You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئەبۇ سەئىدخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئىلخانىلارنىڭ زاۋال تېپىپ، ئەرەتنا خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى

ئەبۇ سەئىدخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئىلخانىلارنىڭ زاۋال تېپىپ، ئەرەتنا خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئەھمەد سۇلۇق

كىرىش سۆز

14-ئەسىردىكى ئەسىردىكى تۈركىيە تارىخىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك سىياسىي قۇرۇلمىسىغا ئۆز نامىنى سىڭدۈرگەن سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا زامانداشلىرى بولغان پۈتۈن تۈركمەن بەگلىرىگە قارىغاندا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۆز نامىغا قۇرغان بۈيۈك ئەرەتنا دۆلىتى بىلەن ئانادولۇدىكى تۈرك بەگلىكلىرى دەۋرىدە مۇھىم ئورۇنتۇتىدۇ. تۈركلەر 1242-يىلدىن 1442-يىلغىچە بولغان ئىككى ئەسىرنى ئاناتولىيەنىڭ بەگلىكلەر دەۋرى دەپ ئاتايدۇ. شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا ئاناتولىيەدە بۈيۈك سالجۇقىلاردىن كېيىن، ئوسمانىلاردىن بۇرۇنقى تۇنجى تۈرك-ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان ئۇلۇغ كىشى بولىدۇ.

سالجۇقىلار سۇلتانلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن تۈرك بىرلىكىنى يېڭىدىن قۇرۇپ ئالەمشۇمۇل بىر ھەيۋەتلىك دۆلەت بەرپا قىلغان سۇلتان ئالائىددىن ئەراتنانىڭ ھـايـاتىنى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىنى توغرا تـارىخىي مەنبەلەرگە ئـاساسـلىنىپ چۈشەندۇرگەندە، بۇ دۆلەتنىـڭ قۇرغۇچىسىنىڭ مىللىي تـارىخىمىزدىكى ئورنى ۋە رولىنىڭ مـۇھىملىقى گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ.

جاھان ئەركىسى چىڭگىزخـاننىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئىلخانىيلارنىڭ ئۆزلىرى تەيىنلىگەن قوماندان ۋە بــاش ۋالىيلارنى مۇۋاپىق ئىدارە قىلماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئانادولۇدا ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتسىز ھالەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەرتىپ ئورنىتىپ، دۆلەتنىڭ نوپۇزىنى تىكلىگەن سۇلتان ئـالائىددىن ئەراتنا تۈركىيە ئىچى ۋەسىرتىدا كاتتــا شۆھرەت قازانغان. دىنغا، ۋەتىنىگە، مىللىتىگە سادىق، ئەقىللىق، بىلىملىك، تەدبىرلىك ۋە تەجرىبىلىك، ئىشنى چوڭقۇر ئويلايدىغان ۋە پۇختا قىلىدىغان، ياخشىلىق سۆيەر، خۇش پېئىل، ئادالەتلىك بىرقوماندان ۋە دۆلەت ئەربابى بولغان سۇلتان ئـالائىددىن ئەرەتنانى ئـانادولۇدىكى تۈركلەر «قۇتقۇزغۇچى ۋە تۈزۈم ئورناتقۇچى» دەپ ھىساپلىغان. ئۇ ئـىلىم ۋە بــىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا كۆڭـۈل بۆلگەنلىگى، ھەققـانىيەتچى ۋە ئـادالەت پەرۋەر، توغرا ئىش بېجــىرىدىغـان ۋە گۈزەل ئەخـلاقلـىق كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئەينى چاغـدا ئۇنىڭ ساقىلىنىڭ ئاز بولىشىغا قـاراپ، ئۇنى «كوسـا پەيغەمبەر» دېگەن ھۆرمەت نامى بىلەن ئاتىغان ۋە خـاتىرىلىگـەن، ئۇنىڭ ئىـسمىنى ئۇنتۇلماس شەخسلـەر قاتارىغا تىزغـان.

سۇلتـان ئـالائىددىن ئـەراتنـا ئەسلى ئوتتۇرا ئـاسىيـالىق ئۇيغـۇر بولۇپ، تۇغۇلغان يېرى ۋە يىلى نـامەلۇم بولسىمۇ، ئـىلخـانىيلارنىڭ لـەشكـەرلىرى بىلـەن ئـانـادولۇغا كەلگــەن ھەم يېزنىسى چوبـان بېگـى ئـەمىر تۆمۈر تـاشنىڭ خـىزمىتىدە بولغان بىر ئـەمىر ئىكەنلىكى مەلۇم.

