ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمى ۋە ئەھمىيىتى
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم «نورۇز بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس «ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمى ۋە ئەھمىيىتى» تېمىسىغا ئايرىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىبى دوتسېنت ئەركىن ئەمەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى ۋە ياش – ئۆسمۈرلىرىمىزدىن سۇتۇق بۇغرا قاراخان نورۇزغا ئاتاپ ئۇيغۇرچە شېئىر ئوقۇپ بەردى.
سۆھبەتنىڭ سىن ھۆججىتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: https://www.youtube.com/watch?v=9GSPyyr83ZY
ۋاقتى: 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يەكشەنبە سائەت 16:00 (ئىستانبۇل ۋاقتى)
مەسئۇل ئورگان: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى