جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىدىكى شانلىق سەلتەنەتىمىزنىڭ ئاخىرلىشىشى
سايرام ئوغلانى
تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئەھمەد سۇلۇق
كىرىش سۆز
1858-يىلى 14-سېنتەبىر ئەڭ ئاخىرقى بابۇرشاھ ئەبۇ زەفەر مۇھەممەد سىراجىددىن باھادىرشاھ بۈيۈك بېرىتانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى. شۇنداق قىلىپ، 1526-يىلى 10-مايدا سۇلتان سەئىدخاننىڭ نەۋرە ئاكىسى، مەشھۇر يۇنۇسخاننىڭ قىز تەرەپ نەۋرىسى بابۇرشاھ ئاگرادا قۇرۇپ چىققان غايەت زور ئىمپىرىيە 333 يىلدىن كېيىن مۇنقەرز بولدى. باھادىرشاھمۇ دەرت-ئەلەم ئىچىدە بېرما رانگۇندىكى نەزەربەند قىلىنغان تۇرار جايىدا 1862-يىلى 7-نويابىر جۈمە كۈنى ۋاپات بولدى.
1. باھادىرشاھ -II نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
باھادىرشاھ -II نىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ زەفەر سىراجىدىن مۇھەممەد باھادىرشاھ بولۇپ، 1775-يىلى 24-ئۆكتەبىر پايتەخت دېھلىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئەكبەر شاھ 2 بولسا، 1760-يىلى 22-ئاپرىل تۇغۇلۇپ، 1806-يىلى 19-نويابىر مەرھۇم دادىسى ئالەمگىر 2 نىڭ ئورنىغا سۇلتان بولغانىدى. ئۇ 1837-يىلى 28-سېنتەبىر ۋاپات بولغان كۈنى مۇشۇ ئوغلى باھادىرشاھ دادىسى ئورنىغا سۇلتان بولغان. ئۇ تارىختا باھادىرخان 2 دەپ داڭق چىقارغان. (بىرىنچى باھادىرشاھ (1643-1712) بىرىنچى ئالەمگىرشاھ (1618-1707) نىڭ ئوغلى بولۇپ، 1707-1712-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان). ئىككى ھەپتە كەم 20 يىل (19 يىل 351 كۈن) دەۋران سۈرگەن باھادىرشاھ 1857-يىلى 14-سېنتەبىر بۈيۈك بېرىتانىيە تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلدى. ئاندىن ھازىرقى بېرمىنىڭ پايتەختى رانگۇندا نەزەربەند قىلىنىپ، 1862-يىلى 7-نويابىر ھەسرەت بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن قاراخانىلارنىڭ بۇلاپ كېتىلگەن نەسلى مەھمۇد غەزنەۋىدىن باشلاپ ئۇدا 855 يىل ئەجداتلار قولىدا ئىدارە قىلىنىپ كەلگەن جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى.
2. دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى خەتەرلىك ۋەقە
«بىر شىركەتنىڭ بىر ئىمپىرىيىنى يوقىتىشى»
ھەممىگە مەلۇمكى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان ئەتراپىدىكى خەلقئارالىق سودىنى مونوپول قىلىۋالغان دۇنياۋى شىركەت بولغان شەرقىي ھىندىستان شىركىتى 1839-يىلى نويابىردا خىتايلىشىپ كەتكەن مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى (1644-1912) گە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، ئۇنى خوڭكوڭنى بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىغانىدى. بىراق كۆپىنچە كىشىلەر بۇ شىركەتنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ پاراۋان ۋە باياشات غايەت زور بىر ئىمپىرىيىنى يوق قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ شىركەت قانداق شىركەت؟ ئۇنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىچۇ؟
(1) ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى
1600-يىلى 31-دېكابىر ئايال پادىشاھ ئېلزابىت 1 نىڭ بىۋاستە تەستىقى بىلەن «شەرقىي ھىندىستان شىركىتى» قۇرۇلغان. بۇ شىركەت ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تىجارىتىنى مونوپول قىلىۋالغان. 1830-يىللىرى خىتايغا ئەپيۇن كىرگۈزگەن شىركەتمۇ دەل بۇ شىركەت بولۇپ، 300 يىلغا يېقىن دۇنيانى سوراپ، ئاخىرى 1874-يىلى 1-ئىيۇن تارقىتىۋېتىلگەن. گوللاندىيەنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى گەرچە بىر مەزگىل ئاسىيادا بار كۈچى بىلەن خۇشپۇراق ماتېرياللار سودىسى بىلەن تىقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بارا-بارا ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋالغان. ئاقىۋەت گوللاندىيەنىڭ شىركىتى 1799-يىلى ۋەيران بولغان. ئەنگلىيەنىڭ شىركىتى بولسا 1874-يىلى ئىيۇندا بېرىتانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. مانا مۇشۇ گىگانت شىركەت ھىندىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان. مەنچىڭ خانلىقىغا ئەپيۇن ئۇرۇشى قوزغىغان. ئۇندىن باشقا دۇنيا سودا سوممىسىنىڭ يېرىمىنى ئۆزى مۇستەقىل ئىگىلىگەن.
