You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » 1-قېتىملىق ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە كېيىنكى 99 يىللىق دۇنياۋى تەرتىپنىڭ ۋەتىنىمىزگە كۆرسەتكەن تەسىرى

1-قېتىملىق ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە كېيىنكى 99 يىللىق دۇنياۋى تەرتىپنىڭ ۋەتىنىمىزگە كۆرسەتكەن تەسىرى

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى ئەھمەد سۇلۇق

1. جاھانگىرخان قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك بېرىتانىيەگە كۆرسەتكەن ئىلھامى

مىلادى 1820-يىلدىن 1828-يىلغىچە بولغان تۆت قېتىملىق «جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى»دىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ مەنچىڭنى يېڭىۋېتىش *** ئىشەنچىسى ئاشتى. نەتىجىدە 1840-يىلدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشى ئارقىلىق، خوڭكۇڭنى ساق 156 يىل ئىگىلەپ تۇردى. چاررۇسىيىمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇرۇپ، 1858-يىلى بىر كېچىدىلا يىراق شەرقتىن بىر مىليون كۋادرات كىلومېتىردەك يەرنى ئىگىلەپ 1860-يىلى تاشقى مانجۇرىيەنى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ جاكارلايدۇ. دەل شۇ يىلى مەنچىڭ خانلىقى ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى قوزغىغان ئىككىنچى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1852-يىلدىن 1862-يىلغىچە داۋام قىلغان تەيپىڭ تيەنگو خىتاي قوزغىلىڭى تۈپەيلى ھالىدىن كەتكەچكە، شىمالدا چاررۇسىيە ئىگىلىۋالغان يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش تۈگۈل، ئەكسىچە ئورۇسلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، خىتايدىكى ئاساسلىق قوزغىلاڭلارنى باستۇرىدۇ.

1788-يىلى 27-مارت جاھانگىر خوجا تۇغۇلغان. ئۇ ئەسلى چوڭ-كىچىك خوجىلاردىن چوڭ خوجا بۇرھانىدىننىڭ بەدەخشان قەتلىئامىدا قۇتۇلۇپ قالغان بىردىنبىر ئوغلى سامساق خوجىنىڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ، ئۇ 1820-يىلى مانجۇلارغا سېتىلغان قوقان خانى ئۆمەرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سىياسىي تەقىپتىن قۇتۇلۇپلا، 1820-يىلدىن تاكى 1828-يىلغىچە ئۇدا تۆت قېتىم ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەنگلىيەدەك دۆلەتلەرنى مانجۇلاردىن زىيادە ئەندىشە قىلىشتىن خالاس قىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مانجۇلارنى بىتچىت قىلىۋەتكىنىدىن ئىلھاملانغان ئەنگلىيە ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپلا، 1839-يىلى ئەپيۇن ئۇرۇشى قوزغاپ، مانجۇلاردىن خوڭكۇڭنى بۆلۈۋالدى. قوقان خانلىقى غەرپتىن شەرققە كېڭىيىپ، ئەسلىدە مانجۇلار تەسىرى ئاستىدا قالغان ھازىرقى قىرغىزىستان، جەنۇبىي قازاقىستان قاتارلىق جايلارنى تىزگىنلەپ ئۈزلۈكسىز زېمىن كېڭەيتتى.

چوقان ۋەلىخانوف جاھانگىر خوجىغا يۇقىرى باھا بېرىپ «جاھانگىرنىڭ ئىسيانلىرى مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكى پاش قىلىپ قويدى. قەشقەر ۋەتەنپەرۋەرلىرى زادىلا ئۈمۈتسىزلەنمەي، بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىپ كېلىپ، مانجۇلارنى خورىتىپ باشقا جايلارغا تاجاۋۇز قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئەڭ يامىنى مانجۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىرى، ئەنگلىيە ۋە چاررۇسىيە ئالدىدىكى ئىناۋىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى» دېگەن.

