قارىقاش
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن سابىت داموللام ئاتلىق مەپىدە ئولتۇرۇپ ئىككى ياندىكى قاتار-قاتار خاس مۇۋاپىزەتچىلەرنىڭ ھېمايىسىدە دەريا ۋادىسىگە قاراپ يول چىققان ئىدى. ئالدى كەينىدە يۇزلىگەن ئەركىنلىك جەڭچىلىرى قوللىرىدا «ياردەم ئاللاھ تەرىپىدىن ۋە غەلبە پات يېقىندا بولىدۇ»دېگەن ئايەتلەر يېزىلغان تۇغلارنى كۆتەرگەنن ھالدا، سەپتارتىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئورۇۋالغان قىزىل رەڭلىك سەللە قۇياشنىڭ نۇرىدا جۇلالىنىپ، بەئەينى پارتتىلغان يانار تاغنىڭ لاۋۋۇلدىغان چوغلىرىغا ئوخشاپ قالغانتى. يېراقتىن كۆرۇنۇپ تۇرغان قاراقاش دەرياسىنىڭ ئۆركەشلىگەن سۇلىرى تولغۇنۇپ كېتىۋاتقان ئىلاننىڭ قاسراقلىرىدەك كىشىنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇپ ۋال-ۋۇل چاقنايتتى. ھارۋىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان ئانارگۈللۈك دۇخاۋا كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ئازادە ئولتۇرغان سابىت داموللام، چىرايلىرى جىددى تۇس ئالغان قوماندان مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا قاراپ:
– بىر ئاز ھاياجانلانغاندەك قىلىلا. ئەلۋەتتە بۇنداق ھاياجان مەندىمۇ بار. بۇ بىزنىڭ بىرىنچى قېتىملىق غەلبىمىز. شۇڭا تەمكىنرەك بولۇپ، ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلۇشىپ، خەلقنىڭ مۇستەققىللىق كۈرەشكە بولغان ھېس-تۇيغۇلىرىنى تېخىمۇ ئويغۇتۇپ،ئامال قىلىپ ئۇلارغا غەيرەت كىرگۈزۈش كېرەك. ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى قوزغاش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئەقىل-ئىدراكىغىمۇ ئالاھىدە ئىلھام بېرىش كېرەك. خەلقتە تېخى ئەقىل-ئىدراك، غەيرەت تولۇق يېتىلمىدى. بۇنداق چاغدا پەقەت «ھېسيات» بىلەنلا ئىش كۆرۈش ھەقىقەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك. ھازىر تېخىمۇ ئىلگىرلەپ پۇختا ئەمەلىي خىزمەتلەرنى قول سېلىپ ئىشلەيدىغان پەيت كەلدى. بولۇپمۇ جۈمەدىن كېيىنكى نۇتىقلىرىنى ئالاھىدە مەزمۇنلۇق ۋە ۋەزىنلىك قىلىپ سۆزلەشلىرىگە توغرا كېلىدۇ. مەن ئىشىنىمەنكى سىلى چوقۇم زور بىر قوشۇننى ئارقىلىزغا سېلىپ تارىخقا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدىغان بىر يول ئاچىدىلا.
