بەي چۇڭشىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان خىيانەتى
بەي چۇڭشىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان خىيانەتى
رەسىم: بەي چۇڭشى شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە بۇرھان شەھىدى ۋە مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن نەنجىڭدە، 1947-يىلى
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
ئىلاۋە: گېنىرال بەي چۇڭشى (白崇禧) ، گومىنداڭ ھاكىمىيەتى خىتاينى ئىدارە قىلغاندا ۋە ئىچكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ تەيۋەنگە چېكىنگەندە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئوفېتسىر ھېسابلىنىدۇ. بەي چۇڭشى مۇسۇلمان بولغان خىتاي بولۇپ، مۇسۇلمانچە ئىسمى ئۆمەر ئىدى. ئۇ گومىنداڭ ھاكىمىيەتىدە يەنە «چېگرا رايون مەسىلەلىرى» بويىچە كېلىشتۈرگۈچى ۋە تەشكىللىگۈچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىدە گەرچە بۇ شەخس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھېسىداشلىق قىلغۇچى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەڭ ھالقىلىق پەيتلەردە يەنىلا خىتاينىڭ تەرىپىنى ئالغانلىقى مەلۇم بولماقتا. مەزكۇر يازما بەي چۇڭشى بىلەن 1963-يىلىدىن باشلاپ تاكى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن 1966- يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر ئاساسىدا تەييارلانغان كىتابنىڭ 1946-يىلى نويابىردا نەنجىڭدە ئېچىلغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەققىدىكى قىسىمىغا ئاساسەن تەييارلاندى. مەزكۇر قۇرۇلتايدا ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى ۋەتىنىمىزنىڭ سىياسىي ئورنىنى بەلگىلەش ۋە تارىخىي ئىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى «شەرقىي تۈركىستانغا ئالىي مۇختارىيەت تەكلىپ لايىھەسى»نى سۇنغان بولۇپ، جياڭ جېشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بەي چۇڭشىنى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنى بۇ لايىھەنى قايتۇرۇۋېلىشقا كۆندۈرۈشنى تاپشۇرغان ئىكەن. بەي چۇڭشى ئۆز ئەسلىمىسىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىدىن بۇ لايىھەنىڭ باش تەشەببۇسچىسى بولغان ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن باشقا ۋەكىللەر ئوتتۇرىسىغا نىزا تېرىش ۋە ئۆزىنىڭ دىنىي كىملىكىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق بۇ لايىھەنى «مۇۋەپپەققىيەتلىك» ھالدا توسۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» ناملىق ئەسلىمىسىدىكى ئالىي مۇختارىيەت تەكلىپ لايىھەسىنى قايتۇرۇۋېلىش جەريانىغا ئائىت بايانلارغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ۋارىيانتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايىدا چېگرا رايون ۋەكىللىرىنىڭ قىستۇرما كۈيى
شىنجاڭ ۋەكىللىرىدىن ئون نەچچە كىشى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان (قاسىمى) نىڭ يېتەكچىلىلكىدە قۇرۇلتايغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، شىنجاڭنى «شەرقىي تۈركىستان»غا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى، شىنجاڭنى «مانجۇ چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە بويسۇندۇرۇلمىغان» دېدى ۋە ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى تەلەپ قىلىپ، ئەمەلدە سىرتقا نىسبەتەن :« مەركەز مېنى باشقۇرالمايدۇ» دېمەكچى بولدى. بۇ لايىھە ئاللىبۇرۇن قۇرۇلتاي كاتىباتلىقىغا تاپشۇرۇلدى. كېيىن قۇرۇلتاي رىياسەتى (主席团) مېنى مەزكۇر لايىھەگە تاقابىل تۇرۇشقا كۆرسەتتى. چۈنكى، مەن «چېگرا رايون گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى» ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا چېگرا رايون خەلقلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىممۇ يامان ئەمەس ئىدى. مەركەز ئۇلارنىڭ بۇ لايىھەنى ئۆزلۈكىدىن قايتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى ۋە بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغان ئىدى.