2. تۇنجى قېتىملىق ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە ئەپيۇن ئۇرۇشى

بۈيۈك بېرىتانىيەنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى 1839-يىلى 20 مىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلدى. بۇ تارىختا تۇنجى قېتىملىق ئافغانىستان ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى. ئۈچ يىلدەك داۋام قىلغان ئۇرۇش 1842-يىلى 14-يانۋار پۈتۈن ئارمىيەدىن ساق قالغان بىردىنبىر كىشى(ئىسلاندىيەلىك 30 ياشلىق ھەربىي دوختۇر)نىڭ نىمجان ھالەتتە ھىندىستانغا قايتىپ كېلىشى بىلەن ئاياغلاشتى. بىراق ئۇمۇ قورقۇنچ ۋە ئاچارچىلىق دەستىدىن جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغانىدى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۇنىڭدىن: «ئارمىيىمىز قېنى؟!» دەپ سورىسا، ئۇ «ئارمىيە مانا مەن!» دەپ جاۋاپ بېرىپ، 20 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەنىڭ قانداق تارمار قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

مەزكۇر ئۇرۇشنىڭ ئەكسىچە، قۇرۇقلۇقتا قاتتىق مەغلۇپ بولغان بۈيۈك بېرىتانىيە ئوخشاش ۋاقىتتا دېڭىزدا قوزغىغان ئۈچ يىللىق ئۇرۇشتا زەپەر قۇچۇپ، مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ ئاستانىسى پېكىنگە قىستاپ كەلدى. ئاقىۋەت مەنچىڭ خانلىقى ئەنگلىيەگە خوڭكۇڭنى بۆلۈپ بەرگەندىن سىرت، غايەت زور ئۇرۇش چىقىمى تۆلىدى. ئەنگلىيە بۇ ئارقىلىق ئافغانىستان ئۇرۇشىدا تارتقان زىيانلىرىنى تولدۇرۇۋالدى.

تولىمۇ ئەپسۇس، ئەنگلىيە مەنچىڭنى شۈلۈۋالسا، مەنچىڭ تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىزدە خەلقىمىزنى شۈلۈپ، تارتقان زىيىنىنى تولۇقلىۋالغان. گەرچە يۇقىرىقى ھەر ئىككى ئۇرۇش ۋەتىنىمىزدىن ئۇزاقتا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق كېيىنچە «ئىلى سۇلتانلىقى ئافغانىستان ئۈچۈن، قەشقەرىيە دۆلىتى ھىندىستان ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان». ئىككى جاھانگىر تۈزگەن كېلىشىملەرنىڭ بىرىدە ئېنىق قىلىپ «چاررۇسىيە ئىلىغا قول سالماسلىق، ئەنگلىيە ئافغانىستاننى قوراللىق يۇتۇۋالماسلىق» دېگەن ماددا ئورۇن ئالغان. ئەپسۇس، ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەۋرىنىپ قېلىشى، چاررۇسىيەنىڭ خىۋە، قوقان خانلىقىنى يۇتۇۋېلىشى، مەنچىڭ خانلىقىنىڭ چاررۇسىيەدىن ئىلىنى ۋاكالىتەن ئىشغال قىلىشنى ئۆتۈنۈشى سەۋەپلىك بۇ ماددا بۇزۇلغان. چاررۇسىيە ئىلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەمۇ 2- ۋە 3-قېتىملىق ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىغان. بىراق ئۇدا مەغلۇپ بولغان. مەنچىڭ خانلىقى بىلەن ئورۇسلارنىڭ بەدۆلەتكە قارشى بىرلەشكەنلىكىنى كۆرگەن ئەنگلىيەمۇ ۋەتىنىمىزدىكى تەسىرىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۆزى قوللاپ كەلگەن بەدۆلەتنى تاشلاپ، زوزۇڭتاڭنى پۇل ۋە قورال بىلەن تەمىنلىگەن. نەتىجىدە 1878-يىلى ۋەتىنىمىز قايتا ئىشغالىيەت ئاستىغا چۈشۈپ قالغان.