مۇھەممەدە ئىمىن بۇغرا ئەتراپتىكى ھەيۋەتلىك ئادەم دېڭىزىغا قارىدى، ئاندىن يېراقتىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئاقارغان چوققىلىرىغا قاراپ، بۇ بىۋاپا دۇنيادا قانداق بولسا شۇنداق ئۆز پىتى كۆرۈنىدىغان، ساقتىلىقى پەقەت يوق تەبىئەتتىن ھوزۇرلاندى. كېيىن تەبەسسۇمغا تولغان يۈزىنى سابىت داموللام تەرەپكە قارىتىپ تۇرۇپ ئۆز قاراشلىرى مۇنداق ئوتتۇرغا قويدى:
– توغرا ئېيتىدىلا داموللام، مەندە بىر ئاز ھاياجان ۋە تەشۋىش بار. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم خەلقىمىزنىڭ پىكىر-خىيالى، ئارزۇ-ھەۋەسلىرى تېخى بىرلىككە كەلتۇرۇلگىنى يوق. كوچىغا چىققان خەلقنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قارنى ئاچ. «ئاچ نېمە يېمەس، توق نېمە دېمەس» دېگەندەك جاھىل، مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ۋە خىتاينىڭ سادىق غالچا بەگ – غوجىلىرى پۇرسەت پەرەزلىك قىلىپ كىتىشىدىن بىر ئاز ئەنسىرەيمەن. خەلقىمىز ھەر جەھەتتىن مەسىللەرگە توغرا قاراشتا ئۆزىنى چەتكە تارتىشنىڭ ئاجايىپ يوللىرىنى تېپىشنى بىلىدۇ ۋە تېخى بۇ يولنى توغرا يول دەۋالىدۇ. ئەنە شۇ يول مىللىي ئاجىزلىقنى، ھورۇنلۇقنى ۋە مۇغەمبەرلىكلەردەك ئىللەتلەرنى نادىر ئىللەت دەپ تونىشقا يېتەكلىگەن. خوتەننىڭ ئادەملىرى كۈننىڭ ئۆتۈشى بىلەن شۈكۈر-قانائەت قىلىپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن ۋە لېكىن بۇ ھالەتنى تېخى ئۆزۈ ئۈچۈن شەرەپ بىلگەن. ھازىر ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ۋەتەن مۇنقەرز بولسا، ئاخىرى يەنە بىزدەك بىرنەچچە مەرداننىلار چىقىپ، شېھىت بولۇشنى مۇقەددەس يول دەپ بىلىدىغان ئەزىمەتلەرنى ئارقىسىغا سېلىپ قۇتۇلۇشنىڭ بۈگۈنكىدەك يوللىرىنى تاپىدۇ. ئەمما، نادان خەلق مۇنداق چاغدا شۇ مەردانىلارنىڭ گېپىنى ئازراق ئاڭلىغاندىن كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قولدىن كەتكەن نەرسىلىرىنىڭ ئازراقىغا ئىگە بولسىلا، بۇرۇنقى ئازاپلارنىڭ ھەممىسىنى بىرىدىنلا ئۇنتۇپ، يەنە بۇرۇنقى بىغەملىك ھالىتىگە قايتىپ، ئەنە شۇ مۇتەئەسىپلەرنىڭ ئارقىسىدىن ئىز قوغلاپ ماڭىدۇ. بۇنداق ئىشلار تارىختا كۆپ تەكرارلانغان. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا سۈتى بىلەن تەڭ كىرگەن بىر خىل مۇتەئەسسىپلىكى بار. بىز ئىسلاھ قىلىمىز دەيمىز، ئەمما ئۇلار بولىدۇ دەپ قويۇپ كونا ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش بۇياقتا تۇرسۇن، كونىنىڭ ئۈستىگە يېڭىنى چاپلاپ كۆپەيتتىدۇ. خۇددى ئەسكى چاپاننىڭ ياماقلىرى ئۈستىگە يەنە ياماق ياماپ، قاتمۇ-قات ياماق توقام قىلىۋەتكەندەكلا بىر ئىش. شۇڭا بىزدەك تېڭىرقاپ قالغان بىر مىللەتكە ئاخىرى بېرىپ ئۆزىنى سىغدۇرىدىغان بىر جاي تېپىلماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