(تۆمۈر تاش ئەبۇ سەئىدخان تەرىپىدىن ھازىرقى تۈركىيەگە ۋالىي قىلىپ ئەۋەتىلگەن. بىراق ئۇ 1329-يىلى ئىلخانىلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ مەغلۇپ بولغان. نەتىجىدە ھازىرقى مىسىردىكى مەملۇكىلار تەۋەسىگە قېچىپ كەتكەن. سۇلتان ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر سەردار ئەرەتنا بەگنى ئاناتولىيە ۋالىيسى قىلغان. بىراق ئەرەتنابەگ تېزلا ئاۋام تەرىپىدىن ئالقىشلىنىپ، ئەبۇ سەئىدخان ۋاپاتىدىن بىر يىل ئىلگىرى تولۇق مۇستەقىللىق جاكارلىغان. شۇنداق قىلىپ 1335-يىلى ئىلخانىلارنىڭ چۆكۈش دەۋرى باشلىنىپ، 1355-يىلى تولۇق مۇنقەرز بولغان).

ئـانـادولۇدا دەسلەپتە ئىلخـانىيلارغا تەۋە (1243- يىلدىن 1308-يىلغىچە بېقىندى خانلىق ھالەتتە، 1309-يىلدىن 1328-يىلغىچە بىۋاستە قاراشلىق ۋىلايەت بولغان) بولۇپ، دەسلەپتە تەبرىزگە قاراشلىق ۋالىي بولغان (1328- 1334-يىللىرى)، كېيىن مۇستـەقىل ھۆكۈم سۈرگەن (1335-1352) سۇلتـان ئـالائىددىن ئـەراتنـا 1343-يىلى چوبـان بېگى شەيـخ ھەسەننى قـارانبۈك ئۇرۇشىدا يـېڭىپ چىقىپ، ئـەراتنـا دۆلىتىنىلا ئـەمـەس، بـەلكـى پـۈتــۈن ئـانـادولۇدىكى تـۈركلـەرنى يـېڭى بـىر تـاشقى خـەتـەردىن قـۇتقۇزۇپ قـالغـان.

بۇرۇنقى ئاناتولىيە سالجۇق سـۇلتانلىقىنىڭ مـۇتلەق كـۆپ قـىسىم زېمىنىغـا ھـۆكۈمران بولۇپ، ئـانـادولۇنىڭ ئىچىۋە سـىرتىدا ئـۆزىنىڭ ئـىقتىدارى بـىلەن تـونۇلغـان سـۇلتـان ئـالائـىددىن ئـەراتنـانىڭ ھـايـاتى ۋە سـىياسىي پـائالىيەتلىرى ھـەققىدە خەلقىمىزنىڭ تونۇشى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. گەرچە ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن تۈركىيەگە كەلگەن 1954-يىلى دەل سۇلتان ۋاپات بولغانلىقىغا 602 يىل توشقان دەقىقىلەردە ھازىرقى ئاناتولىيەدىكى قەدىمقى مۇھىم شەھەر قەيسەرىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆز ئەجداتلىرىدىن بىرى بولغان سۇلتاننىڭ مازىرىنىڭ قەيسەرىيەنىڭ نەرىدە بىلىدىغانلار يەنىلا چاغلىق. بۇنداق ئۇلۇغ ئەجدادىمىزنىڭ تۇپراقبېشىنى ھەر كۈنى يوقلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك. قەيسەرىيەگە بارغان ئۇيغۇرلار بۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىلازىم.

1. ئاناتولىيەدىكى سالجۇقىلارنىڭ موڭغۇللار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇشى

ئۆگەدەيخان ئەشەددىي رەقىبى خارەزمشاھ جالالىددىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن زور قوشۇننى خىتايغا قارشى ئەۋەتىپ، شىمالىي خىتاينى بېسىپ ياتقان جۇرجىت ئالتۇن خانلىقىنى يوقىتىپ، 1236-يىلى جىيەنىباتۇخاننى ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتكەن. 1241-يىلى ئۆگەدەي، 1242-يىلى چاغاتاي ئۆلگەندىن كېيىن، كۆيۈكخان يەنە بىر جىيەنى ھىلاكۇنى زور قوشۇن بىلەن ئىسلام دۇنياسىنى ئىستىلا قىلىپ، ئابباسىيلارنىيوقىتىشقا ئەۋەتكەن. بۇ چاغدا ئەڭ ئاخىرقى قالدۇق سالجۇقىلارنىڭ ئاخىرقى جەسۇر سۇلتانى ئالائىددىنكەيقۇباد(1220 – 1237-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) زەھەرلىنىپ ئۆلگەن بولۇپ، موڭغۇل قوشۇنى ھېچقانچە كۈچىمەيلا 1242-يىلىدىكى «كۆسەداغ ئۇرۇشى»دا مەزكۇر سالجۇقىلارنى يېڭىپ قارام ئەل قىلىپ قويغان. سۇلتان غىياسىددىن كەيخۇسراۋ (ئالائىددىن كەيقۇبادنىڭ ئوغلى) ئىستانبۇلغا قېچىپ كەتكەن. 1258-يىلىباغداتنى ئىشغال *** قىلغاندىن كېيىن ھىلاكۇ ئۆزى قوشۇن باشلاپ، 1259-يىلى سۈرىيەنى ئېلىپ، 1260-يىلى يانۋاردا دەمەشىقنى ئىشغال قىلغان.

