You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » تاشقورغان پارتىزانلىرىنىڭ ئۇلتىماتۇمى

تاشقورغان پارتىزانلىرىنىڭ ئۇلتىماتۇمى

ئاقسۇ باي ناھىيە پارتىزان قىسىملىرىنىڭ ئاتلىق مەشىقىدىن بىر كۆرۈنۈش
(تولىمۇ ئەپسۇسكى تاشقورغان پارتىزانلىرى ھەققىدە سۈرەتلىك ماتېرىيال تېپىلمىدى…)

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما تەيۋەندىكى دۆلەتلىك تارىخ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان گومىنداڭ ئارخىپلىرىدىكى 1944-يىلى قوزغالغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابى مەزگىلىدە تاشقورغاندا يۈز بەرگەن تاغ ئىنقىلابى ھەققىدىكى بىر پارچە مەخپىي تېلىگراممىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى.

مەزكۇر تېلىگرامما 1945-يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى يوللانغان بولۇپ، بۇ چاغدا گەرچە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئۈچ فرونت بويىچە ھەربىي ھۇجۇملارنى توختاتقان ۋە ئۈرۈمچىدە تېنچلىق سۆھبىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بولسىمۇ، تاشقورغان ئەتراپىدىكى مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى قەشقەرنىڭ پوسكام، قاغىلىق، يەكەن ۋە يېڭىسار قاتارلىق جايلىرىدىكى گومىنداڭ قىسىملىرى بىلەن تىركىشىۋاتقان ياكى خىرىس قىلىۋاتقان ئىدى.

مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تاشقورغان پارتىزانلىرىنىڭ، ياكى تېخىمۇ رەسمىي بولغان ئىسمى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى جەنۇب قىسىملىرى» نىڭ خىتاينىڭ يەكەن ۋە يېڭىسارنى بېسىپ ياتقان قىسىملىرىنى تېنچ يول بىلەن تەسلىم قىلىش ۋە روھىي جەھەتتىن بېسىم قىلىش مەقسىتىدە مەزكۇر خەت يېزىلىپ ئەۋەتىلگەن. خەت يازغۇچىلاردىن كارۋانشاھ ۋە قۇربانبەگ قاتارلىق ھەربىي قىسىم مەسئۇللىرى ئۆزلىرىنى پاتىزانلار ئەمەس بەلكى ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى دەپ ئاتىغانلىقى ۋە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئېيتقانلىقى، شۇنداقلا مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ۋە مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئۇچۇرلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 


جياڭ ۋېييۈەنجاڭغا يوللانغان 27361-نومۇرلۇق ئالاھىدە جىددىي تېلىگرامما

يوللىغۇچىلار: جۇ شاۋلياڭ (朱绍良)، گو جىچياۋ (郭寄峤)

يوللانغان ۋاقىت: مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) 21-سېنتەبىر كېچە سائەت 12 دە

يوللانغان ئورۇن: دىخۇا (ئۈرۈمچى)

قەشقەردە تۇرۇشلۇق دېۋىزىيە كوماندېرى جاڭ شېنخاۋ (张申皓) نىڭ 0743 – نومۇرلۇق مەخپىي تېلىگراممىسىدا ئېيتىشىچە، دۈشمەن تەرەپتىن تۆۋەندىكى بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋېلىنغان:

