ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ نىكسونغا يوللىغان خېتى
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى رىچارد نىكسونغا ئەۋەتىلگەن ئەسلەتمە
رىچارد نىكسون
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى
ۋاشىنگىتون
جانابلىرى،
قوشما شىتاتلارنىڭ مۆھتىرەم پرېزىدېنتى ۋە ئەسىر مىللەتلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ھامىيسى. مەن سىزگە كۆڭلى دەرد-ئەلەمگە تولغان، ئەمما ئۈمىدلىرى ئەسلا ئۈزۈلمىگەن بىر ئەسىر مىللەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خىتاب قىلماقتىمەن.
1959-يىلى 22-ئىيۇن كۈنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى دوگلاس ۋە 18 دوستىنىڭ تەكلىپى بىلەن كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغان ۋە ئەينى چاغدىكى پرېزىدېنت د. ئايزىنخاۋىرنىڭ 17-ئىيۇلدىكى قارارى بىلەن 19-ئىيۇلدىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان «ئەسىر مىللەتلەر ھەپتىلىكى» بىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئۈمىد مەنبەلىرىمىزدىن بىرى بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ۋەجىدىن بىز قوشما شىتاتلارغا مىننەتدارمىز. بىز قوشما شىتاتلاردەك ئەركىنلىك قورغانىنىڭ ئەسىر مىللەتلەرنى ھىمايە قىلىۋاتقانلىقىدىن خۇرسەنمىز ۋە ئۈمىدلەنمەكتىمىز.
جانابلىرى،
بىز كېڭەش پالاتا ئەزاسى دوگلاس ۋە 18 دوستى تەرىپىدىن كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلغان قارار لايىھەسىنىڭ بىر نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇق. بۇ قارار لايىھەسى ۋە پەرماندا ئېمپىرىيالىست روسىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئەسىر مىللەتلەر بىرمۇبىر ئېيتىپ ئۆتۈلدى، ئەمما قىزىل خىتاي ئېمپىرىيالىزمى تەرىپىدىن يەر شارىدىن يوقىلىش خەۋپىگە دۇچار بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نامى بۇلارنىڭ قاتارىدا تىلغا ئېلىنمىدى. مەزكۇر قارار لايىھەسىدە «خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى» دەپ ئاتالغان جۇغراپىيەلىك رايوندا شەرقىي تۈركىستان، ئىچكى موڭغۇلىيە، تىبەت ۋە مانجۇرىيەدە ئەسىر مىللەتلەر مەۋجۇت. ئۆزلىرىگە ئايان بولغىنىدەك، بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن تارىخىي، جۇغراپىيەلىك، ۋە ئېتنىك جەھەتتىن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي بىلەن ئەزەلدىن باغلىنىشى بولۇپ باقمىغان، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ نەسەب، تىل، دىن ۋە كۈلتۈر جەھەتتىن پۈتۈنلەي باشقا بىر مىللەت، يەنى تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان.
خىتاي بىلەن جۇغراپىيەلىك، تارىخىي ۋە ئېتنىك باغلىنىشى بولمىغان، پەرقلىق كىملىككە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىبەت بىلەن بىرگە ئەسىر مىللەت دەپ قارىلىشى ۋە مەزكۇر قارار لايىھەسىدە تىلغا ئېلىنىشى بىزنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىمىزگە تېزلىك ۋە قىزغىنلىق ئاتا قىلغان بولاتتى.
سىزنىڭ مەزلۇم ۋە بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نازۇك ھېسلىرىغا ئېتىبار ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن ۋە سىزگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
1969-يىلى 23-ئىيۇل
ئەيسا ئالپتېكىن
شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى سابىق باش كاتىبى
مەنبە: ئامېرىكا ۋىلسون مەركىزى
ئەسلى ھۈججەتنىڭ ئۇلانمىسى: https://digitalarchive.wilsoncenter.org/document/208601.pdf?v=b802549eb46fa13810a70d8fd6e6b8ac