خوتەندە نورۇز
«يول» ناملىق روماندىن ئارىيە:
خوتەندە نورۇز
ئەردەم, مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئەرەن بىلەن بىرگە ئەسكىرى قارارگاھنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈردى، ئاندىن ئۆزى يالغۇز ئۇ يەردىن ئايرىلدى. ئەرەننىڭمۇ ئەردەم بىلەن بىرگە نورۇز سەيلىسى قىلغاچ، بازارلارنى ئايلانغۇسى بار ئىدى. بولۇپمۇ مۇنداق گۈزەل ھاۋادا، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىغىنغان شۇ تاغ يوللىرىدا ئات چاپتۇرۇپ سەيلە قىلغۇسى، تاغلارغا ياماشقۇسى، ئۆز ۋاقتىدا ماكان قىلغان ئۆڭكۈرلەرنى، غارلارنى كۆرگۈسى كەلگەن ئىدى. ھەتتا كۆپكۆك سامادا لاچىندەك سوزولوپ ئۇچۇپ، پۈتۈن ئانا يۇرتنى كۆزەتكۈسى كەلگەن ئىدى. شۇنچە ئۇزۇن تولغىنىپ ئاققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان تارىم دەرياسىغا قوشۇلۇپ كېتىدىغان خوتەن دەرياسىنىڭ باش ئېقىنلىرىغا بارغۇسى كەلگەن ئىدى. ئەمما، نە چارە، ئەسكەر دېگەن ھەربىي تۈزۈمگە بويسۇنۇپ، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلمىسا بولمايدۇ، دە. چۈنكى، ئەرەن ئامانلىقىنى ساقلاش ئەترىتىدىكى سەپداشلىرى بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى نورۇز پائالىيىتىدە شەھەرنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشقا مەسئۇل ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئەردەم ئۆزى يالغۇز شەھەرنىڭ ھەممە كوچىلىرىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقتى. كۈنمۇ نەيزە بويى ئۆرلەپ، ئۆزىنىڭ ئىسسىق ھارارىتىنىڭ كۈچىنى خېلى ئوبدانلا كۆرسىتىۋاتتى. ئىلچىنىڭ بازىرى ئىنتايىن قىززىپ كەتكەن ئىدى. ھەممە يەردە كۆكلەم تەنتەنىسىنىڭ سادالىرى ياڭرايتتى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىلچىنىڭ تەبىئىي ھاۋاسىدىن باشقا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاۋاسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولغان ئىدى. بارلىق خەلق نورۇز بىلەن تەڭ ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، ئۆزلۈكنىڭ ھاۋاسىدا شاد – خوراملىققا چۆمۈلگەن، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۇلارنىڭ يۈزىنى كۈلدۈرگەن ئىدى. گەرچە خەلق بىر ئايدىن بېرى ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ ئىچىدە ھاياتىنى دەككە – دۈككە ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما، نورۇز تەييارلىقلىرىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويمىغان ئىدى. ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۇشسىمۇ، ئادەت ئۆزگەرمەيدۇ، دە. مانا ھازىر پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق ئاۋام – رەئىيەتنىڭ قەھرىدە بايرام كۈلكىسى جىلۋە قىلغان ئىدى. مەرد، ئاق كۆڭۈل، سەنئەتخۇمار خوتەن خەلقى يىلنىڭ بېشى، ئىشنىڭ بېشى ھېسابلىنىدىغان نورۇز بايرىمىنى ئەسىرلەردىن بېرى ئاجايىپ كاتتا ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن ئىدى. مانا بۈگۈنمۇ ئەنە شۇ ئەجدادلىرىمىز ئۈزۈلدۈرمەي ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان نورۇز بايرىمىنى قۇتلىماقتا ئىدى.
