ئۇيغۇر دۆلىتى ئوردىسىغا كەلگەن خىتاي مەلىكىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى سىياسىي رېئاللىق
پىروفېسسور گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇرەھىم پاراچ
قاراشتا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ توي، ئەسلىدە خىتايلارغا خالىغىنىنى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ سىياسىىي ھاكىمىيتىنى ۋە خىتاي ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىر قوللۇق كونترول قىلىشنى، ئۇيغۇر دۆلىتى ئوردىلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ھوقۇقدارلارنىڭ بىرەرسىنىڭ بولسىمۇ خىتايلاردىن بولىشىنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
خىتاي مەلىكىسى نىڭكونىڭ تويى
758-يىلى ئۇيغۇر قاغانى (مۇيۇنچۇر قاغان 747-759) بىلەن خىتاي مەلىكىسىنىڭ توي قىلىشى ئۈچۈن ئەلچىلەر ئەۋەتىلدى. ئۇيغۇر ئەلچىلەر بىلەن ئابباسىي ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇيۇقسىز كېلىشى ئوخشاش بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئوردىغا ئىككىسىنىڭ قايسىنى بۇرۇن باشلاش مەسىلىسى مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ئاخىرى كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل ئەمەلدارلار بۇلارنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، باشقا-باشقا دەرۋازىدىن ئوردا ئىچىگە قوبۇل قىلدى.
خىتاي خانى ئۇيغۇر ئەلچىلەرگە، ئۇيغۇر قاغانىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكىدەك بىر مەكتۇپ ئەۋەتتى:
«مىنىڭ بىلىشىمچە، ھۆرمەتلىك ئىمپىراتور بۇرۇندىن تارتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن پۈتۈن دۆلەتتە، مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغان كىشىلەرگە موكاپاتلار بىرىپ كەلگەن ئىدى. قىلىنغان ۋەدىگە ئاخىرغىچە ئەمەل قىلىش بىلەن ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ. پەزىلەت بولسا پۈتۈن دۇنياغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئېسىل ئەخلاقى بولمىغانلار ئالماشتۇرۇلىدۇ. چۇ سۇلالىسى ۋاقتىدا مەدەنىيەتسىز مىللەتلەرگىمۇ ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىناتتى. ئۇلار چۇ سۇلالىسىدىن خۇرسەن بولغان ۋە بارا-بارا خىتاي بىلە بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئوڭشالغان ئىدى. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بولسا توي قىلىش ۋاستىسى بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى قۇرۇلدى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن مەنمۇ ئەلۋەتتە ئۇلار قوللانغان چارىنى قوللىنىمەن.
توپىلاڭلار يۈز بىرىپ دۆلىتىمىز تەۋرەپ قالغان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار خىتاي خانىغا سەمىمىيتىنى بىلدۈرۈپ ئەسكەر ئەۋەتكەن ۋە ئۇ توپىلاڭلارنى بېسىقتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي دۆلىتى بىلەن ئۇيغۇر قاغانلىقى ئارىسىدا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ سايىسىدا خىتاي چېگرالىرى خاتىرجەملىككە ئىگە بولدى. ھېلىھەم ئىككى پايتەختىمىزنى توپىلاڭچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.
ئۇيغۇر قاغانى خىتايغا قىلغان بۇ ياردەملىرىگە جاۋابەن بىر خىتاي مەلىكىسى بىلەن ئۆيلىنىشنى خالاپتۇ. بۇ سەۋەپتىن قىزىم ناتونۇش بىر دۆلەتكە بارىدۇ. بۇنىڭدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم. نېمىلا بولمىسۇن دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن قىزىم ئۇ يەرگە بېرىشى كېرەك. كىشىلەر «قىزىغا ئىچى ئاغرىمىدى» دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن. خىتاي مىللىتى ئۈچۈن دۆلىتىمنىڭ سىرتىدا بىر ئوردا ياسىلىپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن قىزىمنىڭ ئۇ ئوردىغا تەيىن قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قىزىم نەچچە مىڭ كېلومېتىر ئۇزاقلارغا ياتلىق قىلىنىش بەدىلىگە تىنچلىق ۋە ھۇزۇر مەيدانغا كەلگۈسى.
ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىمىزدا سەمىمىيەت ۋە ئىشەنچ ئورنىتىلغاندىن كىيىن ئائىلىمىز ۋە دۆلىتىمىز ئىچىدە تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق بولغاي. كىچىك قىزىم نىڭكۇ مەلىكىلىك شەرىپى بىلەن ئۇيغۇر قاغانىغا خوتۇنلۇققا بىرىلسۇن! توي مۇراسىمى ۋازارىتى قىزىمنىڭ ئۇيغۇر دۆلىتىگە بېرىشى ئۈچۈن جىددىي يول ھازىرلىقى قىلسۇن! خەنچۇڭ ۋالىيسى يۈ قىزىمنىڭ ئەلچىسى بولۇپ بىللە بارسۇن! قاغانغا «يىڭۋۇ ۋېييۈەن پىچىيا قاغان» ئۈنۋانى بەردىم. جىيەنىم «خۇلۇ شاۋچىڭ» ئۇنۋانى بىلەن «مەلىكە نىڭكۇنىڭ توي ئىشلىرى ئەمەلدارى» بولۇپ تەيىنلەنسۇن!»
خىتاي خانى قىزى ئۈچۈن خوشلىشىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇردى ۋە ئۇنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىسەنياڭ دېگەن يەرگىچە بىللە باردى. مەلىكە نىڭكۇ دادىسى بىلەن خوشلاشقان ۋاقىتتا «دۆلىتىمنىڭ ئىشى مىنىڭ شەخسىيتىمدىن مۇھىم ۋە ئۈستۈندۇر. ئۆلسەممۇ پۇشايمان قىلمايمەن» دېدى. خىتاي خانى كۆزلىرىدىن ياش تۆككىنىچە قىزى بىلەن خوشلىشىپ قايتتى.
مەلىكە نىڭكۇ بىلەن بىللە ئۇنىڭغا ھەمرا بولغان يۈ ۋە باشقىلار جاپالىق يوللارنى بىرلىكتە بېسىپ، ئۇيغۇر دۆلىتىگە يېتىپ كەلدى . ئۇلار قاغاننىڭ چېدىرى ئالدىغا كەلگىنىدە، ئۇيغۇر قاغانى بېشىغا ۋە ئۇسقىنىغا قىزىل كىيىم كىيگەن ھالدا تەختىدە ئولتۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغىنىچە ھۆرمەت بىلدۈرۈشۈپ تۇرۇشاتتى. ئىچىگە كىرىشتىن بۇرۇن مەلىكىگە ھەمرا بولۇپ كەلگەن يۈ چېدىرنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى ۋە قاغان ئۇنىڭدىن خىتاي خانى بىلەن قانداق تۇغقان ئىكەنلىكىنى سورىدى. يۈ بولسا خىتاي خانىنىڭ نەۋرە ئاكىسى ئىدى.
قاغان مەلىكە بىلەن بىللە كەلگەن ھەرەم ئاغىسى لەينىڭ يۈدىن بىر ئاز يۇقىرىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ: «قانداق بولۇپ بىر قۇل بىر شاھزادىدىن يۇقىرى ئورۇندا ئولتۇرىدۇ؟» دەپ قاتتىق غەزەپلەندى. لەي شۇ ھامان تۆۋەنگە كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭدىن كىيىن يۈنىڭ چېدىر ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىندى. يۈ چېدىر ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن، قاغانغا ئۇيغۇرچە قائىدە بويىچە سالام قىلمىغىنى ئۈچۈن قاغان يەنە غەزەپلەندى ۋە:
«بىر دۆلەتنىڭ قاغانى بىلەن كۆرۈشكەن ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ قائىدىسى بىلەن ئۇنىڭغا سالام قىلىشى كېرەك» دېدى. بۇ ۋاقىتتا يۈ:
«بۇرۇن خىتايلار باشقا دۆلەت بىلەن تۇغقان بولۇشقىنىدا خان ئائىلىسىدىن بىرىنى ئەۋەتەتتى. ھازىر كەلگەن بۇ مەلىكە نىڭكۇ بولسا خاننىڭ ئۆز قىزى. بۇ خاننىڭ سىلىگە كۆرسەتكەن دوستلۇقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىسپاتى. مەلىكە نىڭكۇ سىلىگە خوتۇن بولۇش ئۈچۈن نەچچە مىڭ كېلومېتىر يولنى بېسىپ كەلدى. بۇ ئالاھىدە بىر ئىشتۇر. خان ئالىيلىرى سىلىگە ناھايىتى چوڭ بىر شەرەپ بېغىشلىدى. سىلى خاننىڭ كۈيئوغۇلى بولدىلا. كۈيئوغۇل قېيىناتىسىغا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ مۇئامىلە قىلسا قانداق بولىدۇ؟ سىلى خىتايلارنىڭ «قارشى ئېلىش مۇراسىمى» ھەققىدە بىر ئاز ئۈگۈنۈشلىرى كېرەك». دەپ جاۋاپ بەردى.
خىتاي مەلىكىسىنىڭ ئۇيغۇر دۆلىتىگە كېلىن بولۇپ كېلىشى ھەقىقەتەن ئالاھىدە بىر ئەھۋال ئىدى. ئەتىسى خىتاي مەلىكىسى رەسمى شەكىلدە خوتۇنلۇققا قوبۇل قىلىندى. يۈ ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىنى تاپشۇردى. ئۇ كېتىدىغان ۋاقىتتا قاغان ئۇنى شۇ دەۋرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىتى بولغان 500 ئات، يۇڭ پەلتۇ، ئاق ئەدىيال ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن ئۇزاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتايغا ياردەم قىلىش مەقسىدى بىلەن توپىلاڭچىلارغا قارشى 3 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر ئەۋەتتى. بۇ مەلىكە نىڭكۇ ئۈچۈن ئۇنىڭ دۆلىتىگە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن ياردەمنىڭ تۇنجىسى ئىدى.
ئۇيغۇر دۆلىتى بۇ توي ئۈچۈن رەھمىتىنى بىلدۈرۈشكە قوماندان كاي ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كىشىلەرنىڭ ئاياللىرىدىن ئۈچ ئۇيغۇر ئايالنى خىتاي ئوردىسىغا ئەۋەتتى.
خىتاي مەلىكىسى خىشەنئەننىڭ تويى
ئۇيغۇر قۇتلۇ قاغان (ئالىپ قۇتلۇق ياكى تۈن باغا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 779-789) بىر قانچە قېتىم خىتاي خانى بىلەن تىنچلىق ۋە قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەتلىرىدە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ھەر قېتىمدا بۇ تەلەپ خىتاي خانى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. چېگرا رايۇنلاردىكى قوماندانلار ئات قىسلىقى مەسىلىسىنى خىتاي خانىغا چۈشەندۈردى. بۇنىڭدىن پايدىلانغان نازىر لىپى، خىتاي خانىغا ئۇيغۇر قاغانىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەردى ۋە: «ئەگەر ئالىيلىرى مەسلىھەتىمنى قوبۇل قىلسا، بىر قانچە يىلدىن كىيىن ئاتنىڭ باھاسى ھازىرقى باھادىن ئون ھەسسىدىنمۇ كۆپ ئەرزان بولىدۇ.» دېدى. خىتاي خانى: «نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. لىپى: «ئەگەر سىلى ئۆز شەخسىيەتلىرىدىن كېچىپ، ھەممىنى پەقەت دۆلەت ئۈچۈن دەپ ئويلايدىغان بولسىلا ۋە مىنىڭ بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىلە ئاندىن سۆزلەيمەن» دېدى. خىتاي خانى: «مىنىڭ كەچۈرىدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيۋاتامسىز؟ قېنى، سۆزۈڭۈزنى داۋاملاشتۇرىۋىرىڭ» دېگەندىن كىيىن، لىپى: «مەن ئالىيلىرىنىڭ شىمالدا ئۇيغۇرلار بىلەن، جەنۇبتا ۋېتنام بىلەن ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، غەربتە ئەرەب ۋە ھىندىستان بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى سورايمەن.
ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولسىلا تىبەت دۆلىتىمۇ ئۆزىدىكى ئات يېتىشمەسلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بىزگە قاتتىق مۇئامىلە قىلالمايدۇ» دېدى. بۇنى ئاڭلىغان خىتاي خانى: «سىز دېگەن ئۈچ دۆلەت بىلەن تىنچلىق مۇناسىۋىتىنى ئېلىپ بارالايمەن، ئەمما ئۇيغۇرلار بىلەن ئەسلا ئۇنداق قىلالمايمەن.» دېدى. لىپى: «مەنمۇ سىلىنىڭ كۆڭۈللىرىدىكىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، بايا ئۇدۇللا سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى. بۈگۈن دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇلۇشى كېرەك بولغان مۇھىم مەسىلىدۇر. باشقا ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۇنچىلىك ئالدىرىشى يوق» دېدى. خىتاي خانى: «بولدى، خاس ئۇيغۇرلار ھەققىدىلا سۆزلىمەڭ» دېدى. لىپى: «مەنمۇ بۈگۈن سىلىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرىمەن. سۆزۈمنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق ئالىيلىرىنىڭ ئىشى. ئۇنداق بولغان ئىكەن، نىمىشقا مىنىڭ سۆزلىشىمگە رۇخسەت قىلمايلا؟» دەپ سۇئال قويدى. خىتاي خانى: «مەن دائىم سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى ئىلىك ئېلىپ كېلىۋاتىمەن. ئەمما ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان تىنچلىق مەسىلىسىنى ئوغلۇم ۋە نەۋرىلىرىمنىڭ دەۋرىدە ئۇلار ئۆزلىرى ھەل قىلالايدۇ. ھازىر مىنىڭ دەۋرىمدە بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دېدى. لىپى يەنە: «ئالىيلىرى، شەنچوۋ ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدى. «توغرا، ۋېيشىياۋ خۇا ۋە باشقىلار مەن ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھاقارەتلىنىپ، ئارقىدىن ئۆلتۈرۈلدى.[*]
مەن بۇنى قانداقمۇ ئۇنۇتالايمەن؟! دۆلىتىمىزدە بۇنداق ئەھۋاللار كۆپ يۈز بىرىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا بۇنىڭ جاۋابىنى قايتۇرۇپ بىرەلمىگىنىمدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم. مەن ئۇلار بىلەن تىنچ ئۆتۈشكە ئەسلا يول قويمايمەن. شۇڭا بۇ ھەقتە ماڭا ئارتۇق سۆز قىلماڭ » دېدى خىتاي خانى. لىپى يەنە: « شىياۋخۇا ۋە باشقىلارنى ئۆلتۈرگەن مويۈ قاغان ئىدى. ئالىيلىرى، سىلى تەخىتكە چىققان ۋاقىتلىرىدا مويۈ قاغان ئەسكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ خىتاينى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. تەلىيىمىزگە ئۇ ئوردىدىن چىقماي تۇرۇپلا بۈگۈنكى خو قۇتلۇ قاغان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ نوقتىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا بۈگۈنكى بۇ قاغان ئۆزلىرىگە پىداكارلىق كۆرسەتتى. مۇشۇنداق تۇرۇپ، سىلى ئۇنىڭغا ئۇنۋان ۋە مۇكاپات بىرىشكە ھەقلىق يەردە، يەنە نېمىگە ئۇنىڭدىن خاپا بولىلا. ئۇ ئىشلاردىن كىيىن تۇتۇق بېگى باشچىلىقىدىكى 900 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى چاڭ كۇاڭشىڭ ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ لېكىن خو قۇتلۇ خىتاي ئەلچىلىرىنى ئۆلتۈرمىدى. بۇ ئەھۋاللارغا قارايدىغان بولساق، خو قۇتلۇدا ھېچقانداق گۇناھ يوق». دېدى. خىتاي خانى: «سىز ئۇيغۇرلار بىلەن تىنچ بىللە ياشاشنى توغرا دەپ قاراۋاتىسىز، ئەمما مەن بۇنى ئەسلا توغرا دەپ قارىمايمەن.» دېدى. لىپى: « مەنمۇ دۆلىتىڭىز ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن. ئەگەر ۋاقىتلىق شەخسىيىتىم ئۈچۈن سۆزلىگەن بولسام ئۇلۇغ ئىمپىراتورلىرىمىزدىن سۇ تسۇڭ ۋە تەي تسۇڭلارنىڭ روھلىرىغا قانداق جاۋاپ بىرىمەن» دېدى. خىتاي خانى: «قېنى، بۇ ھەقتە ئويلىشىپ باقاي» دېدى.