مەن بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلدىم ۋە ئەخمەتجاننىڭ خەلقئارا كومۇنىستلار پارتىيەسى ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇ ۋەكىللەرنىڭ قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق 13 مىللەتتىن بولغان مۇسۇلمان خەلقلەردىن بولغانلىقىنى بىلدىم. يەنە كېلىپ مۇسۇلمان خەلقلەر تۇغۇلىشىدىنلا كومۇنىزىمغا قارشى ئىدى. مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى چاقىرىق كۈچى كۈچلۈكرەك ۋەكىللەردىن بىر قانچەسىنى ئۆز قەسىرىمگە تەكلىپ قىلىپ پاراڭلاشتىم. مەن :« ھازىر بىز خىتاي، مانجۇ، مۇسۇلمان، موڭغۇل ۋە تىبەت بەش مىللەتلىك جۇمھۇرىيەتتە ياشاۋاتىمىز. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار بۇ بەش مىللەتتىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ بولسا خىتاي جۇمھۇرىيىتى (中华民国) نىڭ زىمىنى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار خىتاينىڭ بەشتىن بىر خوجايىنلىرى. ھەممىمىز باراۋەرمىز. ئالىي مۇختارىيەتنى تىلغا ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق» دېدىم. مەن يەنە :«ئەخمەتجان بىر كومۇنىست، ئۇنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى ئېلىش. ئىككىنچى قەدىمى بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېقىنىش. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر سۈيقەست. بىز مۇسۇلمانلار تۇغۇلۇشىمىزدىنلا كومۇنىزىمغا قارشى. سىلەر ئەخمەتجاننىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەڭلار. بۇ قېتىم كۆپچىلىك ئىمزا قويغان بۇ لايىھەدىكى تەلەپلەر ئورۇنسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرىغا قويۇلسىمۇ مەن بۇ تەكلىپ لايىھەسىنىڭ چوقۇم رەت قىلىنىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايمەن. ئەگەر قۇرۇلتاي يىغىنىدا رەت قىلىشقا ئۇچرىسا يۈزۈڭلار تۆكۈلمەمدۇ؟ تەكلىپ لايىھەسىنى قايتۇرۇۋالساڭلار، كۆپچىلىك سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، بەش مىللەت ھەمكارلىشىپ، دۆلەتنىڭ بەشتىن بىر خوجايىنى بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار گۇمران قىلماڭلار. تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ رەت قىلىشقا ئۇچرىساڭلار يا ئالدىغا باسالماي، يا ئارقىغا يانالماي تەڭقىسلىقتا قالىسىلەر. ھازىر شىنجاڭ ۋەكىلى مەسئۇد قۇرۇلتاينىڭ رەئىسى (مېنىڭ تەكلىپىمچە رەئىسلىكتىن بىرىنى ئۆتۈنۈپ بەرسەك دېگەن ئىدىم). بىز باراۋەر ھەمكارلىق قىلايلى. دۆلەت مۇداپىئەسىگە مەركەز مەسئۇل بولسۇن. ئىقتىساد ۋە مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا مەركەز ياردەم بەرسۇن. ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا سىلەر بىر تىيىنمۇ پۇل چىقارمىدىڭلار، ئەمما ھازىر خىتاي جۇمھۇرىيىتى بەش كۈچلۈك دۆلەتنىڭ بىرى بولدى. سىلەر بۇنىڭدىن پەخرلىنىشىڭلار كېرەك. كومۇنىستلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشىغا ئەگىشىپ كەتمەڭلار. تەكلىپ لايىھەسىنى قايتۇرۇۋالغىنىڭلار ياخشى» دېدىم.
ئۇلار ماڭا:« بىز چۈشەندۈرۈپ بولالمايمىز. ئۆزىڭىز ئەخمەتجاندىن باشقىلارنى تەكلىپ قىلىپ، يەنە بىر چۈشەندۈرۈپ باقسىڭىز» دېدى. مەن ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ، 11 ۋەكىلنى قەسىرىمگە تەكلىپ قىلىپ يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈردۈم (بۇلار ئىچىدە ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەيسا (يۈسۈپ ئالپتېكىن)، تەيبېيدىكى ما گويى (马国义) ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوۋلار بار ئىدى). ئۇلار ھەممىسى مېنىڭ نەسىھەتىمنى قۇبۇل قىلىپ، يىغىن ئېچىپ ئەخمەتجاننىڭ تەكلىپ لايىھەسىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىش مانا شۇنداق غەلبىلىك تاماملاندى.
مەنبە: خىتاي مەركىزىي تەتقىقات ئىنستىتۇتى يېقىنقى زامان تارىخ تەتقىقات مەركىزى 1989-يىلى تەيبېيدە نەشىر قىلغان «بەي چۇڭشى ئەپەندىنى زىيارەت خاتېرەسى»(白崇禧先生访问录) نىڭ 2-قىسىمى، 852- ۋە 853- بەتلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالەلەر:
1946-يىلى ئېچىلغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان
1946-يىلىدىكى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئومۇمىي مۇلاھىزە
بەي چۇڭشى (ئالدىنقى رەت ئوڭدىن 5-كىشى) 1946-يىلى نويابىردا نەنجىڭدە ئېچىلغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنىدا

بەي چۇڭشى تەيبېيدە بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە. ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغانلاردىن ئوڭدىن 2-كىشى يولۋاسبەگ، 3-كىشى بەي چۇڭشى. ئەڭ ئۈستىدىكى رەتتە ئوڭدىن 3-كىشى يولۋاسبەگنىڭ ئوغلى ياقۇپبەگ

بەي چۇڭشى تەيۋەندىكى بىر مەسچىتتە


بەي چۇڭشىنىڭ تەيبېيدە ئېلىپ بېرىلغان دەپنە مۇراسىمى، 1966-يىلى