رەڭگارەڭ ئەتلەستىن كۆڭلەك كىيگەن، چاچلىرىنى قارىق ئۆرۈگەن، قاشلىرىغا ئەگىتىپ ئوسما قويغان ھۆرنىمۇ ھەم تەبىئەتنىمۇ خىجىل قىلىدىغان چىرايلىق ئۆسمۈر قىزلار ۋە ئۆز گۈزەللىكىنى تەمەننا قىلىپ سۈرمىلىك كىرپىك ئوقلىرىنى كىبىرلىك بىلەن ئېتىپ، ئاناردەك قىزارغان مەڭزىلىرىنى جۇلالىتىپ، باھارنىڭ قۇياشىدا ۋال – ۋۇل پارقىراپ تۇرغان يېلىملەنگەن ئۆرمە چاچلىرىنى پۇلاڭلىتىپ كېتىۋاتقان بويىغا يەتكەن قىزلار، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى كەڭ كەتكەن سەيناغا راسلانغان نورۇز بەزمىسىگە قاراپ ئالدىراش كېتىۋاتاتتى. بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۆكرەك، يەڭ، ئېتەكلىرىگە چەش رەڭلىك ئۈنچىلىك جىيەكلەر تۇتۇلغان، قارا دۇخاۋىدىن تىكىلگەن پەرىجەلەرنى كىيىپ، بېشىغا ئۇزۇن ئاق لېچەك سالغان، ئۈستىگە قارا تەلپەك كىيىپ چىرايلىق جابدۇنغان، مەنىۋى گۈزەللىكلىرىنى ھاجەتسىز كەمتەرلىك بىلەن يوشۇرۇپ ماڭغان جەزبىدار جۇۋانلار سىپايىلىق بىلەن يول ئالغانىدى. ئۇلارنىڭ چىرايلىرى بۇژغۇنلاپ تۇرغان تاغ سۇلىرىدەك ئوچۇق – يورۇق ئىدى.
يولنىڭ يەنە بىر چېتىدە بىر توپ يىگىتلەر ئوخشاش يۆنىلىشكە قاراپ ئالدىراش كېتىۋاتاتتى. يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ساقال – بۇرۇتلىرىنى چىرايلىق ياسىتىپ، باشلىرىغا چىمەن دوپپا، بادام دوپپا ۋە ئۈستىگە ھەرخىل رەڭلىك رەختلەردىن تىكىلگەن تونلارنى كىيىپ، بەللىرىنى رەڭلىك بەلۋاغلار بىلەن قاملاشتۇرۇپ باغلاپ، كىيىۋالغان ئۆتۈكلىرىنى مايلاپ پارقىرىتىۋىتىشكەن ئىدى. مانا بۇ ۋۇجۇدىدا شاتلىق ھاياجىنى دولقۇنلىغان نورۇز ئەھلىنىڭ بۇ ھاللىرى تەبىئەتتىكى بارلىق ھادىسلەر بىلەن پۈتۈن بىر گەۋدە ئىدى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدىكى ئۆزگىرىشچان خۇسۇسىيەتلەر خۇددى، مۇشۇ ياسانغان تەبىئەتتىكى گۈلىستانلىقلار، ئېچىلىشقا ئالدىراۋاتقان خىلمۇ – خىل گۈللەر ۋە ئۇلارغا قونغان رەڭگارەڭ كىپىنەكلەر، ھەسەل ھەرىلەر، قۇشلار، ياپ – يېشىل يايلاق، ئوتلاۋاتقان مارال – كىيىكلەر، كۆكتىكى پارقىراق قۇياش، كېچىدە دېرىزىدىن ماراپ قاراۋاتقان تولۇن ئاي، يۇلتۇز بىلەن بىزەلگەن كۆك يۈزى ۋە ھاۋا تۇتۇلغاندا چىقىلغان دەھشەتلىك چاقماق، تاغنىڭ ئېتەكلىرىدىن ئەسكەن سالقىن شامال، دەريا قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلغان دولقۇن ۋە قارا قىشتىكى جۇدۇن قاتارلىق بارلىق تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ھاللىرىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىنىڭ شۇ تەبىئەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ھەر زامان نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.