2. موڭغۇللارنىڭ تۇنجى ئېغىر مەغلۇبىيىتى

ھىلاكۇخان مىسىرغا يۈرۈش قىلاي دېگەندە، ئاكىسى مۆڭكۈخاننىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى دايۈشەن تېغىدا 1259-يىلى ئاۋغۇستتا زەھەرلىك ئوق تېگىپ قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال ئاساسلىق قوشۇننى چېكىندۈرۈپ، موڭغۇلىيەگە قاغان سايلاشقا كېتىپ قالغان. ئورنىغا ئەڭ جەسۇر قوماندانى كىت بۇقا نويان 40 مىڭ ئەسكەر بىلەن دەمەشىقتە قېپقالغان.

بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان خارەزمشاھ پۇشتى سەيپىدىن قۇتۇز(1259-يىلى نويابىر سۇلتان بولغان) ئەسكەر تارتىپ، كىت بۇقانى پەلەستىندە مەغلۇپ قىلىدۇ. 1260-يىلى 3-سېنتەبىر كىت بۇقا ئۆلۈپ، موڭغۇللار سۈرىيەنىمۇ تاشلاپ ئىراققا چېكىنىدۇ.

3. ھىلاكۇنىڭ ئۆلۈمىدىن سۇلتان ئەرەتناغىچە

ھىلاكۇ قۇبلاينى خان قىلىپ تىكلەپ، ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يولغا چىقاي دەپ تۇرغىنىدا تاغىسىنىڭ ئوغلى، ئالتۇنئوردا خانى بەركەخاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تەبرىز خاراپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىلاكۇ مىسىرغا ئەسكەر تارتىشقا ئۈلگۈرمەي دەرت تارتىپ، 1265-يىلى 8-فېۋرال ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ رەقىبى بەركەخانمۇ 1266-يىلى 22-دېكابىر تىبلىستا قازا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئىسلام دۆلىتى بولغان مىسىردىكى مەملۇكىلارلا مۇستەقىل ساقلىنىپ قالغان. ئوسمانىلارنىڭ بوۋىسى غازى ئەرتوغرۇل تاكى 1282-يىلى ئۆلگىچە ھىلاكۇقۇرغان موڭغۇل ئىلخانىلار خانلىقى(1255- 1355) قاراشلىق قورچاق سالجۇقىلار خانلىقىغا ساداقەتمەن بولۇپ ئۆتكەن. ئوغلى ئوسمانمۇ 1299-يىلغىچە مەزكۇر بېقىندى خانلىققا ساداقەتمەن بولۇپ ئۆتكەن. گەرچە كېيىن ئوسمان ۋە ئوغلى ئورخانلار مۇستەقىل بەگلىك سۈپىتىدە راۋاجلانغان بولسىمۇ، بىراق ئاناتولىيەنىڭ غەربىي يېرىمنى قولغا كىرگۈزۈش بايەزىدخان دەۋرىدە ئاران نېسىپ بولغان. بەختكە قارشى نەچچە يىل ئۆتمەيلا 1402-يىلى يازدا ئەمىر تۆمۈر بايەزىدخاننى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، 28-ئىيۇل ئۇنى پايتەختى سەمەرقەندكە ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاناتولىيەنىڭ تولۇق قولغا كېلىشى پەقەت 1478-يىلى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەئۇنىڭ نەۋرىسى ياۋۇز سېلىم قولىدا 1514-يىلى ئىشقا ئاشقان. بۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇر سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا قۇرغان ئەرەتنا دۆلىتى(1335 – 1381) ئاناتولىيە تارىخىدا سالجۇقىلاردىن كېيىن، ئوسمانىلاردىن بۇرۇنقى تۇنجى سەلتەنەتلىك دۆلەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

