەيازىد، دۈشمەنگە ئىز قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقان قان-قېرىندىشى ياقۇبنى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن چاقىرىتىپ كېلىپ، چېدىردا بوغۇپ ئۆلتۈرگۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەيازىد ئوسمانلى تارىخىدا سەلتەنەت تالىشىدۇ دەپ، قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەن تۇنجى پادىشاھ بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال، ئەمىر ياقۇبنىڭ بىر قىسىم تەرەپدارلىرى بىلەن ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگەن ئاناتولىيە بەگلىكلىرىنىڭ يىلدىرىم بەيازىدقا قارشى تۇرۇشلىرىغا سەۋەب بولىدۇ. بەيازىدمۇ 1402-يىلى 28-ئىيۇل ئەنقەرە ئۇرۇشىدا ئەمىر تۆمۈردىن يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ، 1403-يىلى 8-مارت سەمەرقەندتە سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
3. ئۇرۇشتا ئاخىرىغىچە چىدىيالىغانلارلا غەلىبە قىلالايدۇ
ئۆزۈڭنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ دەڭسىيەلىسەڭ جەڭدە يېڭىلمەيسەن، ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا.
پىسخىكا ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى رەقىبىنى ۋە ئۆزىنى ياخشى بىلىشتۇر. ئىككىنچى قەدىمى، بېسىم ۋە قايىل قىلىش ئۇسۇللىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىش ئارقىلىق قارشى تەرەپتە پىسخىكىلىق بۇزۇلۇش پەيدا قىلىشتۇر. بۇ ھەقتە يىلدىرىم بايەزىد ۋە ئەمىر تۆمۈرگە كەلتۈرۈلگەن بىر ئۆرنەكلىك ۋە قايىل قىلارلىق مىسال بار: ئۇرۇشتىن كېيىن ئىككى خاقان بىرلىكتە چاي ئىچكەچ نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا قارىتا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
يىلدىرىم بايازىد:
– بىزنىڭ ئەسكىرىي كۈچلىرىمىز باراۋەر تۇرسا، سىز قانداق قىلىپ غەلىبە قىلالىدىڭىز؟
بۇنىڭغا جاۋابەن ئەمىر تۆمۈر بىر بارمىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: – ئىككىلىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ بارمىقىنى چىشلەيلى، دەيدۇ. بىر ئازدىن كېيىن يىلدىرىم ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمەي «ئاھ» دېگىنىدە، ئەمىر تۆمۈر دەرھال ئۇنىڭ بارمىقىنى قويۇۋېتىدۇ ۋە «يەنە بىرئاز بەرداشلىق بەرگەن بولسىڭىز مەن يېڭىلەتتىم» دەيدۇ.
ئوسمانلى سۇلتانى يىلدىرىم بەيازىدخان 1403-يىلى 8-مارتتا زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغاندىن كېيىن، ئەمىر تۆمۈرمۇ خىتايغا يۈرۈش قىلىش يولىدا 1405-يىلى 19-فېۋرالدا ئوترار شەھىرىدە قازا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پامىردىن ئىزمىرغىچە، تالاستىن بومبايغىچە، كاۋكازدىن يەمەنگىچە سوزۇلغان ئىمپىرىيىسى چاك-چېكىدىن بىراقلا پارچىلىنىپ كەتكەن. ئوسمانىلارمۇ 1422-يىلى قايتا تىرىلىپ، ئاندىن كۈنسىرى ئەسلىگە كېلىپ، 1453-يىلى ئىستانبۇلنى ئېلىپ، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى (395-1453) گە خاتىمە بەرگەن.
ئىسلام تارىخى، ئوسمانلى تارىخى، ئوتتۇرا شەرق تارىخى، موغۇل تارىخى ۋە مۇسۇلمان مەدەنىيىتى تارىخىدىن تاللاپ تەييارلاندى.