ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان بىر ئۆمۈر: دوكتور قاھار باراتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس «دوكتور قاھار باراتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى» غا ئايرىلغان بولۇپ، دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ ئىشتىراكىدا، قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى، گىرمانىيەدىن دوكتور ئايسىما مىرسۇلتان خانىم ۋە تۈركىيەدىن دوكتور زەمىرە غۇلجالى خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
سۆھبەتنىڭ سىن ھۆججىتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: https://www.youtube.com/watch?v=TQpB4XXVsyM&t=7s
ۋاقتى: 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى يەكشەنبە سائەت 21:00 (ئىستانبۇل ۋاقتى)
مەسئۇل ئورگان: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى