You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1970-يىلى نىكسونغا يوللىغان توققۇز ماددىلىق تەلەپ

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1970-يىلى نىكسونغا يوللىغان توققۇز ماددىلىق تەلەپ

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر


شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق مەركىزى رەئىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ 1970-يىلى 1-فېۋرال ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسونغا يوللىغان خېتى

[بىرىنچى بەت]

رىچارد نىكسون ئەپەندى

پرېزىدېنت

ئاقساراي

ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى

 

قەدىرلىك پرېزىدېنت:

جانابلىرى بىلەن تولىمۇ جىددىي ۋە خىجىل قىلارلىق بىر ئىش ئۈچۈن بىۋاستە ئالاقە قىلغانلىقىم سەۋەبىدىن ئۆزلىرىدىن ئۆزۈر سورايمەن.

مەن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مەسىلە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى يولباشچىلىق قىلىۋاتقان پۈتۈن دۇنياغا كېلىۋاتقان خىرىس ھەققىدە. بۇ خىرىس ھازىر پۈتۈن يەرشارىنى قاپلاش مەقسىتىدە شەكىللىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئەگەر ۋاقت يار بەرسە، بۇ خىرىس دۇنيادىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئەركىن دۇنيانىڭ زىيىنىغا قارىتىپ بۇزالايدۇ. مېنىڭ ۋەتىنىم ھازىر مانا مۇشۇنداق قورقۇنچلۇق كەلگۈسى خىرىسقا تەييارلىق بازىسى بولۇۋاتقان ۋە مېنىڭ خەلقىم تېخى ئاشكارىلانمىغان جىنايەتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي داۋايىمىزنى ئېنىق يورۇتۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلماقتىمەن.

يەر شارىدا تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن بولمىغان بىر خىرىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيانىڭ قىزىل خىتاينى تىزگىنلەش سەۋەبى بار. لېكىن ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ قىسىمى تېخى قىزىل خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى ئىجرا قىلىشتا ئاساسىي جەھەتتىن پەقەتلا ئۆزىنىڭ يېڭى چېگراسى- شىنجاڭغا تايىنىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈدەك بولمىدى. ئەگەر توغرا باھا بېرىلسە، ئەسلى خىتاي چەتئەللەرگە مۇستەملىكەچى ئاتاق بولغان «شىنجاڭ» نامى بىلەن تونۇشتۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان زىمىنى خىتاينىڭ دۇنيا كېڭەيمىچىلىكىگە كەلگۈسى بازا بولالايدىغان مېنىرال ماددا بايلىقى ۋە ئۆزگىچە سىتىراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە.

[ئىككىنچى بەت]

ئاسىيانىڭ دەل مەركىزىگە جايلاشقان بۇ زىمىن شەرقتە خىتاي، شىمالدا سىبىرىيە، غەربتە غەربىي ياكى سوۋېت تۈركىستانى، شەرقىي جەنۇبتا ئافغانىستان، جەنۇبتا پاكىستان ۋە ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبتا تىبەت قاتارلىق ئوخشىمىغان جايلار بىلەن ئورىلىپ تۇرغان بولۇپ، مېنىڭ ۋەتىنىم ئۇزاق قەدىمدىن تارتىپلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇرتى بولۇپ كەلگەن. يەرلىكلەر خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ، بۇ خىل پەرق تىل، ئىرق، كۈلتۈر، ئۆرپ-ئادەت ۋە دىن قاتارلىق تۈرلۈك تەرەپلەردىكى ئوخشىماسلىقلار بىلەن ناھايىتى كۈچلۈك ئەكس ئېتىدۇ.