قانخور ھىلاكۇخان 1255-يىلى قۇرۇپ چىققان ئىلخانىلار خانلىقىنى زاۋاللىقا دۇچار قىلغان، بولۇپمۇ قانخورھىلاكۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئاناتولىيە سالجۇقىلار تېررىتورىيىسىنى ئۇيغۇر سانغۇن ۋە جەسۇرقوماندان «ئەراتنا بەگ» 1334-يىلى يوق قىلىپ، ئۆزى ئاناتولىيەدە «ئەراتنا ئۇيغۇر خانلىقى»نى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەڭ ئاخىرقى قۇدرەتلىك ئىلخانىلار خانى ئەبۇ سەئىد باھادىرخان خېلى ئۇرۇنۇپ كۆرۈپمۇ ئەرەتنانى باستۇرالماي، دەرت يۇتۇپ 1335-يىلى 1-دېكابىر ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئۇيغۇر سەردار ئاناتولىيە تارىخىدا سالجۇقىلاردىن كېيىن، ئوسمانىلاردىن بۇرۇنقى تۇنجى تۈرك-ئۇيغۇردۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان مەشھۇر سۇلتان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ 1352-يىلى قەيسەرىيەدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلىتى 1381-يىلغىچە داۋام قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئوسمانىلار 1390-يىللىرى ئاندىن پەيدىنپەي ئاناتولىيەنىڭ غەربىي يېرىمىنى تەسىرىگە كىرگۈزىدۇ. بىراق ئون يىل ئۆتمەيلا بۇ جايلارنى ئەمىر تۆمۈر ئىگىلەيدۇ. ئەمىر تۆمۈر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ جايلاردا قارامان ** ئوغۇللىرى بىلەن چوبان ئوغۇللىرى قايتىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، ئاناتولىيە بەگلىكلىرىنىڭ ھەممىسى زەئىپلىشىشكە يۈزلىنىدۇ. بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن ئاق قويچىلار شاھى ئۇزۇن ھەسەن تەسىرىنى ئاناتولىيەنىڭ شەرقى ۋە ئوتتۇرا قىسمىغا كېڭەيتىشكە باشلىغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇزۇن ھەسەن 1473-يىلىدىكى ئوتلۇقبەلى ئۇرۇشىدا ** ئوسمانىلار سۇلتانى مۇھەممەد فاتىھ تەرىپىدىنمەغلۇپ قىلىنىپ، ئاناتولىيەنىڭ شەرقىدىن ۋاز كەچكەن.

بۇ قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى شۇنچىلىك زور بولغانكى، سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ بۇ ئۇرۇش ھەققىدە خۇراسان ھۆكۈمدارى ھۈسەيىن بايقارا ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى سۇلتان يۇنۇسخانغا يوللىغان زەپەرنامىسىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يازدۇرغان. چۈنكى ئەينى چاغدا شىمالدا سىبېرىيەدىن جەنۇپتا ھىندىستانغىچە، شەرقتە خىتايدىن غەربتە ئانادولۇغىچە بولغان ئاسىيا قىتئەسى بىرئۇچىدىن يەنە بىر ئۇچىغىچە تۈرك-موڭغۇل بىرلەشمە ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولغاچقا ئۇيغۇر يېزىقىمۇ تەبىئىي بىر شەكىلدە بۇ پايانسىز زېمىننىڭ ئورتاق يېزىق سىستېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئەلىشىر نەۋائىي بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنىدى: «مەن تۈرك ئەدەبىياتى بايرىقىنى تىكلەش ئارقىلىقلا بارچە تۈرك قەۋملىرىنى بىر مىللەت قىلالىدىم. گەرچە مەن ئەسكىرى بار ھەربىي قوماندان بولمىساممۇ، بىراق دىۋانىم ئارقىلىقلا تەبرىزدىن سەددىچىنگىچە بولغان بىپايان تۇران زېمىنىنى قەلەم بىلەنلا بويسۇندۇردۇم».

4. ئىلخانىلارنىڭ زاۋال تېپىشى ۋە ئەرەتنا دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