3. مەركىزىي ئاسىيادا يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇن

ئەپيۇن ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇپ بولغاننى ئاز دەپ، تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلابىدا لىڭشىپ قالغان مانجۇلار ئۇيغۇرلارنى باش ئەگدۈرۈپ بولالماي، ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى بولغان بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى زور بىر قىسىم تۇپراقنى خەلقى بىلەن قوشۇپ رۇسلارغا سېتىۋەتتى.(بۇ جايلارنى ئەمىر تۆمۈرمۇ تارتىۋالالمىغانىدى. ئىسان بۇقاخان بۇ جايلارنى 1455-يىلى بىر مەزگىل ئۇبۇلخەيرىخاندىن قېچىپ كەلگەن ئاكا-ئۇكىلارغا بېرىپ تۇرغان. ئۇلار بۇ جايدا 1464-يىلى قازاق خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. كېيىن بۇ جاي قالماقلار، ئاخىرىدا مانجۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن).

بېرىتانىيە بىلەن چاررۇسىيە ئارىسىدىكى يۈز يىللىق(1808-1908) بۈيۈك ئويۇندا بۈيۈك ۋەتىنىمىز ھەر ۋاقىت «توقۇنۇش پەسەيتىش ئورنى» بولۇپ كەلدى. رۇسلار 1859-يىلى ئىمام شامىلنى تۇتۇپ، كافكازنى تىزگىنلەپلا، كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە چاقماق تېزلىكىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋاپاسىز قوقان، بۇخارا ۋە خارەزم خانلىقلىرىنى بىراقلا يۇتۇۋالدى.

ئەنگلىيىمۇ 1858-يىلى « بابۇرىلار»نىڭ ئاخىرقى پادىشاھى سىراجىدىن 2-باھادىرشاھنى يىقىتىپ ھىندىستاننى تولۇق ئىشغال قىلىپلا، 3-قېتىملىق ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىدى. بۇندىن بۇرۇنقى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش مەغلۇپ بولغانىدى. ئەنگىلىيىنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى رۇسلار 1866-1869-يىللىرى «ھىندىستانغا بېسىپ كىرىش» پىلانى تۈزۈشكە باشلىدى. ھەتتا چارپادىشاھ بۇ پىلانلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قېتىملىق مۇنازىرىگە بىۋاستە قاتنىشىپ يوليۇرۇق بەردى.

4. «ئافغانىستان مەسىلىسى ئۈچۈن قۇربان قىلىنغان ئىلى مەسىلىسى»

1865-يىلى ۋەتىنىمىزدە ياقۇپبەگ تەرىپىدىن «قەشقەرىيە ئۇيغۇر خانلىقى» قۇرۇلدى. ئۇ 1870-يىلى ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلىپ، 1871-يىلى يانۋاردا داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ، ماناس تەۋەسىدە «ئىلى سۇلتانلىقى» قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچراشتى. بۇنىڭدىن نارازى بولغان رۇسلار ئالدىن قول سېلىپ، 1871-يىلى ئىيۇلدا مۇنبەت زېمىنغا ئىگە ئىلى سۇلتانلىقىنى ئىشغال قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە «ئىلى مەسىلىسىنى رۇسلارغا يەمچۈك قىلىپ، ئافغانىستاننى ئۆز تەسىرىدە تۇتۇش ئىستراتېگىيىسى» بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇلار رۇسلارغا رەسمىي تەلەپ قويۇپ، ئافغانىستاننى ئەنگلىيىنىڭ تەسىرىدىكى ئىككى دۆلەتنى ئايرىپ تۇرىدىغان بىتەرەپ ئارىلىق دۆلەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. رۇسلار رەت قىلسا ئىلىنى خۇددى قىرىمنى قولدىن چىقىرىپ قويغاندەك ئاقىۋەتكە قېلىشنى خالىماي قوبۇل قىلىدۇ.(چۈنكى ئەنگلىيە قوللىمىسا، رۇسلارنىڭ ئىشغالى قانۇنسىز بولۇپ قېلىپ، ئىلىنى ياقۇپبەگكە ياكى ئىلى خەلقىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالاتتى). ئىنگلىزلار قەستەن ئافغان چېگرىسىنى تاكى ۋەتىنىمىزنىڭ قەشقەر چېگرىسىغىچە سوزۇپ، رۇس ۋە ئېنگلىزلار ئارىسىدا ئافغانىستان ۋە قەشقەرىيە دۆلىتىنى ئارىلىق دۆلەت قىلىپ، رۇسلار بىلەن بىۋاستە تۇتۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ «چاررۇسىيە ئىلىغا قول سالماسلىق، ئەنگلىيە ئافغانىستانغا بېسىپ كىرمەسلىك» سىياسىتى شەكىللىنىدۇ.