كالكۇتتادىكى قەدىمىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي ھىندىستان شىركىتى 1690-يىلى سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. ئاندىن 1744-يىلىلا رەسمىي ھالدا ھىندىستانغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىرگەن. ھەمدە بېنگالدىكى سودىسىنى مۇستەھكەملىگەن. چۈنكى 1740-يىلى پېرسىيە ھۆكۈمدارى نادىر شاھ ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىپ، دېھلىنى ۋەيراپ قىلىپ، غايەت زور غەنىمەت ئېلىپ قايتىپ كەتكەن. بۇ ئەھۋال قايتا قۇرۇش باھانىسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىرىشكە يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەن. ئەينى چاغدىكى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرغۇچىسى «يوبو كانوك» سۇتانوتى شەھىرىدە ئورۇنلىشىشنى تاللىغان ھەمدە بۇ شەھەرنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارالغان. 1699-يىلى، ئەنگلىيەلىكلەر كالكۇتتادا كونا ۋىليامبۇرگ سودا تايانچ پونكىتىنى قۇرغان. كالكۇتتا بېنگالنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى شەھەر (كېيىن بېنگالنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باش ئىشتاب) بولۇپ قالغان. 1772-يىلى كالكۇتتا شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ مەركىزى بولغان. 19-ئەسىردە بۇ يەر خىتايغا ئەپيۇن كىرگۈزۈشتىكى مال تارقىتىش مەركىزى بولۇپ قالغان. 1757-يىلدىن 1857-يىلغىچە بولغان يۈز يىل ئىچىدە مەزكۇر شىركەت سودا قارمىقى بىلەنلا بىر پاي ئوق ئاتمايلا ھازىرقى بەش دۆلەت ۋە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور ئىمپىرىيەنى مۇنقەرز قىلغان.
(2) شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ سىڭىپ كىرىش جەريانى ۋە پادىشاھنى ئاغدۇرۇش
بابۇر شاھنىڭ 1542-يىلى 14-ئۆكتەبىر تۇغۇلغان نەۋرىسى ئەكبەر شاھ 1605-يىلى 13-ئۆكتەبىر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ بىدئەت دىنىي ئېتىقاد سىياسىتى جەھەتتىكى خاتالىقىنى تۈزەتكەن جاھانگىر شاھ تېخىمۇ ئەجەللىك تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، 1600-يىلى 31-دېكابىر ئايال پادىشاھ ئېلزابىت بىۋاستە ئارقا تېرەك بولغان شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە بابۇرىلار ئىگىلىكىدىكى جەنۇبىي ئاسىيادا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىدۇ. 1627-يىلى 8-ئۆكتەبىر جاھانگىر شاھ 58 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇ 1569-يىلى 31-ئاۋغۇست تۇغۇلغانىدى. گەرچە مەزكۇر شىركەت دەسلەپتە پەقەت سودا ئىمتىيازىغا قانائەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى كۈچلۈك ھۆكۈمدار ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ 1707-يىلى ۋاپات بولغاندىن يۈرەكلىك ھالدا سىڭىپ كىرىشنى كۈچەيتىپ، 1758-يىلدىن 1858-يىلغىچە ھىندىستاننى سودا قارمىقى بىلەن پەيدىنپەي يۇتۇۋالىدۇ. 19-ئەسىردە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ئىمتىيازى بۈيۈك بېرىتانىيەنىمۇ قاتلاپ تاشلاپ، يىراق مەنچىڭ خانلىقىغا ئەپيۇن ئۇرۇشى قوزغاش، بۈيۈك ھىندىستاندىكى داڭلىق بابۇرىلار ئىمپىرىيىسىنى يىقىتىش قاتارلىق سەۋىيەگە يېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيە 1874-يىلى مەزكۇر شىركەتنى تارقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ تەسىرىنى يوق قىلىپ، 1876-يىلى ھىندىستانغا ئۆزى بىۋاستە ئىمپىراتور بولىدۇ. 1858-يىلدىكى خەلق قوزغىلىڭى ئايال پادىشاھنىڭ ھىندىستان خانىشى بولۇش ئىستىكىنى 18 يىل چەكلەپ قويىدۇ.
