You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۈركىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيە ۋە ئورگانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۈركىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيە ۋە ئورگانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزدى

14-يانۋاردىن 21-يانۋارغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ۋە خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى باش كاتىبى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيەنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن بىر قىسىم ئورگانلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى ۋە «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  پەيدا قىلغان ئەنسىزلىك توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئەلا ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى مۇستاپا دەستىجى ئەپەندى، ھۆكۈمەتنى تەنقىتلەۋاتقان پارتىيەلەردىن «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوتسېنت سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى ۋە «دەۋا» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇراھمان بىلگىچ ئەپەندى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى پارتىيەسى» نىڭ تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز ئاغىرئالىئوغلۇ ئەپەندى قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەھبەرلىرىنى ئەنقەرەدىكى پارتىيە مەركەزلىرىدە قوبۇل قىلدى.

ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى  ئەفگان ئەلان ئەپەندى خىتاي تەلەپ قىلدى دەپ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» تۈزۈلدى دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشە قىلىشىغا ھاجەت يوق ئىكەنلىكىنى  ئېيتتى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەتلىرى، ئەفكان ئەلا ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ›جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى‹ دىن پەيدا بولغان ئەنسىرەشلىرىنى يەتكۈزدى، ۋە بۇ مەسىلىگە ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاق پارتىيەنىڭ تېخىمۇ تەمكىن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى، «دەۋا» پارتىيەسى ۋە «ئىيى» پارتىيە مەسئۇللىرى بىردەك، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن، شۇنداقلا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» دىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتمەسلىكى ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەيئىتىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» رەئىسى مۇنداق دېدى: «بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› تۈزۈشىگە قارشىمىز. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم تۈزۈشىنى توغرا تاپمايمىز. لېكىن بۇ كېلىشىم تېخى پارلامېنتتىكى مۇناسىۋەتلىك كومىتېتلاردا مۇزاكىرە قىلىنمىدى. ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كومىتېتلاردا مۇزاكىرە قىلىنىپ، ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى كېرەك. مەنچە مەزكۇر كېلىشىم ھازىر مۇزاكىرىگە سۇنۇلغان تەقدىردىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتمەيدۇ. چۈنكى تۈرك خەلقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھۆكۈمەت كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلسە تۈرك ئاممىسى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن. بىزمۇ بۇ كېلىشىمنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز».

كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوتسېنت سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى «كېلەچەك» پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن بۇيانقى 2 يىل مابەينىدە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى، پارتىيە رەئىسى پرروفېسسور ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ مەسىلىسىنى تۈركىيەدە كۈنتەرتىپكە ئەكىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان ئىزدەش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ھەم شۇنداقلا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەۋا پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇراخمان بىلگىچ ئەپەندى تاشقىي ئىشلار مېنىستىرلىكىدە دىپلومات ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئىلىگە بارغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل كۈزىتىۋاتقانلىقىنى، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېمۇگراتىيە نوقتىسىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ھەق دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدە توغرا تونۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە توغرا مەلۇماتلارنىڭ تەمىنلىنىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

«ئىيى پارتىيەسى» مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئىيى پارتىيەسى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى   خۇددى بىزمۇ ئۇچراۋاتقاندەك ھىس قىلىمىز. شۇڭا ئۇ يەردە سادىر بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش مەجبۇرىيەتىمىز بار. شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى بەزى دۆلەتلەر يۇقۇرى دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە دۆلىتىنىڭمۇ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ زۇلۇم ئۆتۈپ كەتكەندە شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىزگە ‘بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە قېرىنداشلىرىمىز ھەجەپ ياردەم قىلمىدى’ دەپ قالماسلىقى كېرەك».

پارلامېنت ئەزاسى «ياخشى پارتىيەسى» مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ  ئەپەندى خىتاينىڭ يالغان ئىسپات ياساشقا ماھىر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە  ھۇشيار بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي يالغان  ئىسپات ياساشقا ماھىر. خىتاي تۈركىيەگە پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلاپ تۇرۇپ بىزدىن تەلەپ قىلىشقىمۇ ئۇستا. شۇڭا تۈركىيە دۆلىتى بۇنىڭغا ھۇشيار بولۇشى كېرەك. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە دۇنيادا جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. شۇڭا بىز ‘جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى’ نىڭ پارلامېنتىمىزدە ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەتلىرى تۈركىيەدىكى 5 سىياسىي پارتىيەدىن سىرت بەزى تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتى، تۈركىيە ۋەقىپلەر ئىدارىسى، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، ھەم شۇنداقلا بۇ ئورگانلارغا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ ›جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى’نى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەسلىكىنى تەلەپ قىلىپ يازغان خېتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تەييارلىغان خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيەسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەخسۇس تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستان دوكلاتى»، «مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەت: شەرقىي تۈركىستان» دوكلاتى ۋە خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تەييارلانغان «كۆك كىتاب» نامىدىكى يۈرۈشلۈك ھۆججەت خارەكتىرلىك ژۇرنال، ھەمدە دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى يازغان «خىتاي چۈشى» ۋە «خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى ۋە تۈرك دۇنياسى» نامىدىكى كىتابلار تەقدىم قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يەنە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ، لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىنى توختىماي ئېلىپ بارىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top