5. بۈيۈك بېرىتانىيە ۋە چاررۇسىيە ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇننىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىش

1875-يىلى ئەھۋال ئۆزگىرىدۇ. قۇۋ ئىنگلىزلار بىر دومىلاپلا زوزۇڭتاڭنىڭ يۈرۈش قىلىپ، رۇسلارنى چەكلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. رۇسلارمۇ ئوسمانلىغا بەيئەت قىلغان سابىق دۈشمىنى ياقۇپبەگدىن خىتتايلارنى ئەۋزەل بىلىپ، ئاشلىق ياردىمى بېرىپ قوللايدۇ. زوزۇڭتاڭ 1878-يىلى ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئۇتۇققا ئېرىشىپلا، رۇسلارغا ھەيۋە قىلىشقا باشلايدۇ. رۇسلار ئۇنى باشلاپ كەلگىنىگە پۇشايمان قىلىپ، ياقۇپبەگنىڭ ئوغلى بەگقۇلى بەگ باشچىلىقىدا قەشقەردە ئۇيغۇر دۆلىتى، ماناستا بەيياڭخۇ باشچىلىقىدا تۇڭگان دۆلىتى قۇرۇپ خىتتايلارنى قوغلاپ چىقارماقچى بولىدۇ.

ھالقىلىق پەيتتە يەنە ئېنگلىزلار ھەممە تەرەپنى مادارا قىلدۇرۇپ يۈرۈپ، ئاخىرى 1881-يىلى فېۋرالدا چاررۇسىيە پايتەختى سانكىت پېتىربۇرگدا سېسىق نامى پۇر كەتكەن «تۈركىستاننى بۆلۈشۈش كېلىشىمى» تۈزۈلىدۇ. كېلىشىم بويىچە مانجۇلار رۇسلارغا ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدىكى ئۇيغۇر زېمىنىنى بېرىۋېتىش ۋە بارلىق ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئۇيغۇرىستاننى 100 يىللارچە قانلىق تىزگىنلەپ تۇرغان ھەربىي مەھكىمىسى جايلاشقان ئىلى ۋىلايىتىنى قايتا ئىگىلىۋالىدۇ. 1907-يىلى يۇقىرىقى ئىككى جاھانگىر كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، 1908-يىلى چاررۇسىيە بىلەن بۈيۈك بېرىتانىيە ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇن ئاخىرلىشىپ، كېيىنكى ئون يىلدا بىرى غۇلاپ چۈشۈپ، يەنە بىرى بىراقلا ئاجىزلىشىدۇ. ئاقىۋەت 1921-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان يۈز يىللىق ئورۇس-خىتاي ئىتتىپاقى دەۋرى باشلىنىدۇ.

6. ئورۇس-خىتاي ئىتتىپاقىنىڭ يۈز يىللىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەنە بىر ئەسىرلىك قۇربانلىق قىلىنىشى