بۈگۈن چەتئەللەردە خىتاي خاتا ھالدا تاق مىللەتلىك دۆلەت دەپ قارالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچىدە تېخىچە 100 دىن ئارتۇق مىللەت ئۆز زىمىنلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تۈركىي خەلقلەر، موڭغۇللار، مانجۇلار، تىبەتلەر، يى، مياۋ، جۇاڭ، تاي ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاينىڭ ئېمپىرىيالىست ۋە مۇستەملىكەچى قۇرۇلمىسىنىڭ ئېنىق ئىسپاتى. خىتاينىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلغان ۋە ھازىر تېرور ۋە زورلۇق بىلەن يۇغۇرۇلغان باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشتىكى ئۇستىلىقلىرى، تىلغا ئېلىش كەتمەيدىغان دەرىجىدىكى كۆپ نوپۇسىنى نەزەرگە ئالغاندا ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا يوقالماي ھايات قېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھەقىقەتەنمۇ چىدامچانلىقنىڭ ئەڭ ياخشى مىساللىرى قاتارىدا ماختىلىشقا تېگىشلىك. خىتاي ھازىر دۇنيادا ماركىسىزىم تەلىماتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق بۈيۈك كۈچ شوۋىنىزمىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتتۇر. ئۆزىنىڭ غايەت زور نوپۇسى ۋە تېخنىكا ۋە ھەربىي ئۈستۈنلۈك ئىگەللەشتىكى تەلۋىلەرچە تىرىشچانلىقى بىلەن خىتاي پۈتۈن دۇنياغا چوڭ خىرىس ئېلىپ كېلەلەيدۇ، ۋە ئەگەر ئەركىن دۇنيا ئالدىن كۆرەر ۋە ئېھتىياتچان بولمىسا، بۇ خىرىس ئەركىن دۇنيانىڭ پۈتۈنلەي نابۇت بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

[ئۈچىنچى بەت]

خىتاي ئېمپىرىيالىزمى شەرقىي تۈركىستاننى ئاساسلىق بازا قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانلىرىنى ئىجرا قىلماقچى. بۇ مەقسەتتىكى تەييارلىق ئاللىقاچان باشلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ دۇنيا كېڭەيمىچىلىكىگە مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە ھەرقاچان تەييار قىلىش ئۈچۈن بۇ ھازىرلىقنىڭ سۈرىتى يېقىندىن بۇيان تېزلىتىلگەن. بۇنىڭغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاننى غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىشتا تايانچ بازا ئورنىدا ئىشلىتىدىغان ۋەقەلەر تارىختا بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى. تارىخ قايتىلىنىدۇ. ھازىرقى خىتاي ئېمپىرىيالىزمىنىڭ يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرۇنۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر ئىككى يېرىم شارنىڭ بىخەتەرلىكىدە ئەڭ ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلخانىسى ئىكەنلىكىدە ۋە ئۇزۇن تارىختىن بېرى خىتاي كېڭەيمىچىلىكىدىن قوغدىنىش قەلئەسى بولۇپ كەلگەنلىكىدە شەك يوق.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى غەزەب بىلەن ئىلگىرلىشىنى توسۇپ قويۇشقا ئىمكانىيەت بار. بۇ خىتايدەك 100 دىن ئارتۇق مىللەتنى قۇل قىلغان ۋە ئۇلارنى ئەڭ ۋەھشىي ھالدىكى خىتايلاشتۇرۇش چارىلىرىگە مەھكۇم قىلغان، شۇنداقلا ھازىر چىرىشكە باشلىغان ئېمپىرىيەنى پارچىلاپ تاشلاش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ جەريان خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان مىللەتلەرنىڭ ئاھۇ-زارلىرىغا زەن قويۇپ قۇلاق سېلىش ۋە ئۇلارغا كۆرۈنەرلىك ياردەم بېرىش بىلەن تېزلىشىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى مانا شۇنداق زۇلۇملارغا دۇچار بولغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقلىق داۋاسىغا دۇنيادىكى ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئەركىن ياشاپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ قوللىشىنى كۈتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغانلىرى ھازىرقى زامان ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشلىرى تۆۋەندىكى تولىمۇ ئاددىي ۋە ئەقەللىي نۇقتىلاردۇر:

[تۆتىنچى بەت]

1 – خىتاي زۇلۇملىرىنى ئەيىبلەش.

قىزىل خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنى قوللاش ئەركىن دۇنيانىڭ ئىنسانىي مەجبۇرىيىتى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى يەر شارىدا ئەبەدىي تېنچلىق ۋە ئادالەتنىڭ مۇستەھكەم كاپالىتى بولالايدۇ. خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى ئەيىبلەش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىغا سۇنۇش قىزىل خىتاينىڭ تەلۋىلىكى ۋە ئېمپىرىيالىست نىيىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيانى ۋەھىمىگە سېلىشىغا قارشى مەجبۇرلاش ۋە جازالاش تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

2 – شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاش.

مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) نىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى بولۇپ ئولتۇرۇشتىن باشقا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ھېچقانداق ئەمەلىي كونترولى يوق. ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، گەرچە شەرقىي تۈركىستان ھازىر مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە قول ئاستىدا تۇرسىمۇ، مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاشتىن چېكىنمەكتە. مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى رەت قىلىشى ئۇنىڭ قىزىل خىتاينىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىش سىياسىتىنى قوللىغانلىق دەپ چۈشىنىش مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىدىكى ئىجابىي ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل دەپ جاكارلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز.