1303- 1320-يىلى ئاپرىل شەقھەب ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. «شەقھەب دەمەشىققە يېقىن جاي بولۇپ، بۇ ئۇرۇش ئىسلامغا كىرگەن پېرسىيە ئىلخانىيلار سۇلالىسى(1255-1355) بىلەن مىسىر مەملۇكىيلار سۇلالىسى (1250-1517) ئارىسىدا بولغان. ھەر ئىككى تەرەپ 200 مىڭ ئەسكەر بىلەن قاتتىق تۇتۇشقان. موڭغۇللارغا قۇتلۇقشاھنويان، مەملۇكىيلارغا سۇلتان ناسىر قوماندانلىق قىلغان. ئۇرۇش ئۈچ كۈن ئۇدا داۋام قىلىپ، مىسىر تەرەپغەلىبە قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ مەغلۇبىيەتتىن قۇتقۇزغان شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ رولى زور بولغان. 1260-يىلى شەيخۇلئىسلام ئىززىددىن ئابدۇسالام مىسىر-سۈرىيەنى قانداق ساقلاپ قالغان بولسا، ئىبنى تەيمىيەمۇ بۇ قېتىم شۇنداق رول ئوينىغان. شۇنىڭدىن كېيىن  ئىلخانىيلار قايتا شامغا ھۇجۇم قىلالماي، 1309-يىلى كونيانى مەركەز قىلغان ئاناتولىيە سالجۇق خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغان. نەتىجىدە ئەرتوغرۇلنىڭ ئوغلى ئوسمان تولۇق مۇستەقىل بولۇۋالغان. ئەڭ چوڭ زەربە 1334-يىلى ئاناتولىيەدە قۇرۇلغان ئەرەتنا خانلىقىدىن كەلگەن. 1335-يىلى 1-دېكابىر سۇلتان ئەبۇ سەئىدباھادىرخان ئۆلگەن. ئاقىۋەت ئىلخانىلارمۇ 1355-يىلى ھالاك بولغان.

5. ئەرەتنا دۆلىتىگە قىسقىچە باھا

موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئۇيغۇرلارغا بەكرەك تايانغاچقا، ئۇنىڭ غەلىبىسىنى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل خانلىق قۇرۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. بۇنىڭغا غەربىي ئاسىيادا قۇرۇلغان ئەرتىنە(ئەراتنا)خانلىقىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خانلىقنى ئىلخانىيلارنىڭ ئاناتولىيىدىكى باش ۋالىسى ئەرتىنە قۇرغان. ئەرتىنە ئەسلىدە مىلادى 1327-يىلى ئاناتولىيىگە باش ۋالى بولۇپ تەيىنلىگەن. ئۇ مىلادى 1334-يىلى ئىسيانكۆتۈرۈپ مۇستەقىللىق ئىلان قىلغان. بۇ خانلىق مىلادى 1381-يىلىغىچە 46 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. بۇ خانلىقتاسۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا(1335-1352-يىللار)، غىياسىدىن(1352- 1365-يىللار)، ئالائىددىن (1365- 1380-يىللار)، مۇھەممەد(1380-يىلى) ۋە قىلىچ ئارسلان(1380- 1381-يىللار) قاتارلىق بەش كىشى تەختتە ئولتۇرغان. بۇ خانلىق ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىلدە تىزگىنلىگەن ۋە ھۆكۈم سۈرگەن زېمىنى ئاناتولىيىگە تولۇق كېڭەيگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئايرىم تەتقىق قىلىنىدىغان مەسىلە. لېكىن، موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ساھەدە ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تولۇق نامايەن قىلغان مەزگىلى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، موڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ تارىخىنى يازغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ئۇتۇقلىرىنى تولۇق يورۇتۇش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەنتىقىسىنى چۈشۈنىشتىكى مۇھىم بىر ۋاسىتىدۇر.

بىر قىسىم ئاتالغۇلارغا ئىزاھات:

1. ئاققويۇنلۇ (ئاق قويچىلار) خانلىقى

سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا ئىلخانىلارنىڭ يۈرىكى بولغان ئاناتولىيەنى ئايرىپ چىققاندىن كېيىن، ھازىرقى تەبرىزنى مەركەز قىلغان ئاق قويچىلار بەگلىكىمۇ 1340-يىلى خانلىق قۇرۇۋالدى. ئاندىن ئىلخانىلار ۋە ئەرەتنا خانلىقى گۇمران بولغاندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ تەۋەسى بولغان ئىراق، شەرقىي ئاناتولىيە ۋە ئەرمەنىيە قاتارلىق جايلارنى تىزگىنلەپ، 1468-يىلى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى ئەبۇ سەئىد مىرزا( مەشھۇر بۇسەيت سۇلتان، سۇلتانيۇنۇسخاننىڭ ئىتتىپاقدىشى) ئاق قويچىلارنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك شاھى ئۇزۇن ھەسەن تەرىپىدىن مەشھۇر قاراباغ ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلدى. بىراق 1473-يىلدىكى ئۇرۇشتا ئوسمانىلار قولىدا مەغلۇپ بولۇپ، كۈنسىرى زاۋاللىققايۈزلىنىپ، 1488-يىلى يوقالدى.

