You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » يېڭىسار سېپىلى ئۈستىدىكى ئويلار

يېڭىسار سېپىلى ئۈستىدىكى ئويلار

«يول» ناملىق روماندىن ئارىيە: يېڭىسار سېپىلى ئۈستىدىكى ئويلار

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بۇ مۇبارەك كۈنلەردە، ئۇلۇغ مەككىدە نەچچە مىليون مۇسۇلمان جەم بولۇپ ھەج تاۋاپ قىلىۋاتقاندا، ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلاپ تۇرۇپ، مۇسۇلمانغا قىلىچ يالىڭاچلاپ ھۇجۇم قىلىپ، قان تۆكۈشىگە قارىغاندا، ئۇلارنى قانداقمۇ ھەقىقىي مۇسۇلمان دېگىلى بولسۇن؟ يىلان ئەڭ زەھەرلىك، ئەڭ خەتەرلىك بارلىقتۇر. ئەمما يىلانمۇ سۇ ئىچىۋاتقان بىرسىگە چىقىلمايدىغۇ! ئەمىر ساھىم مەدرىستە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئاڭلىغان يىلان توغرىسىكى ھېكايىنى يادىغا ئالدى:

‐ يىلان ھەر زامان ئوۋچىدۇر، توشقان بولسا ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئوۋدۇر. توشقان بىر كۈنى بۇك باراقسان ئورماندا بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ تۇرغان سۈپسۈزۈك بۇلاقتىن سۇ ئىچىۋاتقاندا، يىلان ئۇنى كۆرۈپ، دەرھال ئۆمىلەپ توشقاننىڭ يېنىغا يېقىنلىشىپتۇ ۋە توشقاننىڭ سۈنى ئىچىپ بولۇشىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ، توشقان سۈنى ئىچىپ بولۇشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. ئەمما، توشقان سەزگۈر ۋە ناھايىتى تېز بولغاچقا، چاققانلىق بىلەن قېچىپ كېتىپ، يىلاننىڭ چىقىۋىلىشىدىن قۇتۇلۇپتۇ. يىلان بولسا ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ توشقاننى قاچۇرۇپ قويغانلىقىنى ئاڭقىرالماپتۇ ۋە ھەيرانلىق بىلەن ئويلاشقا باشلاپتۇ. توشقان بولسا يىلاننى ئەخمەق قىلىپ: «سېنى مەن بەكمۇ سەزگۈر، دەپ بىلەتتىم، مەن سۇ ئىچىۋاتقاندا ئارقامدا تۇرۇپ ساقلىغاننىڭ ئورنىغا نېمە ئۈچۈن كېلىپلا ماڭا زەھەرلىك نەشتىرىڭنى سانجىمىدىڭ؟» دەپ سوراپتۇ.

يىلان بولسا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: «سۇ ئىچىشكە ھەركىم موھتاج. شۇڭا مەن موھتاجلىق ئىچىدە تۇرغان بىرسىگە ھەرگىز ھۇجۇم قىلمايمەن. ئەگەر بىرسى، ئۆزى موھتاج بولغان نەرسىسى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقاندا ھۇجۇم قىلسا، ئۇ ھەقىقەتەن ئىپلاس، نامەرت بىرسىدۇر. مەن ئۇنداق ئىپلاس، نامەرتلەردىن ئەمەسمەن» دەپتۇ. توشقان دۇنيادىكى ئەڭ ئەسكى، ئەڭ زەھەرلىك دەپ تونۇغان يىلاننىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ناھايىتىمۇ خىجىلچىلىق ئىچىدە قاپتۇ. شۇندىن بۇيان كىشىلەر ئارىسىدا «سۇ ئىچىۋاتقاندا يىلان چاقمايدۇ» دېگەن ماقال – تەمسىل تارقىلىپ، ئىنسانىيەتكە مىراس بولۇپ قاپتۇ.

ئەمىر ساھىب ئۆز ئۆزىنى خاتىرجەم قىلىپ: «پاك سۇ خۇددى ئىسلام دىنىمىزغا ئوخشاش، ئادەم جىسمى ۋە روھىنىڭ قاغجىراپ كېتىشىدىن، قۇرۇپ چۆلدەرەپ كېتىشىدىن، پاسكىنا بولۇپ چىركىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. بولۇپمۇ توشقان ئىچكەن زەمزەمدەك بۇلاقنىڭ ساپ، سۈزۈك سۈيى خۇددى بىزنىڭ مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئېسىل ئەقىدىلىرىنىڭ سىمۋولىدۇر. دېمەك، ئەتە سەھەردە بىز ئاشۇ مەنىۋى بۇلاقتىن سۇ ئىچىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ كىشى قوراللىرىمىزنى يەرگە تاشلاپ قويۇپ، سەپراس تۇرۇپ ۋە ئانا تۇپراققا باش قويۇپ، سەجدە قىلىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇيمىز. تۇڭگانلارمۇ ئەھلى مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن، ئۇلارمۇ ئەلۋەتتە ھېيت نامازى ئوقۇپ، ھېيت ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا نېمىدىن ئەنسىرەيمەن. ھەرقانچە بولسىمۇ تۇڭگانلارنىڭ يىلانچىلىك ۋىجدانى باردۇ. ئاللاھ خالىسا ئەتە تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ قۇربان ھېيت نامازىمىزنى خاتىرجەم ئوقۇۋالارمىز. ئاندىن كېيىنكى ئىشلارغا ئاللاھ كەرىم!» دەپ ئويلاپ سېپىلدىن تۆۋەنگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top