ھازىر ئەردەممۇ خالايىقنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، نورۇز بەزمىسى بار تەرەپكە قاراپ ماڭغان ئىدى. ئۇ توساتتىن يول ياقىسىدا كىشىلەر توپ بولۇپ يىغىلىۋالغان يەرگە كېلىپ ئىختىيارسىز توختاپ قالدى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا داپ بىلەن راۋاپنىڭ ئاۋازىغا قوشۇلغان يىقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ئادەملەر توپى ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىپ، بۇ بەزمىدىن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك نېسىۋىسىنى ئېلىش ئۈچۈن راسلاندى. ئۈستىگە ياماق بىلەن توشۇپ كەتكەن جەندە كىيگەن، بېشىغا ئۇچلۇق كۇلا كىيگەن بىر دەرۋىش زەخمەكنى راۋابنىڭ تارىسىغا شۇنچىلىك تېز ئۇرۇپ، سەھەر قۇشلىرىنىڭ شوخ ناۋاسىدەك سايرىتىۋەتكەن ئىدى. يېنىدىكى داپچىمۇ تىرناقلىرىنىڭ ئىچىگە كىر توشۇپ كەتكەن بارماقلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن داپنىڭ قارىداپ كەتكەن يۈزىگە ئۇرۇپ، رېتىملىق ئاۋازى بىلەن تەڭكەش قىلاتتى. ئۇنىڭ بېشىغا باستۇرۇپ كىيىۋالغان مايلىشىپ كەتكەن كۇلاسىنىڭ ئىككى چېتىگە پاقپىيىپ چىقىپ قالغان قارا چاچلىرى داپنىڭ يۈزىدىن كۆتۈرۈلگەن سادادا يەڭگىل يەلپۈنۈپ تۇراتتى. راۋاپچىنىڭ قېلىن لەۋلىرىدىن خوتەننىڭ قەدىمى داستانلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان «سەنەۋەر» ناملىق داستاندىن نەزمىلەر ئۇزۇلمەي تۆكىلەتتى. ئاۋازى بىلەن تەڭ شالاڭ ساقىلى ۋە بۇرۇتى توختىماي تىترەيتتى. ئۇنىڭ قارا كۆزلىرى ئۆزى ئېيتىۋاتقان شوخ نەزمىلەرنىڭ خوشنۇتلىقىدا، ھاياجانغا تولغان ئىدى. ئۇ ئېيتقانسېرى پۈتۈن بەدىنى جۇشقۇنلىشىپ، ئاۋازىمۇ بارغانسېرى سۈزۈلۈپ ئەتراپىدىكى تاماشىبىنلارغا ئالامەت روھ ئاتا قىلغان ئىدى. ئۇ ئەمدى ئاۋازىنى بولىشىغا قويۋېتىپ ئېيتتىشقا باشلىدى:
* * *
شەمسۇ قەمەر يۈزلۈكۈم زۇلفى ئەنبەرىم،
كۆزلەرى مەستانىم قايدىن بولۇرسەن؟
لاچىندەك ئۇچۇشلۇق پەرىم،
تازا نەۋجەۋانىم قايدىن بولۇرسەن؟
* * *
‐ مېنى سورىساڭ پەرىزادنىڭ شاھىمەن،
ئەسلى شەھىرى شەبىستاندىن بولۇرمەن.
فەھىم ئەيلەسەڭ ھۆسن ئەھلىن ماھىمەن،
خەزانى يوق گۈلىستاندىن بولۇرمەن.
* * *
نورۇز بەزمىسى سېھىرگەرلەرنىڭ ئويۇنلىرى، ۋائىز – مەدداھلارنىڭ جەڭنامە ھېكايىلىرى، بالىلارنىڭ توۋلىغان نورۇز قوشاقلىرى بىلەن قىزىپ كەتكەن ئىدى.
* * *
پەسلى جاھان ئوت كەتتى،
جۇتلۇق ئۆتۈپ قۇت كەلدى.
نورۇز كەلدى نۇر بولدى،
ھەممە جانلىق ھۆر بولدى.
* * *
ئەردەم ئۇياق – بۇياقنى تاماشا قىلىپ ئاخىر شەھەر ئاھالىسى لىق تولغان كەڭ كەتكەن سەيناغا كېلىپ قالدى. مەيداننىڭ كېرىش ئېغىزىدا ئۇرۇق، ئېگىز بويلۇق بىر مەدداھ ئۇياق – بۇياققا ئاستا قەدەم ئېلىپ، نورۇز توغرىسىدا بىر جەڭنامىنى سۆزلەۋاتاتتى:
«ئى، خالايىق! ئاڭلىمىدىم دېمە، مېنىڭ سۆزلەيدىغىنىم تۈن بىلەن كۈن تەڭ بولغان، ئاينىڭ يۈزى تولۇشقا باشلىغاندا، قۇياشنىڭ نۇرى ئالتۇندەك چاقنىغان، يەر – جاھاننىڭ سىرلىرى ئىچىلغان، جىمىكى جانلىقلار قايتىدىن تىرىلگەن مانا بۈگۈنكى نورۇز كۈنىدە، يۈز بەرگەن ئىككى ئىلاھنىڭ جەڭنامىسىدۇر. دۇنيادا بۇنىڭدەك قىززىق قىسسە بولمىسا كېرەك» دەپ، بولىشىغا ۋارقىراپ، قولىدا مۇسانىڭ ھاسىسىدەك تۇتىۋالغان تايىقىنى پۇلاڭلىتىپ ئالدى – كەينىگە مېڭىپ سۆزىنى داۋام قىلاتتى مەدداھ:
«بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئىككى ئىلاھ بار ئىكەن، بىرى، ياز ئىلاھى، يەنە بىرى، قىش ئىلاھى ئىكەن. ياز ئىلاھى باھارغا، يازغا، يامغۇرغا چوقۇنىدىكەن. قىش ئىلاھى بولسا قىشقا، زىمىستان سوغۇققا، قارغا چوقۇنىدىكەن. قىش ئىلاھىنىڭ يەتمىش پۇشتى ناھايىتىمۇ كۆپ بولۇپ، جاھاننىڭ ھەممە يېرىگە يېيىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. بارغانلا يېرىگە زىمىستان قىشنى كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ، جىمىكى يەرنى قار – مۇز بىلەن قاپلىۋېتىدىكەن. قىش ئىلاھىنىڭ خۇي -پەيلى ناھايىتمۇ يامان بولۇپ، پۈتۈن جاھاننى ئۆزىنىڭ قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن. ياز ئىلاھى بولسا ناياتىمۇ مۇلايىم، مېھمان دوست، مەرت ئىكەن. ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىدىن ئايرىلماي، باشقىلارنىڭ يەرلىرىگە كۆز تىكمەي تنچ، ئىللىق بىر مۇھىتتا ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ياز ئىلاھى ھەر يىلى مانا مۇشۇنداق باھار كۈنلىرىدە نەغمە – ناۋا بىلەن، كۈلكە – چاقچاق بىلەن تېرىقچىلىق پەسىلىنى كۈتىۋالىدىكەن. ياز ئىلاھىنىڭ پەقەت بىرلا قىزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى نورۇز قىز ئىكەن. نورۇز قىزنىڭ چىرايى باھاردەك ئىللىق، ئايدەك پارقىراق، قاشتېشىدەك سۈزۈك ئىكەن. پۈتۈن بەدىنى ئىپاردەك پۇرايدىكەن. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى بۇ مېزىلىك پۇراق كۆڭلىدىن كەلگەن پۇراق ئىكەن. ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بۇ پۇراق بولسا ئىلاھىي ئادالەتنىڭ تەجەللىسى ئىكەن. شۇڭا نورۇز قىز نەگە ئاياق باسسا شۇ يەردىن مېۋە كۆچەتلىرى چېچەكلەپ، گۈللەر غۇنچىلاپ، ئەتراپ باغۇ – بوستانلىققا ئايلىنىدىكەن. بۇ گۈلىستانلىقلارنىڭ ئىپار پۇراقلىرى ئەتراپقا يېيىلىپ، ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى ھەرۋاقىت نەۋ باھار ئىچىدە ھاياتلىرىنى بەختىيار ئۆتكۈزىدىكەن.
كۈنلەر، ئايلار، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نورۇز قىزنىڭ بۇ كارامىتىدىن، ھۆسنى – جامالىنىڭ گۈزەللىكىدىن قىش ئىلاھى خەۋەردار بوپتۇ. ئىچى يامان قارا نىيەت قىش ئىلاھىي نورۇز قىزنى بۇلاپ ئەپقىچىپ، بۇ زېمىندىن باھارنى قوغلاپ، قىشنى ئەكىلىپ، ئۆزىگە بويسۇندۇرماقچى بوپتۇ. قىش ئىلاھىي ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئۇرۇش تەييارلىقى قىلغاندىن كېيىن شۇنچىلىك كۆپ لەشكەر تارتىپ، ياز ئىلاھىنىڭ زېمىنىغا باستۇرۇپ كەپتۇ. لەشكەر ۋە ئۇلارنىڭ قولىدىكى تۇغ – ئەلەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن كۆك بىلەن يەرنىڭ يۈزى كۆرۈنمەيلا قاپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن شاۋقۇن – سۈرەنلىرىدىن قورققان جىمى جانلىقلار ئۆزلىرىنى دالدىغا ئاپتۇ. ئۇلار نەگىلا ئاياق باسسا شۇ يەردىكى گۈل – گىياھلار توڭلاپ، پۈتۈن تەبىئەتتىكى مەۋجۇداتلار ئۇلارنىڭ ئاياقلىرى ئاستىدا خانى – ۋەيران بوپتۇ. لېكىن باھار ئىلاھى بوش كەلمەي، ئۇلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىپتۇ.