(3) ئەنگلىيەگە قارشى ئومۇميۈزلۈك خەلق قوزغىلىڭى
نادىرشاھ 1740-يىلى دېھلىنى خانىۋەيران قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئەنگلىيە كالىكۇتتادىن پەيدىنپەي ئىلگىرىلەپ، 19-ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە، دېھلىغىچە قىستاپ كەلگەن. ئاندىن پەنجاپلار تەۋەسىگە سىڭىپ كىرگەندە قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراپ، توختاپ قالغان. ئۇلار بىر تەرەپتىن ھىندىلار كۆپ يەردە مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن دېھلىدىكى سۇلتاننىڭ نوپۇزىنى بار كۈچى بىلەن چەكلەپ ۋە ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھىندىستاننى بىۋاستە ئۆز ئىلكىگە ئېلىشقا ئالدىرىغان. ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ دەل مۇشۇنداق خەتەرلىك ۋە پاجىئەلىك دەۋردە مەرھۇم دادىسى ئەكبەر شاھ 2 ئورنىغا تەختكە چىققان. ئۇنىڭ ئەھۋالى دادىسىدىن پەرقسىز بولۇپ، سۇلتاننىڭ نامى پەقەت مەسچىتلەر ۋە قۇيۇلغان پۇللاردىلا تىلغا ئېلىنغان. ھەقىقىي ھوقۇق ۋە سەلتەنەت مۇشۇ شىركەتنىڭ قولىدا بولغان. بۇ خىل ھالەت ئۇزۇن داۋام قىلمايلا، ئېنگىلىزلار ئۆز قولىدا ئەسىرگە ئايلانغان سۇلتانغا بىردىنلا ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، ھىندىستاننى ئۆز ئىلكىگە ئالغانلىقىنى جاكارلىماقچى بولغان. ئاقىۋەت ھىندىستان تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق مۇستەملىكىگە قارشى خەلق قوزغىلىڭى پارتلىغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ شىمالدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىق بولغان جايلاردا پارتلاپ چىققان.
قوزغىلاڭنى باشلاپ بەرگەنلەر يەنىلا كۆلەم جەھەتتە 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن يەرلىك ھىندىستان ئەسكەرلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىدىن ئون نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەنىدى. ئەنگلىيە تەرەپ ئۇلارنى ھاقارەت قىلىپ، يېڭىدىن قىسىمغا سەپلىگەن قوراللارغا چوشقا ۋە كالا مېيى سۈرتۈپ قويغان. بۇ ئوقنى چوقۇم چىشلەپ ئېلىش كېرەك بولۇپ، چوشقا ئىسلام دىنىدا ھارام قىلىنغان نىجىس ھايۋان، كالا بولسا ھىندى دىنىدا مۇقەددەس پاك ھايۋان ئىدى. بۇنى ئېتىقادىغا ھاقارەت دەپ بىلگەن بارچە يەرلىك ئەسكەرلەر بىراقلا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، دېھلىنىڭ شىمالىغا 90 كىلومېتىر يىراقتىكى ھەربىي بازىدىن قوزغىلىپ چىققان. ئۇلار 1857-يىلى 11-ماي (بابۇرشاھ مەزكۇر دۆلەتنى قۇرغان قۇتلۇق كۈن. ھىجىرىيە 1273-يىلى رامىزان) بارلىق ئەنگلىيە ئوفېتسىرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، دېھلىغا يۈرۈش قىلغان. نەتىجىدە بۇ قوزغىلاڭ پۈتۈن ئوتتۇرا قىسىمغا يامرىغان.