2. قاراقويۇنلۇ (قارا قويچىلار) خانلىقى

ئىلخانىلار ۋە ئەرەتنا خانلىقىدىن كېيىن شەرقىي ئاناتولىيە، ئەزەربەيجان، ئىراق ۋە ئىراندا 1351-يىلدىن 1469-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن تۈركمەن خانلىقى. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى ھەسەن تۆمۈرىلەر سۇلتانى بۇسەيت سۇلتاندىن ئۇزۇن ھەسەنگە قارشى ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان. بىراق بەختكە قارشى تۆمۈرىلەر ۋە قاراقويچىلار ئارمىيىسى قاراباغ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، 1469-يىلى قارا قويچىلار ئاق قويچىلار قولىدا مۇنقەرز بولغان.

3. ئوتلۇقبەلى ئۇرۇشى

1473-يىلى 12-ئاۋغۇست كۈنى، فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد قوماندانلىقىدىكى ئوسمان ئىمپېرىيەسىئارمىيەسى، مەشھۇر «ئوتلۇقبەلى ئۇرۇشى»دا، ئۇزۇن ھەسەن قوماندانلىقىدىكى ئاققويۇنلۇ( ئاق قويچىلار) ئارمىيەسىنى يەڭدى. بۇ مەغلۇبىيەت بىلەن تەڭ، ئاققويۇنلۇ دۆلىتى تارىخ سەھنىسىدىن غۇلاپ چۈشتى.

4. ئەبۇ سەئىد مىرزا

ئۇ ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، 1451-يىلدىن 1469-يىلغىچە ھازىرقى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئافغانىستان، ئىران ۋە خۇراساننىڭ يېگانە ھۆكۈمدارى بولغان. ئۇ سۇلتان يۇنۇسخاننى 1453-يىلى تەختكە چىقىرىپ، شەرقىي چاغاتاي خانى، يەنە كېلىپ يۇنۇسخاننىڭ ئىنىسى ئېسەن بۇغا خانغا قارشى قوللانغان. 1462-يىلى يۇنۇسخان ئاخىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە سۇلتان بولالىغان. بىراق مىرزا ئابابەكرى 1466-يىلى پۈتۈن تارىم ۋادىسىنى يۇنۇسخاندىن تارتىۋالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قالماقلار ئىلى ۋادىسىنى ئىگىلىۋالغان. ئەبۇ سەئىد مىرزىمۇ 1469-يىلى قاراباغدا ئۇزۇن ھەسەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئاقىۋەت ئۇنىڭ دادىسىز قالغان ئۈچ ئوغلىنى يۇنۇسخان كۈيئوغۇل قىلىۋالغان. 1483-يىلى فېۋرالدا ئەڭ كىچىك كۈيئوغلى ئۆمەرشەيىخ مىرزىدىن نەۋرىسى بابۇر شاھ دۇنياغا كەلگەن. شۇنداق بولغاندا ئەبۇ سەئىد مىرزا بابۇرشاھنىڭ ئاتا تەرەپ بوۋىسى بولغان بولىدۇ.

5. قارامان ئوغۇللىرى (قارامانلار بەگلىكى)

1256-يىلدىن 1474-يىلغىچە كونيا ۋە ئالانيانى مەركەز قىلىپ ئوتتۇرا ئاناتولىيەدە ھۆكۈم سۈرگەن بەگلىكتۇر. ئىلخانىلار ئىزچىل چوبان ئوغۇللىرىغا تايىنىپ ئاناتولىيەنى باشقۇرۇپ كەلگەن بولسا، قارامان ئوغۇللىرى ئارقىلىق چوبان ئوغۇللىرىنى چەكلەپ تۇرغان. كېيىنچە قارامان ئوغۇللىرى ئاناتولىيەنى ئوسمانىلاردىن تالىشىش كۈرەشلىرىدە ئىزچىل ئاق قويچىلار شاھى ئۇزۇن ھەسەننىڭ ھەربىي ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. شۇ ۋەجىدىن 1473-يىلدىكى ئوتلۇقبەلى ئۇرۇشى قارامان ئوغللىرىنىڭ ھالاكىتى بولۇپ قالغان.

6. ھۈسەيىن بايقارا

1470-يىلدىن 1506-يىلغىچە خۇراساندا ھۆكۈمران بولغان ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى. ئۇ ئىزچىل ۋەزىرى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ياردىمىدە خۇراساننى ئۇيغۇر-تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى ئوچىقىغا ئايلاندۇرغان. بىراق 1501-يىلى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ۋاپات بولۇشى، 1506-يىلى ھۈسەيىن بايقارانىڭ قازا قىلىشى بىلەن ھېراتنى مەركەز قىلغان خۇراسان ھاكىمىيىتى 1507-يىلى دەشتى قىپچاقتىن بېسىپ كەلگەن مۇھەممەد شايبانىخان قولىدا خاراب بولغان. 1511-يىلى شاھ ئىسمائىلنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن.