ئەنە شۇ نورۇز قىز بىلەن ئون بىر باھادىرنىڭ قەھرىمانلىق روھى ھەر يىلى باھاردا قايتىدىن تىرىلىدىكەن. پۈتۈن تەبىئەت بىلەن بىرگە قايتىدىن باش كۆتۈرىدىكەن. نورۇز قىزنىڭ ئىپاردەك پۇراقلىرى باھارنىڭ سەلكىن شامىلىدا تارىم ۋادىسىنىڭ تۆت ئەتراپىغا يېلىدىكەن. ئەسلىدە بۇ پۇراق كۆڭۈلنىڭ پۇرىقى ئىكەن. پۇراقلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى كۆڭۈل پۇرىقىدۇر. چۈنكى ئۇ پۇراق رەببىمنىڭ پۇرىقىدۇر. سۇنغان كۆڭۈللەرگە، مۇڭلۇق روھلارغا مەدەت بولىدىغان ۋەتەن سۆيگۈسىگە تولغان ئىماننىڭ پۇرىقىدۇر. شۇڭا بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقى تا بۈگۈنگىچە ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئۆز قەھرىمانلىرىنى ياد ئېتىپ، ئۇلارنىڭ روھلىرىغا ئاتاپ نورۇز ئاشلىرى، نورۇز سۇلىرىنى تەييارلاپ ئەل – يۇرتقا تارقاتسا، يەنە بىر جەھەتتىن تاجاۋۇزچىلارغا بويۇن ئەگمىگەن جاسارەتنى مەدھىيەلەپ، خاتىرىلەپ نەغمە – ناۋا بىلەن شاد – خوراملىققا چۆمۈلۈپ نورۇزنى تەبرىكلەيدىكەن. ئەمما، نورۇز قىزنى ئويلىغان ئەل – يۇرت يەنىلا باھار ھەسرىتى چېكىدىكەن. بۇ ھەسرەت تاكى تاجاۋۇزچىلارنى بۇ زېمىندىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقارغىچە داۋام قىلىدىكەن.»
مەدداھ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇزۇن ھەم ئورۇق قوللىرىنى تايىقى بىلەن تەڭ ھاۋادا ئوينىتىپ، ياداڭغۇ يۈزىنى كۆككە قارىتىپ: «يا دوست! يا ئاللاھ» دەپ تازا ئۈنلۈك بىر ۋارقىراپ سۆزىنى كەستى.
مەدداھ سۆزلىگەن بۇ جەڭنامە ئەتراپتىكى قىز – چوكانلارنى يىغلىتىۋېتىپلا قالماي، ئەردەمنىمۇ يىغلىتىۋەتكەن ئىدى. ئۇ، ئەتراپتىكىلەردىن خىجىل بولۇپ، چاناقلىرىدىن ساقىغان تەسىرلىك ياشلارنى، قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن چاندۇرماي سۈرتىۋەتكەن ئىدى.
بۈگۈنكى نورۇز بارىمى باشقا يىللاردىكىدىن باشقىچە قىززىپ كەتكەن ئىدى. مەيداننىڭ جەنۇب تەرىپىگە قازغان ئۆرەكلەرگە يوغان – يوغان داش قازانلار ئېسىلغان بولۇپ، ئىچىدە قوينىڭ قوۋۇرغا گۆشى، بۇغداي، نوقۇت، گۇرۇچ، تېرىق، ئارپا، قىزىل پۇرچاق، قىزىل مۇچ، سەۋزە قاتارلىق گۆش ۋە توققۇز خىل دانلىق زىرائەتلەردىن ئېتىلگەن نورۇز ئېشى تەييارلانغان بولۇپ، نورۇز ئەھلىگە تارقىتىشقا تەييار بولۇپ قالغان ئىدى. مەيداننىڭ شىمال تەرىپىدىكى كەڭ كەتكەن سەينادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت بولغان بارلىق ئويۇنلار ئوينىلىۋاتاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنى ئۆزىگە بەكرەك جەلپ قىلىدىغان ئويۇنلار بولسا، يەنىلا «سوقۇشتۇرۇش» ئويۇنلىرى ئىدى. يەنى قوچقا سوقۇشتۇرۇش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، چېلىشىش قاتارلىقلار. كىچىك بالىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغىنى لەپپەڭ ئويۇنى بولۇپ، چاچلىرى ئۇششاق ئۆرۈلگەن قىزلار، باشلىرىغا چىمەن دوپپىلىرىنى چۆكۈرۈپ كىيگەن بالىلار، قىن – قىنىغا پاتپاي قاھ ئېتىپ كۈلۈشۈپ، لەپپەڭ ئۇچۇپ ئوينىشىۋاتاتتى. ئەردەمنى بولسا «تېپە، پوكانغا تەپ!» دېگەن ئاۋازلار جەلپ قىلغان بولۇپ، ئۇ ئاۋاز چىققان يەردە، توخۇ سوقۇشتۇرۋاتاتتى. سوقۇشىۋاتقان ئىككى غورازنىڭ بىرى پاكارراق كەلگەن سىمىز دوغلاق، پۇتلىرى شۇنچىلىك توم، ئۇچلانغان دۈكرەكلىرى جۇۋالدۇرۇزدەك ئۆتكۈر ئىدى، پەيلىرىنىڭ رەڭگى قارامتۇل كەلگەن بولۇپ، قۇيرۇقى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس ئىدى. كۆرۈنىشى شۇنچىلىك سۈرلۈك، كۆزلىرى چوغدەك قىزىرىپ كەتكەنىدى.