شۇنىڭدىن كىيىن ۋەزىر لىپى خىتاي خانىغا 15 قېتىم بۇ ھەقتە مەسلىھەت ۋە پىكىر بەردى. شۇنداق بولسىمۇ خىتاي خانى بۇنى پەقەتلا قوبۇل قىلمىدى. لىپى: «ئالىيلىرى، ئەگەر يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن ئەپلىشىپ ئۆتۈشنى خالىمىسىڭىز، ئۇ ھالدا مىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇشىڭىزنى سورايمەن» دېدى. خىتاي خانى: «مەن قارشى نەسىھەتلەرنى ئاڭلىمايدىغانلاردىن ئەمەسمەن. لېكىن بۇ مەسىلىنى سىز بىلەن مەسلىھەت قىلىشنى خالايمەن. نېمە ئۈچۈن مەندىن ئايرىلماقچى بولىسىز؟» دېدى.
شۇنداق قىلىپ، شۇ يىلنىڭ 9- ئېيىدا خىتايدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر ئەلچىسى خوچۈھ چىنچۈن ئارقىلىق خىشىيەنئان كۇڭچۇنىڭ ئۇيغۇر قاغانىغا خوتۇنلىققا بىرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئۇيغۇر دۆلىتىگە يەتكۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئات ئۈچۈن بىرىلىدىغان 50 مىڭ توپ رەختمۇ تۆلەندى.
788-يىلى 8-ئايدا خىسى ۋە شىيەنفەيلەر چىياڭفۇ رايۇنىنى ئۆز تۇپرىقىغا قوشۇۋېلىش ئۈچۈن قوشۇن تارتىپ كېلىپ، نۇرغۇن ئادەم بىلەن ھايۋانلارنى ئولجا ئېلىپ قايتىپ كەتتى. چىياڭفۇنىڭ ئەسكىرى قوماندانى تاڭچاۋچەن يۈزدەك ئاتلىق ئەسكەرنى خىتاي مەلىكىسىنى قارشى ئېلىشقا كەلگەن ئۇيغۇر ھەيئىتىدىكى 700 ئاتلىق ئەسكەر بىلەن خىسى ۋە شىيەنفەي قاتارلىقلارنى كۆزىتىشكە ئەۋەتتى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئەلچى ئۆلتۈرۈلدى.
788-يىلى 9-ئايدا ئۇيغۇر ھۆكۈمدارى خو قۇتلۇ قاغان تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەلىكىسىنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا بەرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، سىڭلىسى مەلىكە قۇتلۇ بىلگە، ۋەزىرلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە ۋەزىر چاتىھ تۇتۇن قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق بىر ھەيئەتنى، يېڭىدىن خوتۇن بولىدىغان خىتاي مەلىكىسىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا ئەۋەتتى. چاڭئەنگىچە كەلگەن بۇ ھەيئەت ناھايىتى ياخشى قارشى ئېلىندى. ئۇيغۇر قاغانى: « بۇرۇندىن قېرىنداشقا ئوخشاش ئۆتكەن ئىدۇق، مانا ئەمدى كۈيئوغۇل بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن. ئۇ ھالدا سىزنىڭ يېرىم ئوغلىڭىز بولۇپ ھېساپلىنىمەن. ئەگەر سىزنىڭ تۇفاندىن كۆڭۈل ئاغرىقىڭىز بولسا، مەن ئوغۇل بولۇش سۈپىتىم بىلەن دادامنىڭ بۇ كۆڭۈل ئاغرىقىنى يوق قىلىشىم كېرەك» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. نەتىجىدە ئىتائەتچان ئۇيغۇرلار تۇفان ئەلچىلىرىگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى ھاقارەتلىدى ۋە تىبەتلەر بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزدى.