سابىت دامولام بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەندىشىلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما ھازىرقى بۇ غەلبىدىن سۆيۈنىشنىڭ پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىك ۋە بەك چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىۋېرىپ ھازىرقى كونكىرىتنى مەسىللەرنى توغرا ھەل قىلالماي قىلىشتىن ئەنسىرەپ سۆزنىڭ تىمىسىنى باشقا كۆڭۈللۇك ئىشلارغا يۆتكەشكە
ئۇرۇنۇپ سۆز ئالدى:
-ھەزرىتىم ئۇنچىلىكمۇ ئەنسىرەپ كەتمىسىلە، ۋاقتى كەلگەندە ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بىلەن، ھەممە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ بىر ياخشى چارىسى تېپىلىدۇ. پەقەت بىزلا ئىرادىلىك، دىيانەتلىك بولۇپ، ئۆزىمىز توغرا دەپ بىلگەن بۇ يولدىن ئازمىساقلا. قېنى ئازراق بولسىمۇ زېھنىمىزنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن، بىر ئاز سىياسەتنى ئۇنتۇپ، بۇ ئەزىز يۇرت توغرىسىدا سۆزلىشىپ ماڭايلى. بىلەمسىز، ئۆزىڭىز ئۆسۈپ چوڭ بولغان بۇ زىمىنىڭ ئىسمىنىڭ «قاراقاش» بولۇپ قىلىشىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۇنىشىنى؟ مېنىڭچە تەكلىماكاننىڭ يېراق بۇرجەكلىرىدىكى بۇ بوستانلىقنىڭ ئىسمىنىڭ قاراقاش بولۇپ ئاتىلىشىغا ئۇلارنىڭ شۇ قارا ماڭلىيى بىلەن قارا قېشى سەۋەپچى بولغانمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن،- دەپ، كۈلۈپ كەتتى. سابىت داموللامنىڭ چاقچاق ئارلاش بۇ سوئال ۋە جاۋابلىرىغا مۇھەممەد ئىمىن قوشۇلغاندەك قىلىپ، شېرىن بىر كۈلدى – دە، ۋە:
– خەلق ئىچىدىكى پاراڭلارغا ئاساسلانغاندا بۇ زىمىننىڭ «قاراقاش» دەپ ئاتلىشىدا مۇنداق ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇت ئىكەن. بىرىنچى قاراش:
قاراققاشلىقلار تاڭ سەھەردە خوتەنگە قاراپ يولغا چىقسا، شەرق تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياشنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالىنى(پېشانىسى)غا چۈشۇپ كۆيدۈرىدىكەن، چۈشتىن كېيىن خوتەندىن قاراقاشقا قاراپ يولغا چىقسا، غەرب تەرەپتىكى قاراققۇرۇم تېغىنىڭ چوققىسىدا تۇرغان قۇياش ئۇلارنىڭ ئالىنىنى يەنە كۆيدۈردىكەن. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئالىنى ھەردائىم قارا ئىكەن. ئەنە شۇ قارىيىپ قالغان ئالىنى قاپقارا قېشى بىلەن قوشۇلۇپ «قاراقاش» دەپ ئاتالغان ئىكەن. شۇڭلاشقا خەلق ئىچىدىكى «قاراقاشلىقلارنىڭ ئالىنى قارا، لوپلۇقنىڭ گەدىنى قارا» دېگەن تەمسىل خەلق ئىچىدە بىكاردىن پەيدا بولمىغان ئىكەن.
ئىككىنچى قاراش بولسا:
بۇرۇنقى زامانلاردا يولچىلار خوتەندىن ئەتىگەندە قاراقاشقا قاراپ يولغا چىقسا دەريانىڭ قېشى قارىيىپ كۆرۈن گەندە مەنزىلگە يېتىپ بارىدىكەن. شۇڭا دەرياغا «قاراقاش» دەپ نام سىڭىپ قالغان بولۇپ، كېيىن زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ «قاراقاش» دېگەن نام شۇ دەريا بار يۇرتنىڭ نامى بولۇپ قالغانىكەن.
ئۈچۈنچى قاراش بولسا:
بۇ زىمىندا ئۆزلىرى بىلىدىلا قارا قاشتېشى كۆپ ئۇچرايدىغان دەريا بويىدىكى بىر يۇرت. شۇڭا بۇ يۇرتنى ئاتالىرىمىز «قاراقاش» دەپ ئاتىغان ئىكەن.
قاراقاش ھەققىدىكى بۇ مۇلاھىزىلەرنى ئاڭلىغان داموللام، قۇياشنىڭ نۇرىدا جىمىر-جىمىر قىلىپ ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۋاتقان يېراقتىكى دەريا سۇيىگە قاراپ تۇرۇپ:
– ئاڭلىشىمچە ئۇلۇغ بوۋىمىز ماھمۇد قاشغەرىي تۈركىي تىلىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە باي تىل ئىكەنلىكىنى، بۇ تىلنىڭ ئىگىلىرى بولغان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيەتتە ئۆز زامانىسىدا يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىش بىلەن بىللە، مەنىۋى قۇرۇلۇش جەھەتتىمۇ ئېسىل پەزىلەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن مەشھۇر قامۇسنى يېزىپ چىققان ئىكەن. بۇ كىتاب تۈرك تىلىنىڭ، ئەينى زامانلاردا ئىنسانلار ئەڭ مۇقەددەس تىل دەپ بىلگەن ئەرەپ تىلىدىنمۇ گۈزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى ئەرەپلەرگە تونۇتۇپ قويغان ھەمدە ئەرەپلەرنىڭ تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تىپىلغۇسىز بىر گۆھەرگە ئايلانغان. ئەمما، بۇ كىتاب يالغۇز ئەرەپ ۋە تۈرك تىلىنىڭ سېلىشتۇرما لۇغەت كىتابى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قاراخانىلار دەۋرىدىكى پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىنى، جۈملىدىن ئىلىم-پەن، سەنئەت ساھەلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ھاكىميەت-سىياسەت يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرىنى، پەلسەپىۋى-ئەخلاقىي چۈشەنچىلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى باي ماتېرياللار ۋە شېئىر، قوشاق، ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق تونۇشتۇرىدىغان مۇكەممەل قامۇس ئىكەن. مانا ماشۇ قامۇستا زىھرە قىلىنىشچە «قاش» دېگەن سۆز «قاشتېشى» دېگەن مەنانى بىلدۇرىدىكەن. مانا بۇ دەلىلگە ئاساسلانغاندا قاراقاشنىڭ قارا قاش تېشى مەشھۇر. شۇڭا ئۈچىنچى كۆز قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بار دەپ ئويلايمەن.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، سابىت دامولللامنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپلا:
ئاللاھغا يۇزمىڭ شۈكرىلەر بولسۇن، شۇنچە ئىشنىڭ ئاراسىدا قاراقاش ئىسمىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىغىنى ۋە بوۋىمىز ماھمۇد قاشغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى توغرىسىدىكى قىسقا مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. دېمەك بۇ قىسقىغىنە يولچىلىقىمىزدىمۇ بىر ھېكمەت بارلىغىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. شۇڭا مەن بەزىدە بۇ دۇنيادا ھەر دائىم يول يۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ قالىمەن.
سابىت داموللام، مۇھەممەد ئىمىننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلى ئەمىن تاپقاندەك بولدى، ئاندىن بۇ سۆھبەتتىن خۇلاسە چىقارغاندەك قىلىپ:
– يولىمىزنى تاپقان چىغىمىزدا ھەرگىز قورقماسلىقىمىز لازىم، ھەتتا خاتا ئىش قىلىشقا قەدەر جەسسۇر بولۇشىمىز لازىم. كۆڭۈلسىزلىك، مەغلۇبىيەت بىزگە يول كۆرسىتىشتىكى ۋاستىلەرنىڭ بىرىدۇر. خەلقنىڭ ئۈمىدى قوساق تويغۇزۇش بولسا، بىزنىڭ ئۈمىدىمىز كەلگۇسىدە قۇرىدىغان مۇستەققىل ئۇيغۇر دۆلېتى بولۇشى كېرەك. مانا سېلى بىلەن بىز بۇ مۇقەددەس يولغا تاكى ئاخىرەتكىچە كۆڭۈل بىرلىكى بىلەن يولغا چىقتۇق, – دەپ، ئارقىدىنلا جالالىدىن رۇمىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئېيتتى:
كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بار دېدىلەر،
ئۇ كۈندىن بېرى تا بۈگۈنگىچە يولدا بىز.