يەنە بىرى، ئېگىز غوللۇق كەلگەن غوراز بولۇپ، پەيلىرى قىزغۇچ ئالا چىپا ئىدى، بۇ رەڭلىك پەيلەر قۇياشنىڭ نۇرىدا ۋال – ۋۇل يالتىرايتتى. قۇيرۇقلىرىنىڭ ئۇزۇن پەيلىرى ياي ئەگمىسىدەك ئىگىلىپ يۇقىرىغا قاراپ تۇراتتى. پۇتلىرى ئۇزۇن ھەم مەزمۇت ئىدى. بۇ خورازنىڭمۇ دۈكرەكلىرى ئۇزۇن، ئۇچلۇق، تىرناقلىرى مەزمۇت ئىدى. بۇ ئىككى خوراز شۇنداق دەھشەت ئۇرۇشىۋاتاتتىكى، ئاي ھاي، نى- نى توخۇۋازلارمۇ بۇنداق سوقۇشقان خورازلارنى ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغانلىقى، ئەتراپىتىكى كىشىلەر بىلەن توخۇۋاز ۋە كەپتەرۋازلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھاياجاندىن، بەدەنلىرىدىكى ھەرىكەتلەردىن كۆرۋالغىلى بولاتتى. كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا تۇرغان، ئۆزى پاكار كەلگەن، يۈزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، بۇرۇتلىرى ئەمدىلەتىن خەت تارتقان بىر يىگىت: «ھەي! خالايىق كۇلىنىڭ خورىزىنىمۇ كۆردۇق جۇما، چاغلىقكەن. تۇردى بەگ خېنەندىن ئەكەلگەن تۇخۇملىرىنى، كۈرۈك مىكىيىنىغا باسۇرۇپ چىقارتقۇزغان ئۈچ چۈجەنىڭ بىرسى شۇ. مەمەت توخۇ ئۇ چۈجە ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققاندا، بىر ساغلىق قويغا تىگېشىپ، ئۆزى يېمىگەننى يېگۈزېپ، ئىچمىگەننى ئىچكۈزۈپ، بىقىپ خوراز قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە دوغا تىككەن ئىدى. ئەمدى ما ئىشنى كۆرمەمدىغان، ئاۋۇ، ئۇزۇن پاچاق تۇرپاننىڭ چا خورىزىغا تەڭ كېلەلمەيۋاتقىنىنى.»
ئۆزى ۋىجىك، كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، بادام دوپپىسىنى باستۇرۇپ كىيىۋالغان بىر تازچاق كىشى سۆزگە ئارىلىشىپ: «شۇنى دېمەمسىلە، ھىلىتىنلا ئىككى قانىتى مەڭگەندەك چۇۋۇلۇپ، تىلى ساڭگىلاپ يەرگە تىگەي دەپ قالدى، ئۇ يېتىمنىڭ. تېخى ئۇششۇقلۇق قىلىپ، ئۆيدىن قىڭراق كۆتۈرۈپ چىقمىسا بولاتتىغۇ بۇ گاداي» دەپ، چاقچاق قىلدى.
ئەتراپتىكى تاماشىبىنلار تېخىمۇ جىددىلىشىپ: «بولدى قىلىلىي خالايىق، تېخى ئويۇن ئەمدى باشلاندىغۇ، كىمنىڭ يامانلىقىنى ئاخىرىدا كۆرىمىز.»