خىتاي خانى ئۇيغۇر مەلىكىسىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كاتتا مۇراسىم ئورۇنلاشتۇردى. مۇراسىم جەريانىدا ئۇيغۇر مەلىكىسى يىنتەي دەرۋازىسىدىن كىرگۈزۈلدى. ئۇنى ياشتا چوڭراق بولغان ئۈچ مەلىكە ساقلاۋاتقان ئىدى. مەلىكە ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشتى. باشقىلار ئېگىلىپ سالام بەرگەندىن كىيىن ئۇمۇ ئېگىلىپ سالام بەردى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىچىگە كىردى. خىتاي خانى ئوردا ئىچىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئىدى. ياشتا چوڭ مەلىكىلەر ئەۋۋەل كىردى ۋە خىتاي خانىنى ساقلىدى. ئۇيغۇر مەلىكىسى كېلىپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىپ سالام بەردى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئايال مېھمانلار مۇلازىمەتچىسى ئۇنىڭغا ياشتا چوڭ بولغان مەلىكىلەرنىڭ يېنىدىن ئورۇن كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە تەرجىمان ئارقىلىق سۇئال-جاۋابلار بولدى. ئاخىرىدا ھەممەيلەن بىرلىكتە زىياپەت زالىغا كەلدى. شىيەنفەي پەشتاقتىن چۈشۈپ، ئۇلارنى ساقلىدى. ئۇيغۇر مەلىكىسى ئۇنىڭغىمۇ ئېگىلىپ سالام قىلدى. شىيەنفەي مەلىكىگە ئوخشاش ئېگىلىپ سالام بىلەن جاۋاپ قايتۇردى. قايتا-قايتا سالام ۋە جاۋاپ سالاملاردىن كىيىن ئۇلار غەربى تەخىتكە كېلىپ ئولتۇرۇشتى. خىتاي خانى ئۇيغۇر مەلىكىسىگە ھەدىيە بەرگەن ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مەلىكىسى دەرھال پەسكە چۈشۈپ، ئېگىلىپ تۇرۇپ ھەدىيەنى قوبۇل قىلدى. دېدەكلەر ۋە مەلىكىلەر ئېگىلىپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇردى.
ئۇ قايتقۇچە بولغان ئارىلىقتا يەنە ئىككى قېتىم ئوخشاش ئۇسۇل ۋە قائىدە بويىچە زىياپەتكە چاقىرىلدى. خىتاي خانى ئەمەلدارلارنىڭ دەرىجىلىرىنى قايتىدىن بېكىتتى. تاڭ بىگى چاڭجەن توي مۇراسىمى باشقۇرغۇچىسى بولدى. دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرلىكىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرلىكىگە كۈەن پو تەيىنلەندى ۋە ئۇيغۇر قاغانغا «قۇتلۇ چاڭشوۋ تىيەنچىن پىچىيا قاغان» ئۇنۋانى، مەلىكىگە «چىخۈي تۈەنچاڭ چاڭشوۋ شىيۇشۈن خاتۇن» ئۇنۋانى بىرىلىپ، يارلىق بىلەن بىرلىكتە مەلىكىگە ھەمرا بولۇپ يولغا چىقتى.
خىتاي مەلىكىسى تەيخونىڭ تويى
مەلىكە شىيەنئەن ئۆلگەندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار كۆپ قېتىم تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى بىر شەكىلدە داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە خىتاي خانى بۇنى قوبۇل قىلمىغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئارزۇسى يۈەن خۇ (806-821) ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىپ كەلگەن بولغاچقا، ئاخىرى خىتاي خانى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا مەلىكە ئەۋەتىشكە ۋەدە بەرگەن خىتاي خانى خىسىيەن تسۇڭ 821-يىلى ئۆلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مۇتسۇڭ تەخىتكە چىقتى ۋە بىر يىلدىن كىيىن 10- سىڭلىسى بولغان مەلىكىنى تەيخو ئىسمى بىلەن ئۇيغۇر قاغانىغا خوتۇنلۇققا بىرىشكە تەييارلىق قىلدى.