قوزغىلاڭچىلار يەنىلا نازارەت ئاستىدا تۇرغان پادىشاھنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ، باش قوماندان قىلىپ سايلاپ، مەزكۇر سۇلتان نامىدىن غازات چاقىرىقى چىقىرىپ، ئەنگلىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئاۋامنىڭ كۈچىنى سەل چاغلىغان ئەنگلىيە بىردىنلا بۇ يەردىكى ئىككى ئەسىرلىك نوپۇزىدىن بىراقلا ئايرىلىپ قېلىش ۋە قوغلىنىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن. چۈنكى ئەينى چاغدا ئەنگلىيە ياۋروپادىن زاپاس قوشۇن يۆتكەپ كېلەي دېسە، ئۈمۈد تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ كەلگىچە بىر يېرىم يىل كېتەتتى. شۇڭا بۇ قېتىم ئوسمانىلار سۇلتانى ئابدۇلمەجىدتىن ياردەم تەلەپ قىلغان. ئاقىۋەت 1858-يىلى ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلمەجىدخان خەلىپىلىك نامىدىن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىغا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيەنى قوغلاپ چىقىراي دەپقالغان ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى بۈگۈنگىچە مۇشۇ سىياسىي كۆڭۈلچەكلىكنىىڭ بەدىلىنى ئۆتەۋاتىدۇ. ئەنگلىيە 1853-يىلدىكى قىرىم ئۇرۇشىدا ئوسمانىلارنى قوللاپ ئۇرۇشقا كىرگەچكە، 1857-يىلى ئەنگلىيە بابۇر شاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادىنى بىكار قىلىپ، ھىندىستاننى ئەنگلىيە زېمىنى دەپ جاكارلىشى بىلەن پۈتۈن خەلق قوزغىلىپ، ئەنگلىيە قوغلىنىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن. بىر يىلدىمۇ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرالمىغان ئەنگلىيە دەرھال قىرىم ئۇرۇشىدىكى تۆھپىسىنى پەش قىلىپ، پادىشاھنى قىستاپ، خەلىپە نامىدىن ئۇلارغا دىنىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مىڭ تەستە بۇ قوزغىلاڭنى بېسىقتۇرغان. بۇ قوزغىلاڭ كېيىنچە ئېنگلىزلارنىڭ ياقۇپ بەگدىن ۋاز كېچىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ قالغان.
1868-يىلى سۇۋەيش قانىلى قېزىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىز تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بۇنىڭ ئاساسلىق پايچېكىغا ئايلانغان بولۇپ، ھىندىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى رۇسلارنىڭ تەھدىتىدىن قوغداش ئىشەنچىسى كۈچەيگەنىدى. چۈنكى رۇسلار شۇ ۋاقىتلاردا ئۇدا 3 قېتىم ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىش توغرىلىق پىلان تۈزۈپ، مۇنازىرە قىلغانىدى. سۇۋەيش قانىلى ئېچىلىپ، ئەنگلىيە سىپرۇس ۋە پالېرمۇ ئارقىلىق پەقەت ئۈچ ئايدىلا قوشۇن يۆتكەش سەۋىيىسىگە يەتتى. بۇ ئىستراتېگىيە ئۈچۈن مىسىر چوقۇم ئەنگلىيەگە بېقىنىشى كېرەك ئىدى.
(4) باھادىر شاھنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ۋە ئېچىنىشلىق تەقدىرى
قوزغىلاڭ ھېچقانداق پىلان ۋە نىشانسىز، ھەمدە تەرتىپسىز ئېلىپ بېرىلغاچقا، سۇلتان باھادىرشاھ ياشىنىپ قالغان، قوماندانلار قىس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوسمانىلار خەلىپىسىنىڭ قول تىقىشى بىلەن مەزكۇر قوزغىلاڭ ئېچىنشىلىق مەغلۇپ بولغان. بۇ قوزغىلاڭغا قاتناشقان مۇسۇلمان ئەسكەرلەر بىردەك زەمبىرەك ئاغزىغا توغرىلىنىپ، بېشى زەمبىرەك ئوقىدا يانجىپ تاشلانغان. ئاۋاممۇ بۇ خىل جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. بۇ قېتىمقى زور قوزغىلاڭنى باستۇرۇشتا «شىك دىنى مۇرىتلىرى» چوڭ رول ئوينىغان. ئۇلار 1857-يىلى 19-سېتەبىر دېھلى ئەتراپىدا قوزغالغان چوڭ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشتا چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن.
قوزغىلاڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيە باھادىرشاھنى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى باغلاپ، ناھايىتى خورلىغان ھالدا پىيادە ماڭدۇرۇپ، ھەيدەپ ئېلىپ كەلگەن. يول ئۈستىدە بىر ئېنگىلىز كوماندىر پادىشاھنىڭ بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىگە ئوق چىقىرىپ، ئۇلاردىن ئۈچ نەپەر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، بېشىنى ئۈزۈۋالغان. ئاندىن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىك بىلەن زىنداندا ئاچ قويۇلغان پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەكىرگەن پولۇغا ئۇلارنىڭ گۆشىنى بېسىپ ئەكىرگەن. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ھېلىقى ئۈچ ئوغۇلنىڭ بېشىنى ئۈستى يېپىلغان پەتنۇستا ئەكىرىپ بەرگەن. باھادىرشاھ غىزالىناي دەپ يوپۇقنى ئېچىپلا، باشلىرى قانغا بويالغان ئەۋلادلىرىنى تونۇپ تۇرۇپلا قالغان. لېكىن تومۇرىدا تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈرنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان جاھانگىرلىق ۋە ئۈستۈنلۈك روھى ئۈستۈن كەلگەن 83 ياشلىق باھادىرشاھ يەنىلا ئېنگلىزلارنى ھەيران قالدۇرۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئەمىر تۆمۈرنىڭ باتۇر بالىلىرى ئاتىلىرى ئالدىغا مانا مۇشۇنداق چىرايى قىزارغان ھالدا ئەيمىنىپ كېلىدۇ». بۇ جاۋاپ دۈشمەنلەرنى ھەيران قالدۇرغان. چۈنكى ئۇلار بۇ خىل ۋەھشىيلىكى ئارقىلىق 83 ياشلىق بوۋاينى ساراڭ قىلىپ، ياكى ۋىجدان ئازابى تېتىتىپ قان چىقارماي ئۆلتۈرمەكچى ئىدى.
«باھادىر شاھ» قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيەلىكلەر «دېھلى» دا (ھىجىرىيە 1274-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇمادا ئەل ئاخىرا، مىلادىيە 1858-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى) مەسخىرە سوتىدا سوتلىنىشنى باشلىغان ۋە ئۇنى ئىنقىلاب بىلەن ھەمكارلاشقان دەپ ئەيىبلىگەن، ئۇ ۋە ئوغلى مىرزا مۇغال ۋە ئەنگىلىيەلىكلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان دەپ ئەيىپلەنگەن. ئۇندىن باشقا يەنە ئېنگىلىز ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈردى دەپ ئەيىپلەنگەن. ئەمما بۇ ئوچۇق تۆھمەت ئىدى.
سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوتچىلار پادىشاھقا ئۆلۈم جازاسى بەردى، ئاندىن خەلقنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ ھۆكۈمنى بېرمىنىڭ پايتەختى «رانگون» شەھىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا ئۆزگەرتتى، سۈرگۈن 1858-يىلى 17-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلدى.
ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بېرمىغا قاراپ يولغا چىقىپ، ئۇنىڭ تۈرمىسىگە، ئايالى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن باشقا-باشقا جاي تەقسىم قىلىندى، ھەممەيلەن ئېغىر نازارەتكە ۋە تەقىپكە ئۇچرىدى. ئاقىۋەت، 1858-يىلى 17-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ھىندىستاندىكى سەككىز ئەسىرلىك سەلتەنەتىمىز ئاخىرلاشتى.
ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيە مەخپىي ھالدا 1858-يىلى 1-نويابىر (ھىجىرىيە 1275-يىلى رەبىئۇل ئەۋەل ئېيىنىڭ 23-كۈنى) جۈمە بابۇر شاھلار دۆلىتىنى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ قولىدىن ئۆتكۈزۈۋالدى. 1874-يىلى ئىيۇندا شەرقىي ھىندىستان شىركىتى تارقىتىۋېتىلىپ، 1876-يىلى ئايال پادىشاھ رەسمىي ھالدا ھىندىستان ئىمپىراتورى دەپ ئاتالدى. ياقۇپ بەگ دەۋرىدىكى ھۆججەتلەردە ئۇ «پەرەڭ مەلىكىسى» دەپ ئاتالدى. شۇندىن بېرى ھىندىستان 1947-يىلغىچە 89 يىل ئەنگلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدە قالدى.