ئىككى خوراز يىراقتىن قاناتلىرىنى سۆرەپ ئېتىلىپ كېلىپ، بىر – بىرىگە پۇت ئاتقاندا، پوكانلىرىغا تەگكەن پەشۋادىن ئارقىغا ئۇچۇپ، يەرگە پالاقلاپ چۈشەتتى. پوكانلىرىدىن توزۇپ چىققان پەيلەر ھاۋادا ئۇچۇپ لەيلەيتتى. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن توخۇۋازلار:
«پاھ-پاھ! ماۋۇ تىپىشنى كۆرمەمدىغان. قېنى دوغا تىكىدىغانلار بارمۇ، مەن تۇرپاننىڭكى» دېسە، ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرغانلاردىن بىرلىرى قوپۇپ: «مەن خېنەننىڭكى. ئەمما، بىرگە ئىككىنى بېرىسەن» دەيتتى.
ئىككى خوراز بىر – بىرىدىن يانماي ئەنە شۇنداق بىر ھازا سوقۇشقاندىن كېيىن. ئۇلارنىڭ تۇمشۇقلىرى سۇنۇپ، باشلىرىدىكى تۈكلىرى يۇلۇنۇپ تاز بولۇپ قالدى ۋە ئىككى كۆزى يۇمۇلۇپ، باش – كۆزى قىپ – قىزىل قانغا بويۇلۇپ كەتتى. ئەمما ھەر ئىككىلىسى بىر – بىرىدىن يانمايتتى. ئاخىرىدا يىراقتىن ئاستا قانات سۆرەپ، يانداپ كەلگەن تۇرپاننىڭ خورىزى، جۇغى ئۆزىدىن كىچىكرەك كەلگەن خېنەننىڭ خورىزىنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈپ ئىككى پۇتلاپ بىر تەپكەنىدى، ئۇ خورازنىڭ مېڭىسىگە دۈكرەكلىرى پېتىپ كەتتىمۇ ياكى قاتتىق پەشۋانىڭ زەربىسىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، بېشىنىڭ چوققىسى تېشىلىپ، تاجىلىرى ئۈزۈلۈپ، ئىككى كۆزى قۇيۇلۇپ كەتكەندەك، بېشىنى يەردىن كۆتۈرەلمەيلا قالدى ۋە «غىق، غىق!» قىلىپ غەلىتە ئاۋازلارنى چىقارغاندىن كېيىن، ئىككى پۈكلىنىپ موككىدە يېتىپ قالدى.
بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۆپۈر – تۆپۈر بولۇشۇپ كەتتى. چۈنكى ئۇتقانلار ئۇتتۇرغانلاردىن پۇللىرىنى ئېلىشقا ئالدىراۋاتاتتى. ئۇتتۇرغانلاردىن بىرى ئاچچىقلىنىپ: «ئاناڭنى، كۇلىنىڭ، كۇلىنىڭ دەپ كېتىشىدۇ تېخى. چاغلىقكەنغۇ، بىر پەشۋاغا يارىمىدى. قاراپ تۇرۇپ ئەتىگەن ساتقان ئىككى ئۆتۈكنىڭ پۇلىنى ئۇتتۇرىۋەتتۇق» دەپ، كاسىلىرىدىكى توپىنى قېقىپ بىكارلىق نورۇز ئېشى بار تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
رەڭمۇ – رەڭ ئىجتىمائىي ھايات ۋە خىلمۇ – خىل تىرىكچىلىك ئۇسۇلىمۇ خۇددى مۇشۇ تەبىئەت دۇنياسىغا ئوخشاش ھەركىمدە ھەر خىل ئوخشىمىغان زوق، ھەر خىل ئوخشىمايدىغان تەسىرات ۋە ھەر خىل ئوخشىمايدىغان ھېس – تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۈگۈن ئەردەمنىڭ كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ گۈزەل تۇيغۇلارنى ئويغىتىپ، ئۇنىڭدا ھاياجان پەيدا قىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرى ئۇنى ئويلاندۇرغان ۋە ئەپسۇسلاندۇرغان ئىدى. ئىشقىلىپ نېمە دېگەن بىلەن بەرىبىر ئۇ، بۈگۈنكى سەيلىدىن يەنىلا مەمنۇن ئىدى. ئەنە شۇنداق تاماشا قىلىپ سەل چارچاپ قالغان ئەردەم، نورۇز ئېشىنى تويغۇدەك يەپ، نورۇز سۇلىرىدىن قانغىدەك ئېچىپ، ۋۇجۇدىغا ماغدۇر كىرگەندەك بولدى. ئاندىن ئۇ، بۈگۈن سەھەردە ئالدىراشچىلىقتا ئىلاخۇن تېۋىپ بىلەن خوشلاشمايلا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكە ئالدى. ئىلاخۇن تېۋىپ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مۇڭدىشىپ ھەم خوشلىشىپ، رازىلىقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆيگە قاراپ يول ئالدى. ئەسلىدە ئۇ ئىلاخۇن تېۋىپ بىلەن ئەمەس، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆڭلىدە ساقلاپ كەلگەن يۈرەك سۆزلىرىنى پەرۋىنگە ئېيتىش ئۈچۈن ماڭدى دېسەك، مەنتىقىغە ئۇيغۇن كېلەتتى.