ئالپ كۈچلۈك بىلگە قاغان خىتاي مەلىكىسى تەيخونى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىنانچۇر، تۇدۇن ۋە بەزى ۋەزىرلەر، مەلىكە چىيەن ھەمدە مەلىكە يابغۇ قاتارلىقلارنى مىڭلىغان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئەۋەتتى.
خىتاي خانى مۇتسۇڭ، تۇڭخۇا دەرۋازىسىنىڭ سول قاسنىقىدا ساقلىدى. قوماندانلار دەرىجىلىرى بويىچە چاڭچىڭ پەشتىقىنىڭ قارشى تەرىپىدە تىزىلىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ مەقسىدى كۆپ ئىدى. كۈتۈۋېلىشتىن كىيىن ئاياللار ۋە ئەرلەر شەھەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تارقىلىشتى.
ئۇيغۇر قاغانغا خوتۇن بولۇش ئۈچۈن بىر خىتاي مەلىكىسىنىڭ ئەۋەتىلىشى تىبەتلەرنى نارازى قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىشنى بۇزۇش ئۈچۈن چىڭتسەي ئىچ قەلئەسىگە تەھدىت قىلىشقا باشلىدى. يەنچوۋ ۋالىيسى ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ھەركەت قىلدى. خىتاي مەلىكىسىنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇر قاغان، شۇ ھامانلا ئون مىڭ ئاتلىق قوشۇننى پەيتىڭگە، يەنە ئونمىڭ ئاتلىق قوشۇننى بولسا ئەنشىگە ياردەم ئۈچۈن ئەۋەتتى.
خىتاي مەلىكىسى تەيخۇ ئۈچۈن ناھايىتى كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەجداتلىرىدىن قالغان ئىبادەتخانىدا خىتاي مەلىكىسىگە «جەنشىياۋ تۈەنلى مىڭچى چاڭشوۋ خاتۇن» ئۇنۋانى بېرىلدى. ئۇيغۇر دۆلىتى پايتەختىدە بولىدىغان توي مۇراسىمىنىڭ ئەتراپلىق ۋە كاتتا بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئەمەلدار تەيىنلەندى.
خىتاي خانى مەلىكىنى ئۇزىتىش ئۈچۈن تۇڭخۇا دەرۋازىسىغىچە كەلدى. قىستاڭچىلىققا تولغان ئەمەلدارلار سېپى يول بويى مەلىكىنى ئۇزۇتۇپ، خوشلاشتى. مەلىكە تەيخۇغا ھەمرا بولۇپ ماڭغان ئۆمەك ئۇيغۇر ئوردىسىغا كېلىشكە ئىككى كۈن قالغاندا، قاغان ئەۋەتكەن 700 ئاتلىق قوشۇن، خىتاي مەلىكىسىنى يېقىن بىر يولدىن ئېلىپ كەتمەكچى بولدى. خىتاي مەلىكىسىنى ئېلىپ ماڭغان ئۆمەكنىڭ باشلىقى خۇچاڭ بۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خىتاي مەلىكىسى شىيەنئان كەلگەن ۋاقتىدا، ئوردىغىچە بولغان 700 لى كىلىدىغان مۇساپىنى ئۆزى يالغۇز باسقان ئىدى. ئۇيغۇرلار ئوخشاش ئىشنى بۇ مەلىكىدىنمۇ تەلەپ قىلدى. ئەمما مەلىكىگە ھەمرا بولۇپ كەلگەنلەر، مەلىكىنى قاغانغا تاپشۇرۇپ بەرگۈچە ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماسلىق ھەققىدە خىتاي خانىدىن يارلىق تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.