1911-يىلى خىتاينى 266 يىل ئىدارە قىلىش جەريانىدا خىتايلىشىپ كەتكەن مانجۇلارنىڭ دۆلىتى مەنچىڭ خانلىقى مۇنقەرز بولۇپ يوقىلىدۇ.
1917-يىلى ئۇنىڭ سادىق دوستى چاررۇسىيىمۇ غۇلاپ يوق بولىدۇ. ھەر ئىككى جاھانگىر ئىمپىرىيە خارابىسىدا ئىككى يېڭى مىللەت شەكىللىنىپ، ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇۋالىدۇ. يېڭى خىتاي مىللىتى 1912-يىلى شەكىللىنىشكە باشلاپ، 1928-يىلى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. يېڭى تۈرك مىللىتىمۇ 1923-يىلى شەكىلىنىپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. گەرچە ئۇيغۇر مىللىتى 1921-يىلىلا شەكىللىنىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزلىرى تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. ئاقىۋەت ھەممە مىللەتلەر ئۆزىنىڭ مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇۋاتقان مىنۇتلاردا پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىلا دىنداشلىرى ۋە قانداشلىرىنىڭ غېمىنى تەڭ يەپ، دۇنيانى سوراۋاتقان چوڭ كۈچلەرنىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلىنىدۇ. يېڭى ئورۇسلار بىلەن يېڭى خىتايلارنىڭ دۆلەت ئاتىلىرى بولغان لېنىن بىلەن سۇنجۇڭشەن 1923-يىلى ئۆز ئارا ھەمكارلىق تۈزۈپ، ياپونىيىدىن مۇداپىيەلىنىدۇ.

ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا 1926-يىلى 22-ئاپرىل تۈركىيە، ئىران ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا ئورتاق بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالانغان. مۇستاپا كامال پاشا، رىزاخان پەھلىۋى ۋە ئامانۇللاخان تەستىق سالغان. ئۈچ دۆلەت مۇشۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئورۇسلار ۋە ئېنگىلىزلارنىڭ ئۇلارنى مۇستەملىكە قىلىۋېلىشىدىن ساقلاندى. بىراق بۇ چاغدا ئۇيغۇر خەلقىنى يەتتە تۇڭگاننىڭ قولى ۋە ئون مىڭدەك نىمجان، ئەپيۇنكەش ئەسكەرلىرى بىلەن كونترول قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىن 1911-يىلدىن 1931-يىلغىچە بولغان ئەڭ مۇھىم تارىخىي پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلدى. نەتىجىدە ئازراق بىخۇتلۇق قىلغاننىڭ بەدىلى يۈز يىلدىن كېيىن خەلقىمىزنى قان يىغلىتىش بىلەن خۇلاسىلەندى.

7. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيىسى

1917-يىلى 7-نويابىر بولشېۋىكلار پېتوگرادنى ئىشغال قىلىپ، چاررۇسىيەدىكى ۋاقىتلىق ھاكىمىيەت جايلاشقان قىشلىق ساراينى ئىگىلىدى. بىراق شۇ يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ھەر قايسى مۇستەملىكە ئەللەر مۇستەقىللىق ياكى يۈكسەك ئاپتونومىيە جاكارلاپ سوۋېت مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ۋىلادىمىر لېنىن چاررۇسىيە تەۋەسىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئوسمان ئىمپىرىيىسى خارابىسىدا يېڭىدىن كۈچىيىۋاتقان مۇستاپا كامال پاشانى قوللاشنى قارار قىلدى. ئۇندىن باشقا كامال پاشانى قوللاش ئارقىلىق غەرپ ئەللىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قارا دېڭىز ۋە كاۋكازىيە ئارقىلىق ئىسكەنجىگە ئېلىش پىلانىنى بىتچىت قىلماقچى بولغان. چۈنكى شۇ چاغلاردا غەرپتىكى كاپىتالستىك دۆلەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھەر جەھەتتىن يېتىم قالدۇرغاندىن سىرت، ئۇنىڭ ھەر قايسى چېگرالىرىدا قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىۋاتاتتى. بۇ ئەھۋالدا ئۆزىگە چۈشكەن ھەربىي بېسىم ۋە سىياسىي سۇيقەستلەرنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن مۇستاپا كامال پاشانى قوللاشقا مەجبۇر بولغانىدى. مۇشۇ ئېھتىياج تۈپەيلى، لېنىن 1921-يىلى 16-مارت موسكۋادا سوۋېت-تۈركىيە دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا چاررۇسىيە ئىشغال قىلىۋالغان قارس، ئەرداھان ۋە ئەرزۇرۇمنى مۇستاپا كامال پاشاغا قايتۇرۇپ بەردى. شۇ قاتاردا غەربىي ئەرمەنىيە ئېگىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارارات تېغىمۇ تۈركىيەگە تەۋە بولدى. مۇستاپا كامال پاشامۇ بۇنىڭ بەدىلىگە ھازىرقى گرۇزىيەگە قاراشلىق مۇھىم دېڭىز پورتى باتۇمنى لېنىنغا ئۆتۈنۈپ بەردى. شۇنداق قىلىپ مەزكۇر كېلىشىم ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشى تېز غەلىبە قىلىشقا باشلىدى. لېنىن كامال پاشاغا ئون مىليون رۇبلى ئالتۇن ۋە چاررۇسىيە دەۋرىدىن قېپقالغان نەچچە مىليون دانە توپ ئوقلىرى ۋە زەمبىرەكلەرنى قەرز ھېسابىدا تەمىنلەپ بەردى.

