You Are Here: Home » ئومۇمى » غەزەپ (شېئىر)

غەزەپ (شېئىر)

anatil[1]دىلبەر راخمان

قولۇمغا تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ چەتتە،
بايىلا ئاچچىقتىن ئېتىلغان قەلەم.
چاغلىغاچ بۇ پەيتنى ئاجايىپ پۇرسەت،
غەزەپلەر خىيالغا باسىدۇ قەدەم.

–

ئۆزۈمنى ھىچ قايىل قىلالماي ئۆزۈم،
يا بىرەر دىلكەشكە ئېيتالماي سۆزۈم.
ئامالسىز قەلەمگە تاياندىم يەنە،
بىرەر دەپ بۇ دەرتكە بىر داۋا – ئۈنۈم.

–

بىر سوراي: قىرىنداش مىللىتىڭ نىمە؟
ئاتاڭ كىم، ئاناڭ كىم، يۇرتۇڭ قەيەردە؟
تىلىڭچۇ، دىلىڭچۇ، دىنىڭچۇ يەنە؟
روھىڭنىڭ پاكلىقى سەرسان نەلەردە؟

–

كەلدىڭمۇ بۇ يۇرتقا بىلىم ئالاي دەپ؟
ۋە ياكى ئەسلىمنى ئۇنتۇپ قالاي دەپ؟
شۇ راۋان، يېقىملىق ئانا تىلىڭدىن،
كەپ قالسا مۆرىتى تىزراق تاناي دەپ؟

–

ھېلىمۇ تىلىمىز بولماقتا ئەبجەش،
يوقمىكىن بىزلەردە بىرەر ئەنسىرەش،
ئۆز تىلىدىن ئالدىراپ كەچكەن ئىنساننى،
جاكارلار دۇنيامۇ كۆرسىتىپ پەسكەش.

–

2007-يىلى 11-ئاينىڭ12-كۇنى
ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى ئاپتۇر ئىچكىرىدە تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇۋاتقاندا يازغان.
*****************
http://www.meripet.org/?p=4854
كونا مۇنبەرگە يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىل 01-دېكابىر

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top