3 – ئالدىنى ئېلىش خارەكتېرلىك چارىلەر.

شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسىدە ئاتوم ئۇرۇشىنىڭ نىشانلىرىدىن بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش خارەكتېرلىك چارىلەرنى قوللىنىش كېرەك.

[بەشىنچى بەت]

4 – ۋەزىيەتنى ساقلاش.

يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خىتاي-سوۋېت ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە غەربىي ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ ئىككى چوڭ كوممۇنىست كۈچلەردىن بىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش، تۈركىستاننىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى قوغداشنى مۇھىم دەپ قاراش كېرەك.

5 – تەشكىللەش خارەكتېرلىك خىزمەتلەر.

ھازىرقى خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ھەر قايسى جەھەتتىن تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئاكادېمىك ئىنستىتۇت قۇرۇپ چىقىش ۋە بۇ خەلقلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز تىللىرىدا رادىئو ئېچىپ بېرىش كېرەك.

6 – يوشۇرۇن كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش.

ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ زىمىنلارنىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى ئەركىن دۇنيا تەرەپتە تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي بولمىغان مۇھاجىرلارنىڭ بالىلىرىنى تەربىيەلەش كېرەك.

7 – مەركەزلەشتۈرۈش.

ھېچ بولمىغاندا ھازىرقىدەك ئورتاق مەسىلىگە دۇچ كەلگەن چاغدا، بېيجىڭ تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان خىتاي بولمىغان تۈرلۈك مىللەتلەر قولنى قولغا تۇتۇپ ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆز ھەرىكەتلىرىنى مەركەزلەشكەن بىر كۈچ ئەتراپىغا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشى زۆرۈر.

8 – مىللىي مىراسلارنى قوغداش.

ھازىر شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتقان رەسمىي نام بولغان «شىنجاڭ» بولسا «يېڭى زىمىن» مەنىسىدىكى بىر ئەسىرگە يېقىن تارىخقا ئىگە خىتايچە مۇستەملىكە ئاتالغۇسى. ھازىرقى خىتاي ئېمپىرىيەسى زىمىنىنىڭ بەشتىن بىرىنىڭ شەرقىي تۈركلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى يوشۇرالايدىغانلىقى ئۈچۈن «شىنجاڭ» دەپ ئاتاشنى بېيجىڭ ھاكىمىيىتىمۇ ياقتۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق مۇستەملىكەچى ئاتالغۇنىڭ ئەركىن دۇنيادا ئىشلىتىلىشى كەچۈرگىسىز بىر خاتالىقتۇر.

[ئالتىنچى بەت]

9 – ماددىي ياردەم.

چارىسىز قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى توختاۋسىز كۈرەشلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ئاقكۆڭۈل ئىنسانلارنىڭ ماددىي ياردىمىنى كۈتىدۇ.

مانا بۇلار مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت بىردىنبىر ئاداققى مەقسىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەلقىمنىڭ ئىستەكلىرىدۇر. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى يېتەكچىلىكىدىكى ئەركىن دۇنيانى خەلقىمنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىگە دىققەت قىلىشقا ۋە جىددىي ئېتىبارغا ئېلىشقا دەۋەت قىلىمەن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشقا تولۇق سەۋەبى ۋە ھەققى بار. لېكىن، خىتاي ۋە سوۋېت ئارىسىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان قوراللىق توقۇنۇشتا سوۋېت غەلبىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سوۋېت قول ئاستىغا چۈشۈپ كېتىشى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ۋە قورقۇنچقا سالىدىغان بىر مەسىلىدۇر.

مېنىڭ خەلقىم مەن بىلەن بىرگە جانابلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئاقكۆڭۈل خەلقىگە چىن يۈرەكتىن سالام يوللايدۇ.

سىزگە ئالدىنئالا رەھمەت

چوڭقۇر ساداقەت بىلەن

[ئىمزا]

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق مەركىزى رەئىسى

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى سابىق باش كاتىبى


مەنبە: ئامېرىكا ۋىلسون مەركىزى

ئەسلى ھۈججەتنىڭ ئۇلانمىسى: https://digitalarchive.wilsoncenter.org/document/208596.pdf?v=6ee06a0976bd4f6669eb75870c014e83

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top