دوستويېۋىسكىينىڭ گۈزەل سۆزلىرى
ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئىنسان بىر سىردۇر؛ ئەگەر پۈتۈن ھاياتىڭىزنى مۇشۇ سىرنى يېشىشكە ئاجراتقان بولسىڭىز، ئۇ ۋاقىت بۇ ھاياتنى مەنىسىز ئۆتكۈزمىگەن ھېسابلىنىسىز. مەن بۇ سىرنى يېشىشكە ئۆزۈمنى ئاتىدىم. چۈنكى، مەن ئىنسان بولۇشنى ئىستەيمەن.
كۈچلىرىمنى ئىچىمدىكى كۈچسىزلىك بىلەن ئېلىشىپ خوراتتىم.
ياشاش ئۈچۈنلا ئەمگەك قىلىش نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق ھە؟
ئەگەر سەن بىر قۇياش بولساڭ، ھەممە كىشىنى سېنى كۆرىدۇ.
ھېچقانداق بىر نەرسە ئەسكى بىر ئادەمنى ئەيىپلەشتىن ئاسان ۋە ئۇنى چۈشۈنىشتىن بەتەر تەس ئەمەستۇر.
بۇ دۇنيادا ھېچقانداق بىر نەرسە، ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن بەتەر تەس، يالغان سۆزلەشتىن بەتەر ئاسان ئەمەستۇر.
بۈيۈك پىكىرلەر بۈيۈك ئەقىلدىن ئەمەس، بۈيۈك بىر قەلبتىن تۇغۇلىدۇ.
بۇ دۇنيادىكى بارلىق مۇناسىۋەتلەر شەك شۆبھىسىز مەنپەئەتنىڭ ئۈستۈگە قۇرۇلغان.
ھايات بىر ئىمتىھاندۇر؛ ئەمما ئۇ باشقا ئىمتىھانلارغا ئوخشىمايدۇ؛ چۈنكى بەزىدە سادىر قىلغان بىر خاتالىق بارلىق ياخشىلىقنى بىتچىدە قىلىۋېتىدۇ.
كىشىلەرگە ھۆرمىتىڭ چەكسىز، سەۋررىڭنىڭ چېكى بولسۇن.
مەنتىقىسىزلىقنىڭ مەنتىقىسى تېپىلىدىغان جاي، دەل جاھالەتتە قالغان ئادەمنىڭ كاللىسىدۇر.
كىشىنىڭ ئىسيانى، ئىلكىدىكى كۈچىچىلىك بولىدۇ.
ھەقىقەتەن نېمە قىلدىم بۇ يىللارنى؟ ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ گۈزەل يىللارىنى قەيەرگە كۆمدۇم؟ ياشىدىنمۇ؟ ياكى بولمىسا ياشاۋاتىمەنغۇ دەپ ئويلاپ قالدىممۇ؟
ھېچ بىر ۋاقىت دۇرۇس بىر ئادەم چىقمىدى ئالدىمغا، يا زامان خاتا، ياكى ئادەم.
ھازىر كىشىلەر كۆپ نەرسىلەرگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما بەختى ئازىيىپ كەتتى.
ئۆزۈمگە يارىشىدىغان ئىشنى قىلاي دەپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، گەپ قىلماي جىم ئولتۇرسام؛ ھەممە كىشى ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ ئويلاپ قالدى.
قايسى بىر مىللەتنىڭ كۈتۈپخانىلىرىدا كۆپ كىتاب بولغان بولسا، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەلەمىدە, ئىدراك سەۋىيەسى شۇنچىلىك يۈكسەك بولىدۇ.
ئۆتكەندە بىر ئەقىللىق خانىم ماڭا، باشقىلارنى ئەيىبلەشكە ھەققىمنىڭ يوقلىغىنى ئېيتتى. چۈنكى دېدى، ئۇ:« سەن دەرت تارتىشنى بىلمەيدىكەنسەن، ھالبۇكى، باشقىلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئەيىبلەش ھەققىنى دەرد تارتىش ئارقىلىق قازىنىشىڭ كېرەك
سىز ئوچۇق گەپنى قىلىشقا قەدەر قەتئىي ئەمەس ئىكەنسىز، قورقۇپ تۇرۇپ يولسىزلىق قىلىۋاتىسىز. پاراسىتىڭىزدىن ماختىنىۋاتىسىز. يەنە بىر ياندىن ئىككىلىنىۋاتىسىز. چۈنكى كاللىڭىز ئىشلىگىنى بىلەن، يۈرەگىڭىز ئەسكىلىك بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىكەن، ئىگەكىم يۈرەكى بولمىغاننىڭ پاراسىتى كەمتۈك بولىدۇ.
ئويلاپ قالدىم، شەيتاننى ئىنسان ئىجات قىلغانمىدۇ، ھەمدە ئۆزىگە ئوخشىتىپ ئىجات قىلغاندەك قىلامدۇ نېمە دەپ. بەزىلەر ئىنساندا «ھايۋان» غا ئوخشايدىغان زالىملىق بار، دەپ يۇرۇيدۇ. ئەمما، بۇ ھايۋانلارغا قىلىنغان قورقۇنچلۇق ھەقسىزلىقتۇر. چۈنكى بىر ھايۋان ئىنساندەك زالىم بولالمايدۇ، ئىگەكىم بۇنداق ئۇستۇلۇق ۋە سەتئەتكە خاس زالىملىقنى پەقەت ۋە پەقەتلا ئىنسانلا قىلىدۇ.
شۇنداق كىشىلەر باركى، پەقەت بىر ماركا بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، يەنە شۇنداق كىشىلەر باركى، پەقەت ئىنسان بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
ئاجايىپ ھەيران قالارلىقكى، ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ھەر يالغانىدىن بىر توغرىنى، ياخشى كۆرمىگەنلىرىمىزنىڭ ھەر توغرىسىدىن بىر يالغاننى ئىزدەپ تاپىمىز.
بۇ يەردە ئادەمگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلىرى ئەمەس؛ يالغانچىلىقنى ھەر ۋاقىت كەچۈرىۋېتەلەيسەن؛ ئەسلىدە يالغانچىلىقمۇ شېرىن بىر نەرسىدۇر؛ چۈنكى يالغان يا ئۇنداق – يا مۇنداق بولۇپ، ئاخىرى سېنى توغرۇ بولغانغا ئاپىرىدۇ. بۇ يەردە كىشىگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى شۇكى، ئاشۇ ئۆزۈ قىلغان يالغان گەپلىرىگە ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىشىنىپ قالىدىغانلىقىدۇر.