7. سۇلتان يۇنۇسخان

تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ياشلىق دەۋرىدە ئۇلۇغبەگنىڭ دادىسى شاھرۇخ مىرزا تەرىپىدىن ئوتتۇراشەرقنىڭ ئەللامىسى مەۋلانە شەرىپىدىن ئەلى يەزدىغا ئەۋەتىپ بېرىلگەن. يۇنۇسخان ئۇ يەردە 20 يىلدەك ئىلىم تەھسىل قىلىپ، 1453-يىلى تۆمۈرىلەر ھۆكۈمدارى ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھازىرقى تاشكەنتتە تەختكە چىققان. 1462-يىلدىن 1487-يىلى 8-ئىيۇنغىچە تاشكەنتتىن ئىلىغىچە، پامىردىن كەشمىرگىچە، بەشبالىقتىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى سورىغان. ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا خانلىقنىڭ غەربىنى تاشكەنتنى مەركەز قىلغان چوڭ ئوغلى مەھمۇدخانغا، شەرقىنى تۇرپاننى مەركەز قىلغان كىچىك ئوغلى ئەھمەدخان(سەئىدخاننىڭ ئاتىسى)غا بۆلۈپ بەرگەن.

8. ئابباسىيلار سۇلالىسى

ئابباسىيلار سۇلالىسى قانداق قۇرۇلغان؟

ئابباسىيلار ئىنقىلابى مىلادىيە 747-يىلى باھاردا ھازىرقى خۇراساندىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەرەب ئۇمەييەلەر سۇلالىسى خەلىپىلىكىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئەبۇل ئابباس ساففاھ مىلادىيە 749-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ھەتتا ئۇمەييە ئاغدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى كۇفە مەسچىتىدە خەلىپە دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.

ئىككى ئايدىن كېيىن، يەنى 750-يىلى 25-يانۋار ھەر ئىككى قوشۇن بۈيۈك زاب دەرياسى قىرغىقىدا(ھازىرقى ئىراقتا) ئۇچراشتى. ئۇرۇشتا ئەبۇ مۇسلىم خۇراسانى ئۇمەييەلەرنىڭ ئەڭ سەرخىل 120 مىڭ ئارمىيىسىنى بىتچىت قىلدى. ئەڭ ئاخىرقى ئۇمەييە ھۆكۈمدارى مارۋان ئىككىنچى مەغلۇب بولۇپ، قوشۇنى ئابباسىيلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، مارۋان II نىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنى غەرپكە قېچىش ئىدى.

ئۇ سۈرىيە ئارقىلىق جەنۇبقا كۆچۈپ، پاناھلىق تاپالمىدى ۋە مىسىرغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدا، سۈرىيەنىڭ يېزا-بازارلىرى «ئابباسىيلار»غا بوي سۇندى، پەقەت دەمەشىقلا قارشىلىق كۆرسەتتى. مىسىردىكى بۇسىردا، مارۋان ئاخىرى قالغان كىچىك قوللىغۇچىلىرى بىلەن تۇتۇلۇپ، 750-يىلى 06-ئاۋغۇستتائۆلتۈرۈلگەن، بېشى ئەبۇل ئابباسقا ئەۋەتىپ بېرىلگەن.

750-يىلى 25-يانۋاردىكى مەزكۇر ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش ئابباسىيلارنىڭ ئىراقتىكى ۋە غەرپتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولسا، 751-يىلى 27-ئىيۇلدىكى تالاس ئۇرۇشى مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىرىنى زورايتقان. تولىمۇ ئەپسۇس، ئاكىسى ساففاھ ئورنىغا چىققان مەنسۇر دۆلەت ئاتىسىئەبۇ مۇسلىم خۇراسانىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ كېتىۋاتقان ئىناۋىتىدىن قورقۇپ، سۇيقەست بىلەن قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئابباسىيلارنىڭ قىرىق يىللىق داۋالغۇش دەۋرى باشلانغان.

793-يىلدىن 844-يىلغىچە تۈركلەرنىڭ ياردىمىدە قايتا قۇدرەت تاپقان ئابباسىيلار، 845-يىلدىن 945-يىلغىچە يەنە خاراب بولدى. 945-يىلدىن 1055-يىلغىچە شىئە مەزھىپىدىكى بۇۋەيھىلەر خانلىقىنىڭ قورچاق خەلىپىلىكىگە ئايلىنىپ قالدى. 1055-يىلدىن 1155-يىلغىچە سالجۇقىلار ھامىيلىقىدا داۋام قىلدى. بىراق 1158-يىلدىن 1258-يىلغىچە يەنە خارابلىشىپ كەتتى. ئاقىۋەت موڭغۇللار بۇ لىڭشىپ قالغان سۇلالىنى تۈپتىن يوقىتىۋەتتى.