(5) پادىشاھنىڭ تراگېدىيىلىك ئۆلۈمى
شۇنداق قىلىپ، مىلادى 1837-يىلى 28-سېنتەبىردىن 1857-يىلى 14-سېنتەبىرگىچە پۈتۈن جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاخىرقى بابۇرشاھ سىراجىددىن باھادىر شاھ 1858-يىلى 14-سېنتەبىر ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، چىدىغۇسىز ھاقارەتلەرگە ۋە خورلۇقلارغا ئۇچىرىغاندىن كېيىن، 1858-يىلى ھىندىستاننىڭ رەسمىي ھالدا ئەنگلىيەنىڭ زېمىنى بولغانلىقى جاكارلاندى.
ئۇدا تۆت يىل يالغۇز قاتتىق نەزەربەند قىلىنغان باھادىر شاھ ھازىرقى بېرما پايتەختى رانگۇندا 1862-يىلى 7-نويابىر جۈمە كۈنى ئەسىر ناماز ۋاقتىدا (ھىجىرىيە 1279-يىلى جامادىيەل ئەۋۋەلنىڭ 14-كۈنى) ئېغىر قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە قازا قىلدى. 1858-يىلى 14-سېنتەبىر مەزكۇر پادىشاھ تۇتقۇن قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇدا قالغان قايغۇلۇق كۈن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۆلەت ھازىرقى پاكىستان، كەشمىر، نېپال، ھىندىستان، بېنگال ۋە بېرمىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. 17-ئۆكتەبىر ۋەتىنىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ھىندىستان خەلقى ئۈچۈنمۇ قايغۇلۇق بىر كۈن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
خاتىمە
شۇنداق قىلىپ، قاراخانىلار يۆلەپ چىقىپ، غەرپكە سۈرگەن سالجۇقىلار بىلەن ئەسلىدە قاراخانىلاردىن كېلىپ چىققان غەزنەۋىلەر دەۋرىدىن باشلاپ ئەجداتلىرىمىز سوراپ كەلگەن جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى 1858-يىلى قولىمىزدىن چىقىپ كەتتى. ئېنگلىزلار ھاكىمىيەتنى تۈركلەردىن ئېلىپ، 1947-يىلى ھىندىلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئاندىن چىقىپ كەتتى.
ئىران ۋە خۇراساندىكى سەلتەتىمىزمۇ 1921-يىلى مۇستەقىل بولغان ئافغانىستان ۋە 1925-يىلى ھاكىمىيەتنى قاچار تۈركلىرىدىن ئېلىۋالغان پارس گېنىرال رىزاخان پەھلىۋىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. پېرسىيە نامى «ئىران» غا ئۆزگەردى. خۇراسان نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۆت دۆلەت ئارىسىدا تەقسىم قىلىۋېتىلدى. پەقەت كىچىك ئاسىيادىكى ئاناتولىيە تۈركلىرىلا بەختكە يارىشا مۇستاپا كامالنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇرۇش قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى تۈرك يۇرتىنى ساقلاپ قېلىپ، بۇ جايدا تۇنجى تۈرك مىللىي دۆلىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۈچ ئەسىرلىك تارىخىمىزدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، بۈيۈك بېرىتانىيە بىلەن چاررۇسىيە، ئىران ۋە خىتاي ئۇيغۇرلار ۋە باشقا بەش قان-قېرىندىشىنىڭ دۆلەت قۇرۇشىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇتۇقلۇق توسۇپ قالغان.
ئاخىرقى سۈرەتتە: پادىشاھ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزگە سېغىنىشلىق سالام يوللاپ، ئۇ دۇنياغا تەلپۈنۈپ ئۆز قولى بىلەن يازغان تەسىرلىك ۋە پىغانلىق شېئىرى. پادىشاھ ماھىر شائىر ۋە ئۇستا خەتتات ئىدى.
ئەڭ ئاخىرقى سۈرەتتە: بېرما پايتەختى رانگوندا ئېنگلىز مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن خورلىنىۋاتقان ۋە خاتىرە سۈرەتكە زورلاپ چۈشۈرۈلگەن ئاخىرقى بابۇرشاھ – باھادىرخان.
ئىسلام ئىنسىكلوپىدىيەسى ۋە بۈيۈك بېرىتانىيە ئىنىسكلوپىدىيەسىدىن قىسقارتىپ سۇنۇلدى.