يول بولماق ئاسان ئىكەن ئەمما،
كۆڭۈل بولماق ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس!
دەريا بويىدىكى كەڭ كەتكەن سايلىق تۆت تەرەپتىن جەم بولغان ئادەملەر بىلەن تولغان بولۇپ، مىغ-مىغ ئادەملەر توپى ئارىسىدا، كەتمەن-گۈرجەك كۆتۈرۇپ چىققان دېھقانلارمۇ، قولىغا ئوۋ مىلتىقلىرىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشكەن ئوۋچىلارمۇ، تەككە-دەرگاھلاردىن چىققان سوپى-ئىشانلارمۇ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىككى ئىنىسى ئابدۇللا بىلەن نۇر ئەخمەدكە ئەگەشكەن نەچچە مىڭلىغان ئىلچى ئەتراپىدىكى دېھقانلارمۇ بار ئىدى. ھەر كەسىپ، ھەر يەرلىك ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئارلىشىپ، سەپ-سەپ بولۇپ قاتار-قاتار تۇرۇشقان ئىدى.
ئېگىز ئاسمانمۇ خۇددى دەرياغا چىلاشقاندەك، دەريا سۈيىمۇ پەلەككە ئۇلاشقاندەك ئېگىز-پەس بولۇپ بىر-بىرىگە تۇتاشقان ھالدا ئاسمان بىلەن سۇنىڭ رەڭگى ئوشاشلا كۆپ-كۆك بولۇپ بىر-بىرىدىن پەرىقسىز تۇراتتى. قۇياشنىڭ نۇرىدا قىلتىرىقتەك يالتىراپ تۇرغان سۇ دولقۇنلىرى قىرغاقلارغا شاۋقۇن چىقىرىپ ئۇرۇلاتتى. ئارقا تەرەپتە ئاپاق ئېگىز چوققىلار، ئەتراپتا ئەگىز سۇيى ساقىغان كۆلچەكلەر، دەل-دەرەخلەر، يىراقتىكى توغراقلىقلار ئوراپ تۇرغان كەڭ دالا پۈتۈن تەبىئەتنى بەھەيۋەت قىلىۋەتكەن ئىدى.
ئەمما مىغىلدىغان ئادەملەر بۇ ئاجايىپ مەنزىرلەردىن مۇستەسسىنا ھالدا، جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئالدىدا تۇرغان ئىككى تاۋۇتتىكى مەسۇم ئۇستا بىلەن تاغلىق يىگىت ئەخمەتنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۇردى.
نامازدىن كېيىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە نۇتۇقىنى سۆزلىدى. ئۇ بېشىغا قىزىل سەللە ئورۇۋالغان، بېلىگە تاپانچا قىستۇرغان، يېنىغا قىلىچ ئېسىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە ئوپمۇ-ئوخشاش قىزىل سەللە ئورۇۋالغان ئەردەم قاتارلىق پىدائىيلار قاتار-قاتار سەپ تارتىپ تۇراتتى. بۇ قىزىل سەللىلىكلەر ئادەملەر توپى ئىچىدىكى قولىغا چوماق تۇتىۋالغان ھامۇتتەك دېھقانلارنى ھەممىدىن بەكرەك ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئىدى.ئەنە شۇ قىزىل سەللە تارىختىكى خوتەن مۇجاھىتلىرىنىڭ بىردىن-بىر بەلگىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھاياجان ئىلىكىدە سۆزىنى ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن باشلىدى…
مەنبە: «يول» ناملىق تارىخىي روماننىڭ «چاقنىغان قۇياش» ناملىق بابى