1243-يىلى ئاناتولىيە سالجۇقىلىرىنى ئۆزىگە بېقىندى قىلىۋالغان ھىلاكۇ ئاكىسى مۆڭكۈخانغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن 1252-يىلى ئوتتۇرا شەرقتىن ۋاقىتلىق چېكىندى. بىراق ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشنىڭ ئالتۇن پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويدى. گەرچە ھىلاكۇخان تاغىسى باتۇخاننىڭ توسۇشى بىلەن ئۈچيىلدەك ئىسلام دۇنياسىغا چېقىلالمىغان بولسىمۇ، 1255-يىلى باتۇخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكىسى مۆڭكۈخاننىڭ قوللىشى بىلەن قايتىدىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەربىگە(ئوتتۇرا شەرق) باستۇرۇپ كەلدى. ئۇ ئالدى بىلەن 1256-يىلى 16-دېكابىر ئىسلام دۇنياسىغا 166 يىل ۋەھىمە سالغان مەشھۇر ئالامۇت قەلئەسىنى تۈزلىۋەتتى. ئاندىن1257-يىلى ئابباسىيلارغا ياردەم بېرەلەيدىغان بارچە كۈچلەرنى بېقىندۇردى. 1257-يىلى دېكابىرداھىلاكۇخان پايتەخت باغداتقا ئومۇميۈزلۈك قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. 1258-يىلى 29- 30-يانۋار كۈنلىرى موڭغۇللار ئاخىرى باغداتنى تولۇق قورشىۋالدى. كېيىنكى بىر ھەپتىدە خىتايدىكى سېپىللارنى پارتلىتىش ئۇرۇشلىرىدا پىشقان بىر گۇرۇپ زەمبىرەكچى قىسىم باغدات شەھىرىدىن بىر يوچۇق ئاچتى. ئاقىۋەت خەلىپە تەسلىم بولدى. شۇنداق قىلىپ 1258-يىلى 10-فېۋرال ئىسلام دۇنياسىدا 505 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، 750-يىلى 22-يانۋاردىكى زاب ئۇرۇشىدا ئاساس سېلىنغان، 751-يىلى 27-ئىيۇلدىكى تالاس ئۇرۇشىدا مۇستەھكەملەنگەن ئابباسىيلار سۇلالىسى(750-1258) موڭغۇللار قولىدا مۇنقەرز بولدى.

ئىلخانىلار تارىخچىسى راشىددىن ھەمەدانى (1247-1318) يازغان «تارىخلار جەمگاھى (جامىئۇت تەۋارىخ )» تىن ئۈزۈندە.

ئەرەتنا خانلىقى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپلىگەن تارىخىي مەلۇماتلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى كىتاپنى ئوقۇپ چىقىڭ:

14-ئەسىر ئاناتولىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى نامايان قىلىنغان «ئەراتنالىقلار» ناملىق كىتاب تۈركىيە ئاتاتۈرك مەدەنىيەت تىل ۋە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن 2005-يىلى نەشر قىلىندى.

بۇ كىتابنى ئىسپارتا سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور كامال گۆدە ئەپەندى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 1327-يىلىدىن 1381-يىلىغىچە ئاناتولىيىدە ھۈكۈم سۈرگەن ئالاھىدىن ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان.

«ئەراتنالىقلار» ناملىق بۇ كىتاب، 4 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ ئىچىدە ئالاھىدىن ئەراتنا ئۇيغۇردۆلىتى مەزگىلىدە سېلىنغان مەسچىت، قەۋرە ۋە شۇ مەزگىلدە ئىشلىتىلگەن پۇللارنىڭ رەسىملىرگىمۇ يەر بېرىلگەن. كىتاب جەمى 203 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ ئاخىرىدا ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ خەرىتىسى بېرىلگەن.

ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىر تۈركىيىنىڭ ئاماسىيە ۋىلايىتىنىڭ ئۇيگۇر ناھىيىسىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇندىن ئون بەش يىل ئىلگىرى 8-نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1 . بۈيۈك بېرىتانىيە ئىنىسكلوپىدىيىسى

2 . تۈرك ئىنسكلوپىدىيىسى

3 . ئۇيغۇر يىلنامىسى

4 . ئىسلام ئىنسكلوپىدىيىسى

5 . جامىئۇت تەۋارىخ

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top