ئەدەبىيات باغچىسىغا تىكىلگەن تاشئالما كۆچىتى
ئەدەبىيات باغچىسىغا تىكىلگەن تاشئالما كۆچىتى
ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئەسسالامۇئەللەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلىرىم، بۈگۈن مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك كۈنلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۈگۈن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىنتىزارلىق بىلەن نەشىر قىلىنىشىنى كۈتكەن «تاشئالما» ناملىق ھېكايە ۋە ئەدەبىي ئوبزۇرلار توپلۇمۇم «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتى» تەرىپىدىن نەشىردىن چىقتى. مېنىڭ شەخسى كۈزىتىشىمچە بۇ يىل مۇئاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تارىخىدا، ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزدا ئەڭ كۆپ كىتاب نەشىر قىلىنغان بىر يىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ تارىخچى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخىي» ناملىق 13 توملۇق زور ھەجىمدىكى ئەسىرىنىڭ ئالدىنقى ئىككى تومىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ھىجرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئاجايىپ سۆيۈندۈردى. جۈملىدىن مېنىمۇ ھاياجانغا سالغان ئىدى. چۈنكى تارىخ يازماق تارىخ ياراتقا ئوخشاش مۇھىمدۇر. چۈنكى يارىتىلغان تارىخ يېزىپ قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ھەققىي تارىخ بولۇپ، كەلگۇسى ئۈچۈن مىراس بولۇپ قالىدۇ. تارىخ بىر بىلىم غەزىنىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بىلىم كىشىگە روھ ۋە پىكىر، تەنقىت ھەمدە باشقۇرۇش، تەجۇربە ۋە نەتىجىلەرنى ئۆگىتىدۇ. دېمەك بۇ بىلىم ئارقىلىق كەچمىشىمىزنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن خۇلاسە چىقىرىپ، ئاندىن كەلگۇسىمىزنىڭ يولىنى بەلگىلەيمىز.
تارىخىي كىتابلار ۋە تارىخىي رومانلار تارىخنىڭ قاراڭغۇلۇقتا قالغان يوللىرىدا ئىزىپ، تەمتىرەپ قالغان يولچىلارنىڭ قولىغا تۇتقىزىلغان مەشئەلدۇر، تۇمانلىق دېڭىزدا ئىزىپ قالغان كاپىتانغا يېراق قىرغاقتا كۆرۈلگەن ماياكتۇر ۋە مۇز تۇتقان كۆڭۈللەرنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن پالتىدۇر. تارىخچى ۋە يازغۇچىلار ئۆز قەلىمى ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىنى ۋە رومانلار يېزىپ قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆتمۈشىمىزنى يورۇتۇپ، قايتا جانلاندۇرۇپ، بىزدە جۇشقۇ، جاسارەت ياراتىدۇ ۋە مىللىي روھىمىزنى قايتا تىرىلدۈرۈپ، مىللەتنىڭ ئېڭىغا جەڭگىۋارلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. ئۆتمۈشتىكى شانلىق سەھىپىلەرنى، خاتىرلەرنى، ئەسلىمىلەرنى ۋە تراگېدىيەلەرنى، مەغلۇبىيەتلەرنى، ئۆكۈنىشلەرنى سىستېمىلىققا، مەنتىقىلىققا ۋە ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە بولغان قىلىپ يېزىپ چىقىدۇ ۋە ھەقىقىي تارىخىي پاكىتلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۇلارنى قايتا جانلاندۇرۇش ئارقىلىق كەچمىشىمىزنى ئادىللىق نۇرى بىلەن يورۇتۇپ، كۆمۈلۈپ قالغان كارۋان يوللىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ نۇرانە كەلگۇسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، يېڭى بىر يول ئاچىدۇ.
بۇ يىل ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن سىياسى ئانالىز كىتابلار، ئوچىرىكلار نەشىر قىلىندى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت شېئىر كىتابلار نەشىردىن چىقتى. مانا مۇشۇ بىر قاتار نەشىردىن چىققان كىتابلار مۇئاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بوش چاغلىغىلى بولمايدىغان يېزىقچىلىق ۋە نەشىرىياتچىلىق كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى روشەن رەۋىشتە نامايەن قىلدى. ئەمما ئەدىبىي ژانىرلارنىڭ مۇھىم تۇرلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدىغان ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنمىغان ئىدى. مانا بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگە قەدەم باسقان چاغلىرىمىزدا «تاشئالما» ناملىق ھېكايىلار توپلىمىنىڭ نەشىر قىلىنىشى بىلەن بۇ بوشلۇقمۇ تولدۇرۇلدى. مەن ئۆزۈم بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەقىقەتەن سۆيۈندۇم.
ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنىڭ جان تومۇرى. چۈنكى ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيەتىنى، سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەدەبىيات بۇ ئالەمنىڭ گۈزەل بىر ئالەم ئىكەنلىكىنى بىزگە ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەقىل كۆزىمىزدىكى پەردىلەرنى قايرىۋىتىپ ھەقىقى ماھىيەتنى بىزگە ئىچىپ بىرىدۇ. ئۇ، بىزگە دوستنى سۆيۈشنى، دۈشمەنگە نەپرەتلىنىش ئۆگىتىدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدىكى دىئالوگنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشنى، كۆيىنۈشنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئىزدىنىش يولىغا باشلاپ، ئىجادچانلىق روھىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. ئۇ، بىزگە قانداق ئادەم بولۇشنى، دۇنيانى قانداق تونۇشنى ۋە قانداق سۆيۈشنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنى قانداق بىلىشىنى، ئۆزلۈككە قانداق قايتىشنى ۋە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي جەمىيەتگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئەدەبىيات يەنە بىزدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئويغۇتىدۇ ۋە روھىمىزغا، ئېڭىمىزغا خىتاپ قىلىپ ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ئۈستىمىزگە چۈشىدىغان مىللەتنىڭ يۈكىنى ئالالايدىغان جاسارەت ئاتا قىلىدۇ ۋە مۇستەققىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنى ئۆگىتىدۇ. ئەدەبىيات ۋاقتى كەلگەندە پۈتۈن بىر قوۋمنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ. چۈنكى ئەدەبىيات مەتىنلەرى ئۇدۇل ئىنساننىڭ تىلى ۋە روھىغا خىتاپ قىلىدۇ. تىل ئارقىلىق تەپەككۈرغا ۋە روھىغا خىتاپ قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن بىر مىللەتنى ئوخشاش بىر روھتا سۇغۇرۇپ، مىللەتنىڭ مىللىي روھىنى ئۇرغۇتىدۇ.
ئەدەبىياتى كۈچلۈك تەرەققى قىلغان مىللەتلەرنىڭ تىلى كۈچلۈك بولۇش بىلەن بىرگە يەنە پەلسەپەسىمۇ تەرەققى قىلغان بولىدۇ. پەلسەپە ئەدەبىياتنىڭ ۋاستىسى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ. ئەدەبىياتى كۈچلۈك بولمىغان مىللەتە پەلسەپە بولمايدۇ. پەلسەپەسى بولمىغان مىللەت تەرەققى قىلالمايدۇ. بۇنداق مىللەت زور بۆسۇش خارەكتۇرلىك ئىلگىرلەش بولمايدۇ. چۈنكى پەلسەپەىسى يوق مىللەت مەنتىقىلىق تەپەككۈردىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ، ئەقىلنىڭ كۈچىنى توغرا، يېتەرلىك جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى پەلسەپەسى بولمىغان بىر مىللەت دۆلەت قۇرالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات دۆلەت قۇرۇش ئاساسى ۋۇلىنى سالغۇچى پەنلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەمدە ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ ۋۇلى بولغان كۈلتۈرنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى. بىر پۈتۈن كۈلتۈرى بولمىغان مىللەت, مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. مىللەت بولمىسا دۆلەت بولمايدۇ. يەنە يۇقاردا زىنھىر قىلغاندەك پەلسەپە بولمىسا, كۈچلۈك مىللەت بولامايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات دۆلەت قۇرۇشنىڭ ۋۇلىنى سالغۇچى پەنلەرنىڭ بىرى ھېسانللىنىدۇ.
مىللىي ئەدەبىياتى راۋاجلانمىغان مىللەتنىڭ روھى زەيىپ كېلىدۇ، روھى زەيىپ بولغان مىللەتتە ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسى بولمايدۇ. چۈنكى مىللىي ئەدەبىيات شۇ مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەدەبىي تىل بىلەن، ئۆز مىللىتىنىڭ روھىغا خىتاپ قىلىپ، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەتىنى، تارىخىنى، پىسخىكىسىنى، قىممەت قارىشى، پەلسەپەسىنى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى، ئوممۇمەن شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىستېتىك بىر شەكىلدە ئىپادىلەيدىغان سەنئەت ۋە پەن. بولۇپمۇ بىزدەك ئاسارەت ئاستىدىكى مىللەتلەر ئۈچۈن مىللىي ئەدەبىيات قاراڭغۇ تۇندىكى بىباھا چولپان. بىز پەقەت مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ئۆز خەلقىمىزنى ئويغىتالايمىز، ۋە ئۆزىنى تونىتالايمىز، ئۇلارنىڭ ئېڭىغا خىتاپ قىلىپ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە مىللىي ئويغىنىش ھەركىتىنى قوزغىتالايمىز. شۇڭا مىللىي ئەدەبىيات بىزگە ھەم تارىخىي بىلىملەرنى ئۆگەتسە ھەم سىياسەت ئۆگىتىدۇ، شۇنىڭدەك بىر مىللەتنىڭ بارلىق ئىجتىمايى پائالىيەتلىرىدىن خەۋەردار قىلىدۇ. ئوي-پىكىرلىرىمىزنى، ئىسيانلىرىمىزنى، چوقانلىرىمىزنى ۋە رازىمەنلىكىمىزنى، بار بولۇشىمىزنى، غەلبىلىرىمىزنى، مەغلۇبىيەتلىرىمىزنى يېزىق سەنئىتى بىلەن ئىبارىلەش ئارقىلىق، پۈتۈن مىللەتتە مەنىۋى-مەدەنىيەت مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، بىزنى جەڭگىۋار بىر قوشۇن قىلىپ يېتىشتۇرۇپ چىقىدۇ. دېمەك ئەدەبىيات دېمەك تارىخ دېمەك، سىياسەت دېمەك، پەلسەپە دېمەك يىغىپ ئېيتقاندا ئەدەبىيات دېمەك ھايات دېمەكتۇر.
ئاخىرىدا مەن ئۇلۇغ ئاللاھتىن ماڭا ئىزدىنىش روھىنى ئاتا قىلىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، بۇ تاشئالما كۆچىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئەدەبىيات باغچىسىدا مەڭگۈ مېۋە بېرىپ، شاخلاپ, بۇكباراخسان بولۇپ ياشنىشىنى نىياز ئەيلەيمەن!
21.12.2020, گېرمانىيە