ئورۇسلارنىڭ تۈركلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ئۇيغۇرلار مەھرۇم بولدى. چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقى يېڭى قۇرۇلغاندا ئەمەلىي كۈچى بەكلا چەكلىك بولۇپ، بىپايان سىبىرىيە ۋە يىراق شەرق رايونىدا چارپادىشاھنىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرى توختىماي توپىلاڭ چىقىرىۋاتاتتى. ئون يىل ئىلگىرى خىتاينى كورىيەدىن قوغلاپ چىقىرىپ، مەنچىڭ خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئاساس سالغان ياپونىيە چاررۇسىيە ۋە مەنچىڭ ئىمپىرىيىسىنىڭ يوقالغانلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يىراق شەرق، ساخالىن ۋە مانجۇرىيەگە قاراپ كېڭىيىشنى پىلانلاۋاتاتتى. ياپونىيە ئارمىيىسى ھەتتا 1919-يىلى يىراق شەرقتىكى مۇھىم شەھەر ۋىلادىۋوستوكقا ئەسكەر كىرگۈزۈپ، ھەربىي مانىۋېر باھانىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېغىر تەھدىت سالغانىدى. دېمەك لېنىن شەرقتە ياپونلارنىڭ كۈچلۈك تەھدىتى ۋە خەتىرى ئاستىدا قالغانىدى. بۇ ئەھۋالدا لېنىن ياپونغا قارشى كۈچ سۈپىتىدە پەقەت مەنچىڭ مۇستەملىكىسىدە 266 يىل قۇل قىلىنغان يېڭى خىتايلار قۇرغان ھاكىمىيەت بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنىلا تاللىيالايتتى. دەل مۇشۇ ياپونغا قارشى ئېھتىياج تۈپەيلىدىن، لېنىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىقنى قارار قىلغان. ئاقىۋەت ئۇيغۇرلار ئورۇسلارنىڭ شەرقتە ياپونغا قارشى سىياسىي ئېھتىياجى سەۋەبىدىن خىتاي-ئورۇس دوستلۇقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى بەدىلىگە تاشقى موڭغۇل مۇستەقىل بولغان.