ئەردەم باغ ئارىلاپ دەريا بويىغا قاراپ يول ئالدى، ئۇنىڭ مەنزىلى ئۇنچە قىسقا ئەمەس ئىدى. بۈگۈن ئۇ تاڭ سۈزۈلگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە مېڭىپ يۈرگەچكە، ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ئۆزىنى ھېرىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ئەمما ئۇ، دەريا بويىغا تېزرەك بېرىپ، پەرۋىننى ساقلىغاچ بىراقلا دەم ئېلىشنى ئويلىغىنىدا، پۇت – قولىغا بىردىنلا كۈچ – قۇۋەت كىردى – دە، دەممۇ ئالماي باغ ئارىلاپ يۈرۈپ كەتتى. پاكار – پاكار سوقما تاملاردىن كوچىغا ئارتىلىپ چۈشكەن ئۈرۈك دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىكى ئاق قىزغۇچ چېچەكلەر خۇددى ئاپتاپ يېسۇن دەپ تامغا ئارتىپ قويغان خوتەننىڭ يىپەك گېلەملىرىدەك كۆرۈنەتتى. خوتەن دىيارىنىڭ باغلىرى ۋە كەڭ دالاسىدىن كېلىۋاتقان باھارنىڭ خۇش پۈراق ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ كېتىۋاتقان ئەردەم بولسا، بىردىنلا ئۆزىنى بۇ ئالەم بىلەن، بۇ ھاياتنىڭ ۋاڭ – چۇڭىغا تولغان شەھەر بىلەن، ئاياق ئاستىدىكى قىزغۇچ تۇپراقلار بىلەن، بىخ ئۇرۇپ كۆكىرىۋاتقان دەرەخلەر بىلەن، گۈزەل باغلار بىلەن بىرلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى.
مېڭىۋاتقان مۇشۇ يول، مۇشۇ زېمىن، مۇشۇ تەبىئەت بىلەن ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىنىڭ تۇتىشىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى. ئۇنىڭ يۈزىگە مېھرىبانلىق بىلەن ئۇرۇلىۋاتقان شامال، ئۇنىڭ مۇھەببەتكە تولغان جۇشقۇن ھېسسىياتلىرىنى سىيپاپ ئېلىپ، پۈتۈن تەبىئەتكە يېيىۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئەردەم ئەنە شۇنداق بىھۇش تۇيغۇلار بىلەن، باھارنىڭ نەمخۇش، ئىزغىرىن شامىلىدا لەرزان يەلپۈنىۋاتقان قېچىنىڭ سېرىق چېچەك ئېچىشىغا ئاز قالغان غۇنچىلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىپ، دەريا بويىغا قاراپ داۋاملىق يول ئالدى. ئۇ كۆكسىنى ئېچىپ، شامال ئۇرغان تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ، تەبىئەت ئۆز قولى بىلەن توقىغان نەپىس چىمەنزارلىقنىڭ مىسلىسىز خۇش پۇرىقى بىلەن مەستخۇش بولدى. ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن كىپىنەكلەرگە، ئىختىيارسىز قوللىرىنى سۇنۇپ، قەلبىدىكى ئىشق كۈيلىرىنى ئىزھار قىلدى. ئۇ قەلبىدە ئوتقاش بولۇپ يېنىۋاتقان مۇھەببەت ئىشقىدا تاۋلىنىپ، مەجنۇندەك ئېتىز – ئېرىقلار ئارىسىدا تەمتىرەپ ئاخىرى دەريا بويىغا يېتىپ كەلدى.