ئەلچىلەر ئۇيغۇر دۆلىتى ئوردىسىغا بېرىپلا، خىتاي ئۆرپ-ئادىتى بويىچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋاپىق قۇتلۇق بىر كۈننى تاللىدى. توي كۈنى قاغان مۇنار شەكىللىك ئوردىسىغا چىقتى ۋە شەرق تەرەپكە قاراپ ئولتۇردى. ئوردىنىڭ ئاستى تەرىپىگە خىتاي مەلىكىسى ئۈچۈن ناھايىتى ئېسىل قىلىپ كېچىلىك چېدىر ياساتقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بەزى ئۇيغۇر مەلىكىلەرنى ئۇنىڭغا ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۈگۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. خىتاي مەلىكىسى تەيخو تاڭ سۇلالىسى كىيىملىرىنى سېلىپ، ئۇيغۇر كېيىملىرىنى كېيگۈچە ئۇنى چوڭ ياشلىق بىر ئايال ساقلاپ تۇردى. مەلىكە كىيىنىپ بولغاندىن كىيىن خان ئوردىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، غەربكە ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ، ئېگىلگىنىچە قاغانغا ھۆرمەت سالىمى بەرگەندىن كىيىن، دەرھال چېدىرغا كىرىپ قىزىل كىيىم، قىزىل چوڭ پەلتۇ، مۈڭگۈز شەكىللىك ئالتۇن، كەشتىلەنگەن باش كىيىم كەيدى ۋە چېدىردىن چىقىپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە قايتىدىن ئېگىلىپ تۇرۇپ ھۆرمەت سالىمى بەردى. ئاندىن ئۆزى ئۈچۈن تەييارلانغان تەختىراۋانغا چىقتى. توققۇز قەبىلىنىڭ رەئىسى بولغان ۋەزىر تەختىراۋاننى شەرق تەرەپتىن باشلاپ توققۇز قېتىم خان ئوردىسى ئەتراپىدا ئايلاندۇرغاندىن كىيىن، مەلىكە تەختىراۋاندىن چۈشتى ۋە خان ئوردىسىغا چىقىپ، قاغاننىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئەمەلدارلار قاغان بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. ئارقىدىن ھەرخىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
خىتاي مەلىكىسىنىڭ توي مۇراسىمى توغرىسىدىكى ۋەقەلەر بىزگە ئاياللارنىڭ كىيىملىرى ۋە توي مۇراسىملىرى ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بىرىدۇ. بۇ يەردە بىزنى قىزىقتۇرغىنى، ئەۋۋەل ئۇيغۇر كىيىمىنى كىيىپ قاغانغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشى، ئاندىن كېلىنگە خاس كىيىملىرىنى كېيىشىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى ئەجىبا ھازىرقى دىن ئۆزگەرتىش مۇراسىملىرىغا ئوخشاش، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇ مەلىكىنى ئەۋۋەل ئۇيغۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئايالى قىلىپ جاكارلاشنى مەقسەد قىلغان بولغىيمىدى؟
821-يىلى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نوختىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇر دۆلىتى ئوردىسىدا ھەر تۈرلۈك ئاغدۇرمىچىلىق ، سۈيىقەست قاتارلىقلار ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى. بۇ پىتنە-پاسات ۋە قالايمىقانچىلىقلار نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى كۈچ قۇدرىتى تىز سۈرئەت بىلەن ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭدى. كۈچلۈك بىلگە قاغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىچكى ۋەزىيتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ھەممىدىن مۇھىمى ، ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ناھايتى چوڭ تۆھپە قوشقان بولدى.
قاراشقا ئۇيغۇر قاغانى ئۈچۈن كاتتا شەرەپ ئېلىپ كەلگەندەك كۆرىنىدىغان بۇ توي، ئەسلىدە خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بىر توي ئىدى. خىتاي مەلىكىسى تەيخو ئۇيغۇر دۆلىتى ئۈچۈن چوڭ بىر بەخىتسىزلكنىڭ مىسالى بولۇپ، خىتاي ئوردىسىنىڭ ئەنئەنىۋى سىياسىتى ئۇلار كۈتكەن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
[*] بۆگۈ قاغان دەۋرىدە (759-779) خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بولغان ئەلچىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدە ۋە ئادەتلىرىگە ماسلاشمىغانلىقى ئۈچۈن يۈزدىن كالتەكلىنىپ جازاغا تارتىلغان ۋە شۇ كېچىسى ئۆلار ئۆلگەن ئىدى.
ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈپ ئوقۇيالايسىز.
Gülçin Çandarlıoğlu: «Uygur Sarayına Gelin Giden Çinli Prensesler ve Bunun Arkasındaki Politik Gerçekler»