تۈركلەر بولسا، ئورۇسلارنىڭ غەرپتە ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيەگە قارشى تۇرۇش ئېھتىياجى تۈپەيلى سوۋېت تەرىپىدىن تولۇق ھەربىي ياردەمگە ئېرىشىپ، دۆلىتىنى قۇرۇۋالغان. گەرچە ئۇيغۇر نامى 1921-يىلى 3-ئىيۇن تاشكەنت قۇرۇلتىيىدا ھازىرقى تارىم ۋە جۇڭغارىيەدە ياشايدىغان خەلقنىڭ سىياسىي نامى بولۇپ ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلالماي قالغان. تۈرك نامى ئۇيغۇر نامىدىن ئىككى يىل كېيىن، يەنى 1923-يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئىزمىردىن ناخچىۋانغىچە، قارستىن ئانتالىياغىچە بولغان ئاناتولىيە ئاھالىسىنى كۆرسىتىدىغان سىياسىي مىللەت نامىغا ئايلىنىپ، مەنا ۋە ئۇقۇم دائىرىسى زور دەرىجىدە كىچىكلەپكەتكەن. شۇ يىلى 29-ئۆكتەبىر تۈركىيە نامىدا بىر دۆلەت قۇرۇلۇپ، بۇرۇنقى ئوسمانىلار دېگەن مىللەت نامى بىكار قىلىنغان. مۇستاپا كامال پاشا دۆلەت قۇرۇپ بولۇپلا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، بارلىق كوممۇنست كۈچلىرىنى تازىلىغان. ئاندىن غەرپكە مايىل يول تۇتقان. ۋىلادىمىر لېنىن بەرداشلىق بېرەلمەي، 1924-يىلى 21-يانۋار ئۆلگەن. سىتالىن مۇستاپا كامال پاشانىڭ بۇ ئىشىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، 1943-يىلى تېھران يىغىنىدا تۈركىيە، ئىران ۋە ئافغانىستاننى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن بۆلۈشۈۋېلىش تەكلىپى بەرگەن. بۇ پىلانغا چېرچىل قارشى چىقىپ توختىتىپ قويغان. بىراق سىتالىن يەنىلا تۈركىيەدىن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆچ ئالغان. ئۇ ئىسمەت ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرلاپ، ئىستانبۇل بوغۇزىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەركىن چىقىپ يۈرىدىغان سۇ يولىغا ئايلاندۇرغان. 1944-يىلى 14-ئاۋغۇست بورالتان كۆۋرۈكى ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلغان.

خىتايلارنىڭ دۆلەت ئاتىسى سۈن ۋېنمۇ غەرپ ئەللىرىدىن ياردەم كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتا، ئويلىمىغان يەردىن ياردەم سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن. ئەمما خىتاي دۆلىتى قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇمۇ سوۋېتلەردىن يۈز ئۆرۈپ، غەرپكە ياخشىچاق بولغان يول بولغان. كېيىنچە ئۇنىڭ ۋارىسى جاڭ كەيشى ھەتتا سىتالىنغا شىلتىڭ ئېتىپمۇ ئۈلگۈرگەن. ئۇ شېڭ شىسەي ئارقىلىق، سىتالىن تاز يامان كۈندە قالغان ۋاقىتتا، يەنى 1943-يىلى سېنتەبىردە سىتالىنغا قاراشلىق ۋەتىنىمىزنى تۇنجى قېتىم خىتاي زېمىنى قىلىۋالغان. سىتالىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى مەيدانغا چىقارغان. بىراق ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى يەنىلا سوۋېتنىڭ چوڭ باش ئاغرىقىغا ئايلىنىدۇ دەپ قاراپ، ئۆزى يۆلەپ چىققان قىزىل باندىت خىتايغا ھەدىيە قىلىۋەتكەن.

قوشۇمچە مەزمۇن:

خىتاي ئامىلى سەۋەپلىك موڭغۇللارغا نېسىپ بولغان ئامەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەت

1921-يىلى 24-يانۋار ۋىلادىمىر لېنىن موڭغۇلىيەنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قوللاشنى قارار قىلغان. نەتىجىدە 192 -يىلى 24-ئىيۇل موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

1921-يىلى 4-ئىيۇن ۋىلادىمىر لېنىن موسكۋادا ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىقىنى قوغدىماسلىقنى قارار قىلغان. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار شۇ يىلدىن باشلاپ تاكى 1949-يىلغىچە ئۇدا بەش قېتىم ياتلارنىڭ ئىنساپىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

سۈرەتتە: موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى 1971-يىلى 21-يانۋار تارقاتقان موڭغۇلىيە-رۇسىيە ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان پوچتا ماركىسى.

2021-يىلى 14-يانۋار، پەيشەنبە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top