«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جەنۇب ھەرىكىتى ئىسلام ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى بېسىۋالغان خىتاي ھۆكۈمەت ئارمىيەسى (汉人政府军) گە شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى، بىز ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسى 200 يىلغا يېقىن ۋاقتتىن بۇيان سىلەرنىڭ تۆمۈر كىشەنلىرىڭلار ئاستىدا زۇلۇمنى يەتكۈچە تارتىپ ئىزتىراپ چەكتۇق. سىلەر يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قارشىلىق كۆرسەتكەنگە ۋە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ياپونىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىپ قولدىن كەتكەن زىمىنىڭلارنى قايتۇرۇۋېلىپ، خىتاي دۆلىتى ۋە مىللىتىنى قوغدىغىنىڭلاردەك، بىزمۇ ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە غەيرەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىمىزنى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى قوغدايمىز. بىز مىللىي غورۇرىمىزنى ساقلاش ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مال-جانىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسلام دىنىمىزغا ئۇيغۇن ھالدا ھۇجۇم قوزغىدۇق. مەقسىتىمىز دىنىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى قۇربان قىلىش، خىتايلارنى ۋەتىنىمىز تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالغىچە كۈرەش قىلىش.

ئىسلام ھاكىمىيىتى ئاللىبۇرۇن ئىلىدا قۇرۇلدى. بۇ يىل (1945-يىلى) يانۋاردىن باشلاپ ئىلى، جىڭ، تارباغاتاي، ئاقسۇ، كۇچا، باي قاتارلىق شەھەرلەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىشغال قىلىندى. ئالتاي ئەتراپىدا ئۇرۇش بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئىسلام ئارمىيەمىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن  بەش كۈن ئىچىدە تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ بارلىق زىمىنلىرىنى تازىلاپ بولدۇق. بىز ھازىر ئىسلام بايرىقىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يەكەن ۋە يېڭىسار ئىككى ناھىيەگە قاراپ ھۇجۇم قىلماقتىمىز ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقت ئىچىدە سىلەرنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىپ جەھەننەمگە يوللايمىز. سىلەر تېزدىن ئۆزلۈكىڭلاردىن ۋەزىيەتنى تونۇپ يېتىپ، بىھۇدا قان تۆكۈلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇرۇشنى توختىتىشىڭلار ۋە تېزدىن يەكەن-خوتەن يولى ئارقىلىق قۇمۇل ۋىلايەتىگە، ئاندىن خىتاي-تۇڭگانلارنىڭ ئەسلى دۆلىتىگە كېتىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، سىلەرنى قىرىپ يوقىتىمىز. تېزدىن قارار بېرىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشۈڭلارنى سورايمىز ۋە بىزگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن پەقەت 24 سائەت ۋاقتىڭلار بارلىقىنى ئۇقتۇرماقچىمىز.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ئەزاسى كارۋانجان (卡尔完江 توغرىسى: كارۋانشاھ)، جەنۇب ھەرىكىتى قوماندانى قۇربانبەگ (胡尔班伯克) 

مەزكۇر خەتنىڭ ئۈستىگە يەنە قىزىل رەڭلىك ئاي-يۇلتۇز بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن. باندىتلار باشلىقلىرىنىڭ جاڭ دېۋىزىيە كوماندېرىنى ئۇرۇش قىلماي تەسلىم بولۇشقا قىستىشىغا قارىتا بىز چوقۇم قەتئىي ئىرادە بىلەن زەربە بېرىشىمىز كېرەك. يۇقارىقى خەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇلۇپ جۇ شاۋلياڭ ۋە گو جىچياۋ جانابلىرىنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇنۇلدى.

مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى

مۇناسىۋەتلىك مەنبە: تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى، مۇخبىر ۋە يازغۇچى مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئىشلىگەن «قاراقۇرۇم بۈركۈتى» ناملىق رادىئو پروگراممىسىنىڭ تاشقورغان ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرى:

قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (10)

قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (11)

قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (12)

قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (13)


گومىنداڭ ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتقان 1945-يىلى فېۋرالدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرى ۋە خىتاي گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرما خەرىتەسى. مەزكۇر خەرىتەدە تاشقورغان ناھىيەسى تاشقورغان پارتىزانلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، قوراللىق كۈچى 1500 دەپ يېزىلغان. 

مەزكۇر خەرىتىدە قىزىل چەمبەرگە ئېلىنغان ناھىيە تاشقورغان ناھىيەسى (خىتايچە: 蒲犁县)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top